روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1024|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەرداھى: ئىككى غەزەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى غەزەل
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى

جېنىڭدا ياتقىلى كەلدىم


تېنىڭنى سىلكىمە دىلبەر جېنىڭدا ياتقىلى كەلدىم،
جېنىڭنى جانغا جان ئەيلەپ قېنىڭدا ئاققىلى كەلدىم.

ئايا زۇلفۇڭ زۇلۇم بولدى، ئىچىم ئەفغان بىلەن تولدى،
ئىشىقنىڭ قەھرىدىن چاچراپ تېمىڭنى چاققىلى كەلدىم.

باھارنىڭ جىلۋىسى كۆكلەر جېنىمنى نەي قىلىپ چالسام،
لېۋىڭنىڭ يايلىقى ئۆزرە قويۇمنى باققىلى كەلدىم.

قاقاس چۆللەردە مەشرەپنىڭ ئىزىنى ئاختۇرۇپ يالغۇز،
كۆيۈپ تۇرغان يۈرەكىڭگە يۈرەكنى ياققىلى كەلدىم.

ئۆزۈمنى شەرمىسار ئەيلەپ كۆزۈڭدە ئاتمىغان تاڭدەك،
سۆزۈڭدە ياتمىغان قۇلمەن، جېنىمنى ساتقىلى كەلدىم.

ئىشىقنىڭ خەنجىرى تىلغاچ بۇ ئەھمەد باغرىنى ھەر ئان،
يەنە باغرىڭغا بىر مەرتەم پىچاقتەك پاتقىلى كەلدىم.
كەلمىدى
مۇز بولۇپ قاتتى بۇ تەن پەسلى باھارىم كەلمىدى،
دىل سۇنۇق، سايرارغا ئەسلا لەيلۇ ناھارىم كەلمىدى.

قاشلىرى خۇددى كامان، چاچلىرى قات-قات كىشەن،
ئوق ئېتىپ كىرپىگىدە جاننى ئالارىم كەلمىدى.

كۆزلىرى چەشمە بۇلاق، سۆزلىرى شىرىن-سۇخەن،
باغرىمە تاشلاپ ئۆزىنى ئۇخلاپ ياتارىم كەلمىدى.

ۋەجىدىن يار ئىشقىنىڭ چۆللەر ئارا دىۋانىمەن،
مەي سۇنۇپ لەئىل لېۋىدە كۆڭۈل ئارامىم كەلمىدى.

تاپمىدىم غەمدىن بۆلەك ئىزلىبان ھىچ رەھناما،
نە پەلەك چەرخىگە ئىمكان؟ تەندە مادارىم كەلمىدى.

ئۆرتىدى دىلنى پىراق،ئەھمەد كۈلۈپ مەھشەرگە باق!
كۆيدۈرۈپ كۈل ئەتكىلى چوغدەك يانارىم كەلمىدى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-26 08:59:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-9-26 10:13:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-9-26 14:34:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقپتۇ ، تېخىمۇ تېرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-9-27 10:24:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ياخشىكەن .راۋان يېزىپسىز. ياخشى ئەسەرلىرىڭىز روھلاندىن ئۈزۈلمىگەي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 03:44

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش