تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: turditohti

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى دىننىي ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 17:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلارنىڭ بۇ تىما ئۈستىدىكى مۇلاھىزىسى ئاساسلىغى ئىككى خىل يۈلۈنۈشتە تەرەققى قىلىپ،ئوخشىمىغان دەلىللەر ئوترىغا قۇيۇلۋاتىدۇ.يەنە بىز قېرىداشلار تەسەۋۋۇپ ئىلمىگە بولغان قاراشلىرنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئىسلام پەلىسىپىسىنىڭ تەركىۋىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىۋاتقان بۇ پەلىسىپىلىك قاراشقا دەلىللەرنى كەلتۈرۋاتىدۇ،مىنىڭچە بۇنداق بۇلۇشى بىر نورمالنى ھەم ئىلمىي ئىش.مۇنازىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش بولسا ھەممىمىزگە پايدىلىق بولغان بىر بىلىم ئىگەنلەش ھىساپلىنىدۇ.
قېرىداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن بىر قىسىم مەنبەلەرنى تەۋىسىيە قىلماقچى.
1.موللا مۇسا سايرامىنىڭ<<تارىخى ھەمىدى>>،118-،119-بەتلەر.
2.<<قەشقەر>>مەجمۇئەسى_چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر(1-قىسىم). نوشىرۋان يائوشېف نىڭ <<ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت>>دىگەن ماقالىسى.
گۇنناز ئالفرېت ياررىڭ نىڭ<<قەشقەرگە قايتا سەپەر>>دىگەن ماقالىسى.
3.ئابدىشۈككۈر مەھەممەتئىمىننىڭ<<ئۇيغۇر پەلىسەپە تارىخى>> دىگەن ئەسىرىنىڭ399-415-بەتلەر.
4.<<تەزكىرىئى خوجىكان>> ئۇيغۇرچە نەشىرى80-،81-بەتلەر.
يۇقارقى ماتىرياللارنى سالماقلىق بىلەن ۆۈرۈپ باقارسىلەر.
ئامان بۇلۇڭلار!يەنە ئورتاقلىشارمىز

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
9979
يازما
76
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2326
تىزىملاتقان
2011-3-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 01:36:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇ  تېمىغا يوللانغىنىدىن تارتىپ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.  پىكىر قاتناشتۇرغۇم بۇرۇنلا بولسىمۇ ئەمما بۇ تېما ئادەمدىن خېلىلا چىڭ تاھارەت تەلەپ قىلىدىغان ،  دىن ، تارىخ،  ۋە ئۇندىن باشقا نۇرغۇن نوقتىلاردا مول بىلىم تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا كۆپ ئىككىلەندىم،

ئادەمنى خوشال قىلىدىغىنى ، بۇ تېما بوپمۇ ئاخىرىدا ناھايتى ئىلمى يوسۇندا، ئادەمگە نان تېگىدىغان ھالەتتە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئاز بىر قىسىم ھاياجان تورداشلارنىڭ ئالدىراقسانلارچە تاشلىغان ئىنكاسلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا .

ئۆلۈپ كەتكىنىگە 300 يىلدىن كۆپ ئارتۇق بولمىغان ، مىللىتىمىزنىڭ  دىنى، مىللى پىسخىكىسىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپ ، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىدە چوڭ ئېتىقادى ، تارىخى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان بىر مەشھۇر شەخىس ھەققىدە ، ھەتتاكى ئۇنىڭغا باھا بېرىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا قانائەتلىنەرلىك، يېتەرلىك تارىخى بايانلارنىڭ ، ماتىرىياللارنىڭ بولماسلىغى،  ۋە بۇ ھەقتە مەيدانىنىڭ قانداقلىغىغا ھۆكۈم قىلىشمۇ تەس بولغان ياتلارنىڭ قىياسى بايانلىرىغا تايىنىشقا موھتاج بوپ قېلىش ئادەمنىڭ ئىچىنى ھەقىقەتەن ئاچچىق قىلىدۇ .  

ئافاق خوجىدىن ئىبارەت بۇ شەخىس ھەققىدە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ گەپلەر بولۇپ كەتتى، ئاڭلىغانلىرىمىز ئىچىدە ئىجابى تەرىپىدىن ، سەلبى تەرەپلىرى بەكلا كۆپ ، كۆپىنچىللىرىمىزنىڭ شۇنداق،  ئەمما بۇنىڭ راسلىغىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمايمىز، ھەم بۇنداق قىلالىشمىزمۇ ھازىرچە مومكىن ئەمەستەك ،  تارىخچىللىرىمىز بولسۇن، ياكى ئەدەبى يازغۇچىللىرىمىز بولسۇن بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان ئەسەرلەرنى يېزىشىپ خەلقىمىز ئېڭىدا ئافاق خوجىنىڭ بىر قاتار ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بولدى،   لېكىن نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇنىڭ قايسىنىڭ راس ، قايسىنىڭ يالغانلىغىغا ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولدى،  بۇ توغرىلىق تەتقىقاتلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق ھۆكۈملەرگە ئىگە بولارمىز.

بۇ تېمىدىكى موھىم مەسىلىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئافاق خوجىنىڭ سالاھىيتى، ۋە ئۇنىڭ قانداقلىغىغا باھا بېرىش ئەمەس،  بەلكى ئەڭ موھىمى شۇلار تەرغىىپ قىلىۋاتقان ۋە خەلقىمىز ئىچىدە تا ھازىرغىچە تەسىرى داۋاملىشىۋاتقان ، تەسەۋۋۇپ ، تەرىقەت ، سوپىزىم  ، لار ھەققىدە ...

تەسەۋۋۇپ، ۋە سوپىزىمنى بىزگە مەلۇملۇق بولغان مەزھەبلەر بىلەن بىر قاتاردا قويۇشقا بولمايدۇ،  مەزھەبلەرنىڭ كېپ چىقىشى ۋە مەزھەبلەرنىڭ ئومۇمى چۈشەنچىللىرىدىن خەۋەردار بولغانلارغا  ئېنىقكى ،  ھەنەفى، شافىئى، مالىكى ، ۋە ھەنبەلى  قاتارلىق  ئاساسلىق مەزھەبلەر دىننىڭ ئاساسى بولغان تەۋھىد، ئىمان مەسىللىرىدە ئىختىلاپسىز، مەيدانى بىردەك  ، يەنى  ئۇلار ئاددى سېلىشتۇرما قىلىپ ئېيىتساق  ئوتتۇرىسى ئۈزۈك سىزىقلار بىلەن 4 بۆلەككە بۆلۈنگەن بىر ئاساسى يولدا  ئوخشاش يۆنىلىشتە ئوخشاش نىشانغا قاراپ كېتىۋاتقانلاردۇر، پەقەت ئۇلارنىڭ شۇ ئاساسى يولدىكى مېڭىۋاتقان ئورنىدا ئازىراق پەرىق بار،  يەنە بىرى ئوڭدا ، بىرى سولدا  ، ئىككىسى ئوتتۇرىدا،  ئەمما يول بىر، نىشان بىر،  يولنىڭ ئوڭ ياكى ، ئوتتۇرا ، ياكى سول تەرىپىدە مېڭىش ھەممەيلەن ئورتاق كۆزلەپ كېتىۋاتقان نىشانغا بېرىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
يەنى بۇ مەزھەبلەرنىڭ پەرقى، ئىختىلاپى ئىبادەت، ۋە ئەمەلى مەسىلىلەر ساھەسىدە.  
ھەرگىزمۇ ئىمان ، ۋە تەۋھىد قاتارلىق  ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسىدا  ئەمەس.

ئەمما شىئە ، رافىزى ،  جەھىمى .....   قاتارلىق بىر بۆلۈك مەزھەبلەر ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسى بولغان  تەۋھىد مەسىلىسىدە  ئوخشىمىغان يول تۇتقان ،  شىئە مەزھىبىمۇ ئۆز ئىچىدىن ئون نەچچە پىرقىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئەڭ مۆتىدىل يول تۇتقانلىرى ئەھلى سۈننەتكە يېقىن،  ئەمما يەنە بىر بۆلۈكلىرى تەۋھىد مەسىلىسىدە خاتالىشىپ ، دىندىن چىقىپ كەتكەن، ياكى چقىپ كېتىشكە يېقىن بولغانلىرى بار،    ( شىئە مەزھېبىدىكى پىرقىلەر ھەققىدە تولۇقلىما بىرەلەيدىغانلار بولسا مەلۇمات بەرگەيسلەر )

ئەمدى بۇ تەسەۋۋۇپ ، ۋە سوفىزىممۇ  بىزگە مەلۇملۇق تۆت مەزھەبدىن پەرىقلىق ھالدا  يول تۇتقان .   بۇلارنىڭ  گەپ سۆزلىرى ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ.  بەزى بايانلىرىنى چۈشەنمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس.   تەسەۋۋۇپ ۋە سوفىزىم  يالغۇز   زىيادە تەقۋادارلىق ، ۋە ئىسلامى ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتىكى جەڭگىۋارلىق ، ھەمدە پەيغەمبىرىمىز بىزلەرگە بىلدۈرگەن ، قىلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ئارقىلىق  تېخىمۇ كۆپ ئەجىرگە ئىرىشىش مەقسىدىدىلا بولغان بولسا ، قىسقىسى پەيغەمبەر كۆرسەتكەن دائىرىدە ئادەتتتىكى ئادەملەردىن ئالاھىدە پەرىقلەنگەن يۈكسەك پائالىيەتچانلق بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى ئىش بولغان بولار ئىدى،  
ئەمما تەسەۋۋۇپ ، تەرىقەتچىلىك ۋە سوفىزىمنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ ، ھەمدە ئۇلار دەۋا قىلىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەرنى  قۇرئان، ۋە ھەدىستىن ئىبارەت بۇ  تىئورمىغا سېلىپ باقساقلا ئۇلارنىڭ دەۋالىرى قاتارىغا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ، ھەتتا ئوچۇقلا قۇرئان ھەدىسكە مۇخالپ بولغان نۇرغان نەرسىلەرنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەنلىگىنى بايقايمىز.  ئەگەر شۇ مەسىلىلەردە قۇرئان ھەدىستىن قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىلسە بەلكىم قارىشىمىز ئۆزگىرەر ،


مەسىلەن : 6 - بەت 50 - ئورۇندىكى ئاپپاقخوجا  ( ئۇ ئۆزى ئاپپاق خوجا دەپ ئاپتۇ، يەنە بىر ئىنكاستا ئاپپاق دىگەن لامالارنىڭ دىنى ئۇنۋانى ، توغرىسى ئافاق خوجا دەپتىكەن، قايسى راس بىلمىدىم )  نىڭ يازغان ئىنكاسىدىكى بەزى مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى.
{ تەسەۋۋۇپ دېگىنىمىز پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھاياتى بىلەن تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىن پۈتۈنلىشىپ، چوڭقۇر بىر مۇھەببەت بىلەن بىر يەرگە كېلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زاھىرى-باتىنى، ئىچكى ۋە سىرتقى تەجەللىلىرى، يەنى ھالىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روھانىيىتىدىن پاي ئېلىش ۋە روھى جەھەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. }   
قاراڭلار ماۋۇ گەپكە، پەيغەمبىرىمىز قاچان ، قەيەردە ئۆز ھاياتى بىلەن بىرلىشىپ ، روھى جەھەتتە ئۆز روھى بىلەن بىرلىشىپ كېتىشكە بۇيرۇپتىكەن،   قارىماققا ، ئاڭلىماققا نىمە دىگەن چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان گەپ ھە بۇ،  بۇنىڭغا دەلىل قېنى ؟  پەيغەمبىرىمىز 1400 يىل بۇرۇنلا بارلىق ئىنسان باللىرى بىلەن ئوخشاشلا جان تەسلىم قىلىپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا قايىتقان، خوش ئانداقتا قايسى ، تەجەللىرى ، زاھىرى ، باتىنى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ  قايسى روھى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدىغان گەپ ؟

ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار،  مۇشۇ 6 - بەت 64 - ئورۇندىكى تاھىربەك ئىسىملىك تورداش قالدۇرغان ئىنكاستا  خېلىلا  گەۋدىلىنىدۇ.   ئاللاھدىن ئىلھام ئېلىش،  مەلۇم ماقامغا يەتكەن ئەۋليالارنىڭ روھىنىڭ  يۇقىرى ئالەمگە ئۆرلىشى، ھەمدە نورمال بىر مۇسۇلمان كىشى تەسەۋۋۇر قىلىشتىنمۇ قورىققىدەك ماقاملاردە بولىشى، غەيىبنى بىلىشى، ھەتتا  كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدا بولىشى، قاتارلىق  ئىسلام ئەقىدىللىرگە زىت بىر قاتار مەسىلىلەر،  ئۇندىن باشقا يەنە خېلى كۆپ زىددىيەتلىك ئىشلار بار.

ئاپپاق خوجا ئىسىملىك تورداش ئىنكاسىنىڭ بېشىدا تەرىقەت يولىدا بولغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغانلىغىنى يېزىپتۇ،  قارىغاندا بۇ ھەقتە مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگىدەك تۇرىدۇ،  بىزلەرمۇ خاتا دەپ قارىغان ، كاللىمىزدىن ئۆتمىگەن يەرلەرنى قۇرئان ھەدىسكە سېلشتۇرغان ھالدا ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئۆتسەك ، بۇنىڭغا ھەم قۇرئان ھەدىستىن دەلىل پاكىتلىق ھالدا جاۋاپ بېرىلسە ، شۇ ئارقىلق كاللىمىزدىكى بەزى تۈگۈنلەر يېشىلىپ كەتكەي ، ئىنشا ئاللاھ، .

ئىلمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا

UID
7255
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1885
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 07:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربىي لياۋ(قىتانلار) پادىشاسى  يوللىغ تاشىن 1128-يىلى قەشقەرگە بېسىپ كىرىپ ،قارخانىلار خانلىقىنى قارام قىلدى .نايمانلار سەردارى كۈچلۈك 1211-يىلى قىتانلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى يوللىغ جىرۇقنى تەختىن  چۈشۈردى،قوشۇن ئەۋەتىپ قەشقەرنى ئىشغال قىلدى . ھەم قارخانلار خانلىقىنى تامىمى يوقاتتى.شۇنىڭ بىلەن (840-1212)370 يىلدىن ئۇشۇق ھاكىميەت سورىغان قارخانىلار دۆلىتى يوقىدى .1218-يىلى چىڭگىزخانىڭ سانغۇنى جەبەنويان 20 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرنى كۈچلىكتى تارتىۋالدى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار رايونى مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ بىرقىسىمىغا ئايلاندۇردى شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار رايونى 1680-يىلى يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرىققى خانى ئىسمايىلخاننىڭ غالدانغا تەسلىم بولغىچە 83 يىل قىتانلارنىڭ، 7 يىل نايمانلارنىڭ،462  يىل مۇڭغۇل چىڭگىسخان ۋە ئۇنىڭ ئۇغلى چاغىتاينىڭ نەسلىدىن بولغان  مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلدى. مەن بۇ تېمامدا چاغتاي ئەۋلادى بولغان سەئىدىيە خانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۇڭغارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلمەن...
مۇڭغۇللارنىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇتتۇر شەرىققە باستۇرۇپ كىرىشى  بۇ رايونلارغا ھەرقايسى جەھەتلەردىن بالايى- ئاپەتلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ھاكىميەت تالىشىپ قىلغان جەڭگى-جىدەللىرى تاكى بۇلارنىڭ  ۋە بۇلارنىڭ تۈرۈكلەشكەن ئەۋلاتلىرىنڭ ھاكىميەتتىن ھەيدەپ تاشلانغۇچۇلۇق بولغان ئارلىققىچە  داۋام ئەتتى .ئۇلارنىڭ ھاكىميەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھىلە -نەيرەڭلىرى،يەرلىك مىللەتنىڭ ئىچكى قىسىمىغا سالغان ئىختىلاپ نىزالىرى، ئەسىرلەر بۇيىچە داۋام ئېتىپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە...... مۇڭغۇللارنىڭ بۈيۈك تۆھپىسى شۇكىن ئۇلار بۈگۈنكى جۇڭگو خەرىتىسىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ بەردى ۋە داۋالارنى كۈچلۈك پاكىت بىلەن تەمىن ئەتتى .شۇڭا ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بىزنىڭ تارىخى كىتاپلىرىمىزدا ئىزچىل تاجاۋۇزچى ئەمەس ،بەلكى مىللەت نىجاتكارى دەپ تەشۋىق قىلىنىشى زۆرۆر!
بۇلارنىڭ ھاكىميىتنى ئاغدۇرغانلار بەلكى ساتقىن خائىن دىيىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە.
جۇڭغار خانلىقى--- ئۇيرات مۇڭغۇللىرنىڭ ئىتتىپاقى  ئاساسىدا قۇرۇلغان خانلىق بولۇپ ،مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدە باش كۆتۈرۈپ چىققان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى، بىر قېتىملىق ھاكىميەت بولۇپ ھىساپلىندۇ. 1439-يىلى توخان تەيشى ئۈلۈپ ،ئۇغلى ئېسەن تەيشى تەختىگە چىققاندا ،ئۇيراتلارنىڭ تەسىرى كۈچى مىسلىسىز كۈچۈيۈپ غەرىپتە ئوتتۇرا ئاسىياغىچىلىق كېڭەيدى.ھەم ئۇلارنىڭ ھاكىميىتى باشتىن ئاخىرى چىڭگىسخان ئەۋلاتلىرىدىن بولغان (ئالتۇن ئۇرۇق) تىن بولغان خانلار بىلەن توقۇنۇشتا ئۆتتى ،بولۇپمۇ 1453-يىلى ئېسەن تەيشىنىڭ ئۆزىنى پۈتكۈل مۇڭغۇللارنىڭ ۋە مۇڭغۇللار ئىستىلا قىلغان تارىختىكى زىمىنلارنىڭ خانى دەپ جاكارلىشى ،چىڭگىسخان ئەۋلادىن  بولغان خانلارنىڭ ۋە مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قاتتىق ھەسەتخورلۇقىغا ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.خالخا مۇڭغۇل سېستىمىسىدىن كېلىپ چىققان دايانخان 15- ئەسىرنىڭ ئاخرىرىدا مۇڭغۇل ئىگىزلىكىدە شەرققى مۇڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرىشى ۋە كەينىمە-كەينىمە يۈز  بەرگەن توپىلاڭلار سەۋەپلىك ئۇيراتلار مۇڭغۇل ئىگىزلىكىنى تاشلاپ غەرىپكە كۆچىشكە باشلىدى.لېكىن ئۇلار بۇ جايدا ئۆزلىرنىڭ بۇ جايلارغا يەرلىكلەشكەن ،يىراق قەبىلداشلىرى بولغان چاغتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇغۇل خانلىرىنىڭ ۋە قازاق خانلىرىنىڭ قارشىلىققىغا ئۇچرىدى...17-ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغا كەلگەندە جۇڭغار قەبىلىسىنىڭ تەيشىسى قارا قۇللا پەيدىنپەي كۈچۈيۈپ ئۇيرات قەبىلىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا باش بولۇشقا باشلىدى .1635-يىلى باتۇر فۇنتەيجى ئاتىسى ئۈلۈپ تەختىگە چىقتى.مانا بۇ جۇڭغار خانلىقىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىدۇر.197 يىللىق بوران- چاپقۇنلۇق كۆرەشلەر ئارقىلىق ئۇيرات قەبىللىلەر ئىتپاقىنىڭ ، ئاخىرى كۈچلۈك جۇڭغارىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.1640 -يىلى يىلى تارغاباتايدا ئۇيرات ۋە خالخا مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى بىرلەشمە يىغىن چاقىرىپ،مۇڭغۇل ئۇيرات قانۇنىنى ماقۇللىدى.بۇ قانۇن ئارقىلىق    جۇڭغارلارنىڭ ئورنى يۇقىرى كۆتىرلىنىپ جۇڭغار خانلىققى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولدى .1653-يىلى سېڭگى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا خان بولدى ،جۇڭغارلارنىڭ ئەمىلى كۈچى يەنە ئاشتى. 1670-يىلى سېڭگى ئىچكى يېغىلىقتا ئۆلتۈرۈلۈپ ئىنىسى غالدان تەختىگە چىققاندا ،جۇڭغارلار كۈچۈيۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.  
1487-يىلى مۇڭغۇلۇستان خانى يۇنۇسخان تاشكەنىتتە ۋاپات تاپتى . چوڭ ئوغلى مۇھەممەتخان تاشكەنىتتە ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىققى قىلدى .كىچىك ئوغلى ئەخمەتخان تۇرپاننى ئىدارە قىلىپ ،بۇجاينىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى.ئەھمەتخان كۈچلۈك ھۆكۈمران بولۇپ،ئۇ ھۆكۈمران بولۇپ ئۇ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلدە ئۇيرات قەبىللىرى ئىتتىپاقى ئۇنچىلىك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى .ئۇ ئۇيراتلارنى نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا يېڭىپ ،ئۇيراتلار تەرەپىدىن ئالاشخان(قاتىل) دەپ لەقەملەنگەن ئىدى.1504-يىلى ئەھمەدخان قازا قىلىپ، ئوغلى مەنسۇرخان تەختىگە چىقتى.ئۇيراتلار مەنسۇرخان بىلەنمۇ كۆپ ئۇرۇشقان ئىدى.سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچى سەئىدخانمۇ ئەھمەتخاننىڭ بالىسى ئىدى،ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپادىن كېيىن ئاكىسى مەنسۇرخاندىن تەخت تالىشىپ ،ئىنتايىن قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ ،ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ ،نەۋرە ئاكىسى بابۇرنىڭ نىڭ يېنىدا بىر مەزگىل پاناھلىنىپ 1514-يىلى دوغلات جەمەتىدىنىڭ تارىخى سۇرغالىق زىمىنى بولغان ماڭلاي سۈيەر رايونىنى (جەنۇبى شىنجاڭ)،مىرزا ئابەكرى دۇغلاتىدىن تارتىۋېلىپ،   يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى قۇردى.. شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر جەميىتى چاغتاي ئەۋلادىدىن بولغان يەركەن سەئىدىيەمۇڭغۇل خانلىرى ئىچىدىكى ئاتا-بالا،ئاكا-ئىنى،تاغا-جىيەن قېرىنداش خانلىرىنىڭ  توختىماي تەخت تالىشىدىغان مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى...يەركەن سەئىدىيە خانلىرىنىڭ ھىچبىرى قان تۆكمەي تۇرۇپ تەخىتكە چىققان ئەمەس ئىدى .ئۇلار  ئالدى بىلەن ئۆزۈدىن بۇرۇنقى خانىڭ دەۋرىدە يۈز تاپقان بەگ -ئەمىرلەرنى قىرغىن قىلىش،ئۆز قېرىنداشلىرىنى يىراق جايلارغا  سۈرگىن قىلىش بىلەن ئۆز ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان .بۇ ھەقتە نۇرغۇن تارىخى كىتاپلار قان - ياشلىق بايانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن . ئۇيراتلار تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا بولغان بۇلاڭ - تالاڭچىلىق ئۇرىشى مەنسۇرخانىڭ بالىسى شاھ خانىڭ دەۋرىدە رەسمى تاجاۋۇچىلىق خاراكتىرىنى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى .ئەينى چاغدا شاھ خان قۇمۇلدىن-كۇچاغىچە بولغان جايلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى.ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى زىمىن ئۇيراتلار زىمىنى بىلەن بىۋاستە تۇتۇشۇپ تۇرغاچقا،ئۇيراتلارنى پاراكەندىچىلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايتى.1570-يىلى شاھ خان ئۇيراتلار بىلەن ھايات -ماماتلىق ئۇرۇش قىلدى،لېكىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان يەركەن سەئىدىيە خانلىرى ئۇيراتلارنىڭ كۈچى بىلەن قېرىندىشى شاھ خاننى يوقۇتۇش مەقسىدىدە ،بۇ ئۇرۇشتا باشتىن -ئاخىرى سۈكۈتتە تۇردى.ئۇرۇش شاھ خاننىڭ شەھىت بولىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.شاھ خان ئۇيراتلار بىلەن ئۇرۇشۋاتقان مەزگىلدە ئابدىرىشىتخانىڭ ئاقسۇغا ۋالى بولۇپ تۇرغان ئوغلى مۇھەممەدخان ،شاھ خانىڭ ئارقا سېپىغا  ھۇجۇم قىلىپ ،قىزىنى ئولجا ئېلىپ كەتكەن. شاخ خان شەھىت بولغاندىن كېيىن سۇلتان ئابدىرىشىت خانىڭ نەۋرىسى خۇدا بەندى سۇلتان ،شەرقى مۇغۇلۇستان خانلىقىغا  ھۇجۇم قىلىپ ،شەرقى مۇڭغۇلۇستان خانلىقىنى يوقۇتۇپ يەركەن سەئىدىيە خانلىقىغا قوشتى..شۇنداقلا ئۇ تۇرپان ،قاراشەھەر ،كۇچا رايونلىرىدا ئۆز ئالدىغا ھاكىميەت تىكلىمەكچى بولدى،لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى  يەركەن خانى مۇھەممەت خان يەنە بىر ئىنىسى ئابدۇرېھىمخاننى بۇ رايونغا ۋالى قىلىپ ئەۋەتتى .خۇدا بەندى سۇلتان دەرھال ئۇيراتلار ئىچىگە قېچىپ ،ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى ،لېكىن ئۇيراتلار ئەينى چاغدى پايدا -مەنپەتنى كۆزلەپ ،خۇدا بەندى سۇلتاننى تۇتۇپ يەركەن خانلىرىغا تاپشۇرپ بەردى .ئابدۇرېھىمخان 1574- يىلدىن باشلاپ تۇرپان ،قارا شەھەرگە 40 يىل مۇستەقىل خان بولۇپ ياشىدى .. شۇندۇن باشلاپ بۇرۇنقى مەنسۇرخان ئەۋلادى بىلەن سەئىد خان ئەۋلادىنىڭ ھاكىميەت تالىشىش كۆرىشىنىڭ ئورنىنى ئابدىرىشىرخان باشقا باللىرىدىن بولغان ئەۋلاتلىرى بىلەن ئابرېھىمخان ئەۋلاتلىرىدىن ئىبارەت، تاغا-جىيەن ھاكىميەت تالىشىش دەۋرىگە ئۆتتى .مەركىزى ھاكىميەتنىڭ ھوقوقى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۋەتتى .ئىچكى ئىناقسىزلىق مۇققەرەر خانلىقنقىڭ تەھدىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۋەتتى،جۇڭغارلارنىڭ يەكەن خانلىقىغا بولغان ئاشكارا مۇداخىلىرىنى ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى.تۇرپاننى مەركەز قىلغان ئابدۇكېرىمخان ئەۋلاتلىرى  ،يەكەرننى مەركەز قىلغان خانلار بلەن توقۇنۇشلاردا جۇڭغارلارنى ئىتتىپاقچى،قېرىنداش يەركەن خانلىرىنى دۈشمەن كۆرۈپ ،جۇڭغارلار بىلەن مۇناسىۋەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.   شۇندىن باشلاپ ئۇيراتلار يەكەن خانلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى  بۇ كۆرەشتىن ئەپچىل پايدىنلىنىپ قايسى تەرەپ كۈچلۈك بولسا ،شۇ تەرەپكە بىرلىشىپ ئۇيغۇر جەمىيىتىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا باشلىدى.مۇھەمەد خاندىن كېيىن ئوغلى شۇئاجىدىن خان تەختىگە چىقتى ،بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ جىيەنى مۇھەممەد ھاشىم شۇئاجىدىن خاندىن زىدىيەتلىشىپ قېلىپ ،كۇچاغا ئابدۇرېھىمخانىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى .ھەم ئابدۇرېھىمخان بىلەنمۇ زىدىيەتلىشىپ قېلىپ،جۇڭغارلاردىن  ياردەم تەلەپ قىلىپ ،ئابدۇرېھىمخان بىلەن ئۇرۇش قىلدى..جۇڭغارلار ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ ۋەزىيەتنى كۈزەتتى ،غەلبە ئابدۇرېھىم خانغا يۈزلەنگەندە ئابدۇرېھىم خانغا بولشۇپ مۇھەممەد ھاشىمغا ھۇجۇم قىلدى ۋە نۇرغۇن ئولجىلارنى ئېلىپ قايتى.ئۇيراتلار يەركەن خانلىقىغا ئىزچىل قارىشىتۇرۇش ،ئارىدىن پايدا ئېلىش ۋە قايسى تەرەپ مەغلۇپ بولسا شۇ تەرەپكە دەرھال ھۇجۇم قىلىپ ئولجا ئېلىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان ئىدى.1638-يىلى ئابدۇرېھىمخانىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللاخان  ئۇيراتلارنىڭ ياردىمىدا ،شۇئاجىدىن خانىڭ كېيىنكى يەركەن خانى ئەھمەدخاندىن ھاكىميەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى يەركەن خانلىقى زىمىدىن ھەيدەپ چىقاردى...ئابدىرىشىتخان باشقا باللىرىدىن  بولغان ئەۋلاتلىرىنى  ۋە ئۇلار دەۋرىدە خىزمەت قىلغان يۇرت كاتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەھشەتلىك قەتلى قىلدى.دەسلەپتە ئۆز ئىنلىرىنى ھەرقايسى يۇرتلارغا ھاكىم قىلدى، لېكىن كېيىن ئۇلاردىنمۇ گۇمان قىلىپ،ئۇلارنىمى ھەيدەپ تاشلاپ قىرغىز بەگلىرىنى يۇرتلارغا ھاكىم قىلدى.بۇ مەزگىللەردە ئۇيراتلارنىڭ قۇچىن،سەرەڭ،شەمەر ئاتلىق سەركەردىلىرى يەركەن خانلىقىنىڭ چېگرىسىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ تاكى خوتەنگىچە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى...بۇ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ كەينىدە ئەلۋەتتە ئابدۇللاخاندىن ئازار يىگەن ئىبراھىمخان ۋە ئەخىرقى يەركەن خانى ئىسمايىلخانلار بار ئىدى.ئۇلار ئاكىسىدىن كۆڭلى ئاغرىپ ئۆزلىرىنى جۇڭغار قەبىلىرىدىن بولغان خويىت قەبىلىسىدىكى  يىلداڭ تەيجىنىڭ قوينىغا ئاتتى ..ھەم ئۇنىڭ قوشىنىدىن پايدىلىنىپ ،ئاكىسى ئابدۇللا خان بىلەن قارا شەھەر ۋە يۇلتۇزدا قاتتىق ئۇرۇشۇپ ئاكىسىنى ئەجەلىك مەغلۇپ قىلىپ،يەركەن خانلىقىنىڭ ئاجىزلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،شۇندىن باشلاپ  يەكەن خانلىقى بىلەن جۇڭغارلار بىلەن بولغان كۆرەشتە يەركەن خانلىقى ئىزچىل ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشقا باشلىدى..تارىخنىڭ بۇرلۇش نوقتىسى باشلاندى.   جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرى سېڭگى بىلەن غالدان ئوتتۇرسىدا ئۈستىنلىك تالىشىش كېلىپ چىقىپ ،سېڭگى جۇڭغارلار ئىچىدە داغ-دۇغا قوزغاپ غالدان ئۈستىن كېلىش ئۈچۈن ،كېرىيەگە ھۇجۇم قىلىش داغدۇغىسى قوزغىدى.مۇشۇنداق جىددى پەيتە ئابدۇللا خان بىلەن  ئوغلى يولۋاس ئوتتۇرسىدا ئاداۋەت پەيدا بولۇپ ،يولۋاسخاننى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى.يولۋاسخان قېچىپ ،سېڭگىنىڭ سادىق ھەمكارلاشقۇچىسى خوشوت قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئۇجورتىنىڭ ھىمىسىگە كىردى.شۇنداقلا سېڭگى ھۆكۈمرانلىقىدىكى جۇڭغار خانلىقىنىڭ قولىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى.شۇندىن باشلاپ جۇڭغار خانلىقى يەكەن خانلىقىنىڭ تەخت ماجراسىغا ئاشكارا ئارلىشىپ ،يەكەن خانلىقىنىڭ سىياسى ئىستىقبالىنى ئاساسى جەھەتىن قولىغا ئېلىپ بولدى.ئابدۇللاخان سېڭگى بىلەن يولۋاسخانىڭ بىرلەشمە قوشۇنىدىن مەغلۇپ بولۇپ.پادىشاھلىقنى تاشلاپ سەرسان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ.يولۋاسخان خان بولۇدۇ لېكىن ئۇ بىلەن سېڭگى ئوتۇرسىدا ئىشەنمەسلىك كېلىپ چىقىپ ئۇمۇ تەختىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ.شاھ مۇھەممەد جۇراس بۇ ھەقتە توختىلىپ << يولۋاسخان سىڭگىنىڭ ئەندىشىگە چۈشۈپ قېلىپ كەلگىنىگە پۇشايمان قىلدى.ئۆز يېقىنىنىڭ پىكرى بويىچە مەملىكەتنى سىڭگىگە تاپشۇرۇپ ،ئۆزى ئاتىسنىڭ خىزمىتىگە بېرىشنى قارار قىلدى.سېڭگى دۆلەتنى يولۋاسخانىڭ كىچىك ئوغلى ئەبۇ سەئىد سۇلتانغا بېرىپ،مىرزى ئەلى سۇلتاننى ئۇنىڭغا ئاتالىق قىلىپ،ئىسپەندىيار بەگنى قەشقەر ھۆكىمىتىگە ئېلان قىلدى>>.
1667-يىلى 9- ئەۋلاد خان ئابدۇللا خان تەختىدىن ھەيدەلگەندىن كېيىن ،خانلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بىر قېتىملىق تەخت تالىشىش ماجراسى يۈز بەردى،ئابدۇللاخانىڭ ئورنىغا چىققان يولۋاسخان سېڭگى بىلەن كېلىشەلمىگەچ،جۇڭغارلار يولۋاسخاننىڭ مەملىكىتىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەۋەتكەن قوشۇنىڭ قوماندانى  ئەركا بەگ،  ئىسمايىلخانغا بىرلىشىپ يولۋاسخانىڭ بالىسى ئابدۇ لىتىپ خانغا ھۇجۇم قىلىپ ،خانلىق تەختىدە ئولتۇردى ،ئەركا بەگ باش مىراپلىق مەنسىپىگە نائىل بولدى.  شۇنداق قىلىپ 1668-يىلى ئىسمايىل خان تەختىگە چىقتى.
ئابدۇللا خانىڭ ئەبۇل مۇھەممەدخان ئىبراھىمخان.باباخان،ئاپپاق سۇلتان،ئىسمايىلخان قاتارلىق ئىنلىرى بولۇپ،بۇلار ئايرىم ھالدا قۇمۇل ،تۇرپان ،قاراشەھەر لەرگە ھاكىم ئىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەبۇل مۇھەممەد خان تۇرپانغا ھاكىم بولۇپ ،ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن قۇمۇلنى سوراۋاتقان ئىننىسى باباخان تۇرپانغا كېلىپ 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ قارا شەھەردە ئالەمدىن ئۆتتى .ئۇنىڭ 3 بالىسى بولۇپ ئابدىرىشتخان ،مۇھەممەد  ئىمىنخان ،مۇھەممەد مۆمىنخانلار ئىدى.باباخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى تۇرپاننىڭ ھاكىملىغىنى تالىشىپ كەسكى ئۇرۇشتى ،بولۇپمۇ ئابدىرىشىتخان ھاكىم بولغاندىيىن كېيىن ئىنىسى مۇھەممەد ئىمىن قايىل بولماي ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ تۇرپاندا قاتتىق تىركىشىپ قالدى.بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان غالدان قوشۇن چىقىرىپ ئارلىشىپ ئابدەرىشىتخانغا بولۇشۇپ ،مۇھەممەت ئىمىنخاننى تاغ ئىچچىگە ھەيدىۋەتتى ۋە شۇ باھانىدا.1679-يىلى 7- ئايدا غالدان تۇرپان ۋە قۇمۇلنى ئىشغال قىلۋېلىپ ئابدىرىشىتخانى تۇرپاننىڭ   ھۆكۈمرانى قىلدى.  غالدان تۇرپان ۋە قۇمۇلنى ئىشغال قىلۋالغاندىن كېيىن يەكەن خانلىقىغا ئومومىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.يەكەن خانلىق تەختىدە ئىسمايىلخان ئۇلتۇرۋاتقان ئىدى .قايتۇمۇ -قايتا تەخت تالىشىش جىدەللىرى ۋە بىر -بىرىگە ساتقىنلىق قىلىش سەۋەپلىك يەركەن خانلىرىنىڭ خەلق ئىچىدە ئىناۋىتى ۋە ھەيۋىتى چۈشۈپ كېتىپ ،مەختۇم ئەزەم ئەۋلاتلىرىنىڭ ئىناۋىتى خانلىق ئىچىدە يۈكسەك ئورۇنغا چىققان مەزگىل ئىدى  .خانلار ئۇلارنىڭ مەنىۋى كۈچۈگە تايىنىپ ھاكىميەت ساقلايدىغان ،ئەلنى ئىدارە قىلدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى.يەركەن خانلىقىنىڭ 2- خانى ئابدىرىشتخانىڭ باشلاپ بەرگەن،  مۇسۇلمانلارنى قارمۇ -قارشى مەزھەپلەرگە بۆلۈپ ،ئەلىنى ئىدارە قىلىش چارىسىغا ئەمەل قىلىپ كېلىپ ،خوجىلارنى قولىدىكى قورچاققا ئايلادۇرۇپ كەلگەن، يەكەن خانلىرى ئاستا - ئاستا خوجىلارنى قولىدىكى قورچاققا ئايلىنىشقا باشلىغان بولۇپ ،خوجىلار ئۇلارنىڭ ھىلە -مىكىرلىرىنى بىلىپ بولغان بولۇپ ،ئۇلارغا ئالدانمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.خوجىلار يەكەن خانلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىلىك قىلالمايدىغنلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى.ئۇلارنىڭ ھاكىميەت تالاش تارتىش كۆرەشلىرى ھەربى توقۇنۇش بولۇپ ،سوپىلارنىڭ ئەل-ئارا كىچىك  توقىنىشلىرىغا قارىغاندا ئىگىلىكنى ھەددى -ھىساپسىز ۋەيران قىلغان ئىدى...  ئىسمايىلخانىڭ ھاكىميەت سوراشتىكى ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەپلىك ئەلنىڭ رايى ئۇنىڭدىن يانغان ئىدى موللا مىر سالىھ قەشقىرى چىڭگىزنامە دىگەن ئەسرىدە:بۇ مەزگىللەردە ئىسمايىلخان <<كىچىكلەرنى ئۇلۇغ،ئۇلۇغلارنى كىچىك كۆرۈپ،ھاراققا بەكلا ئامراق بولۇپ كەتكەن>> دەپ خەۋەر بەرگەن بىز مۇشىنىڭدىنلا بىز ئىسمايىلخنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىشىدىن قانچىلىق ئايرىلىپ قالغانلىقنى بىلىمىز.
1680-يىلى غالدان جۇڭغار قوشىنى ۋە ئىسمايىلخانىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى باباخانىڭ بالىرى بولغان ئابدىرىشىتخان،مۇھەممەد ئىمىنخان ،مۇھەممەد مۆمىن ئاقباش خانلار تەشكىلىگەن تۇرپان قوشۇنلىرىدىن تەشكىلىگەن بىرلەشمە قوشۇن بىلەن ئىشقىيە سۈلىكىنىڭ رەھبىرى ھەزرىتى ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرىنى ئېلىپ ،يەركەن سەئىدىيە خانلىقىغا ھەربى يۈرىشىنى باشلىدى.ھاكىميەتىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن ئىسمايىلخان شەھەردىن چىقىپ ،بىرلەشمە  قوشۇنغا ئەل بولدى.
جۇڭغارلار يەكەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىشتا ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا كىتاپلار ھەدەپ كۆككە كۆتۈرۈپ ئېيتىلۋاتقاندەك ،ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرىدىن تۆھپىسىدىن كۆرە ،يەركەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتلىرىنىڭ تۆھپىسى كۆپ ئىدى.شۇڭا  جۇڭغارلار ،يەركەن خانلىقىنىڭ خان جەمەتلىرىنى يەكەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىشتا ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا پايدىلىنىشنى، ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرىدىن پايدىلنىشنى  ئەۋزەل كۆردى.ئىسمايىل خانىڭ قېرىندىشى، باباخانىڭ بالىسى  ئابدىرىشىتخاننى ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىكى گۇماشتاقىلىپ تاللىۋالدى.چۈنكى جۇڭغارلانىڭ بولۇپمۇ غالداننىڭ يەركەن خان جەمەتىدىن  بولغان سۇلتانلار بىلەن ئالاقە قىلغان ۋاقتى،خوجىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا قارغاندا بۇرۇن ئىدى.شۇڭا جۇڭغارلار ئابدىرىشىتخانغا ئىشەنچە باغلىغان بولۇپ.شۇنداق قىلغاندىلا ئۇيغۇر جەمىىيىتى  جىددى تالىشۋاتقان خوجىلارنىڭ  جۇڭغارلارغا قارشى پارتىلايدىغان ئاغدۇرمىچىلىك ھەركەتلىرىگە تاقابىل تۇرالايتى.
غالدانىڭ كۈتكىنىدەك ئابدىرىشىتخان قورچاق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ ، ئاپپاق خوجا رەھبەرلىەىدىكى تەرىقەتچىلەرنى تازلاشقا باشلىدى . .ھەم ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرىگە قارشى پىكىر ئېقىمدىكىلەرنى دىننى ۋەزىپىگە قويۇپ ،ئاتا - بوۋىسىدىن مىراس قالغان تەدبىرلەرنى تەكرالىدى.ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرىگە قارتا ئۆلۈم تەھدىتى شەكىللەندۈردى، ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرى زىدىيەتىن قېچىپ ،تاغقا چىقىپ كەتتى.
مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرى تەرەپدارلىرىدىن يەركەن ھاكىمى ئىۋەز بەگ چىقىپ ئابدىرىشىتخاننى تەختىدىن ھەيدەپ تاشلىدى ،ئابدىرىشىتخان قېچىپ جۇڭغاريەگە كەتتى.ئۇنىڭ كېيىن ئابدىرىشىتخانىڭ ئىنىسى مۇھەممەد ئىمىنخان خانلىق تەختىگە ئولتۇردى.مۇھەممەد ئىمىنخان ئاكىسىنىڭ خاتالىقىنى تەكرالىماي ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ،سىڭلىسى خانىم پادىشانى(مەشھۇر ئىسىمى جاللات خېنىم)نى ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرىگە ياتلىق قىلدى.1692-يىلى مۇھەممەد ئىمىنخان قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى.ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرىنىڭ مەخسۇمزادىسى يەھيا خوجا تەختىدە ئولتۇردى.1695-يىلى ئاپپاق خوجا ھەزرەتلىرى ئوغلى بىلەن قوشۇپ شەھىت قىلىنىپ،مۇھەممەد ئەمىنخاننىڭ ئىننىسى مۇھەممەد مۆمىن ئاقباشخان  تەختىدە ئولتۇردى.ئۇنىڭ تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقى ئېغىر قارشىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،يېڭىساردا قىرغىز ئاتامانى ئارزۇ مۇھەممەد تەرەپدىن قەتلى قىلىندى .ئەڭ ئاخىرىرقى يەركەن خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى كۈچلەر ئۆزىگە قارشى كۈچلەرنى قارشىلىقىغا تاقابىل تۇرالماي،جۇڭغاريەدە يېڭىدىن تەختىگە چىققان سىۋان راپتاندىن مەدەت تىللەپ جۇڭغاريەگە كەتتى .شۇندىن كېيىن يەركەن سەئىدىيە مۇڭغۇلخانلىرى ئۇيغۇرلار تارىخىدىن يۈتتى.

ئەھلى تەرىكەت

UID
9979
يازما
76
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2326
تىزىملاتقان
2011-3-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 14:48:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپپاق خوجا ئىسىملىك تورداش،

كۈچ ئۇلاپ يېزىۋاتقان بۇ ئۇزۇن تارىخى ماتىرىياللارنى قايسى مەنبەگە تايىنىپ يېزىۋاتقانلىقىڭىزنى ئىزاھلىسىڭىز،
ھەمدە بۇنچە ئۇزۇن ئىنكاس ئارقىلىق زادى نىمىلەرنى يورۇتماقچى بولغانلىغىڭىزنى ئوچۇقراق دىسىڭىز قانداق ؟
بۇ يازغان يازمىللىرىڭىز بىلەن باش تېمىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەزمونلارغا ، سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ يېزىۋاتامسىز يا  باش تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ ؟
گەپ سۆزلىرىڭىزدىن قارىغاندا بۇ تېمىدا ھازىرچە تەسەۋۋۇپ يولىدىكىلەرگە ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە مەلۇماتلىقراقى كۆرۈنىسىز،
شۇڭا گەپنى مۇناسىۋەتسىز كۆپ ئۇزارتىماي، بولسا باش تېمىنى ئاساس قىلىپ چۆرىدىگەن ھالدا جاۋاپ خاراكتىرلىك يازما يازىسىڭز قانداق ؟
باش تېمىدا ۋە ، كىيىنكى بىر نەچچە ئىنكاسلاردا تەسەۋۋۇپ ، تەرىقەت ۋە سوپىزىم ئۈچۈن تاشلانغان ۋەزنى ئېغىر سۇئاللار ، ۋە   " تۆھمەت  "  لەر  بار.   
سىز بىزگە مۇناسىۋەتسىز تارىخ سۆزلىمەي  مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بىر چۈشەنچە بېرىڭ،

سوپىزىم، تەسەۋۋۇپ ھەققىدە كاللىمىزدىكى سەلبى ، ۋە مۇجمەل ئوي پىكىرلەر بەلكىم سىز ۋە سىز كەبى مول بىلىملىك تەسەۋۋۇپ تەرىقەتچىللىرىنىڭ  قۇرئان ، ھەدىستىن ئىبارەت  بۇ مىزان، تىئورمىلارغا سېلىپ تۇرۇپ بېرىدىغان قانائەتلىنەرلىك جاۋابىڭلار نەتىجىسىدە يېشىلىپ كېتىشى مومكىن  ،     شۇڭا سىز ئۆزىڭىز ، ياكى مۇشۇ ساھەدە سىزدىنمۇ يۇقىرى بۇرادەرلىرىڭىزنى مۇشۇ تېمىغا تەكلىپ قىلىپ سىزلەرگە تاشلانغان بۇ  سۇئال ۋە " تۆھمەت "  لەرگە جاۋاب بېرىپ بىزلەرنى قايىل قىلىشقا تىرشساڭلار .     
بۇ مەسىلە زادى ھەل بوپ كېتىشكە تېگىشلىك ( گەرچە ئمكانىيتى تۆۋەنرەك بولسىمۇ )  تەخىرسىز ئىشلارنىڭ بىرى،  چۈنكى مەن ياشاۋاتقان مۇشۇ يۇرتۇمدىمۇ ، مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ   تەرىقەت ، تەسەۋۋۇپ ، سوپىزىم يولىدا مېڭىۋاتقان ئاز بولمىغان كىشىلەر بار .   سوپىزىم ۋە تەسەۋۋۇپ  باشقا مەزھەبلەرگە كۆرە ئىسلامىيەتىنىڭ ئاساسى تەۋھىدىگە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولۇش، ھەتتا  تەۋھىددىن چەتنەپ كېتىش ئېھتىمالى بار بولغان بىر ئېقىم بولغانلىغى ئۈچۈن ،  بۇ ھەقتە سىزلەردەك مول بىلىملىك تەسەۋۋۇپ ئىگىللىرىدىن بىۋاستە جاۋاپ ئېلىش بىزنى خوشال قىلىدۇ.

سىزمۇ ياخشى بىلىسىزكى تەۋھد ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس،  بىلىپ ياكى بلمەي، قەستەن ياكى سەھۋەن تەۋھىددە خاتالىشىپ قېلىش ئىنساننى مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.  شۇڭا بۇ ھەقتە ئېنىقراق چۈشەنچىگە ئېرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ خاتالىشىپ ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە دۇچار بوپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالساق ۋە شۇنىڭغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولساق دىگەن ئۆمىدتىمەن.

ئىلمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا

UID
7255
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1885
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 18:27:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باش تېمىنى مەركەز قىلىپ قەدەم باسچلۇق كېلۋاتىمەن ،مەن تۇردى توختى ئەپەندىم بۇ تېمىنى ئايەت -ھەدىسنى نەقىل كەلتۇرۇپ داۋاملاشتۇرماي ،بەلكى تارىخى تەھلىل قىلىپ ئوتۇرغا قويغاچقا مەنمۇ تارىخنى بىرقۇر بايان قىلىش بىلەن ئوتۇرغا قويۇشنى توغرا تاپتىم ..ئاللا خالىسا بىز ئايەت -ھەدىسنى مەركەز قىلىپ بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاپمۇ بېرىمىز ئەلۋەتتە ..ھازىرقى زامانىمىزدا بىرەمۇ ئەھلى تەرىقەتتىن بولغان كىشى چىقىپ بۇھەقتە قەلەم تەۋرەتمىدى.تەرىققەت ھەققىدە تارىخى مەلۇمات بەرگەنلەر دەھرى زىيالىلار،سىياسى غالچىلار ۋە ۋاھابى ئەقىداتتىدىكى كىشلەرلار مەلۇمات بېرىپ كەلدى ..ئۇيغۇرلارنىڭ كاتتا ئالىملىرى بولمىش ئەھمەد زىيائى،ئابدىرىم ئۆتكۈر،تۇرغۇن ئالماسلار نىمە ئۈچۈندۇر بۇ تېمىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى...ئەسلى بىزلەرمۇ ئاخىرقى ھۆكۈمنى جانابى ئاللاغا تاپشۇرۇپ قويۇپ سۈكۈتتە تۇرۇشىمىز ئاقىلانىلىق بولغىيدى..مېنىڭ باشقا زور مەقسىدىم يوق ،بەلكى ئۆز ئەقىداتىمىزنى ۋە بۇ يولدىكى كىشلەرنىڭ ئانچە يامان ئەمەس كىشلەر ئىككەنلىگىنى كىشلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇش خالاس...مەن مۇنازىرگە قىزىقمايمەن لېكىن ئۆز كۆزقارىشىمنى ئۇتۇرغا قويۇشتىنمۇ تارتىنىپ ئولتۇرمايمەن....  مەن بۇ تېمىدا كىشلەر نىمىنى سورىسا شۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ كەتمەسلىكىممۇ مۈمكىن ،ئۇنداق قىلسام پىكىرى چېچىلىش يۈز بېرىدۇ...مەن تەرىقەت توغۇرلۇق قانداق شەكىلدە،يۆلىنىشتە،قانچىلىق دەرىجىدە داۋاملاشترۇشنى پىلانلىغان شۇ بويىچە ماڭىمەن...يۇقۇرقى سىز دىگەن يازمىلەرنى سىز  ئەستايىدىل كىتاپ كۆرسىڭىز چىقىدۇ ...ھىچبىر جايدا ئۇيدۇرمىچىلىك يوق مەن قانۇنلۇق نەشىردىن چىققان كىتاپلارنى تەكرار-تەكرا كۆرۈش ،سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىنتايىن ئىشەنچىلىك دەپ قارغاندىلا ئوتۇرغا قويدۇم .

ئەھلى تەرىكەت

UID
7255
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1885
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 18:43:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز غەم قىلماڭ تەسەۋوپ ئىسلامنىڭ تۈپ ئەقىدىسىن چەتنەپ كەتمەيدۇ ،ھەر ۋاقىت ئۆزنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىگىنى بىلدىغان ،ئۇستازلار بار ،تەرىقەت ئامماتەن يول ئەمەس، خاس يولدۇر ،ئەسلى ئۇننى بازارغا سېلىپ ئولتۇمۇساقمۇ بوللاتتى بىزلەرمۇ ئادەم بولغاندىن كېيىن تورلاغا چىقىپ قالدىكەنمىز، تەرىققىتىمىزگە مۇناسىۋەتلەك پىتنى-پاساتلارنى كۆرۈپ قالساق چىداپ بولالماي ئوتۇرغا سەكرەپ چۈشۈپ قالدىكەنمىز...تەرىققەت چۇۋالچاق ،يۈلىنىشسىز ئىستىخىلىك تەرەققى قىلدىغان بىر پىكىرەت ئەمەس ،ئۇ ئىلگىركىلەرگە دەلىل پاكىتلار بىلەن ئۇلۇنۇپ ماڭىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە ساختا نىقاپ كىيۋالغانلارمۇ بار ئەلۋەتتە...

ئەھلى تەرىكەت

UID
10843
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
440
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 20:02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەرىقەت توغرىلىق پەقەت ئىككىلا گەپ ئاڭلىغان، بىرى ''شەرىئەت ئىزدىسەڭ ئۆلتۈر يىلاننى، تەرىقەت ئىزدىسەڭ ئاغرىتما جاننى''. يەنە بىرى ''ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئىسلامنىڭ تەرىقەت يولىدىكى مىللەت ئىدى'' دىگەندىن ئىبارەت.

UID
9979
يازما
76
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2326
تىزىملاتقان
2011-3-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 20:37:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوپ مەيلى، ئەمىسە سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتەيلى،

ئىلمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا

UID
7255
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1885
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 13:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تارىخى كىتاپ، ماقالىرىمىزدا شەرىقتىن كەلگە ئىستىلاتچىلارنى نىجاتكار بىلىش ،غەربتىن كەلگەن ئىستىلاتچىلارنى بىز بىلەن بىر تىل، بىر دىندىن بولسىمۇ ئۇلارنى تاجاۋۇزچى ،ۋەيران قىلغۇچى،ئازدۇرغىچى شەيتان كۆرۈشۈش تولۇمۇ ئوموملىشىپ كەتكەن ،لېكىن ئۇيغۇرلار ئىچىگە غەرىپ تەرەپتىن ، مەختۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن باشقا  كىشلەر ئىستىلاتچى بولۇپ قوشۇنلار بىلەن كىرىپ باقمىغان .ياقۇپ بەگمۇ جاھانگىر خوجىنىڭ  ئوغلى بۈزرۈكخان تۆرەمگە ئەگىشىپ كىرگەن كېيىن ،ئاجايىپ زور مىكىرلىرى بىلەن ھاكىميەتنى تارتىۋېلىپ ،بۈزرۈكخان تۆرەنى ھەيدەپ تاشلىدى،ۋەلىخان تۆرەمنى يېساردا كېچىسى ئۆيىگە باستۇرۇپ يوق قىلدى،كاتتىخان تۆرەم ۋە كىچىكخان تۆرەمگە زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈپ خوجىلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم سالدى.
ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئىدىيە غەرىپتىن ،ئىستىلاتچىلار  شەرىقتىن كىرگەن .

ئەھلى تەرىكەت

UID
9979
يازما
76
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2326
تىزىملاتقان
2011-3-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 20:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى يازمىڭىزدىكى " ئىستىلاتچىلار " دىگەن نىمە گەپ ؟  ئىملا خاتالىغىمۇ يا ؟
قارىسام 4 ئورۇندا ئوخشاشلا  " ئىستىلاتچىلار "  دەپ ئاپسىز ،  ياكى ئىستىلاچىلار دىگەن گەپمىدى ؟

ئىلمگە ئىنتىل ، كەمتەر ياشا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش