روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6214|ئىنكاس: 15
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دۇنيا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-24 21:46:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
1 Y, ~0 i3 f' [$ p5 c3 q! F+ y4 T* p; B; }+ U9 I5 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2014-يىلى10-30-كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان «مەدەنىيەت بوستانى پىروگراممىسى» ،2014-12-18-كۈنى تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ،مۇنبەر يۈزىدە،ئۈندىدار ،تېلىفۇن، قىسقا ئۇچۇرلاردا كۆپلىگەن تەبرىك خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالدىم.بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنى مۇبارەكلىگەن، مەندىن پەخىرلەنگەن، ئىپتىخارلانغان، ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن مەزمۇنلار ئىدى.مەن بۇلاردىن بىر تەرەپتىن خۇشال بولۇپ سۆيۈنگەن بولسام يەنە بىر تەرەپتىن خىجىللىق،بېسىم ھىس قىلدىم،چۈنكى بۇ پىروگرامما مېنىڭ بىر مۇنەۋۋەر،ياخشى،مەسئۇلىيەتچان ئانا،بىر ئىجتىھاتلىق ئىجادىيەتچى بولغانلىقىم سەۋەپلىك ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ئىدى.2009-يىلى3-ئاينىڭ6-كۈنىمۇ قاراماي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى«شەنبىلىك پاراڭ پىروگراممىسى» دىمۇ بۇ ھەقتە بىر قېتىملىق زىيارەت ئېلىپ بارغان ئىدى،ئۇ چاغدا بالام ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ بارلىق ھەركىتى جايىدا ،ئەھۋالى ئېغىر ئىدى،ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بالام يۈگۈرۈپ ئوينىيالايدىغان،ئۆز ئۆز ھاجىتىدىن چىقالايدىغان بولدى(گەرچە گەپ قىلالمىغان بولسىمۇ) بۇ ئۆزگىرىش مېنىڭ ھەقىقەتەن مۇۋەپپىقىيىتىم بولۇشىدا گەپ يوق،ئەمما بۇ مۇۋاپپىقىيەت ئەلبەتتە ئاسان قولغا كەلمىدى،مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بۇ نەتىجىلىرىنى كۆز-كۆز قىلماقچى ئەمەسمەن ،چۈنكى بۇ كۆز-كۆز قىلغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس  ،(بۇ كۈنلەر يەنە باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلمىگەي ئىنشائاللاھ ) مەن قىلغان بۇ ئىشلارنى مېنىڭچە پەرزەنت ئىشقىدا كۆيىۋاتقان ،يۈرىگى پەرزەنت يىپىغا چىگىلگەن ھەر-بىر ئانا قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن . ئانىلارنىڭ ھەممىسى پەرزەنت ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىشكە رازى،ئانىلارنى بىز گۈلگە ئوخشاتساق، پەرزەنت ئۈچۈنلا ئېچىلىپ ،پەرزەنت ئۈچۈنلا توزۇيدۇ، ئۇلار پەرزەنتى ئۈچۈن تارتقان رىيازەتلىرىنى،جاپالىرىنى ھەرگىز تىلغا ئالمايدۇ،ئۇلار پەرزەنتى ئۈچۈن ئوتقىمۇ ،سۇغىمۇ كىرىشكە تەييار، ئەمما مەن بۇ پىروگرامما قويۇلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسلاردىن شۇنى ھىس قىلدىمكى،جەمىيەتنىڭ ئانىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەقىقەتەن زوركەن ،ئانىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ يۇقۇرى ئىكەن ،ئەلبەتتە بىر ياخشى ئانا بولۇش ،بىر ياخشى ئايال بولۇشتىنمۇ مۇھىمكەن ،بىر ياخشى ئانىنى،بىر ياخشى ئايالنى جەمىيەت ھامان يۇقۇرى باھالار بىلەن ئېتىراپ قىلىدىكەن .بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن ھەم ھىس قىلغان ھەر بىر ئايال بۇنىڭغا ئېتىبار بىلەن قارىشى مۈمكىن،شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ توختالماي،مۇھىمى مېنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ،دىمەكچى بولغانلىرىم بۇلا ئەمەس،مەن بىر ئاجىز بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنچە يىللاردىن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە،جاۋاپسىز سوئاللارغا دۇچ كەلگەن،قەلبىمدە ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بۇ سەرگۈزەشتىلەرنى دىيىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپ تېپىشنى ئويلىغان بولساممۇ قانداق دىيىشنى بىلەلمەي كەلگەن ئىدىم،مانا بۈگۈن بۇ سەھنە ھازىرلاندى،گەرچە بۇ پىروگراممىنى ھەممىلا كىشى كۆرمىگەن بولسىمۇ يەنىلا مۇشۇ مۇناسىۋەتتتە جەمىيەتكە،شۇ جەمىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرگە بۇلارنى دىيىشنى لايىق تاپتىم .
3 Y9 N  t1 N& Q7 jھازىر جەمىيىتىمىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،ئىلىم پەننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى ،تىببى ئىلىم تەرەققى قىلپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەن بولسىمۇ،يەنىلا بەزى كېسەللەرگە داۋا تېپىلمايۋاتىدۇ،بۇ كىمنىڭ سەۋەنلىگى دوختۇرنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭمۇ؟ قايسى ئاتا-ئانا ساغلام پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلمايدۇ، كىمنىڭمۇ بۇ ئۆمۈرلۈك جاپانى تارتقۇسى بار؟ئەمما بۇ رىياللىق، باش تارتىپ بولمايدىغان ،قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان رىياللىق،بۇ بىر پاجئە،بۇ پاجىئە بېشىغا كەلگەن ھەر-بىر ئاتا-ئانا بۇ قىيىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدۇ،بەلكىم ۋاز كېچىدىغىنىمۇ،تەن بەرمەيدىغىنىمۇ،پەرۋاسىز قارايدىغىنىمۇ،ئۈمۈت بىلەن ياشايدىغىنىمۇ بولۇشى مۈمكىن ،لېكىن قەلبىدە پەرزەنتىگە بولغان ھەقىقى كۆيۈمچانلىق،مەسئۇلىيەت ،ئانىلىق قەلب بولسىلا بۇ ئۆتكەلدىن تىرىشىپ –تىرمىشىپ بولسىمۇ ئۆتىدۇ.* H4 f) N( ?2 Z9 }* F3 @! Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن خۇددى پىروگراممىدا دىگەندەك تۇنجى قېتىم ھەتتا بىر نەچچە قېتىم نۇختىلىق دوختۇرخانىلارغا ئاپارغاندا ۋاز كېچىشىمنى ،ئۈمۈتنىڭ پەقەتلا يوقلىقىنى ئېيتقان ،ئەمما مەن ۋاز كەچمىدىم ،بالامنىڭ ماڭا قاراپ مۆلدۈرلەپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى مېنىڭ ۋاز كېچىشىمگە يول قويمىدى،ئۇنى ئانىلىق باغرىمغا بىر باسقانچە 8 ياز،8 قىش،8 باھارنى ئۆتكۈزدۈم ،بۇ جەرياندا مەن كىرمىگەن كوچا،مەن كەزمىگەن يول، مەن بارمىغان دوختۇرخانا قالمىدى،قانچىلىك ياش توككىنىمنى ،قانچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىمنى،قانچە سائەتلەپ ئۆرە تۇرغىنىمنى،قانچە يىللاپ ھاپاش ئەتكىنىمنى......ھېساپلاپ بېرەلمەيمەن،پەقەت قەلبىمدىكى بالامغا بولغان ئوتتەك مېھىر،كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈت، ھاياتقا بولغان ئىشەنچلا مېنى بۇلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە ئۈندىدى....مانا ئاخىرى بۇ ئۇزۇن يوللارنىڭ چېكى كۆرۈندى،ھايات ماڭا كۈلۈپ باختى،ئۈمۈدۈم رىياللىققا ئايلاندى،دوختۇرلارمۇ بۇ نەتىجىدىن ھەيران قالدى،بۇ  جەرياندا مەن نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدىم ،نۇرغۇن يېقىنلىرىمدىن ئايرىلدىم،پەرزەنت ئىشقىدا ئوتتەك كۆيۈپ كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە،مېھرىبان ئانامدىن،قەدىردان دادامدىن ئايرىلدىم،ماڭا ھەتتا ئۇلارنىڭ يۈزىنى كۆرۈشمۇ نىسىپ بولمىدى،خىزمىتىمدىن،ئىستىقبالىمدىن،كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمدىن مەھرۇم قالدىم،بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنسەممۇ،ئازاپلانساممۇ يەنىلا باش ئەگمىدىم ،چۈنكى مەن ئەشۇ مەجرۇھ بالىنىڭ ئانىسى ئىدىم.مەن بىر ئانا ئىدىم.
! Y1 Y4 x) o9 C3 w8 Z) x$ L( |مەن ئاخىرى بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆردۈم،توختىماي شىۋىرلاشلىرىمنىڭ،ئاغزىم تالغۇچە سۆزلەشلىرىمنىڭ،قولۇم تالغۇچە ئۇۋىلاشلىرىمنىڭ،ھېرىپ قالغۇچە توۋلاشلىرىمنىڭ......دىمەك مەن غەلبە قىلدىم، مەن مۇۋاپپىقىيەت قازاندىم دىدىم ئىچىمدە.مەن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز سەرگۈزەشتىمنى بايان قىلماقچى ئەمەسمەن ،مەن مۇشۇ نەتىجىگە يەتكۈچە مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن ئانىلار دۇچ كەلگەن ئېغىر روھى بېسىملار،كەمسىتىلىشلەر،چەتكە قېقىلىشلار،گۇناھكار بولۇپ قېلىشلار ھەققىدە توختالماقچى،بۇنداق دىسەم بەلكىم بەزىلەر ئىشەنمەسلىكى،چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى دىيىشى مۇمكىن،ئەمما بۇ ئۆز بېشىمدىن ۋە ماڭا ئوخشاش ئانىلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر،بۇلارنى دىيىشىمدىكى سەۋەپ بۇ پىروگراممىنىڭ تېمىسى،شۇنداقلا ماقالەمنىڭ تېمىسى« دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل» ھەقىقەتەن شۇنداق ،دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل»ئارىمىزدا مېھىرلىك ئىنسانلار نۇرغۇن،ئەمما بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە مۇشۇنداق ئىلمىي تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەتنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىغان،باشقىلارغا ھىسداشلىق قىلىشنى خالىمايدىغان ،پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ بۇ بالىلارغا يىرگىنچ نەزىرى بىلەن قارىشى،ئۇلاردىن ئۆزىنى ۋە باللىرىنى قاچۇرىشى، سەسكىنىشى، ئۇلارغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشى،ئۇلار سەۋەپلىك كېلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىقلاردا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىپلىشى،ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتمەسلىكى،دەردىنى چۈشەنمەسلىكى، « بالىڭىزغا ياخشى قارىسىڭىز بولمامدۇ،بۇنداق بالىنى ئۆيدە باخسىڭىز بولمامدۇ، بۇ بالا ساراڭمۇ نىمە، سىز قانداق خوتۇن ....دىگەندەك ئەيىپلەشلىرى،بالىلارنى خۇددى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى بىرەر ھايۋاننى تاماشا قىلغاندەك قىزىقسىنىپ قاراشلىرى،بۇ بالىڭىزنىڭ چىرايى نىمانداق دىگەن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ يۈرىگىنى تىلغاشلىرى، ۋاي توۋا، دەپ ياقىسىنى تۇتۇپ كۈلۈشلىرى.......بۇلار ئاز كەلگەندەك شۇ ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئۇلارنى بۇ بالىنى قانداق تۇغۇپ قويدۇڭ دەپ ئەيىپلەشلىرى،بالىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشلەر .........
' f( \, T/ M9 m' q" C5 tئەڭ  يامان بولغىنى پەرزەنتى مۇنداق تۇغۇلۇپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ كۆپىدە،ئەر تەرەپ بالىنى  تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئەھۋال كۆپرەك ،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئايالى بالىنى شۇنداق تۇغۇپ قويغانمىش، بۇ كۈلكىلىك ئەمەسمۇ ؟ ئاز بىر قىسىم ئانىلارمۇ بۇنداق بالىلارنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ،دىمەك ئۇلار بۇ بالىنى ئۆزلىرىگە يۈك دەپ قارىغان ،بەزى ئائىلىلەردە ھەتتا قېينى ئاتا-ئانىلارمۇ كېلىندىن نارازى بولغان، جىدەل-ماجرا تۈگىمەسلىك سەۋەپلىك ئايال بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە بالىنى ئېلىپ يا تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.....  c4 w4 Z! v: }; G% d' jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇنداق رىياللىقلارنى،مىساللارنى دەپ كەلسەم ئۇزۇن،شۇڭا بۇلارنى ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇراي.............
2 V! Z. Z# Z' U  B مەن بالىسىنىڭ ھالىدىن  ئىزچىل خەۋەر ئالغان ئاتىلارنىمۇ كۆردۈم،ئۆزى بىر قۇتا مېنىرال سۇ،بىر نان بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ بالىسى ئۈچۈن سەكپارە بولىۋاتقان،  ئۆز رولىنى ،ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى ،تولۇق ئادا قىلىپ بالىنىڭ ئاپىسىمۇ بېرەلمىگەن مېھىرنى باللىرىغا سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئاتىلارنىمۇ كۆردۈم ، ئۇلارنىڭ ھېلى بالىسىغا يۈگۈرسە،ھېلى دوختۇر ئىشخانىسىغا،ھاجەتخانا، سۇخانىلارغا يۈگۈرىشىدىن شۇنداق تەسىرلەنگەن ھەم سۆيۈنگەن ئىدىم ، ئەلبەتتە بۇ پەقەت ئانىنىڭلا مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماستىن ،ئاتا بولغۇچىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بار،بۇنداق ۋاقىتتا ئەر-ئايال بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ،مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بۇ ئۇزۇن ھەم جاپالىق مۇساپىنى بىرگە بېسىشى كېرەك، پەقەت تىرىشقاندىلا نەتىجە بولىدۇ. بۇ كۆپ ۋاقىت ۋە ئىقتىساد تەلەپ قىلىدۇ،ھەممىمىز  «پۇل! » دىگەن بىر قۇدرەتلىك كۈچنىڭ بۇ يەردە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا بىرى بالىغا قارىسا بىرى پۇل تېپىشقا توغرا كېلىدۇ، خۇددى بالامنىڭ دادىسىغا ئوخشاش نۇرغۇن دادىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى .ئۇلارنىڭ  يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا،قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا ئارام ئالماي چېپىشلىرى،ئۇلارنىڭ شۇنداق جاپادا تاپقان پۇللىرىنىڭ بىردە مېھىرلىك، بىردە سوغۇق كۆرىنىدىغان دوختۇرخانىغا سەلدەك ئېقىشلىرىنىڭ نەتىجىسى،مەن ئەنە شۇ جاپاكەش،ئۇلۇق  دادىلارغىمۇ ئالى ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن، مەن بۇ ھەقتە ئايرىم قەلەم تەۋرەتمەكچى شۇڭا مۇشۇنچىلىك سۆزلەي .......# a$ Y: S$ d! @; o, J1 ?! a( aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمدى ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك پىروگراممىدىن كېيىن مەن تاپشۇرىۋالغان تېلىفۇنلارنىڭ كۆپى مۇشۇنداق ئائىلىلەردىن كەلگەن ئۇلار يۈرىكىنى بېسىپ تۇرغان  بۇ ئېغىر يۈكنى مېنىڭ يېنىكلەتلكەنلىكىمنى ،بولسا يەنىمۇ بۇ ھەقتە كۆپرەك يېزىشىمنى ئۇلارنىڭ ئاھ-زارىنى، مۇراجىتىنى خەلققە ،جەمىيەتكە بىلدۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلىشتى،ئۇلارنىڭ مۇراجىتى،تەلىپى ئاللىقانداقتۇ ماددى تەلەپ بولماستىن،بەلكى مەنىۋىيىتىنى نۇرلاندۇرىدىغان ،مېھىرلىك كۆڭۈللەردىن ئۇسسۇزلۇق تىلەيدىغان تەلەپ ئىدى، تەبىئىكى بۇنداق ئانىلار ئۆزلىرى بىلىپ بىلمەي جەمىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىپ قالىدۇ،ئۇلارنىڭ روھى بېسىمى ،بالىسى سەۋەپلىك كەلگەن ئاۋارىچىلىقلار ئۇلارنى بېكىنىۋېلىشقا، ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ،مېنىڭچە مۇنداق  قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇ بىزنىڭ ياكى باللىرىمىزنىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس باللىرىمىز ۋە بىز جەمىيەت ئالدىدا گۇناھكار ئەمەس،ئۇلار ئۈچۈن سولىنىۋېلىشىمىزنىڭ ،ئۇلارنى سولاپ قويۇشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق،بىزنىڭمۇ مۇشۇ جەمىيەتتە بىر كىشلىك ئورنىمىز بار،باللىرىمىزنىڭ خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇش،ئەركىن دۇنيادىن نەپەس ېئلىش ھوقۇقى بار.....
: _$ l/ i( e( v/ b! e. Yئاخىرىدا دەيدىغىنىم ،دۇنيا ھەقىقەتەن مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ،مېنىڭ قارىشىمچە مېھرى-مۇھەببەت ئەڭ ئاۋال ئائىلىدىن باشلىنىشى كېرەك، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئاىئلىمىزگە مەسئۇل بولۇپ ،پەرزەنتلەرنى ئائىلە ئىللىقلىقىدىن بەھرىمەن قىلىپ،ئۇلاردا قېرىنداشلىق مېھرى ئويغۇتۇپ ،شۇ ئاجىز قېرىندىشىنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىشنى ئۈگەتسەك،شۇنداقلا جەمىيىتىمىزدىكى ھەر بىر كىشى  ئاجىز كىشىلەرنى،مېيىپ بالىلارنى كۆرگەندە ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىپ ،ئۇلارنى قوللاپ،ئۇلارنىڭ قولىنى مېھرىمىز بىلەن سىقىپ ،ئۇلارغا ھاياتنىڭ ئىللىقلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ مېھرىبانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرسەك، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا يار-يۆلەكتە بولۇپ ،ئۇلارنى قوللاپ ، مەدەت بېرىپ، مۈمكىن بولسا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى داۋالىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتقان بالىلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ ،ئۇلارنى بۇ بەختتىن بەھرىمەن قىلساق ، روھىيتىنى نۇرلاندۇرساق ،ئەتراپىمىز، جەمىيىتىمىز تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان بولاتتى .% K, ?" W' ?: B  U. ?% vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

. I3 Q  G# U; F5 b0 X1 o9 F$ G  Y. H" j4 F1 c5 ^! Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2014-12-20-كۈنى.   قاراماي 7 e# b( H; f' c; Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3تەجرىبە +40 ئىناۋەت +60 تەڭگە +64 بايلىق +25 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ئەزھەر36 + 15 + 9 تېخىمۇ تىرىشىڭ
alxir + 5 + 5 ياقتۇردۇم
ADiL + 40 + 40 + 50 + 25 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-24 22:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازما ئاشۇ سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ تولۇقلىمىسى بوپتۇ، جەمىيتىمىزدىكى بىز ئۇچرىتىۋاتقان ئەھۋاللار بايان قىلىنىپتۇ، قەلبىنۇر خانىمنىڭ  بۇ ھەقتە ئىزچىل باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنى يىتەكلەۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن،
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ،تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،كۇنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بۇلسۇن
ۋاقتى: 2014-12-24 22:29:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىنۇر خانىمنىڭ پىكرىنى تامامەن قوللايمەن، بىزدە" بىر قولدىن چاۋاك چىقماس" دىگەن گەپ بار. ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىكىلەردىن باشلاپ، مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئاتا قىلالىساق تېگىشلىك مېھىر- مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيمىز. ئەلۋەتتە، بۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تونۇشىغا باغلىق.
) y$ e4 u3 h; Z* |6 r1 h# G; Wقەلبىنۇر خانىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ساقلىق، شادلىق تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-24 22:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكىلەرنىڭ مېنى قوللىغىنىغا،چۈشەنگىنىگە كۆپ رەھمەت .
زىمىن يۈزىدە سەيىر ئىتىپ  ھەر قەدىمىدە باشقىلارنى ئويلايدىغانلار، باشقىلارغا ھەر ئىشتا ئۈلگە بولۋاتقانلار ھەقنىڭ زىمىندىكى پەرىشتىللىرى. قەلبىنۇر خانىم ئاشۇ نامغا لايىقسىز. ھەقنىڭ تەقدىرگە شۇكرى قىلىش ئەڭ ئېسىل پەزىلەت
ناھايىتى ياخشى ماقالە بوپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز شاتلىق ئىچىدە ئۆتكەي!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-25 15:47:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 09:19
9 f  B1 X4 ^  D  q+ t- J- S% W! {4 H' Kزىمىن يۈزىدە سەيىر ئىتىپ  ھەر قەدىمىدە باشقىلارنى ئويل ...

2 E7 ?6 ]7 L. ?, @  Nرەھمەت نەۋرۇز ئۇكام، ماڭا بەك يۇقۇرى باھا بېرىۋېتىپسىز،بۇ نامغا لايىق كېلېلمەسلىگىم مۈمكىن ،بۇ نامغا ۋە مۇنبەرداشلارغا يۈز كېلەلىگۈدەك بولۇشقا تىرىشىمەن .
ۋاقتى: 2014-12-25 16:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ مەدەنىيەت بوستانى ›› پرۇگراممىسىدا ئىش - ئىزلىرىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن سىزنىڭ قەيسەر ، تېرىشچان ، ۋاپادار ۋە مېھىرىبان ئانا ئىكەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم ، بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، ئىجادىيىتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ، بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى تىلەيمەن .  
ۋاقتى: 2014-12-26 22:59:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىئيەتتە ئانىلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىۋاتقان ئانىلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس،ئەممە قەلبىنۇر ھەدە ،سىزدەك باغرى لىققىدە ئانىلىق مىھرى بىلەن تۇيۇنغان ئانىلار يەنىلا ئاز،بىزگە ياخشى بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭىز،،،،،شۇ تاتلىقلىرىڭىز ئۈچۈن ئاللا ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن،،،،،

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 03:47

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش