روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 906|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دادامنىڭ قولى(مۇختار يۈسۈپ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دادامنىڭ قولى
(نەسىر)
دادا شۇ تاپتا سىنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم كەلدى. سىنىڭ قوللىرىڭىنى ئاشۇ قاداق باسقان قوللىرىڭىنى سىلىغۇم كەلدى.سىنىڭ قوللىرىڭىنى سۆيگۈم، يۈزلىرىمگە ياققۇم كەلدى. ئاشۇ سىلاش بەدىلىگە قەلبىمىدىكى ھېجىران ئازاپقا،ئىشقى پىراققا داۋا قىلغۇم كەلدى. ئەمما، ئۇنداق قىلالمىدىم. چۈنكى سەن يېنىمىدا يوق. سىنىڭ يوقلىقىڭ مىنىڭ غېرىپلىقىمنى، دەردۇ-پىغانىمىنى ئاشۇردى. شۇ تاپتا سىنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشسەم ئىدىم. باھارىم چېچەك ئاچاتتى. چېچەكلىرىم خۇش ئىپار چاچاتتى.
دادا، جېنىم دادا، مەن دۇنياغا تۇنجى كۆزۈمنى ئاچقاندا تۇنجى كۆرگەن كىشىم سەن ئىدىك. ئالەمچە مېھىر بىلەن بېشىمىنى سىلىغان قوللىرىڭ شۇ ئىدى.ئۆمىلەشىنى ئۆگەتكەن قوللىرىڭ شۇ ئىدى. مىنى يۆتىلەپ مېڭىشىنى ئۆگەتكەن، يىقىلسام يۆلىگەن  قوللىرىڭ شۇ ئىدى. ھاياتىمىغا ھايات، قاناتىمغا قانات بولغان قوللىرىڭ شۇ ئىدى . كېمىنى تەل قىلغان، يوقۇمنى ھەل قىلغان قوللىرىڭ شۇ ئىدى. ئەقلىمىگە يەتكەندە سەپەرلەردە يۆتلىگەن،نىشان- مەنزىلنى كۆرسەتكەن قوللىرىڭ شۇ ئىدى. مەن ئاشۇ مىھرلىك، ئۇلۇغلۇق، ساخاۋەت، ھالاۋەت يېغىپ تىرىدىغان قوللىرىڭىنى پەقەت ئۇنۇتالمايمەن.
ھېلىمۇ ئىسىمىدە تۇرۇپتۇ. مىنىڭ  13 ياش ۋاقتىلىرىم ئىدى. ئائىلىمىز تولىمۇ نامىرات بۇلۇپ ئائىلىمزدىكى تۆت ئادەم دادامنىڭ تۆرمۈچىلىك كەسپى بىلەن تاپقان ئازغىنە پۇلىغا تايىنىپ جېنىمىزنى جان ئىتەتتۇق. بىر ياز پەسلى ئىدى. سۈيۈملۈك سەھرايىمىدا جىمى دىھقانلار ئورمىغا چۈشكەن چاغلار بۇلۇپ قۇلۇم- قوشىنىلار، يۇرىت- مەھەللىدىكىلەر بىزىنىڭ ئۆيگە كىرشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كەكە، پالىتلىرىنى قايىتىدىن قاقتۇرسا بەزىلىرى ئاتلىرىغا تاقا بۇيرۇتۇپ ئاتلىرىنى تاقلىشىتاتتى. بۇ مەزگىلىدە كۆپۈنچە كىشلەر ئورغاق سوقتۇراتتى. بىر كۈنى يېزىمىزدىكى ئوتتۇرا بوي، سىمىزغىنە، ئورا كۆز، گەپنى پىلمۇتىنىڭ ئوقىدەك تىز قىلىدىغان ئەمەت پاخال( كۆپۈنچە كىشىلەر شۇنداق ئاتايىتىتى.) كىرىپ:
-قاسىماخۇن  - دىدى جىدىدى تەلەپپۇزدا -– مەن 20 دانە ئورغان سوقتۇرماقچى ئىدىم. ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار قىلىپ بىرەرسىلەر – دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كىتىشكە تەرەددۇق قىلدى. دادام:
-بۇنچە جىق ئورغاقنى نىمە قىلسىز؟- دىدى ئەجەپلىنىپ
- سىلەر بىلسىلەر - دىدى دادامغا چۈشەندۇرۇپ - دوڭدە (مەھەللىدىكى كىشلەرمەھەللىنىڭ  ئۈستۈنكى تەرەپتىكى بىر پارچە تېرىم يەرنى شۇنداق دەپ ئاتايىتىتى) 80 مو بوغداينى ئەتىدىن باشلاپ ئورمىسام، دېنى تۈكۈلۈپ كىتەي دەپتۇ. مەدىكار بازىرىدىن ئادەم ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئورغىقى يوقكەن....جىددى بولسۇن. ئەتە چۇقۇم پۈتسۇن.
ئەمەت پاخال دادام بىلەن باھاسىنى پۈتۈشۈپ قانداق تىز كىرگەن بولسا شۇنداق تىز چىقىپ كەتتى. قارماققا ئۇ بۈگۈن راسىتىنىلا ئالدىراشتەك قىلاتتى. دادامنىڭ ئويچان كۆزلىرى جىدىدىلەشتى. دادام بىر دوكانغا، بىر ماڭا قاراپ :
  - ئوغلۇم  - دىدى بېشىمىنى يىرىك قوللىرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ -– كەچتە مەكتىپڭدىن بالدۇراق كەلگىن ، ماڭا ياردەم بەرگىن
مەن  دەپلا  مەكتەپكە كەتتىم. دادام كېچىككىنە تۇمۈرچىلىق دۇكىنىمزدا دادام بازغان  ھالەتتە قالدى. ئېسيادىم دادامدا ئىدى. «ئۇ قانداق قىلار؟ئۇلگۈرتەلەرمۇ؟ئەگەر ئۈلگۈرتەلمەي قالسا....»دىگەنلەر خىيالىمدا ھۆكۈم سۈرەتتى. دادام شۇ ۋاقىتتا « بىر كۈن مەكتەپتىن سوراپ كەلگىن» دىگەن بولسىمۇ «جان »دەپ سوراپ كىلەتتىم. بىراق ئۇ ئەزەلدىن مەكتەپتىن سوراپ دەرستىن قېلىشىمىنى خالىمايىتىتى. مەن بىر كۈنلۈك ئۇقۇشتىن قايىتىپ كەلسەم دادام ئارام  11 تال ئورغاقنىڭ ئەگمىسىنى چىقىرىپ قويوپتۇ. مەن بوغچامىنى قۇيۇپ دادامىنىڭ قېشىغا كەلدىم. دادامغا ياردەملىشىپ بازغان ئورۇشتۇم. ئەمما ھەر قانچە كۈچىسەممۇ بازغان ئېغىرلىشىپ ئۇنى زادىلا باشقۇرالمايۋاتاتتىم دادام بىر چاغدا:
-ئوغلۇم، بازغاننى چىڭ تۇتۇپ، يەڭگىل كۆتىرەپ، چىڭ ئۇر،جىگىرىڭ بىلەن ئۇر. مانا مىيەرگە –- دىدى قۇلى بىلەن مەن ئۇرىدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ
مەن دادامىنىڭ دىگىنى بويىچە  قولىنى كۆرسەتكەن ئورۇندىن تارتىپ بولغىچە ئۇرۇپ ساپتىمەن. «ۋايجان» دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ دادامىنىڭ قولىدىكى  بازغان ۋە ياسلۋاتقان ئورغاق چۈشۈپ كەتتى. دادامىنىڭ قوللىرىدىن قان  چىقىۋاتاتتى. كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ كېچىككىنە تۈمۈرچىلىك دۇكىنىنىڭ ئۇيەر بۇ يەرلىرىدە قان قالدى. دادام بازغان تەگكەن يەرنى مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئەنسىز ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئاپام ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى ۋە دادامىنىڭ يارلانغىنىنى كۆرۈپ ئاللا- چوقان سېلىپ دادامىنى ئۆيگە باشلاپ ئەكىرىپ كەتتى. مەن بازغان ئۇرغان يېرىمىدە خۇددى قاتقان قۇزۇقتەك ياق، دېۋەك بۇلۇپ قالغان ئادەمدە نىمە قىلارىمىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتىمەن. يۈرىكىدە ئاچچىق ئەلەم، دەردۇ -پىخان مىنىڭ يالماۋاتاتتى. ئەتىراپىمىدىكى ھەممە نەرسە ماڭا نەپىرەت ئۇقۇۋاتاتتى. مەن دادامىنىڭ قۇلىنى يارلاندۇرغان ھەتتا بىر بارمىقىنىڭ ئىشلىمەسلىكىگە سەۋەبچى بۇلۇپ قالغان ئىدىم. شۇندىن بويان، نەچچە يىلغىچە دادامىنىڭ  چىريىغا قاراشقۇمۇ جۇرئەت قىلالمىدىم. گەرچە دادام «ئۇغلۇم، كېرەك يوق، مانا ساقىيىپ كەتتى» دەپ ماڭا تەسەللى بىرىۋاتقان بولسىمۇ بىراق، ئاشۇ ئىشلار كۆز ئالدىمغا كىلىپ مىنى ۋىجىدان ئازابقا قويىۋاتاتتى. مەن بەزىدە ئاشۇ بىر قېتىم  ئۇرغان بازغان ئالدىغا چۈشمەي ياق، دادامىنىڭ قولىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي كەينىگە يېنىپ مىنىڭ بېشىمغا چۈشكەن بولسىچۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. شۇندىن بۇيان دادام تۇمۇرچىلك كەسپى قىلماي مەھەللىنىڭ تۆۋىندىكى ئېقىنغا تۈگمەي چۈرۈپ، ئۈگۈتىنى ئۇن قىلىش ئىشلىرى بىلەن مەشخۇل بولدى.نەچچە يىلىدىن كېيىن تەقدىر ئانام ۋە سىڭلىم ئۈچىمىزىنى يىتىم قۇيۇپ دادامىنىڭ ئېلىپ كەتتى. مەن مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالدىم.  بازغان ئۇرغان ئىككى قۇلۇمغا قارسام دادامىنىڭ قۇلى كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ.
مانا مەن بۈگۈن چوڭ بولدۇم. دادامىنىڭ كۈچلۈك قوللىرىدىن قولۇم ئۈلگە ئېلىپ  كۈچ قۇۋەتكە تولدى.بولقا ياق بازغان ئۇرغىدەك بولدۇم.لېكىن....
دادا، مىنىڭ شۇ تاپتا سىنڭ بىلەن كۆرۈشكۇم كەلدى. ئاشۇ بازغان تەگكەن قوللىرىڭىنى سىلغۇم كەلدى. ئەمما كۆرشەلمەيمەن. مەن پەقەت «ئاجىز، ئەقلىسز، دېتسىز، ئۇغلۇڭنى كەچۈرگىن» دىيەلەيمەن  تىمساقتەك بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ.
2014- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى.ئاقيار

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +20 ئىناۋەت +20 تەڭگە +20 بايلىق +20 تۆھپە +7 يىغىش سەۋەبى
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-30 14:46:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن رەھمەت سىلگە قىسقا ئەمما ئىخچام بىر ھىكايە بوپتۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-30 15:37:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى يەردە سۆز چۇشۇپ قاپتۇ، ھەمىدە بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرا بولماي قاپتۇ توغرلاپ ئۇقۇپ كېتەرسىلەر....

تۆۋىنچىلىك بىلەن: مۇختاردىن
ۋاقتى: 2014-4-30 21:09:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەر ئەپەندىم: ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ. ئەمما ئىملادا مەسلە ئېغىر ئىكەن. ئىملاغا سىز بىلەن بىز دىققەت قىلمىساق بولماس؟
ۋاقتى: 2014-4-30 22:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت .
ۋاقتى: 2014-4-30 22:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن .رەھمەت سىزگە 1  مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىز روھلاندىن .ئۈزۈلمىسۇن!
ۋاقتى: 2014-5-2 17:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەدىردانلار كەتتى تاشلاپ،
قالدۇق بىزلەر كۆزلەرنى ياشلاپ.
سېغىنىشقا نە چارىكىن،
ياتقۇم بارغۇ قەبرە باغاشلاپ....
ئاللاھىم كەتكەنلەرگە جەننەت،بىزلەرگە سەبىر بەرسۇن،ئامىن!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 06:27

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش