كۆكسۈمدە ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ چۆللەر
1
قۇرىغان دەريادۇر لېۋىمدە ياتقان،
كۆكسۈمدە ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ چۆللەر.
كۆڭۈلنىڭ تېمىدىن چۈشتۈم ئارتىلىپ،
دىلبەرنىڭ چېھرىدەك ئېچىلدى گۈللەر.
بىر گۈلنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردۇم يالغۇز،
كۆيمەكتە چاراسلاپ چوغلانغان سەھەر.
ئىچىمدە بىر ئايال دۇتتار چالىدۇ،
ئېھ،كۆڭۈل قان قۇسۇپ ئۆلگەنگە قەدەر.
دەرەخلەر پەرىشان چۈشەر ئۇسۇلغا،
بۇلۇتلار ئوينايدۇ يېشىمنى كېچىپ.
سۇنغاندا قاراسلاپ تىلنىڭ سۆڭىكى،
قاراڭغۇ سۆزلەردىن چىقاتتىم قېچىپ.
2
ئولتۇرۇپ خىيالنىڭ پەلەمپىيىدە،
ئېچىلغان بىر گۈلنى قىلدىم تەسەۋۋۇر.
ۋاقىتنى قانىتار دىلدىكى پىراق،
توپىلىق يوللارغا سىڭمەكتە يامغۇر.
بىر ئۇزۇن كوچىدىن چىقىمەن جىمجىت،
كېچىنىڭ چاچلىرى يەلپۈنەر لەرزان.
چوڭقۇر ۋە قاراڭغۇ دىلبەرنىڭ كۆزى،
بىر كۆيۈك باياۋان كۆكسۈمگە پاتقان.
ئۇشتۇمتۇت قايرىلغان تىلنىڭ شېخىدا،
ھىجراننى سۆزلەيدۇ يەنە شۇ
ناخشا.
باغرىمدەك ھورلانغان يولنىڭ ئاخىرى،
دەردىنى كۈيلەيدۇ بىر تامچە ياشتا.
3
ئىچىمنى تىڭشايمەن ئىچىمگە چۆكۈپ،
كۈل بولۇپ توزۇيدۇ سۇنىڭ ئاۋازى.
كېچىنى يېنىمغا تارتتىم ئاۋايلاپ،
كارۋاتتا ئۇخلايدۇ يارىمنىڭ نازى.
ياستۇقنىڭ ئاستىدا كۆيەر رېئاللىق،
دەرىزە تۈۋىدە قۇرۇپ قالغان گۈل.
تاملارنىڭ ئەسەبىي جىمجىتلىقىدا،
ئۆزىنى تالاغا ئاتىدۇ كۆڭۈل.
چۈشلەر ھەم چۈشىدىن ئويغىنار ھامان،
ئوت كېتەر سۆيگۈنىڭ ئورمانلىقىغا.
چېقىلغان قەدەھتە دۇنيا غەرق مەست،
بىر ئاشىق ئۆزىنى ئاسىدۇ دارغا.
4
دەرىخا! شۇ قەدەر غېرىپلىقىمنى،
بۇ قىرتاق مىسرادەك بىلمەيدۇ ھېچكىم.
ئاسماننىڭ ئاستىدىن قايتتىم پەرىشان،
گۈللەردەك قىپقىزىل قانار ھەسرىتىم.
يۇلتۇزلار چېچىلىپ ئۆلدى كۆزۈمدە،
ئەينەكنىڭ ئىچىدە قىپيالىڭاچ ئاي.
بىر گۈلنىڭ زۈلمەتتەك قاراڭغۇلىقى،
ئىچىمدە لاۋۇلداپ كۆيىدۇ تىنماي.
مۇھەببەت تۇغۇمدىن قالغان جاراھەت،
يۈرەك ئۇ ھەممىگە بېرەركەن بەرداش.
يىراقتىن ئۆزۈمگە قاراپ بىر ھازا،
چۆللەرگە تاش ئاتتىم، دەريالارغا قاش...
2011.9.16