روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 960|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئانامنىڭ كۆزى(مۇختار يۈسۈپ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇختار1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-16 13:26  
- j9 n9 Q$ w, l  n/ a/ W% D5 i& h* t+ N( W" {/ Y5 |9 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئانامنىڭ كۆزى
7 o$ |* R2 t% M$ @3 }مۇختار يۈسۈپ5 V, f4 C1 ?) q$ y4 m/ F" H; kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئانا، مەن ھەر قېتىم ساڭا قارىغىنىمدا ئازاب- ئوقۇبەتكە تولىمەن. ئالدىڭدا ئۆزۈمنى خۇددى گۇناھكاردەك  ھىس قىلىمەن. سېنىڭ كۆزلىرىڭ، ئاشۇ نۇرسىز كۆزلىرىڭ مېنى قىينايدۇ. ئاشۇ بۇلاقتەك مېھرىلىك كۆزلىرىڭ بىر چاغلاردا كۆكسۈڭنى قانماي ئەمگىنىمدە ماڭا چەكسىز مېھرى مۇھەببەت بىلەن باققان ئەمەسمىدى؟ مېنى مەكتەپكە ئۇزاتقاندا چەكسىز مېھرى- مۇھەببەت بىلەن ئۇزاتقان ئەمەسمىدى؟ مەن ئالىي مەكتەپكە ماڭغىنىمدا تەلمۈرۈش بىلەن ئۇزاتقان كۆزلەر ئەمەسمىدى؟ مەن توي قىلىپ بالىلىق بولغىنىمدا  بالامغا ھاياجان بىلەن باققان كۆزلەر ئەمەسمىدى؟ ئاھ، ئانا جېنىم ئانا، سېنىڭ كۆزلىرىڭ ماڭا ھەممىنى بەردى، ئاشۇ كۆزلىرىڭ ماڭا مېھرى مۇھەببەتنى،ئۈمىدنى،مېھرىبانلىقىنى ئۆگەتتى... : S& L+ P' u: e7 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن سېنىڭ نۇرانە كۆزلىرىڭ نۇردىن قالدى،ئاجىزلىدى.كۆزلىرىڭ ياشاڭغىرايدىغان، ھەتتا ئىزدىگەن نەرسەڭنىمۇ سىلاشتۇرۇپ تاپالمايدىغان بولۇپ قالدىڭ. مەن گۇناھكارمەن، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكارمەن. سېنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىڭنى ئاقلىيالمىغانلغىمدىن گۇناھكارمەن، سېنىڭدىكى مېھرى مۇھەببەتنى ئۈلگە ئالالمىغىنىمدىن گۇناھكارمەن. مەن سېنىڭ ئەجرىڭدە چوڭ بولدۇم. زەبەردەس بەست بىلەن كۈچ -قۇدرەتكە تولدۇم. ئەمما، سەن ماڭا كۆيگەندەك مەن كۆيەلمىدىم، سەن ماڭا بارلىقىڭنى بېرىپ مىڭلاپ ئىشلىرىمنى قىلىپ بەرسەڭمۇ مەن بىر ئىشىڭنى قىلىپ بېرەلمەپتىمەن
6 i" x' W6 S3 s8 _5 @! v: Z2 lھېلىمۇ ئېسىمدە مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چاغ ئىدى. ئانام بىر كۈنى :2 K! {& S* u6 }% Q9 Z* nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-        بالام، مۇنۇ يىپىنى يىڭنىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگىن- دېگەن ئىدىڭ،- سەن مىنىڭ يىرتىلغان كىيىملىرىمنى ياماش ئۈچۈن تەرەددۇت قىلىپ مەن:+ g9 R5 r4 u: Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-        ئۆزۈڭ قىلغىن،مەن ئوينايمەن# W) ^& i9 L* b' qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-        بالام مەن كۆرەلمىدىم –دېگىنىڭدە مەن/ m9 {4 H% _! l6 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-        قارغۇمىتىڭىز- دەپتىكەنمەن ئانا0 I6 T1 d8 _/ b8 G, k$ R. _* R% mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاھ ،مىنىڭ تەنتەكلىكىم، مىنىڭ ساددىلىقىم. سەن شۇ ۋاقىتتا قانچىلىك ئازابلانغانسەن، قانچىلىك دەردى ھەسرەتكە تولغانسەن- ھە؟! ئاخىرى يىپىنى يىڭنىگە ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن سىڭلىم ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ مىنىڭ سىڭلىمچىلىك ئەقلىم يوقلۇقىغا، كۈيۈمىمنىڭ يوقلۇقىغا ئازابلىنىمەن، ئانا.
7 c6 X" K# m& L* Qمەن توي قىلدىم. تويۇمنى ئانام كېچە كىرپىك قاقماي خېمىر يۇغۇرۇپ، يوتقان كۆرپە تىكىپ، نان يېقىپ دەستىلەپ، ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇپ، يۈگۈر- يېتىم بارلىق ئىشلارغا ئۆزى يېتىشىپ قىلىپ تۈگەتتى. مەن توي قىلىپ خىزمەت، مۇناسىۋەت، جەمئىيەت دەپ ئۆيگە كەمدىن كەم كېلىدىغان بولدۇم. ئۇ بەزىدە قىلالمىغان ئېغىر ئىشلىرىنى قىلىپ بىرەرمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ماڭا تېلېفون ئۇرغاندا مەن ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ بارالمىغان ئىدىم. ھەتتا نەچچە قېتىم بۈگۈن كېلىمەن، ئەتە كېلىمەن دەپ گوللاپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. ئۇ مىنىڭ يوللىرىمغا قاراپ كۆزلىرى قانچە تىشلىگەندۇ –ھە! ساقلاپ كۆزلىرىدىن قانچىلاپ ئۈمىدسىزلىك ياشلىرى تۆكۈلگەندۇ- ھە! بالىسىنى ئۆيلەپ قۇيۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقىنىغا قانچە ئازابلانغاندۇ- ھە! بەك ساددا ئىكەنمەن، گۆدەك ئىكەنمەن جېنىم ئانا!
) T) U* ^0 ~8 w9 ]6 ^& Uھېلىمۇ ئېسىمدە ئايالىم يەڭگىگەن چاغ ئىدى. بۇرۇرۇققىنە بىر ئوغۇل يەڭگىگەن چاغ ئىدى. مەن ئانامنىڭ ئالدىدىلا ئايالىمنى ماختاپ ئۇچۇرۇۋەتكەن ئىدىم. ئاناممۇ مىنىڭ خۇشاللىقىمغا قېتىلىپ ئاشۇ تونۇش كۆزلىرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەنگەن ئىدى. بالام ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا مىيقىغىدا كۈلۈۋاتاتتى. ئانام مەندىن ئۆتە خۇش ئىدى. ئانام بالامنى قۇچىقىغا ئېلىپ  ئەتسىز لەۋلىرى بىلەن بالامنىڭ  يۈزىگە بىر نەچچىنى سۆيدى. كۆزلىرىگە سۆيدى. مەن ئايالىمغا قاراپ قالدىم.ئايالىم ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئانام بىر چاغدا «نېمىدېگەن چىرايلىق،نېمىدېگەن ئوماق خۇددى سنىڭ كىچىك ۋاقتىڭغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشاپتۇ» دېگىنىدە  مەن «ئانا ماڭا بەرگىن كۆز تەگمىسۇن» دېگەن ئىكەنمەن. ئاھ ،ئانا شۇ ۋاقىتتا سېنىڭ مېنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاشۇ مېھرى مۇھەببەت بالىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىڭدىن بالامنى قىزغىنپتكەنمەن ئانا! سەن ماڭا كۆيگەندەك بالامغا كۈيەلەپسەن-يۇ، مەن بالامغا كۆيگەندەك ساڭا كۆيەلمەپتىمەن، بالامنى سۆيگەندەك سېنى  سۆيەلمەپتىمەن. ئانا،مەن نېمىدېگەن ئەقىلسىز، نېمىدېگەن بۈلۈمىسىز؟
1 W- z5 z8 T3 U% S  s; e' Zشۇڭىمىكىن ئانا كۆزلىرىڭگە قارىسام قۇيۇلىمەن، كۆزلىرىڭگە قارىسام كۆز ياشلىرىمدا يۇيۇنىمەن. پاكلىنىشقا تىرىشىمەن. شۇنداق قىلىمەن-يۇ، لېكىن يەنە ئانامنىڭ  مېھرى ئالدىدا مەڭگۈ كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھقا، سەۋەنلىككە پاتقاندەك ئازابلىنىپ كىتىمەن. سەن  مەن ھەر قېتىم ئىشلارنى خاتا قىلغان چاغدا ماڭا مەنىلىك قاراپ قويسەنۇ ،چىش يېرىپ بىرنېمە دېمەيسەن. ئويلىسام سېنىڭ مەنىلىك قاراشلىرىڭ ماڭا دېمەكچى بولغان سۆزلىرىڭ ئىكەن، تىلىڭدىن چىقىرالمىغان سۆزلىرىڭ ئىكەن. مەن چۈشەنمەپتىمەن. مەن خىلى مۇرەككەپ تەپەككۇرلۇق ئەسەرلەرنى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى سىر- مۆجىزىلەرنى چۈشىنەلەپتمەنيۇ ،سېنىڭ مەنىلىك قاراشلىرىڭنى چۈشەنمەپتىمەن.7 F( K$ K$ l& ]8 @" N6 G  pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن دادا بولدۇم.دادا بولغاندا ئانامنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. بىراق بەك كىچىككەن ئىدىم.كېچىكىش پۇشمانغا سىزىك بولدى.مەن تەنتەك بالامنىڭ قىلغانلىرىدىن ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ شۇ قىلغانلىرىنى بىلگەندەك، كۆڭلۈڭنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. كونىلارنىڭ «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس » دېگىنى شۇ بولسا كېرەك؟! مەن بۈگۈن بالامدىن كۆردۈم قىلغانلىرىمنى، بالامدىن كۆردۈم سەۋەنلىكىمنى .جېنىم ئانا.مىنىڭ شۇ تاپتا كۆزلىرىم ياش، قەلبىمدە دەرد- ئەلەم.مەن پەقەت يىلاندەك تولغىنىپ ، كېيىكتەك بوزلىنىپ ، تىمساھتەك يىغلاپ تۇرۇپ  چىن قەلبىمدىن ئانامىنىڭ كۆزىگە قاراپ شۇنى دېمەكچىمەن. ئانا،كەچۈرگىن! ئانا! كەچۈرگىن، نادان ، بۈلۈمىسىز ئوغلۇڭنى.
) W& i$ [9 U" C$ g! J5 Q, j7 D& gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2013- يىلى 3- ئاينىڭ 16-كۈنى.ئۇچتۇرپان .& `$ w3 s& M: u$ v9 {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

' k% k: j& U2 O( u; f4 B
) l5 t4 F. J' D: K6 M1 G
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-16 14:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت خىلى تەسىرلىك يىزپسىز قولڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-3-16 15:02:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختار ئەپەندىمنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ تەربىيىۋىي قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن.
ۋاقتى: 2014-3-16 18:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا ئانىمىزنىڭ بارىدا قەدىرىگە يەتمەيدىكەنمىز. يوق بولغاندا ھەسرەت چىكىپ ئاھ ئۇرساقمۇ پايدىسى يوقكەن.
ۋاقتى: 2014-3-18 18:44:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزلىپتۇ رەخمەت
; M! |) k% M$ ?9 x2 O来自安卓客户端

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-20 19:39

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش