كۆرۈش: 130659|ئىنكاس: 453

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى دىننىي ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-1 21:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى،دىننىي ۋە سىياسى نەيراڭبازلىق

 

 

تۇردى توختى

 

ھۈكىمىرانلارنىڭ ھۈكۈمىرانلىغىنى مۇستەككەملەش ۋە ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش(مۇمكىنچىلىكى بولمايدىغانلىغىنى بىلىپ يەتكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ) جەريانىدا نۇرغۇن تەرەپلەردىن باش قاتتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدىكى سىياسى جەھەتتىكى قوللانغان تەبىرلىرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇلار ھاكىمىيەت يۈرگىزىۋاتقان چاغدا نۇرغۇنلىغان تەبىرلەرنى بىكىتىپ،خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىدىغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سىياسى غەرەز ئارىلاشقان بۇلۇدۇ.سىياسى غەرىزى ئۈچۈن دىننىي ئەقىدىلەرنىمۇ ئىشقا سالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاپ،ئۈزىنىڭ مەنپەتىگە مايىللاشتۇرۇدۇ.

خوجىلار سەلتەنەتىنىمۇ يۇقارقىدەك غەرەزدىن مۇسەتسنا دىيىشكە ھىچقانداق كىشى كىسىپ بىر نەرسە دىيالمەيدۇ.بۇلارنىڭ ھاكىمەيەتنى قولغا ئېلىش جەريانى ۋە سەلتەنەت سۇرگەن دەۋرانى بولمىسۇن ئېنىق سىياسى غەرەز  ئاساسىدا بولغان.بۇ جەرياندا خوجىلار سىياسى غەرىزىگە ئىسلام دىنىنى قالقان قىلىپ،ئۈزىنىڭ سىياسى مەقسىدىنى دىنني ئىسلامنىڭ قايدە نىزاملىرى بىلەن يېپىشقا پۇتۇن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ سىياسى غەرىزى ئۇچۇق ئاشكارلىنىپ،كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان گۈمانلىرىغا سەۋەپچى بولغان.
خوجىلار جەمەتىدىكى مەيلى ئاق تاغلىقلار(ئىشقىيەچىلەر)مەيلى قارا تاغلىقلار(ئىسھاقىيىچىلەر) ھۈكۈمىرانلىق قىلغان چاغلار ۋە ئۇلار ئوترىسىدىكى ھۇقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى،جۈملىدىن ئۇلارنىڭ سەئىدىيە خانلىقىغا كىرىش مەقسىدى قاتارلىقلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرسەك ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئۈزىنىڭ ھۈكىمىرانلىق سەلتەنەتىنى ئورنۇتۇش،ھۇقۇقنى قولغا ئېلىپ،ھۇقۇق يۈرگۈزۈش،ئۈزىنىڭ سەلتەنەتىنى مۇستەككەملەشتىن ئىبارەت سىياسى قارانىيەتنى مەقسەت قىلغانلىغىدا شەك يوق.

ئۈزىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۇشتى بولغان فاتىمەنىڭ نەسەبىدىن دەپ قارىغان،ئىسلام دىنىنى مۇقەددەس دەپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي كەڭ كۈلەمدە تەشۋىق قىلىپ،ئىسلامنىڭ تارقىلىشىدا بەلگۈلۈك تۆھپە قوشقان خوجىلار ئۈزىنىڭ سىياسى قارا نىيەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىسلام ئەھكاملىرىنى دەپسەندە قىلىپ ،ئىسلامدىن ئىبارەت بىر مۇققەدەس دىننى ئاياق ئاسىتى قىلىپ،ئۇنى ئۈزىنىڭ سىياسى مەخسىدىگە يىتىشتىكى قۇرالى قىلىپ،ئىسلام بىتئەتچىلىكىنى ئوترا ئاسيا رايۇنىدا بۇلۇپمۇ رايۇنىمىزدا ھەقدادىغا يەتكۈزدى.بۇنىڭ بىلەن خۇجىلار سەلتىنەتىدە سىياسى بىلەن دىن ئارلىشىپ كەتكەن سىياسى بىتئەتچىلىك ھۆكۈمىرانلىق قىلىدىغان، سىياسى ۋە دىننىي ھاكىمىيەت مەيدانغا كەلدى.

خوجىلارنىڭ يىلتىزى بولغان مەخدۇم ئەزىم(ئەسلى ئىسىمى- ئەھمەد كاسانى) ھەجىريە 866-يلى(مىلادى1461-1462يىللىرى)تۇغۇلۇپ،ھىجىريە 949-يىلى(مىلادى1542-1543-يىللىرى)ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇ ھىجىريە 921-يلى(مىلادى1516-1517-يىلى)مۇھەممەت غەزنىۋىنىڭ ۋاپات بۇلۇشى بىلەن نەقشىبەندىيە(سىزغۇچى،دەڭداشسىز ئىلاھى رەسىمنى سىزغۇچى) تەرىقىتىنىڭ رەھبەرلىك ھۇقۇقىنى قولغا ئالغان ئىسلام سۇپىزىمنىڭ ۋەكىلى ئىدى.

ئۇنىڭ ئىسھاق ۋەلى،مەھەممەتئىمىن قاتارلىق 14ئوغۇل پەرزەنتى بار بولۇپ.مەھەممەت ئىمىن بىلەن ئىسھاق ۋەلى ئەڭ دەسلەپكى خوجىلار سۈلىكىدىكى ئىككى مۇھىم كۈچ ئىدى.

ئىساق ۋەلى ھىجىريە 914-يىلى(1504-1505-يىللىرى)تۇغۇلۇپ،ھىجىريە1008-يىلى(مىلادى1599-يىلى)ئالەمدىن ئۆتكەن.ئۇ سەمەرتقەندە ئاكىسى مەھەمەتئىمىن(ئىشان كالان) تەرىپىندىن چەتكە قېقىلىپ ئورنى ئىسسىمىغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ ئانا تەرەپنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان قەشقەرگە كىلىپ،ئۈزىنىڭ تەرىقەتچىلىك ئىشلىرىنى مۇشۇ ئېزىز زىمىندا كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن،پۇت دەسسەپ تۇردىغان ماكان ئىزدىگەن،ئۇ ئاقسۇ،خۇتەن،قەشقەر ،يەكەن...قاتارلىق جايلاردا تەرغىباتچىلىق قىلىشقا باشلىغان.ئابدىكېرىمخان ئۇنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان،بىرا ق ئۇ يەنىلا رايۇنىمىز ئىچىدە تەرغىباتچلىق قىلىپ،مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان.

بۇ ئېزىز ماكان ئۈزىنىڭ قوينىنى بىر يىراق يەرلىك بەتنىيەتكە كەڭرى ئېچىپ،ئۆز قوينىدىن ئورۇن بەرگەنلىكى ئۈچۈن،بۇ ئېزىز زىمىن نۇرغۇنلىغان دىشۋارچىلىقلارغا شاھىت بۇلۇشقا مەجبۇر بولغان.بۇ ياقا يۇرتلۇق ئەمىليەتتە قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ پىرى،ئىسھاقىيە سۈلىكىنىڭ ئىجاتچىسى ئىدى.

ئىككىنچى بىر كۈچ ئاقتاغلىق خوجىلارنىڭ پىر ئۇستازى مەھەممەتئىمىن(ئىشان كالان)ئەۋلاتلىرىدىن مەھەممەت يۈسۈپ ،ئۇ ماۋارائۇننەھىردىن 17-ئەسىرنىڭ 30-،40-يىللىرى(ئىككىنچى قېتىم)رانۇنىمىزغا كىلىپ،ئۈزىنىڭ سۈلۈكىنىڭ تەرغىباتى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ پۇت دەسسەپ تۇرغاندا يەكەندە ئۈچ خىل سىياسى كۈچنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى.ئېزىز دىيارىمىز بولسا ئاكا-ئۇكا سىياسى نەيراڭۋاز،دىننىي بىتئەتچىلەرنىڭ قارا نىيىتىنى چۈشەنمىگەندەك يەنىلا ئۇلاغا نىممەتلىرىنى توختىماستىن بىرىۋاتاتتى.بۇ ئۈچ خىل سىياسى كۈچ بولسا <<ئىسھاقىيەچىلەر>>،<<ئىشقىيەچىلەر>>ۋە يەكەن خانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى.

خوجا يۈسۈپ قۇمۇلدىن قەشقەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ قۇمۇل دىننىي ئاقسۈڭەكلىرنىڭ قىزىدىن بولغان ئوغلى ئافاق خوجا (ھىدەيتۇللا)تېخى 11-12ياشلاردا ئىدى.

بۇ بىر بىرىگە تۈپتىن زىت بولغان قارا نىيەت ئىككى سىياسى گۇرۇھ ئاخىرقى ھىساپتا رايۇنىمىزدىكى كىشىلەرنى جاھالىيەتكە باشلاپ كىرىپ،ئۇلارنىڭ نادانلىغى،سادىلىغىدىن پايدىلىنىپ،ئۈزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتسە،ھەر ئىككىلىسى تاشقى كۈچنى رايۇنىمىزغا باشلاپ كىرىپ،نوۋەت بىلەن ھاكىمىيەت سورىدى.بۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ قانلىق ئۇرۇشلىرى نەتىچىسىدە قولدىن –قولغا ئۆتۈپ تۇراتتى.

مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇلار ئۈزىنىڭ سىياسى قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا ھەرقانداق بىر نۇمۇسسىزلىقلارنى قىلىشتىن يانمىدى،ئاۋامنى ئالدىسا خۇدادىن قورۇقمىدى،ھۇقۇق قولدىن كەتسە ئىسلام دىنىدىن ۋاز كىچىش  بېدىلىگە ياتلارنىڭ دىنىغا چۇقۇنۇش ئارقىلىق يات دىندىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزگەن ھامان يەنە ئىسلامنىڭ سادىق مۇرۇتلىرى،تەشۋىقاتچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرى سۈپىتىدە نامايەن بۇلۇپ،يۇرت-جامائەت ئالدىدا پەيدا بولدى.

ئۇلار سىياسى قارا نىيەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا قوللانغان سىياسى ۋە دىنني نەيراڭبازلىقى يىغىنچاقلىغاندا تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى.

1.پەيغەمبەر ئەۋلادى-مەيلى ئاق تاغلىقلار بولسۇن،مەيلى قارا تاغلىقلار بولسۇن ئۈزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسىنى مەھەممەت ئەلەيسىلامنىڭ پۇشتىدىن بولغان فاتىمەگە باغلاپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئاللانىڭ ئاخىرقى زامان پەيغەمبىرى مەھەممەت پەيغەمبەر پۇشتىدىن ئىكەنلىكىنى ،نەسسەپ جەھەتتىن پەيغەمبەرلەر نەسسىبىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى ئوترىغا قۇيۇپ،نادان خەلقىمىزنىڭ دىنني ئىسلامغا ۋە مەھەممەت ئەلەيھىۋەتسىلامغا بولغان ھۆرمىتىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ،كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۆز سۈلۈكلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاسانلا كۈچەيتىپ،رايۇنىمىزدىكى مۇھىم ئىككى سىياسى كۈچكە ئايلانغان.شۇنداقلا يەكەن خانلىقىنى يوقۇتۇشنىڭ ئاساسى شەرتىنى ھازىرلىغان.شۇنداق قىلىپ،1692-يىلى ئاقتاغلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان يەكەن خانلىقنىڭ ئاخىرقى خانى مەھەممەت ئىمىن خاننىڭ قەتلى قىلىنىشى بىلەن يەكەن سەئىدىيە خالىقى يۇقۇلۇپ،بارلىق ھۇقۇق ئاقتاغلىقلارنىڭ قۇلىغا ئۆتتى.

2.خۇدانىڭ <<ئەلچىسى>>-مەيلى ئىشقىيەچىلەر بولسۇن،مەيلى ئىسھاقىيەچىلەر بولسۇن بۇلار ھەر ئىككىلىسى مەھەمەت پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىلىرى قاتارىدا ئۈزىنى كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە خۇدادىن ۋە مەھەممەت ئەلايسىلامدىن ۋەھى كەلدىغانلىغىنى،چۈشىدە مەھەممەت ئەلەيسىلام بىلەن بىرلىكتە ۋەھى ئاڭلايدىغانلىغىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۈزىنى پەيغەمبىرىمىز بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ،خالىغانچە پەتۋا چىقىرىپ،كىشىلەرنى روھى جەھەتتىن ئىسكەنجىگە ئېلىپ،ئۈزىنىڭ سىياسى قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقان.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر پىر ئۇستازلارنى پەيغەمبەرلەر قاتارىغا قۇيۇپ،ئۇلار نىمە دىسە شۇنى راست دەپ بىلىدىغان قارىغۇلارچە ئېتىقات كىشىلەر ئارىسىدا ھۈكۈمىرانلىق قىلىشقا باشلىغان.

3.ئەۋلىيالىق-ھەر ئىككىلىسى (ئاقتاغلىقلار بىلەن قارا تاغلىقلار)ئۈزىنى ئەۋلىيالىق دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ،كىمنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىغىنى ئالدىن بىلىدىغانلىغىنى تەشۋىق قىلىپ كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىشىنىشىگە،ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ قۇل بولۇشقا ئاساس سالغان.بۇنداق تەشۋىقات نۇرغۇنلىغان چەكسىز سادىق قۇللارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

مەسىلەن:ئافاق خۇجا ئۈزىنىڭ ئەۋلىيالىغىنى تۈۋەندىكىدەك كۆز بۇيامچىلىق بىلەن ئىسپاتلىغان.ئۇ كىسەل كۆرمەكچى بولسا ئاۋال مۇرۇتلىرىدىن كىسەل كۈردىغان يەرگە،كىسەل سۈپىتىدە يۇشۇرۇپ قۇيۇپ،ئاندىن كېسەللەرنى كۆرگىلى بارغان.ئۇ بارغاندا كېسەللەرگە زەن سېلىپ قارىغان بۇلۇپ،ئۇلارغا پىرىمنىڭ ساڭا نەزىرى چۈشۈپتۇ،ساڭا نەزىرى چۈشمەپتۇ دىگەن ھۈكۈم بىلەن كىسەل كۆرگەن.پىرىمنىڭ نەزىرى چۈشكەن<<كەسەللەر>>نىڭ بەدىنىنى،باش-كۈزىنى سىلاپ قۇيغان ئۇلار شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى ساقىيىپ كەتكەن،نەزىرى چۈشمىگەنلەر بولسا ساقىيالمىغان بۇ <<مۆجىزە>>گە نادانلىقتا قېلىۋاتقان بۇ كىشىلىرىمىز ھەقىقەتەن ئىشەنگەن.

ئۇلارغا يىراقتىن بىر نەرسىلەر سوغا قىلىنسا نەرسە كەلمەستە پىرلار بۇ نەرسىلەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ،ئۇنىڭ سانىنى ،رەڭگىنى ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەتراپتىكى مۇرۇتلارغا  ئېيتىپ بەرگەن،مال يىتىپ كەلگەندە قارىسا ئەينەن چىققان،بۇنىڭدىكى سىر ئات يەڭگۈشلەپ خەۋەر يەتكۈزىدىغان خەۋەرچىلەرنىڭ ئالدىن پىرلارغا يەتكۈزگىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

يۇقىرقىدەك رەزىللىكلەر بىلەن ئۇلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقى <<ئەۋلىيا>>لارغا ئايلانغان.بۇنداق كوز بۇيامچىلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ ئۈزىنىڭ كۈچىنى كۆپەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.

4.مۇناپۇقلۇق-ئۇلار ئۈزىنىڭ سىياسى قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ئادەم قېلىپىدىن چىققان.ئۇلار دىندىن ۋاز كىچىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ،ئىسلام دىنىدىن ۋاز كىچىپ،يات دىندىكىلەرنىڭ خۇدالىرىغا سەجىدە قىلغان.

مەسىلەن:ئافاق خۇجا 1677-يىلى دالايلاما5 بىلەن كۈرۈشكىلى لاساغا بارغاندا لامالارنىڭ خۇداسى بۇرھاننىڭ بۇتى ئالدىدا ئولتۇرۇپ،ئۇنىڭغۇ چۇقۇنۇپ،دالايلاما5نىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئىرىشىپ،جۇڭغارلارنى قەشقەرىيەگە باشلاپ كەلگەن بولسا،1720-يىلى دانىيال خوجا ئىلى ۋادىسىدا جۇڭغارلارنىڭ مەبۇدى ئاستىدىن ئۆتۈپ،خۇنتەيجىنى ھەيران قالدۇرۇپ،قەشقەريەگە خان بولغان.

بۇنداق يات دىنغا چۇقۇنۇپ،ئۇلانىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرشىش،ئىسلانى تەشۋىق قىلىپ مۆمۈن مۇسۇلمانلارنى ئالداش خۇجىلارنىڭ قۇلىدىن كەلمىسە،يەنە بىر تاھىبىلەرنىڭ قۇلىدىن كىلىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.ماھىيەتتە بۇ يەكەن خانلىقنى يۇقۇتۇپ،خوجىلار ھاكىمىيەتنى تىكلەشتە ئاجايىپ يۇقىرى ئۈنىم بەردىگەن ئۇسۇل ئىدى.

5.پاسسىقلىق-ئۇلار ئۈزىنىڭ سىياسى،دىننىي ھاكىمىيەتنى تېخىمۇ كۈچلۈك تايانچىغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئۈزىنىڭ يات دىنىدىكى <<خوجىلىرىغا>>مال-مۈلۈك،پۇل-پىچەكلەرنى يوللاپ تۇرۇشتىن سىرت يەنە <<غالچا چوكان>>،<<غالچا يىگىت>>لەرنى سوغا سۈپىتىدە ئۇلارغا يوللاپ،نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىزنىڭ ۋە يىگىتلىرىمىزنىڭ باشقا دىندىكىلەر تەرىپىندىن ئاياغ-ئاستى قىلىنىش بەدىلىگە ئۈزىنىڭ كۈچىنى كۈچەيتكەن.

6.نامراتلىق-ئۇلار چۇقۇنغۇچى سۇپى-ئىشان،دەرۋىشلىرىگە قانچە كەمبىغەل بولسا ئۇ دۇنيادا شۇنچە جەننەتنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرۈپ،خۇدانىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئىرشىدۇ دىگەننى تەشۋىق قىلىپ،خەلىقنى ماددى جەھەتتىن نامراتلىققا يىتەكلەپ،ئۈزىنىڭ باشقۇرۇش،ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان.ئاچ-يالىڭاچ قالغان خەلىق ھەممىگە شۈككىرى قانائەت قىلىپ،نىمىنىڭ توغرا،نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىگى ئۈستىدە ئويلانماي ھەممىدە پىر-ئىشانلارنىڭ توغرا دەپ قارايدىغان،ھەرقانداق ئىشقا شۈككىرى قىلىدىغان،يۇۋاش بەندىلەرگە ئايلانغان.

7.تەركىدۇنياچىلىق-ئۇلار ئۈزىنىڭ قوللۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تەركىدۇنيالىقنى تەشەبۇس قىلىپ،قانچە مەينەت بولسا،ئاخىرغۇچە بويتاق ئۆتۈپ ئىبادەت قىلسا،شۇنچە ساۋاپ بۇلۇدۇ دىگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرۈپ،ئۇلانىڭ خۇدانىڭ نىمەتتىلىرىدىن بەھەرلىنىش ھۇقۇقىنى تارتىۋالغان،ئۆزلىرى بولسا نەچچە خۇتۇنلۇق تۇرۇپمۇ،يەنە چۇقۇنغۇچىلىرى تۇتقان <<سەدىقە>>قىزلىرىنى خۇتۇن قىلىپ،زىرىككەندە يېقىن مۇرۇتلىرىغا سوغا قىلغان،ئۇلار دۇنيانىنىڭ لەززىتىنى سوراقى يوقتەك سۈرسە،باشقىلار ئۇلارنىڭ ۋەز-نىسىھەتلىرى ئىچىدە مەڭدەپ يۈرىشەتتى.تەركى دۇنيالىقنى تەشەبۇس قىلىش بولسا ماھىيەتتە ھىچنىمىگە تارتىشماي ئالدىنقى سەپكە ماڭالايدىغان <<قۇشۇن>> بەرپا قىلىشتىكى بىر سىياسى،ھەربى نەيراڭۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

8.ئىسلامدا ھەقدادىغا يىتىش-ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجىلار ئىسلام ئىبادىتىنى قىلغاندا ئۇنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ،پۈتۈن ۋۇجۇدى،دىلى بىلەن خۇدانى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى ياد ئىتىشنى تەشەبۇس قىلغان بۇلۇپ،ئىسلامدىكى بۇ مۇقەدەسلىككە ئۇلار ساختىلىق قىلىپ،چۇقۇنغۇچىلىرنىڭ<<دۇت>>،<<پاڭ>>بۇلۇشىنى تەشەبۇس قىلىپ،خۇدانىڭ ئۈيى دەپ ئۇلۇغلىنىدىغا،خانىقا ۋە مەچىتلەرنى دەۋسەندە قىلغان.

مەسىلەن:ئىشقىيىچىلەر(قارا تاغلىقلار) خۇدانى سېغىنغاندا نەشە چىكىپ،مەست بۇلۇپ سېغىسا شەيتان ئارىلاشماي بارلىقىنى خۇدانى سېغىنىشقا ئاتىغىلى بولىدۇ دەپ،ئۇ ئۇلۇغ جايلارنى دەرۋىشلەرنىڭ نەشە چېكىدىغان سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرسا،ئىسھاقىيىچىلەر خۇدانىڭ ئۈيدا مۇزىكىلىق ساماغا ئويناپ ھېرىپ ھالى قالمىغاندا  ھەقدادىغا يېتىدىغانلىغىنى ئۆتىغا قۇيۇشىدۇ،ھەم شۇنداق قىلىدۇ.بۇنداق توپلاشتۇرۇپ،پالىيەت قىلدۇرۇش ماھىيەتتە زاپاس قۇشۇن ساقلىغانلىق بىلەن ئوخشاش ئىش ئىدى.

9.نادان قالدۇرۇش-خوجىلار كىشىلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن نادان قالدۇرۇشنى ئۈزىنىڭ يۇرتدارچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل ئۈسۇلى قىلغان.ئۇلار <<قۇرئان>>بىلەن ھەدىستىن باشقا ھەرقانداق كىتاپتىكى نەرسىنى ئۈگىنىشكە بولمايدۇ دەپ،<<قۇرئان>>بىلەن<<ھەدىس>>تىن باشقا بارلىق كىتاپلارنى مەنئى قىلدى،ئافاق خۇجا بولسا ئۇ ئىككى كىتاپتىن باشقا كىتاپلارنى چامىسىنىڭ يىتىشىچە كۆيدۈرۈپ چەكلىدى.بۇنىڭ بىلەن كىشىلىرىمىز ئارىسىدا مەنىۋى نامراتلىق تېخىمۇ ھەقدادىغا يىتىپ،خوجا-پىرلارنىڭ<<ئۇلۇغ ھەدىسلىرى>>،قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ رۇلىنى ئېلىپ ،ئۇلارغا چۇقۇنۇش ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.بۇ ھال مەدىنىيىتىمىزنى ۋە تارىخمىزنىڭ شاللىق نەتىچىلىرىنى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرۇتۇپ،باشقىلارنىڭ نەزىردىكى ئىپتىدائى ياكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى مىللەت بۇلۇپ قېلىشىمىزغا سەۋەپچى بولدى.

10.پىچاقچى دەرۋىش-سۇپىلار-پىچاقچى دەرۋىش -سۇپىلارماھىيەتتە خۇجىلارنىڭ مۇكەممەل ئىچپۇيۇنلۇق تەشكىلاتى بۇلۇپ،بۇلار خوجا-پىرلارغا ئىنتايىن سادىق،قوغدىغۇچىلار ئىدى.پىچاقچى دەرۋىش-سۇپىلار ئۆزلىرىنىڭ خوجا-پىرلىرىغا قارشى كۆز قاراشلارنى ئوترىغا قويغان،ياكى ئالۋان ياساقلاردىن ئۈزىنى قاچۇرغان كىشىلەرگە نىسپەتەن،ھەق-ناھەقنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس تەييارلانغان پىچاقلىرى بىلەن<<ئۆلۈم جازاسى>>بىرىپ،كەڭ خەلىق ئالەمگە ئىبرەت قىلاتتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ كىشىلەر جەمىيەتتە قانداق ئىش-ھەركەتلارنىڭ بولىۋاتقانلىغىنى ئۆزلىرنىڭ خۇجىلىرىغا يەتكۈزۈپ،خۇجىلىرىنى جەمىيەت ئەھۋالىدىن خەۋەردەر قىلىپ،ئۇلارنىڭ يوليۇرىغى بىلەن شۇ مەسىلىلەرنى خۇپىيانە بىر تەرەپ قىلاتتى.ئاساسلىغى شۇ ئىشتىكى ئاساسلىق كىشىلەرگە سۈيۇقەست قىلىپ،كىشىلەرگە ئىبرەت بېرەتتى.بۇلار يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان.

11.گوروھبازلىق-ئۇلار ئاقتاغلىق،قارا تاغلىق دەپ ئىككى چوڭ گۇرۇھ بۇلۇپ ئۇيۇشۇپ،رايۇنىمىز كىشىلىرىنى مەززەپلەرگە بۇلۇپ،مەززەپكە چۇقۇنۇش خاھىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ ھال يەنە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى گۇرۇھبازلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرۈتكە بۇلۇپ،گورۇھ ئىچىدە گرۇھ،يۇرتۋازلىق ئەۋج ئېلىپ،كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۈلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى يىمىرىلىشنىڭ ئاساسى بۇلۇپ قالغان.

گۇرۇھ(مەززەپ)تىكىلەر، پىر تۇتمىغان ئاددى كىشىلەرنى كەمسىتكەن ھەم تۇرلۇك تۈمەن ھاشار،باجلارنىڭ ئاساسلىق ئۇبىكتىغا ئايلاندۇرغان.بۇنداق ئېغىر ئەمگەك ۋە باجدىن قۇرۇققان كىشىلەر تۈركۈم-تۈركۈملەپ،سۈلۈككە كىرگەن.بۇنىڭ بىلەن ئاتا،بالىدىن،ئەر خۇتۇنىدىن،قېرىداش بىر-بىردىن ئايرىلىدىغان تىرىكنىڭ دوزىقى رايۇنىمىز ئاسمىنىنى قاپلىغان.

مەيلى قانداقلا بولسۇن،خوجىلار ئۈزىنىڭ سىياسى ۋە دىنني ھۈكۈمىرالىقىنى تىكلەش ۋە مۇستەككەملەش جەريانىدا يۇقارقىدەك ئادەم قېلىپىدىن چىققان رەزىللىكلەرنى خەلقىمىزنىڭ بېشىغا سالدى.جۇملىدىن ئۇلارنىڭ بۇ سىياسى-ھىلىمىكىرلىرى بۇ دىيارنىڭ بېشىغا نۇرغۇنلىغان قىسمەتلەرنىڭ كىلىشىگە ۋە دىيارىمىز كىشىلىرنىڭ مەدىنىيەتتە ئارقىدا قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى.

 

پايدىلانغان ماتىرياللار:

مۇھىم يىلنامىلەر ۋە كىشى ئىسىملىرى پايدىلىنىلغان كىتاپلار:

1.              ئەخەت تۇردى:<<بەخىتسىز سەئىدىيە>> 400-،440-بەتلەر

2.ۋېي لياڭتاۋ،ليۇ جىڭيىن:<<خوجىلار جەمەتى ھەققىدە>>195-،202-،272-،368-بەتلەر.

3.يۈسۈپ ئىلياس(قازاقئىستان)<<ئېغىر تىنىقلار>>بىرىچى قىسىم 12-بەت

 

 (ئىجادىيەت)


خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4343
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
682
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 11:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىش ئۆز يۇلىدا ماڭسا ،دۇنيا تىنىچ بۇلۇر،

بەخىت نەدە؟ سەن نەدە كىم بىلەن خۇشال بولغىنىڭدا مانا بۇ بەخىت بۇلىدۇ،

UID
2536
يازما
133
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4093
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 13:03:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى باردۇر . سىياسىئونلار ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئاۋامنى ئالداشقا ئۇرىنىدۇ . شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ .كۆپىنچە ھاللاردا ئاۋام بۇنى ھىس قىلالمايدۇ .
  ھۆكىمىرانلىق قىلغۇچىنىڭ غەرىزىنى پەقەت كۆپ پارتىيەلىك تۈزىمدكى دۆلەتلەردىلا ئۆكتىچىلەرنىڭ شوئارى ئارقىلىق ئاددى پۇقرالار ئاز تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ .

مەرت سۆزىدىن يانماس ، يولۋاس ئىزىدىن .

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
68 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 13:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سوپى ئېشانلار  ئۆز ئالدىغا مەزھەپ تۇرغۇزۇپ  ئۇيغۇرلار ئىچىدە  ناھايىتى ئىچىنىشلىق تىراگىدىيىلەرنى پەيدا قىلغان.
ئۇلار ئاق ۋە قارا تاغلىق دەپ ئىككى سۇلۇككا بۆلۈنۈپ ئۆز ئارا قىرغىنچىلىق ئىپ بارغان.
ئەينى زاماندىكى شۇنداق گۈللەنگەن، تەرەققى قىلغان، ئۆم ۋە ئىتتىپاق ياشاۋاتقان سەئدىيە ئېلىنى شۇلار غۇلىتىۋەتكەن.
رەھمەت سىزگە تۇردى توختى مۇئەللىم، كۆپ ئەجىر قىپسىز.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

UID
10244
يازما
177
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
5907
تىزىملاتقان
2011-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 13:19:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
8631
يازما
115
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3417
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 13:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇلار سەۋەبىدىن ھىلى ھەم دىنغا غەيرى كوزدە قارايدىغانلار بار ،،،
دىننىڭ زەرەرىگە سەۋەپ بولغان كىشىلەر بۇلار ،،  يوقاردا دىيىلگەن ئىشلارنى ئەسلى ئىسلام ئوزىمۇ چەكلەيدۇ ،، شۇڭا دىيىلىدۇكى " ئسلام دىنغا باھا بەرمەكچى بولغانلار ، دىننىڭ ئۇستىدىكى كىشلەر ئارقىلىق دىنغا باھا بەرمىسۇن، بەلكى دىننىڭ ئەسلى ئولچىمى بولغان قورئان بىلەن دىننىڭ ئۇستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەركىتىگە باھا بەرسۇن   "

UID
10313
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1450
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 13:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9.نادان قالدۇرۇش-خوجىلار كىشىلەرنى مەنىۋى جەھەتتىن نادان قالدۇرۇشنى ئۈزىنىڭ يۇرتدارچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل ئۈسۇلى قىلغان.ئۇلار <<قۇرئان>>بىلەن ھەدىستىن باشقا ھەرقانداق كىتاپتىكى نەرسىنى ئۈگىنىشكە بولمايدۇ دەپ،<<قۇرئان>>بىلەن<<ھەدىس>>تىن باشقا بارلىق كىتاپلارنى مەنئى قىلدى،ئافاق خۇجا بولسا ئۇ ئىككى كىتاپتىن باشقا كىتاپلارنى چامىسىنىڭ يىتىشىچە كۆيدۈرۈپ چەكلىدى.بۇنىڭ بىلەن كىشىلىرىمىز ئارىسىدا مەنىۋى نامراتلىق تېخىمۇ ھەقدادىغا يىتىپ،خوجا-پىرلارنىڭ<<ئۇلۇغ ھەدىسلىرى>>،قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ رۇلىنى ئېلىپ ،ئۇلارغا چۇقۇنۇش ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.بۇ ھال مەدىنىيىتىمىزنى ۋە تارىخمىزنىڭ شاللىق نەتىچىلىرىنى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچرۇتۇپ،باشقىلارنىڭ نەزىردىكى ئىپتىدائى ياكى قۇللۇق تۈزۈمدىكى مىللەت بۇلۇپ قېلىشىمىزغا سەۋەپچى بولدى.


   ئەپەندىم مۇشۇ قاراشلىرىڭىز توغۇرسىدا سۇئالىم بار ئىدى؟
   ھەممە نەرسە كۆيدۈرۈلدى؟ پەقەت "قۇرئان " ۋە "ھەدىس " لا قالدى دېدىڭىز. شۇنداققۇ؟ "قۇرئان ئايەتلىرى"  نازىل بولغاندىن تارتىپ،تاكىي ھازىرغىچە بىرەر زىرە - زەۋىرىمۇ ئۆزگەرتىلمىدى! خوجىلار دەۋىرىدە بارلىق  شەكىلدىكى ئادىل - باتىل قارشلارنىڭ ھەممىسى سۈپۈرۈپ تاشلانغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ،ھەممە ئىلىمنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان "قۇرئان كەرىم"لا قالدى دېگەن گەپ، شۇنداق بولغاندا ، ئۇيغۇر جەمىيىتى تۆت خەلپە دەۋىرىدىن  بۇرۇنقى تېخىمۇ ساپ بولغان پەيغەمبىرىمىز  دەۋىرىگە كېلىپ قالغان بولىدۇ!  مۇشۇنداق مۇھىتقا ئېرىشكەن  ئۇيغۇرلار يەنە نېمىشقا نادانلىقتا قالىدۇ؟ ئەسلىدە ئۇيغۇرلار بۇ پۇرسەتتە غەپلەتتە قالماستىن،تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ بۇ قارىشىڭىز  توردىكى بەزى قېرىنداشلىرىمىز دېگەندەك: " دۇنيادا ھەقىقىي ئىسلام  دۆلىتى يوق، ئىسلام ئەللىرى پەيغەمبەر ۋە  تۆت خەلپە دەۋىرىگە قايتسا،ئاندىن زور تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيتتى "دېگەن قاراش بىلەن زىتلىشىپ قالامدۇ قانداق؟

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.

UID
10244
يازما
177
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
5907
تىزىملاتقان
2011-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 13:48:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
8631
يازما
115
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3417
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 14:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 6 قەۋەتتىكى   (shungqar@) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

شۇڭقار تورداش مەن بۇ مەسلىنى مۇنداق ئويلايمەن ، شۇ دەۋىردە كىشىلەرنىڭ دىنى ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ كىتىلگەنلىكى راست ، بۇلار دىننى ھاياتىغا تەدبىقلاپ ياشىغان ئەمەس ، ئۇنداق بولغىنىدا ئاۋۇ پاسىقىلق ، شىرىكلىك ، پەسكەشلىك ، ئىلىمغا زىيانكەشلىكنى ئوزىنى مۇسۇلمان سانىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن تاپالمىغان بولاتتۇق ، بۇلار دىننى دەسمايە قىلغان ، ۋە بۇ دەسمايە بىلەن رەزىل نيەتلىرىگە يول ئاچقان ، 1، 2 ،3 ، ئىشلاردىن بۇنى تۇلۇق كورىۋالغىلى بولىدۇ ،،،، ئۇ دەۋىردە قورئان ھەدىس ساقلىنىپ قىلىپ قالغان كىتابلار كويدۇرۇلگەن بىلەن ، قورئان ھەدىس روھىنىڭ بۇرمىلىنىشى ، ئەسلىي ئىسلامى ئەقىدە ئىتىقادقا بولغان زىيانكەشلىك باشقا تىبابەت ، ئىلىمپەننگە بولغان زىيانكەشلىكتىن پەرىق قىلمايتى ، ۋەھىي ئاخىرقى پەيغەمبەر بىلەن تۇگىگەن ، ئۇندىن كىيىن ئىنسان بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرسىدا يانا ئالاھىدە ئورنۇم بار ، ماڭا ۋەھى كىلىدۇ دىگەن كىشى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان كىشى خالاس ، ئاللاھقا كۇندە ساڭىلا ئىباەت قىلىمىز سەندىنلا ياردەم سورايمىز دەپ ۋەدە بىرىپ تۇرۇپ ( سورە فاتىھە تەرجىمىسگە قارالسۇن  ) يانا پىرلىرىدىن مەدەت تىلەش ، ياكى پىرلىرىنى ئوزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىغا ۋاستە قىلىش ، بۇ شىرىك ، ئاللاھ خالىسا بەندىسىنىڭ ھەممە گۇناھىنى كەچۇرىدۇ ، زىنا بولسۇن ھاراق بولسۇن ، ئەمما شىرىكنى كەچۇرمەيدۇ  ،،،، ئەمما دەل شۇ شىرىك ئىدىيەلەرنىڭ ئىسلام نامىدا تارىلىشى ، ۋە دىندىن دەپ چۇشىنىلىشى ئەسلى ئوزى ئىسلامغا قىلىنغان ئەڭ قاتتىق ھاقارەت بولسا كىرەك ،، يىغىپ ئوتسەم قورئان كويدۇرۇلمىدى بۇ راس ، ئەمما ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى بولغان ئەقىدە ئىتىقادقا پالتا چىپىلدى ، بۇ  دەۋىردە ماھىيەتتە مەيلى دىن مەيلى تىبابەت مەيلى ئەنئەنە ھەممىسى ئورنىنى تولدۇرۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى ،،،،،، بەلكى جاۋابىم ئانچە قانائەتلىنەرلىك بولمىغاندۇ ، ئاللاھ نەسىب قىلسا يانا پىكىرلىشەرمىز

UID
10244
يازما
177
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
5907
تىزىملاتقان
2011-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 17:28:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش