ئەرزىمەس تەبرىكلەش تۈگسۇن ئەمدى
مۇختار يۈسۈپ
سورۇندا
بىر كىشى تۇرىدۇ ئالدىمدا مىنىڭ،
"كۆڭۈل"نى رومكىداقوش قوللاپ سۇنۇپ.
قايتۇراي دىگەنىتىم قايتۇرالمىدىم،
خىجالەت ئىچىدە ئالدىممەن تۇڭۇپ.
«كۆڭۈللەر كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر» دىگەن،
بىر چاغدا جان دادام نەسھەت قىلىپ.
كۆڭۈلمۇ مۇشۇنداق ئاچچىق بۇلامدۇ!
يۇتتۇممەن "كۆڭۈل"نى مىڭ بىر دەرد قىلىپ.
ئۇ "كۆڭۈل" كۆيدۇردى ئىچىم- باغرىمىنى،
قىينالىدىم ئاشۇ دەم چوغنىڭ ئىچىدە.
كۆڭۈلنى قايتۇرغان ئاقىل ئىكەنغۇ؟!
مىڭ ئۈلۈپ تىرىلدىم بۇلۇپ غىققىدە.
ئىچمەيمەن كۆڭۈلنى رومكىدا سۇنساڭ،
ئىچىمەن ۋەلېكىن «پۇچۇق چىنەڭدە».
شۇ چاغدا سۇ ئىچەر كۆڭۈلدىن كۆڭۈل
مەمنۇنلۇق بەلگىسى چىقار چېرىمىدە.
ئەرزىمەس تەبرىكلەش تۈگسۇن ئەمدى
كۆپ ئىشلار ئىسىمدە تۇرمايدۇ مىنىڭ،
دوسىتلىرىم ئىسىدە تۇرىدۇ مەھكەم.
يىغىلىش- تاڭغىچە ئولتۇرۇش بىلەن،
قىينايدۇ ئاھ مىنى بۇلۇپ مىڭ بىر غەم.
قايىسى چاغ دىگەنىتى تۇغۇلغان كۈنۈڭ،
كەپقاپتۇ بۈگۈنمۇ تويلاشقان كۈنۈم.
رەت قىلاي دىگەنتىم ئۇنى بىراقلا،
"بولدى قىل!" دىيىشتى تۇتۇلدى ئۈنۈم.
مەرتىۋەم ئۆسكەن كۈن ئىكەنغۇ ئەتە،
مىھمانمەن باغچىدا رەت قىلشمۇ تەس.
بىلىمەن قايتىمەن يېرىم كېچىدە،
پۇتلىرىم ئالمىشىپ ئۆزۈم مەست –ئەلەس.
ئۆگىنمىش ئاڭلسام بالام قۇت كۈنى،
ئىندىنى نە بۇلار ئۇنى بىلمەيمەن.
دوسىتلارنىڭ ئۆزرىخاھ قىلىشلىرىدا
نە مەقسەت ئۇيى بار بۇنى بىلمەيمەن.
مەن دەيمەن پەقەتلا ئاشۇ دۇستىلارغا،
ئەرزىمەس تەبرىكلەش تۈگسۇن ئەمدى.
مۇختەرى چاكىرى ئەلىنىڭ، ئاۋامىنىڭ،
ھەر زېھنىي ئەل ئۈچۈن تۈنلىسۇن ئەمدى.
|