روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1764|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سەرداھى: چايقىلار ئەينەكتە كېچىنىڭ كۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چايقىلار ئەينەكتە كېچىنىڭ كۆزى
1

چايقىلار ئەينەكتە كېچىنىڭ كۆزى،
كۆزۈمگە بىر ئايال قاراۋاتقاندەك.
تېنىمدە شاخلايدۇ بىر تۈپ ھاياجان،
يارىدەك ئېچىشىپ قانايدۇ يۈرەك.

خىياللار توپ قىلىپ ئوينار جېنىمنى،
ئىچىمنى تىڭشايمەن جىمجىت ئولتۇرۇپ.
بۇ كېچە ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ تاملار،
سۇ قاچسا چۆللەرگە چېچىنى يۇلۇپ.

يوتقاننىڭ مېھرىدەك ئىسسىقتۇر ھايات،
ئىككى لەۋ ئارىسى مىڭ يىللىق ئۇرۇش.
بۇلۇتتەك يۇمشاق ھەم يامغۇردەك قاتتىق
يېنىمدا پۇشۇلداپ ئۇخلايدۇ تۇرمۇش.

سىيلايمەن تۇرمۇشنىڭ زەڭگەر تېنىنى،
گۈللەرنى سۆيگەندەك تاڭدا نۇر-زىيا.
تاقالغان ئىشىكلەر ئېچىلغان بىلەن،
يېپىلماس ئىشىكتۇر سۆيۈملۈك دۇنيا!

2

كېچىنىڭ كۆزىدە كۆڭۈل قەلەندەر،
بىر كونا كىتاب ھەم كەتكەن يىرتىلىپ.
قاچىدۇ چۆللەرگە جۇل-جۇل مۇقاملار،
ساتارنىڭ تارىدىن چۈشسە سىيرىلىپ.


ئەڭ لەزىز كۈيلەرگە ئوخشاتقۇم كېلەر،
دىلبەرنىڭ سۈپسۈزۈك پىچىرلىشىنى.
كۆڭۈلدۇر جاراڭلاپ تۇرغان پىيالە،
ئاھ، قۇيۇپ ئىچەرمەن كىمنىڭ يېشىنى؟!


كۆكسۈمدە لاۋۇلداپ كۆيگەن باياۋان،
بىر غېرىپ ئايالنىڭ كۆينىكى ئىدى.
مەن ئۇنى سۆيگەنتىم، بىراق ۋەتەننىڭ
لېۋىدە قىپقىزىل گۈللەر ئېچىلدى.


يىقىلدىم گۈللەرنىڭ ئالتۇن بويىغا،
ئۇ ئايال قاچاتتى ئۆلۈپ كەتكىلى.
مۇھەببەت دەشتىنى كەزدىم پىيادە،
جېنىدىن جېنىمغا قوغلاپ يەتكىلى!

3

قەي قىلار تىكەندەك يالغۇزلۇقۇمنى،
ئەينەكنىڭ ئىچىدىن قوپقاندا كېچە.
ئەڭ ئۇلۇغ خەلقتۇر قاراڭغۇ ئورمان،
تېنىنى داپ قىلىپ چالغان تاڭغىچە.


ھىسلىرىم ئۇسسىغان بىر ئەزىم دەريا،
قېنى سۇ؟ قانغۇدەك ئىچسەم دۈم يېتىپ.
كۆزلەرگە قارايمەن جىمجىت پەرىشان،
بىر غېرىچ ئاسماننى يېپىنچا قىلىپ.

بىر دانە ئاناردەك پىشقان يېرىلىپ،
چېچىلغان يۇلتۇزلار تولدى ئىچىمگە.
سۆيگۈدەك يار نەدە؟ ئېسىلغۇدەك دار!
مەن يىغلاپ دەردىمنى ئېيتىمەن كىمگە؟!

4

چايقىلار ئەينەكتە كېچىنىڭ كۆزى،
كۆزۈمگە مىڭ ئايال قاراۋاتقاندەك.
يامغۇرنىڭ پۇرىقى تۇپراققا ھوزۇر،
چۆمۈلە تېنىدە ئاھ،ئاچچىق تىترەك.


تۇرمۇش بىر دەرەختۇر ياكى بىر تال گۈل،
مەن ئاڭا سۈكۈتتە قارايمەن ئۇدۇل.
تامدىكى سائەتنى يۇلۇپ ئالىمەن،
ۋاقىتنىڭ تېشىدا چاققىلى چۇل-چۇل.


كىرپىكىم تورۇسقا سانجىلغان مىختەك،
ياستۇقنىڭ قېتىدىن ئۆرلەيدۇ پىغان.
چاشقاندۇر ۋە ياكى بىر تال ئۆمۈچۈك،
دەردىمگە يۆلىنىپ ناخشا ئوقۇغان.


قىستىلىپ كىرىمەن ئۆزۈمگە-ئۆزۈم،
لاۋۇلداپ ئوت كۆيەر ئىستەكلىرىمدە.
كېچىنىڭ كۆزىنى ئوقۇپ بولالماي،
تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ سۆڭەكلىرىمدە...!

2012.4.13


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-30 18:16:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېتىملىق تىللار بىلەن يېزىلغان، ئۆزگىچە لەززەت بېغىشلايدىغان ياخشى شېئىر.
تىل ئىشلىتىشتە ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك، ئەلۋەتتە.
ۋاقتى: 2014-9-30 18:51:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ، ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
ۋاقتى: 2014-9-30 21:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ . تېخىمۇ تېرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-10-1 18:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچىللىقىڭىزغا قايىلمەن....سۈپسۈزۈك ،بىپايان ۋادىڭىزنى ھاياجان ئىچىدە سەيلى قىلدىم...
ۋاقتى: 2014-10-1 20:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈيۈنۈش ‏ئىچىدە ‏ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم رەھمەت ياخشى يازمىلار سىزدىن ‏ئايلانسۇن  

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 04:36

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش