روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1557|ئىنكاس: 9
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەرداھى: ئۆرگىلەي

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆرگىلەي
(ساتىرا)
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى

كۈندە ئۈچ ۋاق ئېچىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي،
پىكىر قۇمدەك چېچىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.
سۆزلەشكە تىل قىسىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي،
چىن سۆز دارغا ئېسىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي،
بەدبۇي لەشتەڭ سېسىغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.

ئۈنۈم دېگەن نېمە ئۇ؟ ئويلايدىغان كىشى يوق،
يىپ بازىرى باشلىنار ئاخىرى يا بېشى يوق.
مۇدىر قېتىپ ئولتۇرار چېچى بارۇ قېشى يوق،
سېكىرتار بەك قاينايدۇ ئېغىزىدا چىشى يوق،
ئەۋرەز كەبى ئېچىغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.

سەر خىل ئىمىش تۈزۈملەر كىممۇ ئويلاپ تاپقان بار،
يولنى پەملەپ ماڭمىساڭ ھەر قەدەمدە قاپقان بار.
ئىش ھەققىگە ئالدىرما مەكتەپتە كەم ياتقان بار،
بۇزۇپ شىرىن چۈشۈمنى گاھى خورەك تارتقان بار
دەپ نەپىسى سىقىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.

مۇئەللىمسىز سىنىپتا چۇقرىشىدۇ بالىلار،
باردۇر تېخى ئۇلاردىن ساۋادى ھەم چالىلار.
نە تارتقۇلۇق ئاۋامغا؟ يەر شارىغۇ ئايلىنار،
بوينى قاتتىق پۇل بىلەن ياۋاش قويدەك باغلىنار،
جانغا مىختەك قېقىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.

نىنچىسىنى تاپالماي مۇدىر قۇرۇق سۆزىنىڭ،
چاپىقىنى سۈرتۈيدۇ يېرىم سائەت كۆزىنىڭ.
ئەستىن چىقار گاھىدا نەدىلىكى ئۆزىنىڭ،
سۆزلىگۈسى كېپ كېتەر يەنە ئاۋۇ تۆتىنىڭ،
ۋاقىت ئەرزان سېتىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.

ئوقۇتۇشنىڭ گېپى يوق، ۋەز-نەسىھەت قاينايدۇ،
تەسىراتنىڭ ۋارىقى ئۆلچەمدىن كۆپ كاملايدۇ.
كىم تاپسا كۆپ كەمچىلىك شۇ قۇيرۇق ماي چاينايدۇ،
نورمىدىن كۆپ خىزمەتكە قانداقمۇ جان پايلايدۇ،
داۋامىغا قېتىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.

تەكلىپ بەرگەن چاتاقچى، باردۇر يەنە ماراقچى،
سۆزلىمىسە›مەسىلە‹ڭ ئېغىر دەيدۇ سوراقچى.
تۇيدۇرماستىن كۆتۈرۈپ يەرگە قاتتىق ئۇرماقچى،
شۇڭا كۆپلەر ئامالسىز بولۇپ كەتتى چوماقچى،
يۈرەككە دەل ئېتىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي.

توختات پۇچەك سۆزۈڭنى يېتەر ئەمدى بولدى بەس!
سىلكىۋەتكىن بېشىڭنى يۈرمە دائىم مەست-ئەلەس.
شەكىلۋازلىق ۋەجىدىن قىسمىتىمىز ئېگىز-پەس،
تاپمىساڭ گەر ھوشۇڭنى، ھەي، بولدىلا...! ئىشىڭ تەس،
كونا تامدەك يىقىلغان مەجلىسىڭدىن ئۆرگىلەي!!!

2014-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى (تۈن كېچە)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +55 ئىناۋەت +70 تەڭگە +49 بايلىق +55 تۆھپە +25 يىغىش سەۋەبى
سەلكىن01 + 15 + 9 يارايسىز
ADiL + 55 + 55 + 40 + 55 + 25 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-24 10:50:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى خىزمەتتىكى ئۈنۇمى يوق شەكلىۋازلىق قىلىملشلارنى ياخشى قامچىلاپ بىرىپسىز ..........
ۋاقتى: 2014-6-24 11:08:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز.بايا بىرمۇنچە ئىنكاس يازسام تور ئاستا يوللانماپتۇ."مۇئەللىمسىز سىنىپتا چۇرقىرىشار بالىلار،باردۇر تېخى ئۇلاردىن ساۋادى ھەم چالىلار "دىگەن يېرى بەك ياقتى.دىمىسىمۇ بەزىدە بۇ مائارىپنىڭ ھازىرقى نىشانى نىمە بولۇپ كەتتى دىگۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ

Android  يانفۇندا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-6-24 13:23:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

h

ھاھاھاھا.....  مەن ھازر شۇ  مەجلىستن چىقىشىمدى، خۇددى مىنىڭ ھسىياتىمنى يازغاندەكلا بىلىنىپ كەتتى...
ۋاقتى: 2014-6-24 15:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ نەچچە يىللار ئاۋال ئوقۇغان بىر بىر ساتىرا ئىسمگە چۇشۇپ قالدى ئىسمى ۋالاقتەكۇرمۇ نىمە.
ۋاقتى: 2014-6-24 17:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىيىپجان ئېلىيوفنىڭ "ۋالاقتەككۈرۈفنىڭ ئۆلۈمى" دېگەن ئەسىرى ئىسىمگە كەپ قالدى.
ۋاقتى: 2014-6-24 21:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز ... ياخشى قامچىلاپسىز ... سىلەرنىڭ مۇدىر كۆرۈپ قالماس ھە
ۋاقتى: 2014-6-25 01:08:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمكەش دوستۇم سەرداھى، ئاچچىق خىتاب، ئۆتكۈر قامچىلىرىڭىز  ئارقىلىق يورۇتۇلغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئىچىدىن بەك كۆپ «دانىشمەن»لىرىمنىڭ مۇبارەك جامالىنى ئېنىق كۆرەلىدىم.
   ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسىرىڭىزگە مۇبارەك!
ۋاقتى: 2014-6-26 20:52:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرداھىنىڭ ياخشى يېزىلغان ساتىراسىنى زوقلىنىپ ئوقۇدۇم.
ۋاقتى: 2014-9-8 10:42:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 01:40

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش