ئىگىسى: turditohti

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى دىننىي ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6098
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
438
تىزىملاتقان
2010-9-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 18:14:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ شۇلارنىڭ تەسەرى بار تېخى    بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنى قۇيۇپ بىرىدىغا بولسا شۇ لاردىن ئاشۇرۋېتىشى تۇرغانلا گەپ

UID
7255
يازما
84
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1884
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 12:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيدىل ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرىنىڭ بۈزرۈك بوۋىلىرىدىن بولغان سەئىد كامالدىن ئۆزكەنتكە دىن تارقىتىش ۋە زىيارەت ئۈچۈن كەلدى،شۇ چاغدىكى قارخانىلارنىڭ ئوش،ئۆزكەنت،ئوترار،ئەندىجان قاتارلىق ۋىلايەتلىرىگە ئىلىك سۇلتان بولۇپ تۇرغان ئىلىك سۇلتان مازى قىزى قارىخانىلار مەلىكىسى فەرۇخجامالنى سەئىد كالاملدىن ھەزرەتلىرىگە نىكالاپ ،پەيغەمبەر ئەۋلادى بىلەن قارخانىلار خان جەمەتىنىڭ قۇدا-باجلىق مۇناسىۋىتىنى باغلىدى.قارخانىلار مەلىكىسى فەرۇخجامال سەئىد بورھاندىننى يەڭگىدى ،سەئىد كامالدىن جىددى ئىش بىلەن ئانا ۋەتىنى مەدىنىگە قايتىش ئالدىدا ،مەلىكە فەرۇخجامال بىلەن سەئىد بورھاندىننى قارخانىلارنىڭ ئىلىك سۇلتانى سۇلتان ئىلىك مازىنىڭ تەربىيىتىگە تاپشۇردى.سەئىد كامالدىن مەدىنىدە ۋاپات بولدى.ئوغلى سەئىد بورھانىدىن قارخانىلار ئوردىسىدا شاھزادە بولۇپ تەربىلەندى.سەئىد بورھاندىن ئىنتايىن جۇرئەتلىك بولۇپ بەش ياش ۋاقتىدىلا يىغاچتىن قېلىچ ياساپ ئوينايتى.قېلىچقا ئالاھىدە مېھرى بولۇپ كېچە -كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمايتى.ھەم ئۆز دەۋرىنىڭ دەڭداشسىز ماھىر قېلىچباز بولۇپ يېتىشىپ چىققاچ سەئىد بورھان قېلىچدىن دەپ لەقەملەندى .سۇلتان ئىلىك مازى بۇ نەۋىرسىگە ئالاھىدە ئىلتىپات ۋە مېھرى قىلاتتى ھايات ۋاقتىدا بىر قانچى قېتىم ئىلىك سۇلتانلىق تەختىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنگەن بولسۇمۇ ،ئۇ رەت قىلىپ تۇرۋالدى.سۇلتان ئىلىك مازى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن سەئىد بورھان قېلىچىدىن قارخانىلارنىڭ فەرغانىدىكى ئىلىك سۇلتانلىق تەختىگە ئولتۇردى.شۇندىن باشلاپ پەيغەمبىرىمىز جەمەتى بىلەن قارخانىلار خان جەمەتى بىرلىشىپ كەتتى .شۇ سەۋەپلىك بەزىدە قارىخانىلار جەمەتىدىكىلەر سەئىدلەر دەپمۇ ئاتىلىپ قالدۇ.مەختۇم ئەزەم ھەزرەتلىرى ۋە ئاپپاق خوجام ھەزرەتلىرى پەيغەمبەر ئەۋلادى بولۇپلا قالماستى يەنە قارخانىلار خان جەمەتىدىندۇر.  

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:45:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
appakhoja
ياخشىمۇ سىز؟
‹‹ئاپپاق خوجا ۋە غەرىبىي يۇرتتىكى سۇپىزىمنىڭ شەرىققە تارقىلىشى››سەرلەۋىلىك چېن گو گۇاڭنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ماقالىنى كۆرۇپ باقسىڭىز،چۈنكى ماقالە ناھايتى مۆدىدىل يېزىلغان بۇلۇپ ئاپپاق خوجىنىڭ دىن تارقىتىشتىكى تۆھپىسى،ئۇنىڭ نەسسەبى ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى‹‹تەزكىرىئى خوجا ئاپپاق››(بۇ كىتاپ سىزدە بار ھەقىچان) قاتارلىق كىتاپلاردىن نەقىل ئېلىپ،شۇنداقلا نىڭشىيا،چىڭخەي،گەنسۇدىكى ئاپپاق خوجىغا مۇناسىۋىتلىك مەتىرياللاردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ئىكەن.
ماقالىدا شۇنداق ئەتراپلىق ماتىريال مەنبەلىردىن پايدىلانغان ئاپتۇر ماقالىدە يانا مۇنداق ئۇچۇرلارنىمۇ بەرگەن‹‹...ئۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دىسىمۇ ئۇلار پەيغامبەرنىڭ قىزىنىڭ ئەۋلادى بولماستىن،بەلكى خەلىپىلەرنىڭ باشقا خۇتۇنلىرىدىن بولغان.شۇڭا خوقىلار ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ بىر خىلى ئاتا نەسىبى خوجىلار بۇلۇپ،بۇلار سەئىد خوجىلار،ئۇلاردا خەلىپە بىلەن قانداشلىقنى ئىپادىلەيدىغان گۇۋانامە بار.يەنە بىر خىلى جۈبارى نەسىبى بۇلۇپ ئۇلار بۇنداق گۇۋانامىنى يوقاتقان.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خوجىلىق سالايىتىنى پەقەت رىۋايەتكە ۋە ئابرۇيغا قاراپ تۇرغۇزغان.18-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى خوجىلار جۈيبارى نەسىبىگە مەنسۇپ بۇلۇپ،ئۇ ھەقىقى خەلىپىنىڭ ئەۋلادى ئەمەس،بۇ خوجىلار ئۆزى بولىۋالغان خوجىلار...››دىگەن قۇرلارنى ئۇچرىتىسىز.
سىزنىڭ ئاپپاق خوجا توغرىسىدىكى بىلىمىڭىز بىر قەدەر مول ،ئاپپاق خوجا ئەۋلاتلىرىدا سەئىد خوجا دىگەن گۇۋانامە بارمۇ؟
سالامەت بۇلۇڭ!
بۇ ماقالىنى ئىزدىسىڭىز‹‹جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدىنىيەت تەتقىقاتى››)مەجمۇئە(،1998-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىرى.1-كىتاپ

UID
11394
يازما
114
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2094
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
103 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 15:18:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياغا مەشھۇر مارائۇننەر دولىتىمۇ مۇشۇ ئىپلاس سۇلۇك پىشۋالىرىنىڭ مەدىنىيەت يۇرتلىرىنى قۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ،گۇدەك بالىنى ئازدۇرۇپ ئاتىسىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا قۇتىرىتىپ  ۋەيران قىلغان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش