نومۇس
& @# C% M, Y& ]. d0 y$ P(ھىكايە)
' N) U( Q" H" I* O
- }' O& L3 D% Eقەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
5 ^! ~" l( D* E9 u$ H
8 ^; }; V! l6 J7 q X2 a$ tكوچا ئاپتوبوسىنىڭ تولىمۇ ئاستا مېڭىشىدىن ئىچىم سىقىلىپ سومكامدىن گېزىت ئېلىپ كۆرىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز بىرىنىڭ : «ئۇكام يېنىڭىزدا بىر يۈەنلىك پارچە پۇل بارمىدۇ؟» دىيىشىدىن ئىتتىك بېششىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا 50 ياشلار چامىسىدىكى يۈزلىرى كۆيۈپ قارىدىغان، ئاددى كىيىنىۋالغان بىر ئادەم قولىدا بەش يۈەن پۇلنى تۇتقىنىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى.+ {' L/ d2 V$ r. T4 Pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-بۇ ئاپتوبوستا پۇل قايتۇرۇلمايدىكەن شۇڭا...،-دىدى ئۇ تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە، مەن يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇپ ئۇنىڭغا پارچە پۇل تاپالمىدىم." Y2 C- M7 Q, T7 G% W7 z9 O6 C* Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-كەچۈرۈڭ مەندىمۇ پارچە پۇل يوقكەن ،پۇلنى ھازىرچە سېلىۋېرىڭ، بىر ئازدىن كېيىن چىققانلاردىن ئېلىۋالساق بولىدۇ،-دىدىم مەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇ پۇلنى سېلىۋېتىپ يېنىمدىلا ئۆرە تۇردى. شۇ ئەسنادا ئاپتوبوس يەنە بىر بېكەتكە كېلىپ توختىدى. يېنىمدىكى ئادەم ئىتتىك ئىشىك يېنىغا باردى. ئەپسۇس، ئاپتوبوسقا چىققان ئىككەيلەن ئايلىق بېلىتىنى كۆرسىتىپ قويۇشتى.$ Q. P* ?1 j' p1 i- a/ ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۈمىتسىزلەنمەڭ پۇلنى ئالىمىز،-دىدىم مەن ئۇنىڭ مەيۈس چىرايىغا قاراپ. ئىككىنچى بىكەتتە مەن ئۇنىڭ ئىككى يۈئەن پۇلىنى ئېلىپ بەردىم ھەم ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئۇ:«رەھمەت سىڭلىم پۇلۇمنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن ئولتۇراي»دىدى ۋە ئىشىك ئالدىدىلا ئۆرە تۇردى./ q. |5 b$ V0 k& W0 wبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئاۋۇنىڭ چۈپەيلىكىنى قارا ،-دىدى شۇ ئەسنادا بىرەيلەن،-ئىككى يۈەن ئۈچۈن دىۋانىدەك ئىشىك ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرغىنىنى، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ، بولدى ئاكا ئۇ ئىككى يۈەننى مەن بېرەي ئولتۇرىڭە،-دىدى ئۇرغۇلۇق قىلىپ.; O2 T3 g- U4 H7 f, r% m# { o. nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھېلىقى ئادەم خىجىل بولغان قىياپەتتە يېنىمغا قايتىپ كەلدى.: @0 M% v' W+ p' jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۇكام بىز دېھقان خەق پۇلنى ناھايىتى تەستە تاپىمىز، يۇرتتا ئىككى يۈەنگە ئىككى نان كېلىدۇ. ماڭا باشقىلارنىڭ پۇلى كېرەك ئەمەس...،-دىدى ئۇ دۇدۇقلاپ.
+ ~, C7 R, T8 g9 c; @2 \. E-ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشىماڭ، سىز ئۇ پۇلنى بىر يەردىن بۇلاپ كەلمىدىڭىز، نىمىشقا ئالمايتتىڭىز، ئۇلار دەۋېرىدۇ،-دىدىم مەن ئۇ كىشىگە بولىشىپ ھەم كەينىمگە ئۆرىلىپ بايا گەپ قىلغان يىگىتكە قارىدىم .قارىدىم-يۇ چۆچۈپ كەتتىم.چۈنكى بايا بۇ دېھقاننىڭ‹چۈپەيلىگى› دىن نومۇس قىلىپ كەتكەن بۇ يىگىتنىڭ قولى ئۇدۇلدىكى ئاپتبوس تۇتقۇچىغا ئېسىلىپ تۇرغان كىشىنىڭ يانچۇقىدا تۇراتتى.
7 w( ^! @$ [/ t& g- z' z5 `-ئاناڭنى قەلەندەر يانچۇقىدىن چاشقان يامانلايدىكەن بۇنىڭ.
+ v0 `/ Q0 [3 T$ J, e* `! Iيىگىت يېنىدىكى يەنە بىر يىگىتكە شۇنداق دەپ كۇسۇرلىدى. قارىغاندا ئۇلار شىرىكتەك قىلاتتى. بۇ يىگىتلەرنى مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا مۇشۇ ئاپتوبوستا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا ئۇلار چوڭلارنى يۆلەپ، ئۆز ئورۇنلىرىنى باشقىلارغا بوشىتىپ بېرىپ كىشىلەرنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. ،مەنمۇ ئۇلاردىن مەمنۇن بولغان ئىدىم. ئەسلىدە ئۇلار....
: D" Q, W9 q0 n7 A6 Y( o4 Jبىر چاغدا ئۇلارنىڭ قولى ئەپچىللىك بىلەن يېنىمدىكى دېھقاننىڭ يانچۇقىنى تاپتى. قورققىنىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولدۇم. ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىگە دىققەت قىلغىنىمنى كۆرۈپ قالدى ۋە قاپىقىنى تۈرۈپ جىم ئولتۇر دىگەن مەنىدە مۇشتۇمىنى كۆرسىتىپ قويدى.مېنى تېخىمۇ تىترەك بېسىپ گەپ قىلالماي قالدىم. بىر چاغدا ئۇلار دېھقاننىڭ يانچۇقىدىن بىر مۇنچە پۇلنى سۇغۇرۇپ ئالدى، كىم بىلسۇن، ئۇلارنىڭ قولى تېىخى يانچۇقتىن چىقماي تۇرۇپلا كۈچلۈك ئالقانلار ئارىسىدا قالدى. دېھقان ئەسلىدە ھەممىنى بىلىپ تۇرغانكەن ،ئۇ يىگىتنىڭ قولىنى ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن كاپ قىپلا تۇتىۋالدى-دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئوغرىغا تىكىلدى.* d3 ]0 e+ c6 H* @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
-ئۇكام، قانچىلىك لازىمتى، مەن بېرەي، بۇنداق قىلما. دىۋانە چېغىدا سوراپ ئالىدۇ. بايا مېنى مەسخىرە قىلدىڭ، ئەمما مەن ئۇ بىرنەچچە يۈەننى ھالال تەر تۆكۈپ تاپقان. يامان يول بىلەن باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ تاپقان مىڭ يۈەندىن ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىگى بىلەن تاپقان بىر يۈەن قىممەتلىك. ئەمدى كىم كىمدىن نومۇس قىلساق بولار ،تېخى ياشكەنسەن يولۇڭنى تېپىۋال،-دىدى ۋە بىر تۇتام پۇلنى يىگىتكە تەڭلىدى،-مە بۇنى ئال دۇرۇس ئىش قىلىپ ئاتا-ئاناڭنى خاتىرجەم قىل.2 S* o% O; h' ?7 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
يىگىت تاتىرىپ تۇرۇپلا قالدى ۋە ئاپتوبوستىكى نەپرەتلىك كۆزلەر ئاستىدا ئىتتىك ئاپتوبوستىن چۈشۈپ غايىپ بولدى.! c1 _/ M. \" B" ]بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
; }; W- B5 q* L 2014-10. مەنبە ئۆزۈم . |