بۇ 61قەۋەتتىكىatesh يوللىغان 2011-04-05 16:21 غا قارتىلغان :
تۇردى توختى
دىليار ئەپەندىنىڭ مەھەممەت سادىق قەشقىرى ئەسىرىدە ئاپپاق خوجىنى شىزاڭغا باردى دىمىگەن بۇ بىر روس تەتقىقاتچىنىڭ پەرىزى دىگەن سۆزىگە قانداق قارايسىز ؟ شۇنى بىر سۆزلەپ باقمامسىز ؟چۇنكى بۇگۈنكى ئاپپاق خۇجىنىڭ سۇرگىن قىلىنىشى ۋە باشقىلاردىن ياردەم سورىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باش مەنبەسى مەھەممەت سادىق قەشقىرى ئىكەنلىكى ھەمىمىزگە مەلۇم ئىش . يا سىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ھالدا بىر نەرسە يىزىپ ئولتۇرامسىز ؟
قېرىدىشىم،سىز مەسىلىلەرگە ئىلمىي قاراڭ؟بىر ئادەمنىڭ ھەممنى بىلىپ كىتىشى ناتايىن،شۇنداقتىمۇ بىر نەرسە يازغان ئادەمنىڭمۇ ئۈزىگە چۈشلۇق ئاساسى بۇلۇدۇ.ئەگەر سىز بۇ مەسىلىنى مەندىن ياخشىراق بىلگەن بولسىڭىز،قېرىداشلارغا مىنىڭ ئورنۇمدا چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز مەن بەكمۇ خۇش بولغان بولاتتىم.چۈكى بۇ دىننىي نوقتىدىن بولسۇن،ئادىمىگەرچىلىكتىن بولسۇن،پەن بىلىم نوقتىسىدىن بولسۇن بىر ساۋاپلىق ئىش ئىدى.مەھەممەت پەيغەمبىرىمىز بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ئۇلۇغلاغ يۇسىسىدىن ئۈزىنىڭ <<ھەدىس>>لىرىدە كۆپ قېتىم باشقىلارغا يەردەم بىرىش،باشقىلارنىڭ بىلمىگىنىنى بىلدۈرۈشنىڭ ساۋاپلىقلىغىنى تەكىتلىسە،بىلىپ تۇرۇپ،بىلمەسكە سېلىپ،باشقىلارغا يەردەم قىلمىغان كىشىلەرگە نىسپەتەن<<ئاخرەتتە بۇنداق كىشىلەرنىڭ بوينىغا ئوتتىن نوقتا سېلىنىشى كېرەك>.دەپ ئاگاھلاندۇرغان.(تارخىى ھەمىدى36-بەت).
dellyar571
سۇئالىڭىزغا تۈۋەندىكىدە ئاساسلارنى ئوترىغا قۇيىمەن،يېڭىچە پىكىرلىرىڭىز بولسا ئورتاقلىشارمىز!
مەھەممەت سادىق قەشقىرىنىڭ <<تەزكىرىئى خوجىكان>> دىگەن ئەسىرىنىڭ ئەسلى تىكىستتە بۇ ۋەقە توغرۇلۇق مۇنداق بايانلار بار.<<ئىسمايىل خان ھەزىرىتى ئافاقنى قەشقەردىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كىيىن،ئۇ شەھەرمۇ-شەھەر يۈرۈپ،كەشمىردىن كىسىپ ئۆتكەندىن كىيىن،چىن مەمىلىكىتىگە چۈشتى ئاندىن جۇ دىگەن يۇرتقا بېرىپ بۇتخانىغا چۈشتى.ئۇ يەردە چىن كاپىرلىرىدىن بىراھمان شەيىخ بار ئىدى.......ھەزىرەت كاپىرلارغا ئاجايىپ-غارايىپ،كەشىپ-كارامەت كەبىئى ئىستىدادىنى كۆرسەتتى......
كاپىر بىراھمان ئېتىرام بىلەن :<كىمدۇر سىز،قايسى تەرەپتىن كېلۇرسىز>دەپ سورىدى.ھەزىرەت ئېيتتىكى:مەن مۇسۇلمان پىرقىلىرىنىڭ ئالىم،سەئىدزادىسىدۇرمەن،خۇسۇسەن،يەركەن،قەشقەر خەلقى مۇرۇت-مۇخلىسىم ئىدى.ھالا بۇ شەھەرلەرنى بىراۋ مەندىن يۇلىۋالدى ۋە مىنى قوغلاپ چىقاردى،سىزدىن ئىلتىماس قىلۇرمەنكى،كىشى بۇيرۇپ مىنىڭ يۇرتۇمنى قۇلۇمغا ئېلىپ بەرگەيسىز>براھمان دىدىكى:<بۇ يەردىن ئۇ يەرگە لەشكەرنىڭ بارمىغى بەسى مۇشكۈل> ئەجەپكى،ئۇ ئىلىدىكى قالماق تۆرىسىگە خەت پۈتتى:<ئى بوشۇقتۇ خان!ئافاق خۇجا تەڭداشسىز،ئۇلۇغ،ئۆز دىنىدا كامىل مۇكەممەل كىشىدۇر،قەشقەر ۋە يەكەن ئۇنىڭ يۇرتى ئىكەن.ئۇ ئاشۇ يۇرتلارنىڭ خوجىسى ئىكەن،ئىسمايىل خان ئۇنىڭ يۇرتىنى تارتىۋېلىپ،ئۈزىنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ.لەشكەر ئېۋەرتىپ يۇرتىنى قولىغا ئېلىپ بەرگەيسەن ۋە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەيسەن>.خوجا ئافاق بۇ خەتنى ئېلىپ،قالماق تۆرىسىگە يەتكۈزدى.تۆرە كامال تەۋەززۇ بىلەن خەتكە ئەمەل قىلىپ،ئۆز لەشكىرى بىلەن قەشقەرگە يۈزلەندى>>
ئاااق خوجا ۋە جەللات خېنىم دىگەن ماقالىدا يەنە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ.<<بۇرۇقتۇم ئەۋلىيا>.دىگەن قول يازمىنىڭ<<سوقىچى ئارخۇن>>دىگەن بابىدا يېزىلىشىچە<ئافاق خوجا دالاي ئىبادەتخانىسىغا ئون قېرىن-ئون چارەك سېرىغ ياغ ئالغاچ بېرىپ بۇتقا باش ئۇرغان،دۈم يېتىپ سېجىدە قىلغان>دەپ نەقىل كەلتۈرۈلسە يەنە شۇ ماقالىدا<<تارىخى نادىرىيە>>دىن مۇنداق نەقىل ئېلىنغان<مەن مۇسۇلمانلار ئىلىنىڭ خوجىسى،قەشقەر يەركەنىتنىڭ ئىگىسى،بىراۋ مىنىڭ زىمىنىمنى تارتىپ ئېلىپ،مىنىڭ يۇرتۇمدىن قوغلاچ چىقاردى.ئىلتىماسىم،سىز يۇرتۇمنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بارگەن بولسىڭىز.....براھمان)شەيىخ دالەيلاما5) مۇنداق دىدىلەر.....
يۇقارقى پاكىتلاردىن ئافاق خۇجىنىڭ ئەينى چاغدىكى كاپىرلار ئىلىدىن(مەيلى شىزاڭ ياكى باشقا جاي بولسۇن،بۇ جاينى مۇتلەق كۆپ كىشىلەر شىزاڭ دەپ ئىتىراپ قىلىپ كەلگەن) يەردەم سوراپ،يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرزى قىلغىنى قىل سىغماس ھەقىقەتتۇر.
ئامان بۇلۇڭلار!