پاكىستاندىكى دىننىي مۇقەددەس جايدا پارتلاش يۈز بېرىپ 41 ئادەم ئولدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاپرېل خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ دېرا غازى خان شەھىرىدىكى دىننىي سورۇندا ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر 41 ئادەم ئۆلگەن.
پارتلاش دېرا غازى خان شەھىرىنىڭ ئىسلام سوپى مەزھىپى مۇقەددەس جايىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ئۇچۇرلاردا 6~7 ئادەم ئۆلگەنلىكى، 30~35 ئادەم يارىلانغانلىقى دېيىلگەن. ئەمما يەرلىك ساقچى زاھىد ھۇسەيىن شاھنىڭ دېيىشىچە، ئىككى قېتىملىق پارتلاشتا 41 ئادەم ئۆلگەن.
مەزكۇر شەھەرنىڭ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئەخمەد مۇبارەكنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2 نەپەرئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇم قىلغۇچى دىننىي سورۇنغا سوقۇنۇپ كىرمەكچى بولغان، ئەمما مۇۋاپىقىيەتلىك بولماي ئۆزىنى پارتلاتقان.
پاكىستان تالىبان كۈچلىرى دېرا غازى خان شەھىرىدىكى سوپى مەزھىپىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، دىننىي ئىختىلاپ بولغاچقا، ئىسلام سوپى مەزھىپى بارغانسېرى تالىبان قاتارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان.
مەنبە :ئوكيان تورى
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1746%20&
age=1
جىقراق تالاش تاتىش قىلىڭلار مۇشۇلارمۇ بىشىدا تالاش تاتىشدىن باشلىنىپتىكەن ئاپپاق گەدەن ئىبلىسنىڭ پوقى سوپىلار ما بىچارە خەلىق يەنە نىمە كۇن كورسە رازى بولىسەن مىنىڭگىتلار ساراڭ گۇيلار،ماۋۇ دۇنيا نەدە كىتىپ بارىدۇ سەن خەق نەدە ھوشوڭنى بىلىش