روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1629|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەرداھى: ھايات قەسىدىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھايات قەسىدىسى

سەرداھى

سۆيۈش ئۈچۈن نەدۇر باھانە،
زار-زار قاخشاپ ئايرىلىشقا ھەم.
ھاياتنى كىم دەيدۇ قونالغۇ؟
ئۇ ئەسلىدە گۈل يۈزلۈك سەنەم.

لېۋىمىزنى چىشلەپ-قانىتىپ،
بىز ھاياتنى سۆيىمىز ھامان.
جاندۇر ياكى ئىسسىق بىر ۋەتەن،
خاماندىكى چۈشۈپ قالغان دان!

كۆكسىمىزنى ئۇرۇپ-چاقىمىز،
شاماللاردا يەلپۈنسە سۇمبۇل.
گاھ تىرىككە ھازا ئاچىمىز،
تەنلىرىمىز يىرتىلار جۇل-جۇل.

ھاياتقا ھېچ قانمايمىز، بىراق
ھاياتمۇ ھەم ئەمەستۇر يىراق.
چېچەكلەيمىز قەبرە ئۈستىدە،
كۆكسىمىزگە ئۇرۇپ بىر پىچاق!

2014.10.31

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-11-1 20:43:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرداھى ئەپەندىم، بۇ شېئىرنى ئاجايىپ ياخشى يېزىپسىز. تىل ناھايىتى  تېتىملىق بولۇپتۇ.
قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت بولغاي!
ۋاقتى: 2014-11-1 20:44:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرداھى ئەپەندىم، بۇ شېئىرنى ئاجايىپ ياخشى يېزىپسىز. تىل ناھايىتى  تېتىملىق بولۇپتۇ.
قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت بولغاي!
ۋاقتى: 2014-11-6 18:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزنى سالۇندا كۈرۈپ شۇنداق بىر سۈيۈنگەن ئىدىم. رەھمەت سىزگە .ياخشى يازمىڭىز روھلاندىن ئۈزۈلمىسۇن
ۋاقتى: 2014-11-7 14:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ،ياقتۇردۇم .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 20:28

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش