ئىگىسى: turditohti

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى دىننىي ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 23:50:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mutepekkur
قېرىدىشىم،پىكىر-تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
مىنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم،خوجىلار ھاكىمىيىتىدىكى ساختا سىياسى بىلەن بۇرمىلانغان دىننىي ھاكىمەيەت ئارلىشىپ كەتكەن ھاكىممۇتلەقلىق ھاكىمىيەتكە قارتىلغان.
سىزنىڭ  پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ سىياسى،دىننىي تەرەپلەردىكى پىكىرىڭىزگە قۇشىلىمەن،ھاكىمىيەت بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا سىياسى بولمىسا بولمايدۇ،لىكىن بۇ ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇلماسلىغى كېرەك.
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

كۆيۈمچان ئەزا

تۇخۇمنى تاشقا ئۇ

UID
9429
يازما
103
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3434
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-24
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-2 23:51:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇپۇلارنىڭ  خەلىقلەرنىڭ  شۇنچە ئۈزۈگە تارتالىشى ئۇلار ھۆم  ھۆم ھۆم سەكرەشنىڭ  ئالدىدا  نەشىنى  بولىشىغا  چىكىۋېلىپ  سەكرەيدىكەنتۇق  شۇنىڭ بىلەن خەلىق  دىدا بۇلاردەك  ئاللاھقا سادىق  ئادەملەنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ دەپ ئەگىشىپ كىتىپتىكەن نىمىشقا چۈنكى ئۇلار  ھۆم  سەكرەش  ئالدىدا نەشىنى چىكىۋالغاندىن كىيىن سەكرەيدىغان ئۇرۇنغا  شىشە پارچىلىرىنى تاشلاپ  قۇيۇپ  سەكرەيدىكەن  شۇنىڭ بىلەن ئولارنىڭ كەيىپ ئىكەن لىكىنى بىلمىگەن خەلىق ، ئۇلارنىڭ  پاچىقىغا  شىشە پارچىلىرى كىرىپ كەتسىمۇ تويمايدىكەن بۇنىڭدىن بىي خەۋەر خەلىق ئۇلارنىڭ تەقۋالىقىغا ئەگىشىپ نىمە دىسە  شۇنىڭغا  ماڭىدىغان قۇنچاققا ئايلان دۇرۇپ قۇيغان .

UID
3667
يازما
149
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4739
تىزىملاتقان
2010-7-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-5
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 00:05:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپاقۋاينىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىچە ناھايىتى ناتىق ، ئەرەب ، پارس تىللىرىنى سۇدەك بىلىدىغان ، 7 يېشىدىمۇ ياكى 9 يېشىدىمۇ سوپىلىق يوللىرىنى ئىگەللەپ بولغانلىقى خەلقنى ئالداپ كىتەلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ . مەن چېغىمدىمۇ ئەرەبچە مىڭ بىر كېچە چۆچىكىدىن تازا بىر مۇڭلۇق قىلىپ قىرائەت شەكلىدە ئۇقۇپ بىرىپ بىر مۇنچە چۈشەنچە بەرسە ئىشىنىپ قېلىشىم مۇمكىن ، مەن ئۇقمىسام ئەرەبچىنى ، نىمە بىلەي .

UID
10437
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2011-3-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 00:06:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 4قەۋەتتىكىaptab يوللىغان 2011-04-02 13:19 غا قارتىلغان :
ئۇلارنىڭ ئون ئىككى مۇقامنى ھارامغا ، سەئىدىيە خانلىقىنى كۇپپار ھاكىمىيەتكە چىقىرىپ دىندىن پايدىلىنىپ ساددا دىنى ھىسسىياتقا ئىگە ئەينى دەۋردىكى كىشىلەرنى قۇترۇرۇپ  خانلىقنى ئاغدۇرالماي جۇڭغارلارنى باشلاپ كەلگىنىدىن ھازىرمۇ ئىبرەت ئالمايدىغان تورداشلار بار بىزدە.  
 
 ئىسلامدا <<سوپىزىم>> دەيدىغان نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ظذنذڭ قذرظان ؤە ەەدىس بىلەنمذ  قىلچە ظالاقىسى يوق. <<سوپىزىم>>  بىر قىسىم ئالدامچى كاززاپلار ئىجات قىلغان  جان بېقىش ۋاستىسى بولۇپ، دىنى ھىسىياتى كۈچلۈك ئەمما ھىچقانداق دىنىي ساۋادى يوق ئاممىنى ئالداشتا كارامەت<< مۇۋەپەقىيەت>> قازانغان بولۇپ، ھەتتا سەئىدىلەر خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ 13 يىل ھاكىيەت بېشىغا چىقىۋالغان. بۇ دەۋىردە ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر  تا بۈگۈنگىچە ھىچقانداق بىر خەلىقنىڭ بېشىغا كىلىپ باقمىغان.   بۇ ئېچىنىشلىق تارىىنىڭ ئاسارىتىدىن ھېلى-ھەم قۇتۇلغىنىمىز يوق.


شىراق

UID
6688
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
864
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 00:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇجىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرنى ھەددىن زىيادە تەسىۋىرلىگۈچىلەر بىلىپ قالسۇنكى،ئۇيغۇرلارنىڭ چىكىنىشىدە ئۇنىڭدىن مۇھىم جۇغراپىيۋى،سياسۋى ۋە باشقا مۇھىم سەۋەپلەر بار،ياۋروپالىقلارمۇ 150 يىلدا سانائەت ئىنقىلابىنى تاماملاپ بولدى،يېزا ئىگىلىكنى تاماملاشقا 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن،بىزنىڭ ئالدىمىز سانائەتكە كىردۇق ئارقىمىز تېخى يېزا ئىگىلىكتە،بۇ چوڭ ھالقىش باسقۇچىنى پەقەت ئەمەلىي مەبلەغ سېلىش،ئىسلاھ قىلىش،ئاقارتىشلارنى تەڭ قىلغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
يۇقارقى غوجىلارنىڭ سەلبى رولىنى كۆپتۈرۈپ تەسۋېرلىگۈچىلەر يا بولمىسا سىياسەت،ماكىرو ئىقتىساد  دىگەن پەنلەردىن خەۋىرى يوق يازارمەن ياكى بولمىسا ئىنتايىن چېچەن بولمىغان ئىنسانلار...

بۇ توربەتنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن! www.sodiger.net

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 01:18:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
boss1114
سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم،خوجىلارنىڭ قىلىمىشنى يوللۇق دىمەكچىمۇ سىز؟
ياكى ئۇلار شۇ چاغدا سانائەتلىشىشكە،تۆھپە قوشقان،كىيىكى ۋاقىتتا بۇلارغا پۇرسەت بولمىغان دىمەكچىمۇ؟
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

كۆيۈمچان ئەزا

تۇخۇمنى تاشقا ئۇ

UID
9429
يازما
103
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3434
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-24
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 01:35:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 52قەۋەتتىكىxirak يوللىغان 2011-04-03 00:44 غا قارتىلغان  :

 
 ئىسلامدا <<سوپىزىم>> دەيدىغان نەرسە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. قذرظان ؤە ەەدىس بئلەنمذ قىلچە ظالاقىسى يوق،<<سوپىزىم>>  بىر قىسىم ئالدامچى كاززاپلار ئىجات قىلغان  جان بېقىش ۋاستىسى بولۇپ، دىنى ھىسىياتى كۈچلۈك ئەمما ھىچقانداق دىنىي ساۋادى يوق ئاممىنى ئالداشتا كارامەت<< مۇۋەپەقىيەت>> قازانغان بولۇپ، ھەتتا سەئىدىلەر خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ 13 يىل ھاكىيەت بېشىغا چىقىۋالغان. بۇ دەۋىردە ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر  تا بۈگۈنگىچە ھىچقانداق بىر خەلىقنىڭ بېشىغا كىلىپ باقمىغان.   بۇ ئېچىنىشلىق تارىىنىڭ ئاسارىتىدىن ھېلى-ھەم قۇتۇلغىنىمىز يوق.



ماقول  سىز ھەممىنى بىلگەنمۇ  بولوڭ  ئۇچۇق قىلىپ تەرەققىيەتقا  سۇدا- سانائەتكە قوشقان تۆھپىسىنى بىر دەپ  بىرىڭ ئاندىن بىرنىمە دىيىشەيلى

كۆيۈمچان ئەزا

تۇخۇمنى تاشقا ئۇ

UID
9429
يازما
103
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3434
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-24
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 01:46:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتا چۈشەچە  بىرىدىغان ئالاجۇقا  تاققا تۇققا  سۆزلىمىسىڭزى قېرىندىشىم سىزنى ھېچكىم خاتا چۈشەنمەيدۇ .

UID
10313
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1450
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-3 20:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئېگىسىگە ۋە مېنىڭ ئىنكاسىمغا ئىنكاس قايتۇرغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا:
مېنىڭ ئىنكاسىمدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان قارىشىمنى خاتا ئىستىمال قىلىۋاپسىلەر.مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم :  نۇرغۇن كىشىلەر « ھازىر دۇنيادا ھەقىقىي ئىسلام مىزانىنى يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت يوق. ئەگەر ئىسلام ئۈممەتلىرى پەيغەمبەر ۋە تۆت خەلىپە دەۋىرىگە قايتقان بولساق،ھەممە ئىشلار ئوڭشالغان بولاتتى دەۋاتىدۇ»( "قۇرئان"نى دۆلەت قانۇنى قىلغان ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئەڭ ئۈستۈن ئىمتىيازغا ئېگە  بولغان  ۋاھابىلار مەزھىپىمۇ " پەيغەمبەر ۋە تۆت خەلپە دەۋىرىدىن كېيىنكى ئىسلامغا يۇغۇرۇلغان غەيرىي ئادەت - يوسۇنلارنى تەرك ئېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرمۇ  ۋاھابىچىلار ۋە ئەنئەنىچىلەر ئوتتۇرسىدا چۈركىلىش بار.) ،سىز بايان قىلغان تېمىدا: خوجىلار  «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» تىن   بارلىق ئادىل ۋە باتىل كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپتۇ، دېمەكچىمەنكىي ئۇيغۇرلار دەل يوقىرىدا بىز بايان قىلغاندەك،«قۇرئان»نى تەپەككۈر مەنبەسى قىلغان، ھەممە نەرسىنى يېڭىدىن باشلايدىغان،كونا قېلىپ ۋە ئەندىزىگە زورلانمايدىغان ساپ مۇھىتقا ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق  يەنە نېمىشقا ھەممە ئىقلىمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەي جاھالىيەت پاتقىقىغا پاتىدۇ؟
يەنە بىر گەپ ،خوجىلار شىنجاڭدا پەيدا بولۇشتىن 600 يىللار بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئىسلامنىڭ ساپ ئەقىدىسى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ بولغان.قارىخانىيلار دەۋىرىدە «قۇرئان»نىڭ يەتتە خىل تەپسىر نۇسخىسى بولغان ئىكەن.شۇڭلاشقىمۇ ئىسلامنىڭ ساپ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن ئۇيغۇرلار قارىخانىيلار ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئىسلامنى خوجىلار تونۇشتۇرغان بولسا،ئۇلار ياخشى ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ،ئۆز خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرگەن دېسەك ئەقىلگە سىغىدۇ! لېكىن رىياللىق ئۇنداق ئەمەس! ئەمىسە يەنە نېمىشقا ئىسلامنىڭ ساپ ئەقىدىسىدىن خەۋەردار بولغىلى 600 يىل بولغان پۈتۈن سۈرۈك ئۇيغۇر مىللىتى  ئەشۇ خوجىلارنىڭ بۇرىلاپ چۈشەندۈرگەن ئەقىدىسىگە قارشلىق قىلماستىنلا ئەگىشىدۇ؟
مەن ئاپپاق خوجا توغۇرسىدىكى ھازىرقى قاراشلاردىن گۇمانلىنىمەن. ئۇ راستىنلا شۇنداق ئەسكى ئادەممۇ ياكىي ئاپتورلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا قارلانغان شەخىسمۇ؟
مەيلى ئاپپاق خوجا قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتتىئىي نەزەر باراۋەرلىك ۋە ئىنسانىيلىقنى ئۆزىگە يېتەكچى ئىدىيە قىلغان  سوپىزىمنى چۈشەنمەيدىغان تورداشلارنىڭ قارغۇلارچە باھا بېرىشىگە قارىشىمەن. مەن ئۆتكەندىمۇ مىسىرانىم مۇنبىرىدىمۇ بۇ توغۇرسىدا ئۆز قاراشلىرىمنى بايان قىلغان ئىدىم. ناۋادا زۆرۆر بولسا سوپىزىمنىڭ قاراشلىرى توغۇرسىدا يەنە مۇنازىرە قىلىشساق بولىدۇ.
تورداشلارنىڭ مۇنازىرىگە ئىلمىي ،سوغاققان پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا  ھەممەيلەننىڭ تېنىگە  ئاللادىن سالامەتلىك تىلەيمەن.

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ،ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-4 00:43:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shungqar@


قېرىندىشىم،سىزنىڭ, ئىنكاسىڭىزغا چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
سىز يەنە ئىككى تەرەپتەتىكى گۇمانلىق قارىشىڭىزنى ئوترىغا قۇيۇپىز،بىز بۇ نوقتىدا قاراشلىرىمىزنى ئوترىغا قۇيۇپ،ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلساق بۇلۇدۇ.
بىرىچى گۇمانىڭىز ،رايۇنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاسانلا خوجىلارغا ئىشىنىپ كىتىش مەسىلىسى.
بۇ مەسىلىدە مىنىڭ قارىشىم،ئىسھاق ۋەلى قەشقەرگە يىتىپ كىلىشى بىلەنلا ئۈزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ،كىلىپ چىقىشىنى مەھەممەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ قىزى فاتىمەگە چاتتى.پەيغەمبىرىمىزنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنى مۇقەددەس،ئۇ زاتنى سېغىنىشى تەڭداشسىز،مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ <<جەمەتى>>دىن كەلگەن<<ئەۋلىيا>>غا ئىشىنىدىغانلىغىنىڭ چىقىشى تەبىئى ئەھۋال.يەنە بىر تەرەپتىن ئىساق ۋەلى قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن ئابدىكىرىمخاننىڭ 5-ئىنىسى مەھەممەت سۇلتان(ئاقسۇ خانى) ئۈزىنىڭ سىياسى غەرىزى ئۈچۈن ئۇ زاتنى ئۇستاز تۇتتى.بىر  پادىشاھ ئۇستاز تۇتقان كىشىگە ئادەتتىكى كىشىلەر قانداق پۇزۇتسىيەدە بۇلۇر؟بۇ ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك.ئۈچۈنچى بىر سەۋەپ <<شۇ چاغدىكى مەشھۇر دىنني زات،موللا قاسىم خەلىپە،ئۆز يېقىنلىرى ۋە مۇرۇتلىرىنى باشلاپ كىلىپ،خوجا ئىسھاققا قول بەردى>>،<<خوتەنلىك مەشھۇر زات موللا  ئىبىن يۈسۈپ خەلىپەمۇ خوتەندىن قەشقەرگە كىلىپ،خوجا ئىساققا قول بەردى>>،بۇلار شۇ چاغنىڭ داڭلىق دىنني ئكلىمالىرى ئىدى،بۇلار پادىشاھ مەھەممەت سۇلتان ئىسھاق ۋەلىگە قولبەرگەندىن كىيىن قول بەرگەن.(يۇقارقى مەزمۇنلار <<خوجىلار جەمەتى>>دىگەن كىتاپنىڭ 206-بىتىدىن ئۆزلەشتۇرۇپ ئېلىنىدى) مۇشۇنداق رىياللىققا دۇچ كەلگەن ئاددى كىشىلەرنىڭ خوجا ئىساقتەك پەيغەمبەرنىڭ <<ئەۋلادىغا>>غا ئىشەنمەسلىگى،ۋە ئۇنىڭ ۋەز نىسەھەتلىرىنى قۇبۇل قىلماسلىغى مۇمكىنمۇ؟
ئىككىنچى مەسىلە بولسا ئافاق خوجىغا بولغان گۇمان مەسىلىسى
بۇ مەسىلىگە چۈشەنچە بىرىشتە بىز ئەھمەت يەسسەۋىنىڭ  سۇپىزىملىق پەلىسەپە ئىدىيەسىگە مۇراجەت قىلىمىز چۈكى ئەينى ۋاختىدا<<ئەربىستاندا مۇھەممەت،تۇركىستاندا خوجا ئەھمەت>>دەپ تەسەۋۇپ ئىلمىدە(سۇپىزىملىق پەلىسىپەسى) غايەت زور نەتىچە قازانغان ئۇلۇغ زات،بۇ زاتنى دۇنيا تەسەۋۇپ ئىلمىي ئىتىراپ قىلىدۇ.
ئەھمەت يەسسەۋى <<ھەقىقى سۇپى، ھەقىقى سۇپى بۇلۇش ئۈچۈن مۇنداق تۆت شەرتنى ھازىرلىغان بۇلۇشى كېرەك دەپ قارىغان،ئۇنىڭ بىرسى شەرىئەت،يەنە بىرسى تەرىقەت،ئۈچۈنچىسى مەرىپەت،تۆتۈنچىسى ھەقىقەت>>لەر ئىدى.
ئەمدى ئاپپاق خوجىغا كەلسەك،ئىسلامنىڭ قايدە- نىزامى بولغان شەرىئەتكە،دالاي5-نىڭ قېشىغا بارغاندا ئۇلارنىڭ خۇداسى ھىساپلانغان <<بۇرھان>>دىگەن چوڭ بۇتقا چۇقۇنۇپ، دائىسلام شەرىئىتىگە داغ تەكۈزگەن.
ئىسلامدىكى ئەقىل ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىش مەسىلىسىدە ئۈزىنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ، خوجا-ئىشان،پىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاش،مەست-ئەلەس بۇلۇپ،خۇدانى سېغىنىش قاتارلىق پالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئۇنى بۈيۈكلۈككە كۆتۈرۈشى تەرىقەت ئەھكاملىرىغا خىلاپ.
سۇپىزىمنىڭ ئۈچۈنچى ھەقىقىتى بولغان مەرىپەتكە بولسا كىتاپلارنى كۆيدۈرۈش بىلەن خىلاپلىق قىلىپ،سۇپىزىملىق پەلسەپەسىنىڭ كىشىلەرگە مەرىپەت ئاتا قىلىش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بۇ قايدىگە خىلاپلىق قىلغان.
تلۆتۈنچىسى ھەقىقەت- ھەقىقەت ئارقىلىق كىشىلەرنى چۈشىنىش،شەيئىلەرنى بىلىشنى سۇپىزىملىقنىڭ تۆتۈنچى ھەقىقىتى ئىدى.لىكىن ئاپپاق خوجا ئۈزىنى ئەۋلىيا،ئالدىن خەۋەر تاپقۇچى دوپ ،ئاق كۈڭۈل كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتنى ساختىلىققا ئايلاندۇرۇپ،ئۈزىنىڭ مەقسىدىگە يەتتى.
يۇقارقىلاردىن ئافاق خوجىنىڭ سۇپىزملىق پەلىسىپىسىنىڭ 4مۇھىم نوقتىسىغا ئەمەل قىلمىغانلىغىنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس.
يەنا پىكىر ئالماشتۇرامىز.
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش