ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇردى توختى مۇئەللىم:
سۇپىزىمنىڭ خەلقىمىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى ۋە ئۇنىڭ تارىخىنى ئىنتايىن ياخشى بايان قىلىپ بېرىپسىز. رەھمەت سىزگە!
تۆۋەندىكى بىر جۈملىڭىزدە ئازراق مەسىلە باردەك قىلىدۇ:
بۇ turditohtiقەۋەتتىكى 2011-04-01 21:45يوللىغاندىكىگە خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى دىننىي ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق :
بۇنىڭ بىلەن خۇجىلار سەلتىنەتىدە سىياسى بىلەن دىن ئارلىشىپ كەتكەن سىياسى بىتئەتچىلىك ھۆكۈمىرانلىق قىلىدىغان، سىياسى ۋە دىننىي ھاكىمىيەت مەيدانغا كەلدى.
.......
ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنىدا سىياسىي بىلەن دىن ئەسلىدىنلا بىر گەۋدە ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەم دىننى يېتەكچى ھەم سىياسىي رەھبەر ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا «دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر شەخس» دىگەن كىتابتا ئاپتۇرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھسالامنى نىمىشقا 1- ئورۇنغا تىزغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇ زاتنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سىياسىيون ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېيتقان بايانلىرى ياخشى چۈشەنچە بولالىسا كېرەك! ئۇ زاتنىڭ ئىبادەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان دىنىي يېتەكچى(ئىمام)، ئەڭ مۇنەۋۋەر دەۋەتچى، دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قىلىدىغان قازى، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىدىغان قوماندان.... ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئىسلامدا ھاكىميەت بىلەن دىن بىر بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. بۇ خىل ئەھۋال تاكى 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋاملاشقان.
ئەمدى خوجىلارنىڭ گېپىگە كەلسەك، خوجىلار گەرچە ھاكىميەت ئىسلام دىنىنىڭ قولىدا، ئىسلام سىياسىي دىن دىگەننى ئاساس قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھاكىىيىتى ھەرگىزمۇ دىن تەرىپىدىن باشقۇرۇلمىغان. بەلكى، دىنىي نامنى سۈيئىستىمال قىلىپ ئۆز خاھىشى بويىچە قانۇن چىقارغان. بۇنى ماقالىڭىزدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ساپ ئىسلام دىنى شەخسى ئىبادەتلەرنى، مۇئامىلاتلارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالماستىن بەلكى جەمئىيەت باشقۇرۇش قانۇنلىرىنى ۋە ھاكىمىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ھوقۇقدارلار دىن نامىدىن يالغاننى توقۇپ دىننى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ.
ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلىۋېتىڭ، توغرا بولسا قۇبۇل قىلىڭ!
ئامان بولۇڭ!