روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەر دېگەن(مۇختار يۈسۈپ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇختار1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-13 00:54  

ئەر دېگەن
مۇختار يۈسۈپ
(بارلىق تۇرمۇشلۇق بولغان ئاياللارغا بېغىشلايمەن)

سىنىڭ ئۈچۈن بارىنى پىدا ئەيلەر ئەر دېگەن،
دەردلىرىڭنى تارتىشىپ نىدا ئەيلەر ئەر دېگەن.
كەملىرىڭنى ھەل قىلىپ، يوقلىرىڭنى تەل قىلىپ،
ھاجىتىڭدىن تېنىشىنى ئىزا ئەيلەر ئەر دېگەن.

ئېقىپ سىنىڭ سۈيۈڭدە، ئوتلىرىڭدا كۆيەر ئۇ،
بىلىپ سىنى قىممەتلىك پەپىلەيدۇ، سۆيەر ئۇ.
كېرەك بولسا ساڭا جان، كېرەك بولسا ساڭا دان،
قورۇپ گۆشىنى يېغىدا غىزا ئەيلەر ئەر دېگەن.

چىقاي دىسەڭ تەختكە تەخت بۇلار سەن ئۈچۈن،
بەخت تاپاي دىسەڭمۇبەخىت بۇلار سەن ئۈچۈن
تاپاي دېسەك كامالەت، ئۆزى كۆرمەي ھالاۋەت،
سىنىڭ ئۈچۈن جېنىغا نىزا ئەيلەر ئەر دېگەن.

سەن خۇش بولساڭ ناۋادا ئۇ خۇشاللىق تاپقۇسى
كۆزلىرىڭدىن ياش ئاقسا يۈرىگىدىن قان ئاققۇسى،
ئۆز- ئۆزىنى ئەيىپلەپ، ئۆز- ئۆزىنى ئەدەپلەپ،
ئىزا تاپساڭ سەن ئۈچۈن ئىزا ئەيلەر ئەر دېگەن.

شۇڭا سەنمۇ ھەي ئايال ئۇنى سۆيۈپ، قەدىرلە،
ئىززىتىڭنى قىلغاندەك كۈتۈپ قويغىن، ئەزىزىلە،
ئىزلىرىڭدىن گۈل ئۈنسۈن،ئۆيلىرڭمۇ شاد كۈلسۇن
قۇرۇپ ئىللىق ئائىلە ئىمزا ئەيلەر ئەر دېگەن.
2013- يىلى 12- نويابىر

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +35 ئىناۋەت +40 تەڭگە +40 بايلىق +40 تۆھپە +12 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
نەۋرۇز + 15 + 20 + 20 + 20 + 5 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-13 10:46:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ بۇ شىئىر. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ۋاقتى: 2014-3-13 12:57:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختارجان ئەسەرلىرىڭىز بىر بىردىن سەر خىل چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ. ياخشى يېزىپسىز
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-3-13 22:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخىشى يېزىلىپتۇ. رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-3-15 12:11:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،  قۇلىڭىز غا دەرىت كەلمىگەي!
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز , رەخمەتسىزگە.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 03:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش