روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1120|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سالام يۇرتۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

سالام يۇرتۇم  گۈزەل دىيار مۇبارەك بولسۇن،
يېڭى يىلىڭ زور خۇشاللىق، شاتلىققا تولسۇن.
يېڭى يىلدا يېڭى غەلبە، زەپەرلەر قۇچقىن،
ئېلىڭ، خەلقىڭ، ئەۋلاتلىرىڭ شاتلىنىىپ كۈلسۇن.

ھۆسنۈڭ گۈزەل، چېھرىڭ  گۈزەل، دىيارىڭ گۈزەل،
بار گۈزەللىك جەملەنگەچكە نامىڭمۇ ئەۋزەل.
گۈلگە تولسۇن ۋادىلىرىڭ ئەمگەك تەرىدىن،
باتۇر، ئىشچان يىگىت، قىزلار ياڭراتسۇن غەزەل .

بۈيۈك نامىڭ ئورناپ كەتكەچ قەلبىم تۆرىگە،
ئۇنتالمايمەن، ئوخشاتمايمەن سېنى ھىچ ئەلگە .
دىماغىمدا خۇشبۇي ھىدىڭ، سۇلىرىڭ كەۋسەر،
ھوزۇر بېرەر شوخ شامىلىڭ ھەر قاچان تەنگە.

ئاق ئارىلاپ چاچلىرىڭنى ،چۈشسىمۇ قورۇق،
روھىڭ تېتىك، مەغرۇر كۈلۈپ تۇرىسەن ھامان.
نېفىتلىكنىڭ جەسۇر، ئىشچان ،ئەۋلاتلىرىدەك ،
مەغرۇر قەددىڭ پۈكۈلمىسۇن بول مەڭگۈ ئامان .

                                 2014.                            قاراماي



ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-5 12:15:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرت سۆيگۈسى-بىر پەرزەنىتكە تەۋە بولغان ئەڭ ئەقەللىي ۋە مۇقەددەس سۆيگۈلەرنىڭ بىرى. خىرىستال خانىمنىڭ تىلى ئاددى، ھىسياتى چىن ، يۈكسەك دەرىجىدىكى سۆيگۈ جىلۋىلىنىپ تۇرغان بۇ شېئىرى تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. قەلىمىڭزنىڭ يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولىشىنى، قاراماينىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھەر قانداق مۇھەببەتتىن ئەل - يۇرۇتقا بولغان مۇھەببەت ئەلا. مەرھۇم شائىرلىرىمىزدىن تىيىپجان ئىليوف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر.... قاتارلىق ئەزمەت قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدە بۇ مۇھەببەت ۋايىغا يەتكۈزلۈپ تىلغا ئېلىنغان. قەلبىنۇر ھەدەمنىڭ بۇ شىئېرى ئەل يۇرۇتقا بولغان ھۆرمەت مۇجەسسەم بولغان ، ياشلارغا ئىلھام ياشانغانلارغا مەدەت ئىپادىلەنگەن ياخشى شىئېر بوپتۇ. قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن قەلبىنۇر ھەدە. سالامەت بولۇڭ. ئىشلىرىڭىز ۋە قەلىمىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-5 19:59:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت نەۋرۇز ئۇكام ،مەن شېئىرنى ياىشى يازالمايمەن . يېڭى يىلغا يېزىپ باققان
ۋاقتى: 2015-1-6 08:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، قاراماينىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ شېئىردا تولۇق ئەكىس ئەتتۈرلۈپتۇ.
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-1-7 21:54:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرت سۆيگۈسى ياخشى ئىپادىسىنى تاپقان شېئىر بوپتۇ ، قەلىمىڭىز ھوسۇللۇق بولغاي ! يۇرت - يۇرتلىرىمىز گۈللەپ ياشناپ كەتكەي !
ۋاقتى: 2015-1-7 21:54:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرت سۆيگۈسى ياخشى ئىپادىسىنى تاپقان شېئىر بوپتۇ ، قەلىمىڭىز ھوسۇللۇق بولغاي ! يۇرت - يۇرتلىرىمىز گۈللەپ ياشناپ كەتكەي !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-7 22:13:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان ،نۇرلان ،شاھدىللارنىڭ ئەسىرىم ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ بەرگەن باھاسىغا،مەدەتلىرىگە رەھمەت .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-23 09:45

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش