روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1092|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەرداھى: يۈرەكسىز ئۆلۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈرەكسىز ئۆلۈش
ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى


ھايات ئۇ بەرىبىر ئۆلۈمگە يەمچۈك،
ئەڭ تاتلىق خىيالدۇر مەڭگۈلۈك سۆيۈش.
قەبرىغۇ قايغۇسىز جىمجىت رېستۇران،
ئەڭ ئاچچىق ئازابتۇر يۈرەكسىز ئۆلۈش.

ئەڭ ئاچچىق ئازابتۇر يۈرەكسىز ئۆلۈش،
كىمكىنە مېنىڭدىن يۈرەك سورىغان؟
ئۆتۈپلا پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ھەم،
كىمكىنە نازلىنىپ سۆيۈپ قويمىغان؟

كىمكىنە نازلىنىپ سۆيۈپ قويمىغان...؟!
قەلبىمدە بىر تالاي ھەسرەت، ئۆكۈنۈش.
گۈل يۈزلۈك قىزچاقنىڭ ۋەدىسى يالغان،
ئاھ، ئەجەپ تەس كەلدى يۈرەكسىز ئۆلۈش...!

1997.9

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +55 ئىناۋەت +40 تەڭگە +25 بايلىق +40 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 55 + 40 + 25 + 40 + 10 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-26 09:17:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىز بىر بىرىدىن ئىسىل چىقىپتۇ ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ئىتۈيۈرۈم
ۋاقتى: 2014-9-26 14:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلھامىڭىزغا كۆز تەگمىگەي ، باك ياخشى چىقپتۇ .

باھا سۆز

ياخشى يېزىپسىز ،ئامەت يار بولسۇن . باھالاي دېسەم قانداق باھالاشنى بىلمەيدىكەممەن . كىچىرىڭ .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-9-26 17:30
ۋاقتى: 2014-9-26 17:30:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-26 14:35
ئېلھامىڭىزغا كۆز تەگمىگەي ، باك ياخشى چىقپتۇ .

ياخشى يېزىپسىز ،ئامەت  يار  بولسۇن . باھالاي  دېسەم  قانداق  باھالاشنى  بىلمەيدىكەممەن . كىچىرىڭ .
ۋاقتى: 2014-9-26 18:36:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ. بىراق 2-كۇبلىتنىڭ 3-مىسراسى پۈتۈن شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسەتتىمۇ قانداق؟  مەزمۇننىڭ مۇكەممەللىكى بىلەن تىلنىڭ گۈزەللىكىنى تەڭ نەزەردە تۇتسىڭىز. ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
ۋاقتى: 2014-9-27 10:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرى تەپەككۇرىڭىزنى ياخشى قاناتلاندۇرۇپسىز. قەلىمىڭىزدە بەركەت بار......

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-28 03:29

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش