روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 756|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

روبائىلار ۋە پارچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
روبائىلار  ۋە پارچىلار
مۇختار يۈسۈپ
نىگارىم چاي قويۇپ بىللە ئىچەيلى،
ھاياتنىڭ ئىشىگىن بىللە چىكەيلى.
مەنزىللەر بەك ئوزۇن قالماي يىگانە،
قول تۇتۇپ نىشانغا بىللە يىتەيلى.

ھاياتلىق يوللىرى توقايلىق، ئوزۇن،
ئاچىدۇ ھەر قاچان بىزلەرگە قويۇن.
ھاياتىنىڭ مەنىسى يوقايدۇ بىلسەڭ
«داد!» ئىتىپ ئالدىدا ئىگلسە بويۇن.

قۇم بوران توسسا يولۇڭنى ئەگەر،
تىڭرىقاپ قالساڭ ھالىتىڭ بەتەر.
ھەركەتتە بەركەت بار مىڭۋەر ئالغا!
تۇرساڭلا ھاياتقا يىتىدۇ خەتەر.

ياخشىغا قارىغىن ياخىشى كۆز بىلەن،
ياخشنى ماختىغىن ياخشى سۆز بىلەن.
ياخشى كۆز، ياخشى سۆز ياخشىغا باھا
ياخشىلىق ئۆگەنگىن ياخشى ئۆز بىلەن.

ياماندا سۈر -ھەيۋە كېلىدۇ يامان،
چۈنكى ئۇ ئادەمدىن ئۆزگەرگەن قاۋان.
ياماندىن يىراق تۇر كۆرمەي ياخشىلىق
چىرايىڭ سارغىيىپ بولمسۇن سامان.

2014- يىلى 28- يانۋار.ئۇچتۇرپان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-4-26 20:07:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختار ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت بولسۇن.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-20 09:26

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش