روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2049|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇز خەت يازدى مايمۇنچاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرداشلار مەن ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسىدىكى« يالغانچى بالا» دىگەن تېكىستنى شېئىرى شەكلىگە ئايلاندۇرغان ئىدىم.بۈگۈن باشلانغۇچ 1–سىنپنىڭ «مايمۇنچاقنىڭ خەت يېزىشى» دىگەن تېكىسىتنى شېئىرى شەكىلگە ئايلاندۇردۇم.تەكلىپ پىكىىر بىرەرسىلەر
                                     ئاپتۇردىن

ئۇزخەت يازدى مايمۇنچاق
)

مەشىق قىلدى يېزىشىنى
سىنىپىدا مايمۇنچاق.
خېتى بەكلا سەت ئىدى
ئەگرى بۇگرى ۋە مايماق.

«ياخشى ئەمەس قەغىزىم
شۇسەۋەپتىن خېتىم سەت»
دەپ ئويلىدى ئىچىدە
ئالماشتۇردى يېڭى بەت.

يېڭى بەتكە يەنىلا
يازغانلىرى سەت بولدى.
«ياخشى ئەمەس قەلەم»دەپ
دەرد ئۈستىگە دەرد بولدى.

ئالماشتۇرۇپ قەلەمنى
يېزىپ باقتى قايتىدىن.
خېتى يەنە سەت ئىدى
گۇمانلاندى ئورنىدىن.

ئالماشتۇرۇپ ئورنىنى
ئالدىرىماي يازدى ئۇ.
يەنىلا سەت خەتلىرى
ھەيران قىلدى ئۇنى بۇ.

ئاخىرسىدا مايمۇنچاق
ئورنىدا تۈز ئولتۇردى.
خەتنى يېزىپ دىققەتتە
بەتلىرىنى تولدۇردى.

بىر بىرىدىن چىرايلىق
قاراپ باقسا خەتلىرى.
ئۆز ئۆزىدىن سۈيۈندى
كېڭەيگەندەك ئەتلىرى.
......
چىرايلىق خەت يېزىشىنى
ئۇ ئاخىرى ئۆگەنىدى.
كىچىككىنە ئىشلاردىن
چوڭ ھەقىقەت چۈشەندى

2014-يىل.1–مارىت

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +45 ئىناۋەت +45 تەڭگە +45 بايلىق +45 تۆھپە +17 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 25 + 25 + 25 + 25 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Tursun007 + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ياخشى چىقىپتۇ ،
ئالامەت چىقىپتۇ ئوزگەرتىشتىن مەقسەت نىمۇ بىلسەك بولاما¿
ۋاقتى: 2014-3-1 17:00:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سزگە ياخشى يېزىپسز                 
ۋاقتى: 2014-3-1 18:17:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2014-3-1 18:50:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغانچى بالا(باللارغا سوۋغات)
/thread-18841-1-1.html
ۋاقتى: 2014-3-1 19:04:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىلىپتۇ
ئۆزگەرتشتىكى مەقسەت:1) بالىلار بايانى ئەسەردىن قاپىيىلىك ،ئاھاڭداش بولسا  ئىسىدە ئوبدان ساقلايدىكەن2)بۇ خىلدا دەرسخانىدا قوللانسا ئۇنۇمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدىكەن3)تېكىسىت ئۇقۇتشىدا جەلىپ قىلىش كۇچى ياخشى بولىدىكەن.ئۇمۇمەن مەقسەت بىرلا ئەدەبىيات دەرسىنىڭ  دەرسخانا ئۇنۇمىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشتىن ئىبارەت.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەڭگە +10 بايلىق +10 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 10 + 10 ئورۇنلۇق ئىنكاس

باھا خاتىرىسى

ئەدەبىيات دەرسىنىڭ دەرسخانا ئۇقۇتۇشى ياخشى بولسۇن دەپ.
ۋاقتى: 2014-3-1 23:30:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز مۇئەللىم !   كەلگۈسى ئزچىلارنى تەربىلەش يۇلىدا قىلغان ئەجرىڭىزنى بىز بىر ئۆمۈر قارتۇرپ بۇلالمايمىز
ئۇقۇغۇچىلىرىڭىز سىزنىڭ ئۇلارنى ئاقارتىش يۇلىدا تارىتقان جاپايىڭىزنى ھامان بىركۈنى بىلىدۇ!

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-16 19:09

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش