روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 898|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەرداھى: چىڭقىچۈشتىكى ئايال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چىڭقىچۈشتىكى ئايال
سەرداھى

1
چىشلەپ ئىسسىق تەبەسسۈمىنى،
ياز ئولتۇرار پىشايۋىنىمدا.
ئاپتاپ چىراي ھارغىن ئاياللار،
يۈرەر غەمكىن مېڭىپ جېنىمدا.

سايە قىلغۇم كېلەتتى، ئەپسۇس
دەرەختۇرمەن يوپۇرمىقى يوق.
ئەر كۆكسىگە تۇرار سانجىلىپ،
ئايال ھامان بولۇپ بىر پاي ئوق!

يالغۇزلۇقۇم چاقنايتتى يال-يال،
تۈننىڭ چەكسىز غېرىپلىقىدەك.
كۆيۈۋاتقان بۇغدايزارلىقتا،
گۈلدەك قىزىل قانايتتى يۈرەك.

تەرلەۋاتقان ھاياجىنىمغا،
ياغالمىدى ئۆتكۈنچى يامغۇر.
ئىچەي! ئىچىم سەگىسۇن بىر پەس،
غەملىرىڭدىن كەلتۈر بىر ئاپقۇر...
2
ئايال، دەرەخ، چوغدەك چىڭقىچۈش،
كېلەر يېتىلەپ جىمجىتلىقىنى.
قېنى شىردەك ھۇۋلايدىغان ئەر،
چۆلگە باغلاپ قويۇپ ئېتىنى.

چېكىلىشنى ئىستەيدۇ كۆڭۈل،
رىۋايەتتۇر دەرىزە چېقىش.
تاڭ لېۋىدە قانرەڭ تەبەسسۈم،
تەكرارلىنار باھار، ياز... ھەم قىش.

توپا رەڭگە ئالمىشار ئاسمان،
پۈتمىشلەردە يېلىنجايدۇ قار.
نەم ئىدىيە قالدى يالىڭاچ،
قىز كۆكسىدە قاپقاراڭغۇ دار!

كۈنلەر سولغۇن، تۈنلەر بىقارار،
ئاي ئۆزىنى تاشلايدۇ كۆلگە.
شىرىن ئۇخلاپ ياتقان باياۋان،
غەم تىغىنى ئۇرار كۆڭۈلگە...!
3
مەن تۈندىكى يالغۇز يولۇچى،
يوق چۈشىدە يىراق زاماننىڭ.
ئىچىپ بولغان كۆز ياشلىرىنى،
ھەسرىتى مەن مىسكىن ئايالنىڭ.

خىيالىمنى كېچىپ يالاڭياق،
چاچلىرىنى يۇلغان شۇ ئايال.
مېنى تىنماي قىلىپ بىئارام،
يۈرىكىمدە كۆيەتتى يال-يال.

كۆينەكلىرى كەتكەن يىرتىلىپ،
تەكلىماكان ئىدى لەۋلىرى.
پىچىرلايتتى، ئاۋاز بوغۇق...
ئۇسساۋاتقان ئۇزاقتىن بىرى!

بىر تامچە سۇ جاندۇر ئېھتىمال،
قاندۇر ياكى ئاققان تامچىلاپ.
مېنى دائىم ھېلىقى ئايال،
چېچى بىرلە تۇرار قامچىلاپ...!
4
سويلاۋاتقان يىلاندۇر بەلكىم،
ئەسلەر ئارا تاشلىغان قاسراق.
ياۋ ئالدىدا مەردۇ-مەردانە،
‹ۋەتەن›!-دېدى، يىقىلدى شىراق!

سايىسىدا يورۇق سۆزلەرنىڭ،
داۋاملىشار ئىدى ھېكايە.
ئېتىزلىقتىن قايتقان چىڭقىچۈش،
تام تۈۋىدە چالار ساپايە.

تېلىۋۇزۇر تەنتەنە قىلۇر،
سەر خىل ئىمىش دورىلار ھازىر.
كارۋىتىدىن چۈشۈپ ئاۋۇ ئەر،
ھوزۇر بىلەن چاقماقتا گازىر!

غىچىرلايدۇ ۋاقىت ھارۋىسى،
يىقىلغان كىم جۇۋازخانىدا.
جۇل-جۇل تەنلىك ئاياللار كەلدى،
قاپىقى يوق ئەمما قولىدا...
5
پەردىسىنى قايرىپ ئۇپۇقنىڭ،
كىرىپ كەلدىم يىراق ئۆتمۈشكە.
مەزمۇت ئىدى ئۇندا قىيالار،
ھايات يېتىپ ئاشار سۆيۈشكە.

قېچىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى تاشلاپ،
قىلىچ ئۇردۇم ئۆزۈمگە تەكرار.
ئىچىمدىدۇر ھېلىقى ئايال،
ھەر بېقىشى تۈمەنمىڭ خىل دار...

مەن ئېسىلىپ ياردىكى دارغا،
ئوقۇپ چىقتىم ئۇيغۇر تىلىنى.
كۆكۈش كۆزلۈك بەستلىك ئۇ ئەر،
باغاشلاپ چىڭ سۆيەر ئېلىنى.

ياز تەرلەيدۇ ئايدا، ئايالدا،
مەن تەرلەيمەن تەگسىز خىيالدا.
ئىشىكىنى ياپتىم تالانىڭ،
ئېسىم يەنە قالدى تالادا...!

2014.07.19
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-7-23 14:50:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشىڭزدا بىرى بولسىمۇ ئەمما يەنە ئۇنتالمايۋاتقان بىرى سىزنى ئازاپلاۋىتىپتۇدە ،سىز دىگەندەك ۋاقىت ئادەمگە باقمايدۇ.

ھىسياتىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپسىز قەلىمىڭىز ھارمىغاي
ۋاقتى: 2014-7-23 15:29:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر  ماڭا تىل ئىشلىتىش جەھەتتەئەنئەنىۋىي شېئىرىيىتىمىزدىكى نەپىسلىك بىلەن يېڭى شېئىرىيەتتىكى ئوبرازلىقنى ھىس قىلدۇردى.
سەرداھىنىڭ قەلىمىگە ئاپىرىن!
ۋاقتى: 2014-7-23 15:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپرىن!
مۇراد مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
تالانتىڭىز بر ئىكەن… ھارمىغايسىز
ۋاقتى: 2014-7-26 14:30:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال، چىڭقى چۈش، سەھرا، ئانا ماكان.............بىرلىشىپ ئاجايىپ بىر يازمىنى قەلىمىڭىزدە ئىپادە تاپقۇزۇپتۇ. قايىلمەن.
ۋاقتى: 2014-9-8 10:35:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-26 08:17

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش