ئىگىسى: turditohti

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى دىننىي ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئارسلان ئىكەنسە

UID
9254
يازما
131
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4181
تىزىملاتقان
2011-2-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 00:43:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭقار ئەپەندىم سىز ئۇ  ئاپپاق خوجىلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىنى ھازىرقى يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا شۇنداق تەسۋىرلەنگەن ،ئۇ ھەقىقى تارىخنى يورۇتۇپ بىرەلمەيدۇ  بۇرمىلانغان دەپ قارىغان بولسىڭىز كىرەك،ئەپسۇس ئۇلارنىڭمۇ بىشى 10 ئەمەس ئىچىدىن چىقىرىپلا شۇنداق بىر چوڭ تارىخى تىمىنى خالىغانچە يازىدىغان ،يازغۇچىلارنىڭمۇ  تارىخ ماتىرياللىرىنى مەنبە قىلىدىغىنى ئىنىق، موللا مۇسا سايرامىنىڭ قانداق تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىگىنى كىتاۋىنى ئوقىغانلار ئىنىق بىلىدۇ شۇ تارىخچى ئالىمىمىز تارىخى ھەمىدىيەدە ئاپپاق خوجىنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىنى ئىنتايىن ئىنىق پاكىتلار بىلەن ئوتتورىغا قويىدۇ، ئاپپاق خوجىنىڭ قەبرىسىنى دولىتىمىز 20 مىليون مەبلەغ چىقىرىپ رىمونىت قىلىدىكەن ،،،،بۇلتۇر ئۇرۇمچى كەشلىك گىزىتتە كوردۇم ،ياخشى ئادەممۇ يا شۇنىڭغا قارىغاندا،نىمە بولسا بولسۇن مەن لەنەت ئوقويمەن  ئاپپاققا

.

UID
10313
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1450
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 01:11:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 42 قەۋەتتىكى   (turditohti) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

قېرىندىشىم ئىنكاسىمغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلغانلىقىڭىزغا كۆپتىن - كۆپ تەشەككۈر!

   بۇ ئىنكاسىڭىزدىمۇ ،ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ داۋراڭ قىلغان خوجىلارغا قول بېرىپ مۇرىت بولغىلى كەلگەن  كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەسلىكىنى بايان قىپسىز.مېنى قايمۇقتۇرۋاتقان نەرسە دەل مۇشۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغنىڭ زىيالىسى بولغان ھىرقەتمۇ ئاپپاقنىڭ بېغىدا كاۋاپچى ۋە چىراقچى بولۇپ ئىشلىگەن، داڭلىق شائىر مەشرەمۇ ئۇنىڭغا قول بېرىپ مۇرىت بولغان، ھازىرغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا " تۈگىمەيدىغان ئاپپاق خوجامنىڭ ئومىچى ئەمەس " دېگەن ماقال ساقلىنىپ كەلمەكتە. تاكىي يېقىنقى مەزگىلگىچە "ھەزىرەت" نى تاۋاپ قىلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. ئاپپاق راستىنلا شۇنچە ئەسكى بولسا ، بۇ زىيالىلار ۋە دىنىي ئۆلىمالاردا چاتاق بارمۇ قانداق؟ ئۇلار قۇرئاندىن تولۇق خەۋەردار تۇرۇپ،خوجىلارنىڭ سەپسەتىلىرى ۋە بىلجىرلاشلىرىنى سەزمىگەنمىدۇ؟

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.

UID
10313
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1450
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 01:17:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 43 قەۋەتتىكى   (biqarabiz) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

قېرىندىشىم ئاپپاققا قانداق پوزۇتسىيە بىلەن قاراش سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز!
  مەن سىزنى چوقۇم مېنىڭ قارىشىمغا ئەگىشىسىز دېمەيمەن. لېكىن بارلىق گۇمانلىق مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىپ بولۇپ،ئاندىن تىللىساقمۇ كېچىكەيمىز! سىز ھازىر ئۆز قارىشىڭىزنى توغرا  دەپ قارىغاچقا ئاپپاققا لەنەت ئوقىۋاتىسىز، ناۋادا بۇ شەخىس ئۇنداق بولماي قالسىچۇ؟  سىز  تېما ئېگىسىگە قارتا  يازغان ئۈستىدىكى ئىنكاسىمغىمۇ قاراپ بېقىڭ! كىمنىڭ خاتا بولسا،ئېتىراپ قىلىپ، توغۇرسىغا ئەگەشسەك بولىۋېرىدۇ. شۇغىنىسى خاتا چوقۇم ئىسپاتلىنىشى كېرەك!!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 02:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shungqar@
سىزنىڭ مەسىلىگە نىسپەتەن گۇمان قىلىش ياخشى ئىش،شۇ ئاساستا توغرىسىنى تېپىپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالساق،بۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.
يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان كىشىلەر مەھەمەت سۇلتان خاننىڭ سىياسى غەرىزى تۈپەيلى خوجىلارغا قول بىرىپ،ئۇلارنى ئۇلۇغلىغان.خوجىلارنىڭ يەكەن خانلىغىدىكى تەسىرى قارىشسىزلىقلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس.بۇنىڭ مىسالى ئابدىكىرىم خاننىڭ ئىسھاق خوجىنى يەكەندىن قوغلاپ چىقىرىشى،ئىسمايىل خاننىڭ ئافاق خوجىنى يەكەن خانلىق زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشى،تۇرۇپان،قۇمۇل خەلقىنىڭ خوجىلارنى ئىتىراپ قىلماسلىقى ۋە قەشقەر،يەكەنلەردىكى ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قارىشلىقلار بۇنىڭ كۈچلۈك مىسالى.خوجىلارنىڭ يەكەن خانلىقدا پۇت دەسسەپ،ھاكىمەيەت ئىشلىرىغا ئارلاشقان ۋاختى سۇلتان ئابدىكىرىم مىلادىيە(1591-1592)يىللىر يەنى ھىجىريە 1000-يىلى ئالەمدىن ئۈتۈپ،ئورنىغا خوجىلارنىڭ مۇرتى سۇلتان مەھەممەت تەختىگە چىقىپ ئۈچ يىلدىن كىيىن بولغان.بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ پەتۋالىرىغا ئاسانلا ئىشىنىپ كىتىشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى،سۇلتان مەھەممەتنىڭ سىياسى ۋە دىنني ئىشلار،شۇنداقلا ھەربىي زوراۋانلىق كۈچىنىڭ خوجىلارنىڭ باش كۈتۈرۈشتە ئاساسلىق سەۋەپ بولغانلىغىنى كورۋالغىلى بۇلۇدۇ.
سىز يانا شائىر مەشرەپ بىلەن فىرقەتنى مىسالغا ئېپسىز.
مەشرەپ(1640-1711-يىللار) .ئۇ ھەقىقەتەن ئاپپاق خوجىغا ئىشلىگەن،چۈنكى ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۇستازى موللا بازار ئاخۇن دىگەن كىشى مەشرەپنىڭ زەرەكلىكىدىن سۈيۈنۈپ،ئۇنى ئافاق خوجىغا شاگىرتلىققا بەرگەن،كىيىن ئافاق خۇجا مەشرەپنى كېنىزىكىم بىلەن ناشايان ئىشلارنى قىلدى دەپ ،ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ ئوردىدىن قوغلاپ چىقارغان.مەشرەپ 39يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىدا سۇپى-ئىشانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆكىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان.ئەمىليەتتە ئۇ ئاپپاق خوجا ھۇزىرىدىلا ئۇلارغا قارشى خايىشلىرىنى ئىپادىلەپ،كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن،بۇنىڭدىن چۆچىگەن ئافاق خوجا ئۇنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقارغان.مەشرەپكە بىرىلگەن ئۇمۇمى باھا بولسا گۇمانىستىك،ئىسيانكار شائىردۇر.ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن 1711-يلى دىننىي كۈچلەر تەرىپىندىن شىھىت قىلىنغان.
فىرقەت(1858-1909-يىللىرى)ئەينى چاغدىكى دىمىگىراتتىك شائىر،ئۇنىڭ ئافاق خوجا ھۇزىرىدا كاۋاپچى بولىشى يىل چەكلىمىسىدىن قارىغاندا مۇمكىن ئەمەس ئافاق خوجا(1694-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن).ئۇ دىنغا ساداقەت كۈرسىتىشنىڭ ئورنىغا رىياللىقنى كۈيلەشنى ئوترىغا قۇيۇپ،تىپىك بىر دىمۇگىراتتىك،رىيالىستىك شائىرغا ئايلانغان.
يەنە ئورتاقلىشارمىز.
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
3571
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
155
تىزىملاتقان
2010-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 14:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپىزىمنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە نامايەندىسى ئايال روپاش لەبىر ئەدۋىيە(801-717) دېگەن بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن مەنسۇر ھەللاجى (922-858) دېگەن كىشى تەرىپىدىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن ۋە گۈللەنگەن . كىيىن ئەھمەد يەسسەۋى دېگەن كىشىنىڭ چېكىدىن ئاشقان سوپىستىك تەلىماتلىرى تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىنىپ تەركىدۇنياچىلىق كۈچەپ تەرغىپ قىلىنغان .ھەممىمىز بىلىمىزكى بۇددىزىممۇ تەركىدۇنياچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان ، سوپىزىمنىڭ مەنسۇر ھەللاجى ۋە ئەھمەد يەسسەۋى دەۋرىدىكى ماھىيىتى(بولۇپمۇ تەركىدۇنياچىلىق قارىشى) بۇددىزىمنىڭ ئايرىم ئەقىدىلىرىگە ئوخشاش ، بىراق سوپىزىمنىڭ بۇخىل خاتا قاراشلىرى باھاۋۇدىن نەقىشبەندى(1314-يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان) تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىپ تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاشنى ئەڭ چوڭ ئازغۇنلۇق ۋە دەۋزەخ يولى دەپ قارىغان  ، نەقىشبەندى ئىنسان  كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشىشى ، ھاياتتا ئوتتۇرىھال يول تۇتۇشى ، ھاياتنى خۇشۋاخ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ سوپىزىمنىڭ چېكىدىن ئاشقان تەركىدۇنيالىق يولىنى كۈچلۈك ئىنكار قىلغان ھەم ئەينى ۋاقىتتا سوپىزىمدىكى مۇشۇ خىل ئېقىمنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى بولۇپ قالغان . نۇرغۇن كىشىلەرنى شۇ خىل خاتا قاراشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان . ئۇنىڭ قاراشلىرى نەۋائىي ، مەشرەپ ، زەلىلىيلەرنىڭ ئىدىيەلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن . بىراق يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئافاق(مۇناپىقىنى خوجا دىيىش گۇناھ) نىڭ ئاتىسىنىڭ سوپىزىمنىڭ نەقشىبەندى يولىدا ماڭىدىغانلىقى ، ھەم ئۇنىڭ(ئافاقنىڭ) شۇ يولدا ئىكەنلىكى گۇمانلىق ، ئۇ ماڭغان ھەم خەلقىمىزنى يېتەكلىگەن يول بىلەن نەقىشبەندى يولى تامامەن ئوخشىمايدۇ .
يەنە شۇنى ئەسكەرىش لازىمكى گەرچە سوپى ئىبارىسى ، سوپىزىملىق يولى قۇرئان ھەم ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ بىزنىڭ خەلقىمىز سوپىزىمنىڭ خاتا قاراشلىرىغا ھەممىدىن بەك ئۇچرىغان ھەم زىيىنىنى ھازىرغىچە تارتىۋاتقان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە سوپىزىمنىڭ ئىنتايىن توغرا تەرەپلىرى بار ، ھەم ئۇ قۇرئان ،ھەدىستىن چەتنىمىگەن . شۇڭا سوپىزىمنى قارىغۇلارچە تىللاش ، ھاقارەتلەش ياخشى ئەمەس .لېكىن بۇ يەردە سوپىزىم ئەسلى مۇنداقتى دەپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھەم ھاجىتى يوق ، ئەتراپىمىزنى بىدئەتلەر قاپلاپ كەتكەن مۇشۇنداق زاماندا سوپىزىم مەيلى قانچىلىك توغرا بولسۇن مەيدانغا كېلىدىغان بولسا ئافاقتەك مۇناپىقلارنى يەنە مەيدانغا كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ . مەن بۇيەردە سوپىزىمنى تەرغىپ قىلماقچى ئەمەس جۇمۇ يەنە ؟؟!!! خاتا چۈشىنىپ مېنى تىللاپ يۈرمىگەيسىلەر ، پەقەت خالىساڭلار خالىغانچە تىللىماڭلار دېمەكچى . تىللىساڭلارمۇ ئېغىز ئۆزەڭلارنىڭ .

UID
10313
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1450
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 17:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 46 قەۋەتتىكى   (turditohti) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

قېرىندىشىم رەھمەت سىزگە !
  كاللامدىن ئۆتمىگەن يەنە بىرمۇنچە سۇئاللار بار.  جاۋابىڭىزغا تەشنامەن.
1.سوپىزىم قاراشلىرىنىڭ سىرتتىن كېلىپ شىنجاڭدا يىلتىز تارتقانلقى ئېنىق! ئەينى چاغدا قولىدا ئەمەلىي لەشكىرىي ھوقوقى بولغان خانلارنىڭ ئۇلارنى بىر تېپىك بىلەنلا يوق قىلىۋەتمەي، ئۇلارغا ھاجەتمەن بولۇشى كىشىنى ئويغا سالىدۇ! ناۋادا شۇ سوپىلارنىڭ گەپ سۆزلىرى 600 يىل بۇرۇن ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ئۇچىراشقان ئۇيغۇرلارنى قايىل قىلمىغان بولسا، ئۇلار بۇ ماكانغا كېلىپ بۇنچىلىك ئىمتىيازغا ئېرىشمىگەن بولاتتى. بۇنداق زىددىيەتلىك مەسىلىنى قانداق چۈشەنسەم بولا؟
2. مەشرەپ  زادى سوپىمۇ ئەمەسمۇ؟ ناۋادا ئۇ سوپى بولمىسا،نېمىشقا ئاپپاققا قول بېرىپ مۇرىت بولىدۇ؟ ناۋادا سوپى بولسا، ئەقىللىق بولغان بۇ كىشى نېمىشقا سوپىلىق يولىنى تاللايدۇ؟  مەشرەپ سوپى بولسا ئۇنى ئەسلىدىكى سوپىلىق يولىدا ماڭغۇچى،ئاپپاق بولسا ئەسلىدىكى سوپىزىمنى بۇرمىلىغۇچى دەپ چۈشەنسەم بولامدۇ؟ مەشرەپنىڭ 39 يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرىشىنى قانداق چۈشىنىمەن؟

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 19:43:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shungqar@
سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىنى ساقلاپ قېلىپسىز،مىنىڭ چۈشەنچىلىرىم سىزنى قانائەتلەندۈرەلمىگەن ئوخشايدۇ،سىزنىڭ باشقىچە ئاساسلىرىڭىز بولغىنىدا ئۈنىمۇ بىرگە مۇنازىرە قىلساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

سىز خوجىلارنى نىمە ئۈچۈن يەكەن خانلىقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى بىراقلا يوقۇتۇپ،ئۇلارنىڭ بىتئەتچىلىكىدىن خالى بولمىدى دەپسىز.بۇ سىز ۋە بىز ئويلىغاندەك ئاددى ئىش ئەمەس.
1.ئىسھاق ۋەلى قەشقەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ سادىق مۇرىتلىرىدىن 4000-5000غىچە كىشى  بۇلۇپ،شۇ چاغدىكى بۇ كۈچ شۇ زامانغا نىسپەتەن،قۇدرەتلىك قوشۇن ھىساپلىناتتى.
2.ئابدىكىرىم خان ئىساق ۋەلى قەشقەرگە كەلگەندە ئۇنى قىزغىن كۈتىۋالغان،ئۇ بىر قېتىم ئىساق خوجىنى يوقلاپ بارغاندا ئۇنى قۇبۇل قىلمىغان،ۋەزىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئۇنى يەكەن دىيارىدىن قوغلاپ چىقارغان،كىيىن ئابدىكېرىم خان ئۆلگەندە ۋاپات بولغىلى ئۈچ يىل بولغان ۋەزىرنىڭ قەبرىسىنى خوجىلار ئېچىپ،ئۇنىڭ ئۆلىگگىمۇ زۇلۇم قىلغان.
3.خوجىلارنى خوتەن نائىپ خانى،ئاقسۇ نائىپ خانى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى خانغا خۇشامەتچىلىق قىلىدىغان داڭدار دىننىي زاتلار ئىتىراپ قىلىپ،ئۇستاز تۇتۇپ،خانغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكەن.
4.يۇقىرقى رايۇنلاردىكى ئاددىي كىشىلەر بولسا،ئۈزىنىڭ پادىشاھى ۋە ئۆزلىرى ئىتىراپ قىلدىغان دىنني داھىلىرىنىڭ خوجىلارنى ھىمايە قىلغانلىغىنى كۈرۈپ،ئۇلارمۇ ھىمايە قىلىشقان.
5.يەكەن خانلىقلىرىنىڭ بەزى خانلىرى خوجىلارنى قوللاش ئۈچۈن خوجىغا مۇرۇت بولغانلاردىن باجى-سېلىق ئېلىنمايدۇ دىگەن سىياسەتنى يولغا قۇيۇپ،خوجىلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساس سالغان،بۇنداق ئەجەللىك خاتالىققا يول قويغان يەكەن خانلىرىنىڭ خوجىلار قولىدا ھالەك بولىدىغانلىغى چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى.
يۇقارقىدەك ئەھۋال ئاستىدا پادىشالارنىڭ خوجىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چەكلەپ،بىراقلا يۇقۇتۋېتىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.
يۇقارقى سەۋەپلەر ۋە بىتئەتچىلىكنىڭ<،ئاجايىپ ساختا كارەمەتلىرى>>،شۇنداقلا سۇپىلارنىڭ ئادەم قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى قۇشۇلۇپ،خوجىلارنىڭ باش كۈتۈرۈشىگە پۇرسەت ياراتقان.
بۇلارنىڭ باش كۈتۈرىشى ھازىرقى زامانىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ لى خۇڭجى نىڭ بىتئەتچىلىكى ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ،قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئۇنىڭ مۇرىتلىرنىڭ ساننىڭ 2مىليۇندىن ئېشىپ،غايەت زور كۈچ بۇلۇپ،ئۇيۇشقىنىغا ئوخشاش بىر ئىش.
ئەمدى مەشرەپنىڭ گىپىگە كەلسەك:
مەشرەپنىڭ خوجىلارغا ئۇستازىنىڭ تەۋىسىيەسى بىلەن قول بەرگىنى راست،لىكىن ئۇ شۇ جەرياندا خوجىلارنىڭ نورمال دىنىي جوغدىغۇچى،تەشۋىق قىلغۇچى ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىپ،ئۇلارغا ئۇچۇق ئاشكارا قارىشى ھىسىياتتا بولغان.شۇڭا ئۇ سۇپى ئەمەس.
مەسلەن:مەشرەپ مۇنداق خىتاپ قىلغان:<<تاپىپ مەشرەپ يولىن،تەرىك ئەيلە زاھىتلىق يولىن گۇمنام،
ئەمەسمەن ماھ تەلئەت،مەي ئىچىپ مەستانە مەشرەپمەن.>>
مەشرەپ سۇپىزىمنىڭ ئەسلى يۇلىدا،ماڭغانمۇ دىگەن سۇئالغا نىسپەتەن مەشرەپ سۇپىزىملىق پەلىسىپىسىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ياقلىغان.
مەسىلەن:<<مەنسۇر ئەللاجىدەك،ئىچىپ شارابى ئەنتەھۇر،
چەرىخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرارمەن،ئەشىبۇ دەم دار ئالدىدا>>دەپ يازغان.
ئافاق خوجا دىننىي ئەقىدىلەرنى،سۇپىزىملىق ئەقىدىلىرىنى بۇرمىلاپ پايدىلانغانمۇ؟دىگەنگە مىنىڭ قارىشىم.ئۇ شۇنداق قىلغان.
مەشرەپنىڭ 39يىللىق سەرگەردارلىق ھاياتى،سىز تەسەۋۇر قىلغاندەك جاھان كەزدى دەرۋىشلىك ئەمەس،بەلكى جاھاندارچىلىق،يۇرت دارچىلىقنىڭ بىر قىسىمى،باشقىچە چۈشەندۇرسەك ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشىلەرنىڭ سۇرگۈن قىلىشىدىن كەلگەن رىياللىق.بۇنداق بولمىغاندا مەشرەپ،بىتئەتچى دىندارلار تەرىپىندىن ئۆلتۈرۈلمىگەن،ھەم ئۆلۈم ئالدىدا تۈۋەندىكىدەك مەردانە خىتاپ قىلماس ئىدى.
<<چۈن قۇلۇم،بىرلە ئاياغىم ياغلىماق ھاجەت ئەمەس،
مەن ئۈلۈمگە رازىمەن،بۇ تىرىكلىك تاقەت ئەمەس.
مۇنچە شىددەت بىرلا باشىم كەسكىلى،زور ئەيلىمە،
بەكلى ئادەم قانى تۆلمەك ساڭا ھەم تائەت ئەمەس.
... ...
چۈن مۇبارەك بولسۇن،ئەي مەشرەپ،قىزىل قانىڭ سىنىڭ،
خوپ ئىش بولدى ساڭا جان بەرگىنىڭ،ئاپەت ئەمەس.
ئامان بۇلۇڭ!قېرىندىشىم.

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
7255
يازما
84
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1884
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 20:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھاياتى بىلەن تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىن پۈتۈنلىشىپ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەت بىلەن بىر يەرگە كېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاھىرى-باتىنى، ئىچكى ۋە سىرتقى تەجەللىلىرى، يەنى ھالىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھانىيىتىدىن پاي ئېلىش ۋە روھى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ ـــ ئىشىق مۇھەببەت بىلەن بىرلەشكەن ئىمان، ۋەجد (سۆيگۈ-مۇھەببەت) بىلەن ئادا قىلىنغان ئىبادەت ۋە گۈزەل ئىش-ھەرىكەتتۇر. قىسقىسى، تەسەۋۋۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا «روھ (جان) كىرگۈزۈلۈشى» بىلەن باشلانغان بىر ئۇلۇغ نېسىۋىنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدىكى مۇكەممەل نامايەندىسىدىن مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەردە ئەكس ئەتكەن پەيز (مەنىۋى ئۇزۇق) شەبنەملىرىدۇر.
تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلغان بۇ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى قەلبتىن قەلبكە، شەخستىن شەخسكە تارقىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ مۇبارەك پەيغەمبەرنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىغا تولۇق نەزەر سېلىش لازىم .رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبادەت، مۇئامىلات ۋە ئەخلاقتىكى زاھىرى ۋە باتىنى پەزىلەتلەرنىڭ مەركىزى ۋە يۇقىرى پەللىسىدۇر.مەككىدىكى ئون ئۈچ يىللىق تەبلىغ ۋە مەنىۋى تازىلاش جېڭىدىن كېيىن مەدىنىگە  ھىجرەت قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا سەۋرى غارى كۆرسىتىلدى. بۇ يەردە بەزى تەجەللىلەرنى كۆردى. چۈنكى بۇ غار ئىلاھىي ھېكمەتلەرگە غەرق بولۇش ۋە قەلبىي ئىنكىشاف (مەنىۋى سىرلارغا ئېچىش) دەرسخانىسى ئىدى. ئۇنى بۇ غارغا ئەكىرىشتىكى مەقسەت ئۇنىڭغا ئىلاھىي سىرلارنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن تاكاممۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە ئۈچ كېچە-كۈندۈز مىھمان بولدى. يالغۇز ئەمەس ئىدى، يېنىدا يېقىن دوستى ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رازىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى رازىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن كائىناتتىكى ئەڭ ئالىيجاناپ ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئەڭ باي بىر كىشى ئىدى. ئۇ غاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۈچ كۈن ھەمراھ بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىرىشتى. قۇرئانى كەرىمدە «ئىككى كىشىنىڭ ئىككىنچىسى» دەپ ئاتالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەزىز دوستىغا:
- غەم قىلما! ئاللاھ بىز بىلەن بىللە. (تەۋبە سۈرىسى -40ئايەت) دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى. ۋە ئاللاھ بىلەن بىللە بولۇشنىڭ رۇھى ھالىتىنى ئۆگەتتى.
تەسەۋۋۇپ ئەسلىدە دىننىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىشى جەھەتتىن ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلىنىپ، ئەسرى-سائادەت (پەيغەمبىرىمىز ۋە دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرى)گە قەدەر بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ھەر پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىدا تەسەۋۋۇپنىڭ نۇرغۇن دەستۇرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. لېكىن تەسەۋۋۇپنىڭ كۈنىمىزدىكى مەنىسى بىلەن بىر يول شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ھىجرىيە 2-ئەسىردە باشلانغان.
ئەسرى-سائادەتتە كالام، ئېتىقاد ۋە فىقىھقا ئائىت مەزھەپلەر تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزھەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئىلگىرىلا ئېتىقادى، فىقھى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھۆكۈملەر مەۋجۇت ئىدى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ساھابىلەرگە تەلىم ۋە تەتبىق قىلغان ئىدى. لېكىن بۇلار ئىلمىي ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخى كىتاپلاشمىغان ئىدى. مۇئەييەن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مەسىلەن: «فىقىھ»ئىلمىدە نۇپۇزلۇق ھېساپلانغان چوڭ ئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرىنى تالىپلىرى قوبۇل قىلىپ سىستېمىلاشتۇرغان ۋە بۇ يەردىكى پەرقلىق ئۇسۇللارغا «مەزھەپ» ئىسمى بېرىلگەن ئىدى. مەزھەپلەر ئۇ چوڭ ئالىملارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىدى. ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي، ھەنبەلىي... دېگەندەك. بۇ مەزھەپلەر فىقھىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىشتا بىر ئوسۇل ۋە يول دەپ قارىلىپ، كەڭ خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
باشقا دىنىي ئىلىملەردە بولغىنىدەك، تەسەۋۋۇپ تەلقىن قىلغان زۈھد ۋە تەقۋا ھاياتىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەسرى-سائادەتتە مەۋجۇت ئىدى. ئارىدىن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ خىل پەيزلىك ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۆزىنىڭ ھايات ئۇسلۇبىغا ئايلاندۇرغان ھەقتائالا دوستلىرى خەلقنىڭ دۇنياغا رام بولۇپ، غەپلەتكە چۆكۈپ كېتىشىنى توسۇش مەقسىتىدە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، غەپلەتتىن ئويغىتىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بۇ زاتلارنىڭ چىغىر يول ئېچىش، تەرىقەت ياكى ياشاش ئۇسلۇبى مەيدانغا كەلتۈرۈشتەك بىر غايىسىمۇ يوق ئىدى. تۈپ غايىسى ــــ ئىسلامنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا گۈزەل ياشاش ۋە ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتتە بىلدۈرۈلگىنى بويىچە تەئدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.  ئەمما ئۇلارنىڭ سۆھبەت ۋە نەسىھەتلىرىدىن نەپ ئېلىپ، ھاللىرىدىن ئۆزىگە بىر پاي ئالماق ئىستىگەن ئىنسانلار بۇ زاتلارنى ئۆزىگە بىرەر مەنىۋى رەھبەر ۋە ئۇستاز دەپ قوبۇل قىلغان. بۇ ئىنسانلار ئۇ زاتلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى، يەنى مۆمىننى روھى تاكامۇللۇققا ۋە ئىستىقامەتكە (توغرا يولغا) يېتەكلەيدىغان نەپسىي پاكىزلىق ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىنى مېتودلاشتۇرۇپ مەنىۋى ئىنتىزام ھالىتىگە كەلتۈرگەن. نەتىجىدە بۇ ئۇستازلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان تەرىقەتلەر مەيدانغا كەلگەن. قادىرىييە، مەۋلەۋىييە، نەقشىبەندىيە... ۋاھاكازالار.
ھەر تەسەۋۋۇپ يولىنىڭ بەندىنى ئاللاھقا يېتەكلەش، تەپەككۈر ۋە ئىھسان تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسلاردا قوللانغان ئۇسۇلى تەرىقەت دەپ ئاتالغان. تەرىقەتلەر مېتودلىرىغا ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ:
1.     تەرىقى-ئەخيار: ئىبادەت ۋە تەقۋا ئۈستىگە مەركەزلەشكەن تەرىقەتلەر.

2.     تەرىقى-ئەبرار: نەپسىنى رىيازەت ۋە خىزمەت بىلەن تەربىيىلەشكە بەكرەك كۈچەيدىغان تەرىقەتلەر.

3.     تەرىقى-شۈتتار: سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مەقسەتكە يېتىشنى نىشان قىلغان تەرىقەتلەر.

بۇ سەۋەپتىن ھەر مۆمىن مەنىۋى پاكلىق ۋە روھى تاكامۇللۇق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئۇيغۇن كەلگەن بىرەر تەرىقەتكە كىرسە بولىدۇ. مىجەز پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەرىقەتلەرنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشىمۇ تەبىئىيدۇر.

جانابى ئاللاھ قۇرئانى-كەرىمدە مۇنداق دېگەن:

«ھەر بىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە «مىنھاج» تەيىن قىلدۇق.» (مائىدە سۈرىسى 48-ئايەت)    

بۇ يەردىكى «مىنھاج» كەلىمىسى لۇغەتلەردە «مونەۋۋەر بىر يول، ئوچۇق يول» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ جانابى ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتىدە سۈلۈك بولىدىغان قۇللۇق (بەندىلىك) يولى دېگەنلىكتۇر. تەسەۋۋۇپ ئۈلىمالىرى:

«جانابى ئاللاھقا بارىدىغان يوللار مەخلۇقاتلارنىڭ نەپەسلىرىنىڭ سانىدەك كۆپ» دېگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئانىي ھۆكۈملەر ئۈچكە ئايرىلىدۇ:

1.     ئېتىقاد (ئەقىدە ئاساسلىرى)

2.     فىقىھ

1)     ئىبادەت

2)     مۇئامىلات

3)     ئوقۇبات (جازا)

3.     ئەخلاق (فىقھى-قەلبى)

فىقھى قەلبى دېگەنلىك ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، يەنى ئەخلاقتۇر. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ باتىنىنى (ئىچكى قىسمىنى) تەشكىل قىلىدۇ. ئەمەللەر ئۇنىڭ بىلەن سەۋىيەگە ئېرىشىپ، «سالىھ ئەمەل» ھالىتىگە كېلىدۇ. قۇرئانى-كەرىمدە قەلبنىڭ مەقبۇل ھالىتىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەر: تەقۋا، زۈھد ۋە ئىھساندۇر.
تەقۋا: ئاللاھقا ئالدىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئىلاھىي ئەمىر-پەرمانلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاش ئارقىلىق قەلبنىڭ قوغدىلىشى دېگەنلىكتۇر.
زۈھد: ماسىۋا، يەنى ئاللاھتائالادىن باشقا ھەر قانداق شەيئىنىڭ قەلبتە ئىتىبارىنى يوقۇتۇشىدۇر.
ئىھسان: مۆمىننىڭ ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇ تۇيغۇ ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشىدۇر.
ھەدىس-شەرىفتە:  
«ئىھسان ــــ ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر. چۈنكى سەن ئۇنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئەمما ئۇ سىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.» دېيىلگەن. (بۇخارى: «ئىمان»، 37؛ مۇسلىم: «ئىمان»، 1) يەنى ئىھسان دېگىنىمىز روھنىڭ ئاللاھتائالانىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئاڭلىق ھالدا ھىس قىلىشى دېگەنلىكتۇر. قەلب سەۋىيەسىنىڭ يۈكسىلىشى ھەر ۋاقىت بۇ تۇيغۇ ۋە ئاڭ-سىزىم ئىچىدە تۇرۇش، بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى بۇ ئەقىدە بىلەن نىزامغا سېلىش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن قەلىب پاكلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن تەسەۋۋۇپ قەلبنىڭ ھۇزۇرغا ئېرىشىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر.  
دىننىڭ غايىسى گۈزەل، روھى ساغلام، ئىچكى دۇنياسى پاك بولغان ئىنسان يېتىشتۈرۈشتۇر. بۇ بولسا ھەقتائالانىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىق ھىس قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئىسلامنىڭ قارىشىچە، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىنسان (مۇكەممەل ئىنسان) ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان كىشىلەردۇر. بۇ غايىگە يېتىش يولى بولسا قەلبىي تەربىيە ئارقىلىق بولىدۇ.
قەلب جەۋھىرىنى پارلاق بىر ئەينەك كەبى ھەقتائالانىڭ تەجەللىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش قەلبتە زىكىرنىڭ ماكانلىشىشى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. قەلبنىڭ بۇ گۈزەل ھال ئىلە ھەقتائالا تەرەپكە بۇرۇلۇشى ئىماننىڭ پارلاق نامايەندىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.
«زۈھد»، «تەقۋا»، ۋە «ئىھسان» ۋاستىسى بىلەن مەنىۋى تەرەققى قىلىش يولى ئوچۇق تۇتۇلماي، پەقەتلا زاھىرى (سىرتقى) ھۆكۈملەر بىلەن بولدى قىلىش كەسكىن ئەمىر قىلىنغان بولسا ئىدى، ئىستىداتلىق ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا ۋاسىل بولۇش ئىمكانى قولىدىن ئېلىنغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئاخىرقى نوقتىدىكى ئىستىداتىغا سەل قارالغان بولاتتى. بۇ تەقدىردە، ھەر ئىرادە ۋە ھەر ھۆكمىدە ھېكمەت ئىگىسى بولغان جانابى ئاللاھتائالانىڭ ئىلاھى تەرتىپكە سېلىشىدا ــــ (ئاللاھ بىزنى خاتالىشىشتىن ساقلىغاي!) ــــ نوقسانلىق بار دېگەندەك گەپ بولۇپ قالاتتى.
ئىپادە قىلغىنىمىزدەك، بەندىنىڭ رەببىنى ھەر دەقىقە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ، ھاياتىنى مۇشۇ تەرتىپتە ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىق ئاڭ-سىزىمىنىڭ قەلبىگە مەھكەم يەرلىشىشىدىن ئىبارەت بولغان «ئىھسان» بىر قاراشتا ئاللاھقا يېقىن بولغان بەندىلەرنىڭ روھ مېراجىدۇر. بۇ جەھەتتە ئىھسان مەنىۋى، روھى، سىرلىق ۋە ئىلاھىي ھەقىقەتتۇر. مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ نىشانى بولسا مۇشۇ ھەقىقەتكە يېتىشتۇر. بۇ بولسا ئاللاھ بىلەن باغلانغان روھى ۋە چوڭقۇر رابىتانى ئىپادىلەيدۇ. بۇ رابىتانى ساغلام ھالدا باغلىيالىغان كىشى رەببىنىڭ ۋەلى بەندىسى ھالىتىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كىشى ئىلاھىي ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلانغان بولىدۇ.
ئەمما بۇ ھەقىقەتكە يېتەلمىگەن ئەھۋالدا نىشانغا يېتىشكە كۈچى يەتمەيدىغان زاھىر (تاشقى كۆرۈنۈش) ۋە تەقلىد ئىلە قانائەت قىلغان پېتى قالىدۇ.
ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ۋە ياشىغان روھى ھاياتىنى ساھابىلەر، تابىئىنلار ئۆرنەك قىلغان. بۇ ھاياتنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى، كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن قىسمى، ئىزاھلانغان ۋە ئىزاھلىنالمىغان نەتىجىلىرى ئىلگىرىكى نەسىللەردىن كېيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلگەن. لېكىن بۇ خىل شەكىلدە داۋاملاشقان مەنىۋى ھايات پۈتۈن ئۈممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھالدا بولۇپ، خۇسۇسىي بىر جامائەتكىلا مەخسۇس ئەمەستۇر.    
ئىسلامنىڭ تۈپ قارىشى يۇقارقىدەك بولۇش بىلەن بىرلىكتە تەسەۋۋۇپنى ئەھلى سۈننەت قارىشىغا يات دەپ قارايدىغانلار ياكى مەنفى پۇزىتسىيە تۇتىدىغانلار ئۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
پەقەت تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قاراپلا تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك پائالىيەت يۇنانچە «ھېكمەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدىغان «سوفوس» (sofos) دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى سۆلىگۈچىلەر بولغىنىدەك، ئۇنى ئىسرائىل (يەھۇدى نوقتىئنەزىرى) مەنبەسىدىن كەلگەن دېگۈچىلەردىن باشلاپ ھىند مىستىسىزمىگە باغلىغۇچىلارغا قەدەر خىلمۇ-خىل تۇتامى يوق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ چىققان. بۇلار سۆز ياكى مەزمۇندىكى كىچىككىنە ئوخشاشلىقنى تۇتۇۋېلىپلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خاتا قاراشلاردۇر.
ھەقىقەتتە بولسا «تەسەۋۋۇپ» كەلىمىسىنىڭ قايسى تۇمۇردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدىكى قاراشلار ئۇنىڭ تامامەن ئىسلامىي مەنبەدىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ خۇسۇستا خىلمۇ-خىل قاراشلار ئارىسىدا تەسەۋۋۇپنىڭ «پاكىزلىنىش»، «تاللىنىش» مەنىسىدىكى «ساپا»، «ساپۋەت» ۋە «ئىستىسفا» كەلىمىسىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەنلەر بولغىنىدەك، ئۇنىڭغا ئائىت ئۇسلۇبنىڭ تۇنجى نامايەندىسى بولغان «ئەھلى سۇففە» نامى بىلەن ياد ئېتىلگەن ساھابىلەردىن بەزى ئۇبباد (ئابىدلەر) ۋە زۈھھاد (زاھىدلەر) كىيگەن «سۈف» دېيىلىدىغان يۇڭ كيىمدىن كېلىپ چىققانلىق كۆز قارىشى ئۇمۇمەن قوبۇل قىلىنغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم-ئىرپان ۋە مەنىۋىيەت تەھسىل قىلىش مەقسىتىدە مەسجىدى-نەبەۋىدە ئىقامەت قىلىدىغان «ئەھلى سۇففە» دەپ ئاتالغان بۇ ساھابىلەر جامائىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەشۋىقى بىلەن زۈھد ۋە تەقۋادا يۈكسەلگەن. ھەتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باي ساھابىلەردىن بۇ جامائەتنىڭ تۇرمۇش خىراجەتلىرىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەھۋال تەسەۋۋۇپى ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ئالدىدىكى ئورنىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرنىڭ تەستىقىغا تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر تارىخىي پاكىتتۇر.
ھەزرىتى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن ساھابىلەر نەسلى ئارىسىدا كېلىپ چىققان سىياسىي ئىختىلاپلار ئالدىدا «ئەھلى سۇففە»دىن ھايات بولغانلار ھېچبىر تەرەپكە يان باسماي بىتەرەپ قالغان ئىدى. ھەتتا بۇ ئىختىلاپلارنىڭ مۆمىنلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، زۈھد ۋە تەقۋادا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھالەت نەشۋەئى سۇفىييە (سۇپىلار ھىس قىلغان ئىلاھىي زەۋق)نىڭ زىيادىلىشىشىگە سەۋەپ بولغان. ئىختىلاپلارغا ئارىلىشىشنى مەنىۋى جەھەتتىن خەتەرلىك ھىس قىلغان باشقا ساھابىلەردىن بەزىلىرىمۇ ئەھلى سۇففەگە كېلىپ قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن زۈھد ۋە تەقۋا يولىنى تۇتقانلارنىڭ سانىدا كۆپىيىش مەيدانغا كەلگەن.
«سۇف» كەلىمىسىدىن «ئەھلى سۇففە»، ئۇلارنىڭ رىيازەت ۋە تەقۋادارلىقىدىن «تەسەۋۋۇپ» ۋە «مۇتەسەۋۋۇپ» كەلىمىسى تەدرىجى بارلىققا كېلىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن رەسمىي ئاتالغۇغا ئايلانغان.
ئىسلام ئالىملىرى قۇرئان ۋە سۈننەتكە باغلىق بولۇشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن تەقۋا يولىدا ماڭغان مۇتەسەۋۋۇپلار ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەرلىرىدە تەسەۋۋۇپى قاراشلارنى مۇجتەھىدلەرگە ئوخشاشلا شەرئىي دەللىللەر بىلەن دەلىللەپ كەلگەن ئىدى. بىراق بۇ يولدا رەھبەرلەر، يەنى ماشايىخلار زاھىرنى ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن تاللانمىغان بىر قىسىم تەرىقەتلەردە «نەشۋەئى سۇفىييە»نىڭ غالىب كېلىشى سەۋەبىدىن بەزى ئېغىشلار سادىر بولغان. لېكىن تەرىقەتلەر ئارىسىدا شەيىخلىرى ئۇمۇمەن ھاجەگان، يەنى ئىلىم ئەربابى ئالىملاردىن، دىننىڭ زاھىرىنىمۇ ھەزىم قىلغان ئىنسانلاردىن بولغانلار بۇ خىل ئېغىشتىن خالىي قالغان. تەسەۋۋۇپ تەرىقىتى ئىچىدە قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن داۋاملاشقان نەقشىبەندىلىك ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلار تەرىقەتلەرنىڭ شەرىئەتكە سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مەرۇف (ھەممىگە مەلۇم) تەبىر بىلەن ئېيتقاندا:
«سىركۇلنىڭ مۇقىم تۇرىدىغان پۇتى شەرىئەتتۇر» دېگەن ھۆكۈم ھەممە كىشى بىلىدىغان بىر دەستۇر بولغان.
دەرۋەقە، ھەزرىتى مەۋلانا مۇنداق دېگەن:
«بىز سىركۇلغا ئوخشايمىز. مۇقىم تۇرىدىغان پۇتىمىز شەرىئەتتە، يەنە بىر پۇتىمىز بىلەن يەتمىش ئىككى مىللەتنى ئايلىنىپ يۈرىمىز.»
«شەرىئەت بىر شامغا ئوخشايدۇ، نۇر چاچىدۇ، يول كۆرسىتىدۇ. شامنى قولغا ئېلىش بىلەن يولغا چىققانلىق بولمايدۇ. ئەمما ئۇنى قولغا ئالماي تۇرۇپمۇ يولغا چىققىلى بولمايدۇ. شەرىئەتنىڭ نۇرىدا يولغا چىقىشقا باشلىغاندىن ئېتىۋارەن ماڭغان يولۇڭ تەرىقەت بولىدۇ.»
تەسەۋۋۇپ ــــ ماددى مەنىۋى كىرلەردىن پاكىزلىنىپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، دىننى ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ياشاشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت.  
تەسەۋۋۇپنىڭ تەبىرى  ----تەسەۋۋۇپ ياشىغانسىرى تەمىنى تېتىغىلى ۋە ئىدراك قىلغىلى بولىدىغان بىر ئىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن، كەلىمىلەرنىڭ چەكلىك ئىمكانلىرى ئىچىدە كامىل بىر سۈرەتتە ئىزاھلاش مۈشكۈلدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھەقتائالا دوستلىرى ئۇ تەسەۋۋۇپ كىرىستالىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن ھەر پارچىسىدىن رەڭگارەڭ نۇرلار چاقنىغان بىر يۈزىنى نەزەرى ئىتىبارغا ئېلىپ، خىلمۇ-خىل تەبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.
ھەقتائالا دوستلىرى ۋە بۇ مەنىۋى يولغا كىرگەنلەر ئىستىدات، ئىقتىدار ۋە قەلبىدە پەيدا بولغان ھال تەجەللىرى نىسبىتىدە مۇساپە ئالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روھى ئالەمدىكى سۇنۇھات، يەنى قەلبىي ئىلھاملارنىڭ ئۆزىدىكى تەجەللىسىگە ئاساسەن تەسەۋۋۇپنى خىلمۇ-خىل چۈشەنگەن. لېكىن تەسەۋۋوپقا ئېنىقلىما بەرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز كۆز قارىشى نوقتىسىدا توغرىدۇر. بىز بۇ خىل ئېنىقلىمىلارغا قاراپ تەسەۋۋۇپنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۇمۇمىي كۆز قاراشقا ئىگە بولالايمىز.
بۇ خىل پەرقلىق ئېنىقلىمىلارنىڭ ئورتاق نوقتىلىرى ئىتىبارى بىلەن تەسەۋۋۇپ مۆمىنلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتە تاكامۇللاشتۇرغۇچى، بەندىنى ئەخلاقى-ھامىد (مەدھىيىلەنگەن ئەخلاق)قا ئېرىشتۈرۈپ، ئاللاھتائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق مەرىپەتۇللاھقا يەتكۈزىدىغان بىر ئىلىمدۇر دېيەلەيمىز.  
ھەقتائالا دوستلىرى ئۆزلىرى نائىل بولغان روھانىي تەجەللىلەرگە ئاساسەن تەسەۋۋۇپ ھەققىدە  <تەسەۋۋۇپ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئەدەبتۇر>  ،< تەسەۋۋۇپ نەپس تەربىيىسى مېتودىدۇر.>
دىگەنگە  ئوخشاش سان-ساناقسىز تەبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان  .
ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامىنىڭ مۇقەدەس سۇننەتلىرىنى مەنبە قىلىپ راۋاجلانغان  بولۇپ،شەرىئەت بويرىغان ئەمەللەرنى  كامىلى ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ،ئۆز ھوزور خوشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدىغان نەپلە ئىبادەتلەرنى كۈچلەدۈرۈش ئاساسىدا ،ئىنسانى ئاللانىڭ ئىشقى مۇھابىتىگە ئۇلاشتۇردىغان پىكىرەتتۇر...ئابابەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر قىسىم نەپلە ئىبادەتلىرىنى ئۆزىگە قاتىق ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ،كېيىن بۇنىڭغا سالىمان پارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋارىسلىق قىلغان ،شۇندىن باشلىنىپ ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتى راۋاجلىنىشقا  باشلىغان..ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى پىر ماشايىقلارنىڭ باشلامچىلكىغىدا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ ،تارىخ سەھنىسىدە بىر كۈچۈيۈپ، بىر ئاجىزلىشىپ ئىزچىل ئىلگىرلىمەكتە...ئىسلامى تەرىقىەت پىكرىتى سىلسىلى(زەنجىرى)شاھىمەردان داموللام تۇرفانىغىچە ئۇلۇنۇپ بۈگۈنگە كەلدى...
ئۇيغۇرلار ئىسلامدىنى ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتى بويىچە قۇبۇل قىلغان بولۇپ ،سۇتۇق بۇغراخانىڭ ئىمان كەلتۈرىشىگە سەۋەپچى بولغان تۇنجى ئۇستازى سامانى شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانى ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتىدىكى مۇسۇلمان ئىدى.سۇتۇق بۇغراخانىڭ ئىسلامدىنىغا كىرگەنلىگىگە ئالىقىدار ئىشلارنى ئەڭ بۇرۇن مۇسۇلمان تارىخچىسى سالامى خاتىرلىگەن،بۇ خاتىرە گەردىشىنىڭ <<ئەسلىمە بېزىكى>> 1050 -يىلى يېزىلغان. ئىبنى كەسىرنىڭ بۈيۈك ئەسىرى << تارىخى ئومۇمىيە>> دە يېزىلغان بۇ ۋەقەنىڭ تارىخى مەنبەسى بولۇپ قالغان.ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن :<< مۇھىم بىر چۈش كۆرگەندىن كېيىن ،ئۇ(سۇتۇق) ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە ئۆز خەلقىنى مۇسۇلمان بولۇشقا  دەۋەت قىلغان.بۇ ئىش ھىجىريەنىڭ 315-يىلى ياكى 320-يىلى بولغان (مىلادى 927-يىلى ياكى 932-يىلى بولغان). سۇتۇق بۇغراخان 300 ئادىمى ۋە ئەبۇ ناسىر سامانى سەپەر ۋەر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن پەرغانىلىق مۇسۇلمانلاردىن 700 كىشى بولۇپ 1000 ئۇشۇق كىشى ،ئۇغۇلچاق بۇغراغا قارشى سىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ ،قاراخانىلار تەختىنى قايتۇرۋالغان.بۇ ئالماي قەشقەرى يازغان<<قەشقەر تارىخى>> ئىنىق خاتىرلەنگەن .بۇ كىشى 1083 -يىلى ۋاپات بولغان.ئىسلامى ئىلىملارنىڭ كەمچىلىگى تۈپەيلى ، ئىسلامدىنى دۆلەت دىنى  قىلىپ بېكىتىلمىگەن پەقەت شەخسى ئېتىقات سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئۇستازى داڭلىق ئىسلامى تەرىقەت پىكىر تەرغىباتچىسى ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد كارامىتى نىشاپوردىن قەشقەر كېلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىسلاملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى..بۇنىڭ بىلەن جەمىيەتنىڭ ئىسلاملىشىش باشلاندى 955-يىلى سۇتۇق بۇغراخان ۋاپات بولدى.جەسىتى ئاتۇش مەشھەتكە قويۇلۇپ،ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتىنىڭ ئۆرپىسى بويىچە قەۋرە قاتۇرۇلۇپ،مازار بەرپا قىلىنىپ مەخسۇس شېيخ تۇرغۇزۇلۇپ بۇ زاتنىڭ تۆھپىسى ئەۋلاتىن- ئەۋلات يات ئېتىلىپ كەلمەكتە...955-يىلى سۇتۇق بۇغراخانىڭ ئۇغلى بايتاش (موسا) خان بولۇپ،ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەد كارامىتىنىڭ باش قىلىپ دەرھال ئۆز ھۆكۈمرانلىقى تەۋەسىدە قاتىقلىق بىلەن ئىسلامدىنى يولغا قويۇپ قاراخانلارنىڭ ھاكىميەت ئۇرگانلىرىنى ۋە ئەدىليە ،قازىخانلارنى قۇرۇپ چىقىپ960-يىلى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى دەپ بېكىتىپ شەرىئەت بويىچە ھاكىميەت يۈرگىزدى،شۇ يىلى <<200 مىڭ چېدىرلىق تۈرۈك ئىسلام دىنىغا كىرگەن>> (ئىبنى كەسىر <<تارىخى ئومومىيە>>)961-يىلى مەشھۇر ئىسلامى تەرىقەت پىشۋاسى ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەت كارامىتى قاراخانىلار ئوردىسىدا ۋاپات بولغان.شۇندىن باشلاپ ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىلوگىيە-دىن ساھىسىدە يېتەكچى ئەقىدە سۈپىدە پۈتكۈل مىللەتنى ئاللانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن يېتەكلەپ ماڭغان.1006-يىلى قاراخانىلار خوتەن بۇددا دۆلىتىنى پەتىھ قىلىپ ،خانى چىكالو خالىخاننى ئۆلتۈرۈپ ،خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇش قەدىمىنى باشلىدى.خوتەننى پەتىھ قىلىش جەريانىدا 998-قارا خانىلار شاھزادىسى ئەلى ئارسلانخان يەكەن بىلەن يېڭىسار ئوتۇرسىدىكى چۆلدە شېھىت بولۇپ.ھازىرقى ئوردام مازىرىغا دەپىنە قىلىنغان .پۈتكۈل خوتەن پەتىھسى جەريانىدا مەشھۇر  تۆت ئىمام شىھىت بولغان بولۇپ ،ئۇلارنىڭ مازارلىرى تىكلىنىپ خەلق ئىچىدە ھازىرغىچە خاتىرلىنىپ ،ئۇلۇغلىنىپ كەلمەكتە.1062-1080 يىللاردا قاراخانىلار خاندالىقىغا مۇھەممەد توغرۇلخان خان بولدى .بۇ مەزگىلدە ئۇلار 40 مىڭ كىشلىك موسۇلمانلار قوشۇنىنى باشلاپ بۆكە بۇدراچ باشچىلىقىدىكى 700 مىڭ كىشلىك كوپپار قوشۇنى مەغلۇپ قىلغان(ئىلى دەرياسى ۋە ئېمىل دەرياسىنى بېسىپ ئۆتۈپ ،تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىنى بويلاپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى خاراپ قىلىپ ،ئاستانىگىچە باستۇرۇپ كەلگە) <<ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>>.بۇ جەرياندىكى جىھاتلارغا ئەبۇ ناسىر سامانىڭ ئوغلى ئالىپ ئاتا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ ،ئۇ تۇرپان ئاستانىدا شېھىت بولغان بولۇپ ،ئۇ جايدا ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن زىكىرى ئەلپەتەھ خوجام  مازىر بەرپا قىلىنىپ 1000 يىلار بېرى تۇرپاندىكى ئەڭ كاتتا زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە..  
غەربىي لياۋ(قىتانلار) پادىشاسى  يوللىغ تاشىن 1128-يىلى قەشقەرگە بېسىپ كىرىپ ،قارخانىلار خانلىقىنى قارام قىلدى .نايمانلار سەردارى كۈچلۈك 1211-يىلى قىتانلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى يوللىغ جىرۇقنى تەختىن  چۈشۈردى،قوشۇن ئەۋەتىپ قەشقەرنى ئىشغال قىلدى . ھەم قارخانلار خانلىقىنى تامىمى يوقاتتى.شۇنىڭ بىلەن (840-1212)370 يىلدىن ئۇشۇق ھاكىميەت سورىغان قارخانىلار دۆلىتى يوقىدى ،1128-يىلى يوللىغ تاشىن،1211-كۈچلۈك،1218-يىلى چىڭگىزخانىڭ سانغۇنى جەبەنويان 20 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرنى كۈچلىكتى تارتىۋالدى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار رايونى مۇڭغۇل ئىپبىريىسىگە ئۆتتى ،1128-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىسلام دىنى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن چۈشۈپ مەھەلىۋى دىنغا ئايلىنىپ قالدى.چىڭگىزخان  ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشىغان زىمىنلارنى ئوغلى چاغتايغا سويۇرغا قىلىپ بەرگەن بولۇپ،لېكىن چاغىتاي ناھايىتى ۋەھشى كاپىر بولۇپ ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاتىغا ھۆرمەت قىلماي،مۇسۇلمانلارنى مۇڭغۇلارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرغان...لېكىن ئۇگداي ئىسلامغا ئىللىق مۇئامىلە قىلغان . بۇنىڭغا چىدىمىغان مۇسۇلمانلار 1238- يىلى بۇخارادا داڭلىق تەسەۋوپچى مۇھەممەد تارابى باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتەرگەن لېكىن قوزغىلاڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلغان.1266-يىلى ئۆرگىنەنىڭ ئوغلى مۇبارەكشاھ چاغىتاي ئەۋلادىن تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېيتتى .1266-يىلى مۇبارەكشاھ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى .ئۇ چاغتاي سېستىمىسىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغان تۇنجى خان ،شۇنداقلا مۇڭغۇل ئىمپىراتورلىقىدىكى ئىمپىراتور قۇبلاي تەيىنلىمىگەن خان ئىدى.بۇ  قۇبلاينىڭ تەستىقىسىز بولغاچقا قۇبلاي نەۋىرسى بۇراقنى ئەۋەتىپ مۇبارەك شاھنى تەختىدىن چۈشۈرۋەتتى.بۇ چاغلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تەرەقىياتى شەھەرلەر،دېھقانچىلىق رايونلىرى،چارۋىچى ئاقسوڭەكلەرنىڭ  ئاز ساندىكى ھۆكۈمران تەبىقىسى دائىرسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن.1270 يىلى بۇراقخان ۋاپات بولدى ،ئۇنى كۇپپارلارنىڭ قائىدىسى  ،يەنى مۇڭغۇللارنىڭ ئادىتى بويىچە تاغ ئۈستىگە دەپىنە قىلىدى.ئېيتىشلاردا بۇراقخانمۇ مۇسۇلمان ئىكەندۇق.چاغتاي ئەۋلادىدىن ئىسلام ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ تۇنجى شېھىت بولغان خان ،سۇلتان تارماشىرىندۇر.ماراكەشلىك مۇسۇلمان سەيياھ ئبنى بەتۇتە سەمەرقەندكە كېلىپ تارماشىرىن خاننى كۆرگەن بولۇپ .ئۇ بۇنداق بايان قىلىدۇ.سۇلتاننى دىنغا ئەكىرگەن كىشى پىرىسىيىلىك داڭلىق ئىسلامى تەرىقەتچى ھىسامىدىن ياغى بولۇپ،ئۇ سۇلتانىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدىغان دىننى مەسلەھەتچىسى ئىدى.
                                                                         ھىكايەت
بىر قېتىم دىگەر نامىزى ۋاقتىدا ،سۇلتان تەراھەت ئېلۋېلىش ئۈچۈن كېچىكىپ قالغان.لېكىن ئىمام ھىسامدىن ياغى<< بىز نامازنى ئاللا ئۈچۈن ئۇقۇيمىزمۇ ياكى تارماشىرىن ئۈچۈنمۇ>> دىگەن ۋە نامازنى باشلاۋەرگەن ،سۇلتان كېچىكىپ كىرگەن بولسىمۇ،يەنىلا ئىخلاس بىلەن دىگەر نامىزىنى تۇلۇقلاپ ئوقۇغان بۇ ئىمام ھەر قېتىم نامازدا ۋەز ئېيتىپ نەسىھەھەت قىلاتتى .سۇلتانغىمۇ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ ،يامان ئىشلارنى قىلماسلىقنى جېكىللەيتى.ئىمامنىڭ سۆزى قاتىق بولسىمۇ،سۇلتان يەنىلا قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتى ،ھەتتاكى كۆزلىرىدىن ياش تۆكىلەتتى.<<ئىبنى بەتۇتە ساياھەت خاتىرسى>>
        تاماشىرىن چىڭگىزخانىڭ جاساق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ،شەرىئەتنى يولغا قويغان .لېكىن  1334-يىلى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى دولاي تېمۇرنىڭ بالىسى بۇزاننىڭ باشلىقىدا بۇنىڭغا قارشى توپىلاڭ قىلىپ،تاماشىر ۋە ھىسامدىن ياغىنى شېھىت قىلغان.بۇزاق ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا دەھشەتلىك جەۋىر سالغان.ھەم خىرىستىيان ۋە يەھۇدى دىنى يۆلىگەن.خىرىستىيان دىنىڭ مەركىزىنى چاغتاي ئۇلاسىنىڭ مەركىزىگە يۆتكەپ ،ئالمالىققا ناھايىتى چىرايلىق چېركاۋ سېلىپ بەرگەن.بۇ مەزگىلدە ئالمالىق مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ خىرىستىيان دىننى مەركىزى  بولۇپ،كاتولىك دىنىنىڭ فىرانسىس مەزھىپىدىكى مىسسىئنېر نىگۇلاس مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ كادىناللقىغا تەيىنلەنگەن،شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر يۇرتىغا غەرپنىڭ خىرىستىئان ئېپىسكوپىلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىغان.1389 -يىلى ئۇگداي ئەۋلادىنى بولغان ، ئەلى سۇلتاننى ئىسلامى ئەھلى تەرىقەت پىكرىتىدىكى شەيخلەر يۆلەپ تەختىگە چىقاردى .1339-يىلى ئالمالىقتىكى خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى ،ئۇلار  دەھشەتلىك تۈردە قىرغىن قىلىپ ،ئۇلانىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتتى .ئۇغلى غازانخان ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان .لېكىن كونا تۈرۈك ئاقسۆڭەكلىرى ئەمەلى ھوقۇقنى  تارتىۋىلدى.    1346-يىلى غازانخان ئۆلدى ،شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن چاغىتاي ئۇلاسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى .پەرغانە ۋادىسى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايونلار قوشۇلۇپ شەرىقى چاغاتاي خانلىقى  ،باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى غەربى چاغىتاي خانلىققى بولدى.
1348-يىلى  تۇغلۇق تۆمۈرخان شەرققى چاغىتاي خانلىقىدا تەخت ساھىبى بولدى.1348-1514 يىلغىچە بولغان 136 يىللىق بۇ خانلىققنى مۇسۇلمان تارىخچىلىرى <<مۇغۇلۇستان خانلىققى >> دەپ ئاتايدۇ.جۇڭگو تارىخچىلرى <<شەرقى چاغىتاي خانلىققى >> دەپ ئاتايدۇ.شەرققى چاغاتاي خانلىققى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلغاندىن باشلاپ گۈلۈنۈپ ،، تەرەققى قىلىشقا باشلىغان.تۇغلۇق تۆمۈرخان سەرسانلىقتا يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا، بىر كۈنى ئوۋغا چىقىپ،ئاقسۇنىڭ ئايكۆلدىگەن جايىدا ئىستىقامەت قىلۋاتقان مەشھۇر ئالىم ھەفز كەبىرنىڭ ئەۋلادى بولغان، ئىسلامى تەرىقەت پىكىرىتى شېيخى  خوجا جامالىدىن بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىپ، قىزغىن سۆھبەتتە بولۇدۇ  ،ھەم خان بولغاندىن كېيىن ئىمان ئېيتىشقا ۋەدە بېرىدۇ .لېكىن شېيخ جامالدىن خوجا ئۇ شەرەپكە مۇيەسەر بولالمايدۇ .شەيخ جامالدىن خوجا بۇخارادىكى تەرىقەت تەشكىلاتلىرى تەرەپىدىن مۇغۇلۇستانغا دىن تارقاتقىلى ئەۋەتىلگەن بولۇپ ،ئۇلار بۇ جايدا پۇرسەت كۈتۈپ ياتقان ئىدى.شەيخ جامالدىن خوجا ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئوغلى مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ تۇغلۇق تۆمۈرخانغا ئىمان ئېيتقۇزىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن  ئادەم ئەۋەتىشىنى توغۇرسىدا ،بۇخارادىكى ئىسلامى تەرىقەت پىشۋالىرىغا خەت ئەۋەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بۇخارىدىن بەش نەپەر دىن تەرغىباتچىسى كەلگەن،ئۇلارنۇرغۇن مەخپى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ ،مەقسەتكە يەتكەن.بۇ ئەھۋاللار بۇنىڭ مۇئەييەن رەھبەرلىك ئاستىدا ،تەشكىلىك چەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دىن تارقىتىش ھەركىتى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.(بۇ ئەھۋاللار يۈسۈپبەگنىڭ <<ئىسلام دىنىنىڭ  شىنجاڭدا تارقىلىشى>> دىگەن كىتابىدا تەپسىلى سۆزلەنگەن)
تۇغلۇق تۆمۈرخان مەۋلانە ئەرشىدىن خوجا ۋە بۇخارادىن كەلگەن خىزمەت داموللاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ،ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىسمىنى مۇھەممەد ئابابەكرى دەپ قويغان .ئۇنىڭغا ئەگىشىپ،داڭلىق ئەمىرلەردىن ئەمىر بولاجى ،ئەمىر تۆلەك،ئەمىر جالاسلار باشچىلىقىدا 160مىڭ مۇڭغۇل ئۇزۇن چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ مۇسۇلمان بولغان.
تۇغلۇق تۈمۈرخان يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ،ئىسلام دىنىنى ھاكىميەت كۈچى بىلەن قولىغان .خوجا ئەرشىدىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە ،ئۇنىڭ 60 كىشلىك مۇھاپىزەتچىنىڭ ھەمرالىقىدا كۇچا كېلىپ كۇچا رايونىدا ئىسلامى تەشۋىقات بىلەن شوغولىنىشىغا قوشۇلغان .1269-يىلى كۇچاغا ھىندىستانلىق  تەرىقەتچى شېيخ نىزامدىن دەرۋىش كېلىپ ،(ئاشىقلار بېغى) دىگەن نامدا خانىقا بەنا قىلىپ دىن تارقىىشقا باشلىغان بولسىمۇ لېكىن بۇت پەرەسلەرنىڭ كۈچلىك قارشىلىقىدا نەتىجە قازىنالمىغان.   خوجا ئەرشىدىن مەۋلانە كۇچاغا كېلىپ 50 كىشلىك  ئىسلامى تەرىقەت تەشكىلاتىنى  بەرپا قىلغان بولۇپ ،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى بۇخارادىكى تەرىقەت پىشۋالىرى ئەۋەتكەن كىشلەردىن تەركىپ تاپقان.بۇلارنى ئاساس قىلىپ ئىسلام جەمىيىتى قۇرۇلغان ھەم شۇ ئاساستا دىن ،ئەدىلىيە،دىننى مائارىپ ۋە ۋەخپە مۈلۈكلەرنى باشقۇردىغان ئاپپاراتلارنى  قۇرۇپ چىقان.بۇ تەشكىلات ھەر يىلى خانلىق خەزىنىسىدىن تەشۋىقات خىراجىتى ئۈچۈن  مەخسۇس پۇل،كالا-قوي ئېلىپ تۇرغان.ئۇلار بۇ بايلىقلار ئارقىلىق ئاقسۇ،كۇچا،باي،شايار،قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا ئىسلام تارقاتقان ۋە قازىخانا ،مەدىرس قۇرۇپ،<<قۇرئان كەرىم، >>،<<سەھىھۇلبۇخارى >>،<<جاسۋە شېرىپ>>لارنى تارقاتقان.بۇتخانىلارنى چېقىپ،كوچا -كوچىلاردا ئىسلامدىنى تارقىتىپ پۇتكۈل كۆسەن دىيارىنى ئىسلاملاشتۇرغان.بۇ ئورگانغا بۇخارادىكى تەرىقەت پىشۋالىرى ياردەم قىلغان.ئۇلار 1353-يىلى ئىمام پەتتارنى ئاقسۇ،بۈگۈرگە،سۇلايمان پارىسنى شايارغا دىننى ئىشلارغا رىياسەتچىلىككە ئەۋەتكەن.  غەربىي لياۋ(قىتانلار) پادىشاسى  يوللىغ تاشىن 1128-يىلى قەشقەرگە بېسىپ كىرگەندىن باشلاپ ،ھاكىميەت سېستىمىسىدىن چېكىنگەن ئىسلام دىنى ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتىدىكى شەيخلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن1348-يىلى  تۇغلۇق تۆمۈرخان شەرققى چاغىتاي خانلىقىدا تەخت ساھىبى بولىشى بىلەن، 220 يىلدىن كېيىن قايتىدىن ھاكىميەت سەھنىسىگە چىقتى!  ئاقسۇدىن تارتىپ تۇرپان چېگرىسىغىچە بولغان يۇرتلار ئىسلام دىنىغا كىردى.
يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ،بۇ مۇڭغۇل خانلىرى خوجا ئەرشىدىن ۋەلىيۇللانىڭ جەمىتىدىن چۆچۈپ ،ئۆزلىرىگە ساداقەت بىلەن ھاكىميەت سوراشقا يانتاياق بولدىغان ،دىننى يېتەكچىلەرگە ئېھىياجى چۈشۈپ .ئابدۇكېرىمخان ئىساق ۋەلىيۇللانى سەئىدىيە  خانلىقىغا تەكلىپ قىلدى لېكىن ئىساق ۋەلىيۇللا ئابدۇكېرىمخان ئويلىغاندەك يۇمشاق باش چىقماي قالدى...فەرغانە ۋادىلىرىدا نۇرغۇن خانلار بەيئەت قىلغان بۇ ئىنشان ئابدۇ كېرىمخان تەرىپىدىن ھاقارەتلەندى..زىدىيەت شۇنددىن باشلاندى ...قايسى جايدا ئىسلام خاراپلاشسا ،شۇ قايغا پىدايى بولۇپ باردىغان ،ھەرقانداق ھاقارەت،زۇلۇملار ئارسىدىمۇ ئۆزلىكىنى يوقاتمايدىغان سوپى سالىھلار ...ئۆزلىرىنىڭ يېڭى قەڭ مەيدانى تاپقانتى...
(داۋامى بار)

ئەھلى تەرىكەت

UID
9848
يازما
36
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
390
تىزىملاتقان
2011-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 21:01:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توررداشلارغا 19-ئەسىردىكى روسىيە ئوفىسسىرى ئا ن كىروپاتىكىننىڭ <<قەشقەرىيە>> دىگەن كىتاۋىنى ئوقوب بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. يەنە بىرسى چۇقان ۋەلىخانوف يازغان <<تەبەسسۇم يۈتكەن زىمىن>> غۇ دەيمەن.  يۇقارقى كىتاپلاردىن ئالغان تەسىراتىمنى يازاي دىگەن بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى يازاممىدىم ھەم يازاممايمەن. بەلكىم بەزىلەر ئوقوپ بولغان بولىشى مۇمكىن. يۇقارقى كىتاپلارنىڭ تارىخى قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىركەن.شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتى كۈتۈپىانىسىدا باغۇ دەيمەن . ئىشقىلىپ نەدىن بوممىسۇن تىپىپ بىر ئوقوپ چىقىشقا تىگىشلىك ئالتۇنغا تىگەشكۈسىز كىتاپلاركەن.


UID
10244
يازما
177
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
5907
تىزىملاتقان
2011-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 22:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش