بۇ تېمىنى بەكلا كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. يېڭى ساۋادىم چىققان ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىمدىن باشلاپ ئاپاق خوجا مەن ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان سەلبىي شەخسلەردىن بىرى ئىدى. مەندە بۇنداق قاراش شەكىللىنىشىگە بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان ماقالىلار: نىزامدىننىڭ ماقالىسى، مۇختەر قادىر ھونزادە، ياسىنجان چوغلۇق قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ خوجا ئىشانلارنى تىللاشتىن ئىبارەت جامائەت پىكرى سەۋەب بولغان.
كېيىن ئېنگلىزچە ساۋادىم چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە چەتئەللىكلەر يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم. خۇيزۇلار، جوڭگۇدىكى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىش تارىخىنى ئوقۇدۇم. بەزىدە ئاپاق خوجا ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ ئۇچراپ تۇردى. ئىلگىرى ئۇيغۇرچە ئوقىغان مەزمۇنلارغا پەقەت ئوخشىمايدىغان گەپلەرنى ئوقۇپ قاتتىق ھەيران بولدۇم.
مېنى ھەيران قالدۇرغان مەزمۇنلاردىن ئېسىمگە كەلگىنىنى يازاي، بىلىدىغانلارنىڭ ئىزاھاتىنى ئاڭلارمىز.
ھازىر تىبەتتە سانى ئون مىڭدىن كۆپرەك تىبەت مۇسۇلمانلار بار. ئۇلارنى خەنزۇچە 卡力岗藏族دەپ ئاتايدۇ. بۇ تىبەتلەر 1734-يىلى خۇيزۇ سۇپى ما لەيچى (马来迟)نىڭ تەبلىغى بىلەن ئىسلامغا كىرگەن. ما لەيچىنىڭ دادىسى ماجىياجۈننىڭ ئاپاق خوجا بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالغانلىقى، ... كېيىن مالەيچىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا
ئىنگلىزچە قامۇستا ۋە خەنزۇچە ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسىدە مەلۇماتلار بار.
مانا مەنبە.
يەنە نىڭشىيادىكى بىر سۇپى تەرىقىتىگە ئاساس سالغۇچى چى جىڭيى (祁静一) نىڭ 16 يېشىدا بىۋاستە ئاپاق خوجىدىن تەلىم ئالغانلىقى، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭمۇ كۆپ بولغانلىقى يېزىلغان.
مانا مەنبە.
مەيلى تىبەت مۇسۇلمانلار بولسۇن، ياكى خۇيزۇ سۇپىيلار بولسۇن، ھەممىسى
مالەيچى (马来迟)نى بەك چوڭ بىلىدۇ. ما لەيچىمۇ نەقشىبەندىيە پىكرىتىنىڭ شەيخى بولغان مەشھۇر تارىخىي شەخس.
مەن ئوقىغان ئېنگلىزچە تارىخىي كىتابلارنىڭ ھېچبىرىدە ئاپاق خوجىنىڭ دالاي لامانىڭ يېنىغا بېرىپ بۇتقا تازىم قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرەر گەپ يوق. شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. لېكىن خۇيزۇلار ئارىسىدا نەقشىبەندىيە پىكرىتىنىڭ تارقىلىشىدا ئاپاق خوجىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، خۇيزۇلاردىكى سۇپىزىمنىڭ ئۇلارنى خەنزۇلار ئىچىگە سىڭىپ كېتىشتىن، ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ يۇقاپ كېتىشتىن ساقلاپ قالغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى يېزىلغان. (مەنبە: Michael Dillion يازغان China's Muslim ناملىق كىتاب، نىيورك ئوكىسفورت نەشرىياتى، 1996-يىل، 23-بەت)
.......................................................................
مېنىڭ بۇنىڭغا ھەيران قېلىشىمدىكى سەۋەب، ئادەتتىكى بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىر كاپىرنىڭ ھىدايىتىگە سەۋەب بولالىشى ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئاددىيسى، مەن ئۆزەمنىڭ بىر تۇققان مىنكاۋخەن سىڭلىمغا تەبلىغ قىلىپمۇ ھازىرغىچە ئۇنى ياغلىق ئارتقۇزۇش تۈگۈل بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، روزىنى تولۇق تۇتۇشقا قايىل قىلىپ بولالمىدىم.
تىبەتكە بېرىپ لامالارنىڭ بۇتىغا تازىم قىلغان بىر مۇناپىق ئادەم قانداقمۇ نۇرغۇن خۇيزۇنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلىنىشى، ھەتتا دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ھېساپلانغان تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئىمان ئېيتىپ ئىسلامغا كىرىشى، ۋە بۇ ئېتىقادىنى ھازىرغىچە ساغلام ساقلاپ قالالىشىغا ۋەسىلە بولالىسۇن؟! مەشتىكى ئوت كۈچلۈك بولمىسا، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تارقىتالامدۇ؟!.....
.........................................................................
ئاپاق خوجىدىن ئىبارەت بۇ سەلبىي ھەم سىرلىق شەخس ھەققىدە كاللامدا نۇرغۇن سوئال بار...
ماۋۇ ماقالىگىمۇ قاراپ بېقىڭلار:
During his 1672 visit to Hezhoi, Khoja Afaq played an important role in the life of a certain Ma Laichi (1673-1753), a Hezhou Hui of extraordinary talent who went on to found one of the earliest and most influential Naqshbandiyya orders in China, the Khufiyya menhuan. According to Sufi tradition, Ma Laichi was born to a childless couple after receiving Khoja Afaq’s blessings, and was later raised and trained by one of his disciples, Ma Tai Baba (“Great Father”), who later gave him his daughter in marriage and passed on to him the leadership of the mystical path that he had received from Khoja Afaq. From 1728-81, Ma Laichi went on to the pilgrimage to Mecca, Yemen, and Bukhara where he studied several Sufi orders, and became particularlly influenced by Mawlana Makhdum, a man of uncertain origin, who Fletcher hypothesizes may have been Indian. When he returned from his polgrimage, Ma Laichi established the most powerful of the Khufiyya menhuan, the Huasi (“flowery mosque”) branch, propograting the order for 32 years among the Hui and Salar in Gansu and Qinghai, before his death in 1766 at the age of 86. The menhuan is still quite active and centered in Linxia Hui Autonomous Region, Gansu, at the tomb of Ma Laichi, which was restored in 1986.
Originating in an earlier Central Asian and Yemeni Naqshbandi Sufism, the Khfiyya order was permeated with an emphasis on a more passive participation in society, the veneration of saints, the seeking of inspiration at tombs, and the silent dhikr (“rememberance,” properly “Khafiyya,” the “silent ones) There are now over 20 sub-branch menhuan throughout China, with mosques in Yunnan, Xinjiang, and Beijing. Most Khufiyya orders are concentrated in Gansu, Qinghai, Ningxia, and Xinjiang with several of the original Khufiyya practices in some outlying areas such as northern Ningxia beginning to lose their distinctiveness over time.
ref: Atabaki, Touraj. Mehendale, Sanjyot. Central Asia and the Caucasus. pub: Routledge (2005)
مەنبە
بۇ يەردە.