روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 842|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[شېئىر] پەرياد - سەرداھى (ئۇستاز شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپاتىغا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-28 12:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پەرياد

(ئۇستاز شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ۋاپاتىغا)
تاش شەھەر سۈكۈتكە پاتقاندا چوڭقۇر،
گۈللەرنىڭ ئاۋازى قاراڭغۇ ئىدى.
ئەزرائىل خازاندەك سارغىيىپ تۇرۇپ،
ئېيتقىنا! سەن ئۈچۈن نېمىلەر دىدى؟!

تاڭ بىلەن سۆزلشىپ چىققانتىڭ تالاي ،
دەرىخا! نە بولدى؟ تالدىمۇ ئېتىڭ؟!
يالغان! دەپ ۋاقرىدىم تاڭغا، تاغلارغا،
ئالمىدەك يۈرەكنى ياردىڭ، قاناتتىڭ...

تارىمنىڭ يۈرىكى كەتكەندەك قاناپ،
چۆللەرگە چۆكمەكتە زۈلمەتلىك ئاسمان.
سىلكىنەر تاۋۇتۇڭ ئالقانلار ئۆزرە،
گۈلسايغا چېچىلغان سۆزلەر پەرىشان.

ئىسمىڭنى چاقىرغان ئۆلۈمگە قاخشاپ،
كېچىنىڭ سىرتىدا قالدۇق زۇۋانسىز.
نۇرانە كەچمىشنى سۆزلەيدۇ گۈللەر،
گۈللەرنىڭ بەرگىدە يېلىنجايدۇ ئىز.

نە ئامال قىسمەتكە كۆنمەكتىن ئۆزگە،
كۆزلەر ياش، سۆزلەر ياش، گۈللەردىمۇ ياش.
نۇر بىرىپ شىئېرنىڭ ئالتۇن قەسرىگە،
سەن ئىدىڭ ئۆزۈڭدىن بالقىغان قۇياش.

ئۆلۈمگە يانمۇ-يان كېتىۋاتىمەن،
دۇئاغا قول سوزدۇم، قەلبىمدە پەرياد!
ئەلۋىدا! شۇنچىلىك ئىكەنغۇ ئەسلى
بىزلەرنى ھەر كويغا سالغان بۇ ھايات!

2013.11.28
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-29 16:33:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل يېزىلغان مەرسىيە. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن.
مەرسىيڭىزنى ئوقۇپ قەلىمىڭىزنىڭ كۈچىنى كۆرگەندەك بولدۇم. سېغىنىش ، قايغۇرۇش .....ئىشلەتكەن تىللىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 06:16

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش