aptab
" ئاپپاق خوجا " مۇ ياكى " ئافاق خوجا "مۇ ؟
تارىختا يەكەن خانلىقىنى جۇڭغار خانلىقىغا يەم قىلىپ بىرىش بەدىلىگە 80يىل داۋاملاشقان خوجا - ئىشانلار "ئىلاھى خانلىقى" نى بارلىققا كەلتۇرگەن "ئىشقىيە " گوروھىنىڭ 3- ئەۋلاد پىرى -مۇرشىدى خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ قاچاندىن باشلاپ خەلقىمىز ئارىسىدا "ئاپپاق جوجا" نامى بىلەن مەشھۈر بولغانلىقى ھەققىدە تا ھازىرغىچە ئىنىق بىر تارىخى يازمىنى ئۇچراتمىغان ئىدىم. بۇ ئادەمنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ ھىدايتۇللا ( ئىشان ) ئىكەنلىكىدە ھىچقانداق پىكىر ئىختىلاپى بولمىسىمۇ ئىسمىغا ئۆزلەشكەن "ئاپپاق "سۆزىنىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقى ھەققىدە كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس.ئەمما نۇرغۇن تارىخى يازمىلاردا بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى "ئافاق" ئىكەنلىكى قەيىت قىلىنغان.مەسىلەن ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان مۇھەممەت سادىق قەشقىرىنىڭ " تەزكىرىئى ئەزىزان" دېگەن ئەسىرىدە دالاي لاما v-نىڭ شاگىرتى غالدانغا ئافاق خوجىغا ياردەم قىلىش توغۇرلۇق يىزىپ بەرگەن"تونۇشتۇرۇش" خېتىدە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ : " ئى بىشەۋكىتى خان، ئافاق بىسيار ئۇلۇق ، ئۆز دىنىدا كامىل مۇكەممەل كېشىدۇر . كاشىغەرنىڭ ياركەنىدنىڭ خاجەسى ئىكەن. ئىسمائىلخان دېگەن مۇنىڭ يۇرتىنى سويۇپ ئالىپتۇر. كېرەككى لەشكەر ئىبەرتىپ ، يۇرتىنى قولىغە ئالىپ بەرگەيسەن ۋە ئەگەر سەۋەب قىلماسەڭ مۇشكۇل بولغۇسىدۇر " . ئىنىقكى بۇ قۇرلاردا ئۇنىڭ ئىسمىغا قوشۇلغىنى "ئافاق " سۆزىدۇر .بەزىلەر ئەكسىچە بۇ سۆزنى لامالارغا بىرىلىدىغان ئۇنۋان"ئاپپاق"سۆزىدىن كەلگەن دېيىشىدۇ.بۇ تامامەن خاتا كۆز قاراشتۇر.
مىنىڭچە، "ئافاق"سۆزنىڭ ئەسلى پارىسچە مەنىسى "دۇنيا، جاھان " دېگەنلىك بولىدۇ( مەسىلەن-- پارىس ئالىمى ئوبۇلھەسەن ھاراۋىنىڭ "دۇنيا ھەققىدە مەلۇمات" دېگەن داڭلىق ئەسىرى "مەلۇماتى ئافاق "دېيىلىدۇ) . ئاپپاق خوجا ئۆزىنىڭ مۇرىتلىرىغا مۇشۇ "دۇنيانىڭ خوجىسى" دېگەن ئاتاق بىلەن ۋەز -نەسھىيەتلەر يۇرگۇزگىنى ئۇچۇن ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئۇنتۇلۇپ "ئافاق خوجا " دېگەن نامى مەشھۈر بولغان. ئەمەلىيەتتە بۇ نامنىڭ مەنىسى توغۇرلۇق ئۇ ئۆزىمۇ بايان قالدۇرغان. "تەزكىرەئى خوجا ئاپپاق " دېگەن قوليازمىدا : " ھەزرىتى مازار پادىشاھىم بەشكېرەمنىڭ قارا ساقال دېگەن يىرىدە ئىستىقامەت قىلىپ تۇردى.......بىر كۇنى ئابدۇللاخان ھەممە ئۆلىما -پازىللارنى يىغىپ ، ئۇلاردىن خوجا ھاپىز شېرازىنىڭ بىر بېيىتىغا مەنە ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ھېچكىم مەنە ئېيتىپ بىرەلمىدى. ....... ئەتىسى مازار پادىشاھىم جۇمە ئوقۇغىلى شەھەرگە كىردى، ناماز ئوقۇپ بولۇپ تۈمەننىڭ يىنىدىن ئۆتۇپ كىتىپ بارا ئىدى ، خاننىڭ خادىملىرى راۋاق ئۇستىدە تۇرۇپ ھەزرىتى مازار پادىشاھىمنى ئابدۇللاخانغا كۆرسەتتى. ........ مۇھەممەت يۇسۇپ ئېشەكتىن چۇشۇپ.....ئاندىن خوجا ئاپپاقنى ئاتقا مىندۇرۇپ سورىدىلەركى، ئى خاجە ئاپپاق ئۆزىڭىزنى نېچۈك كۆرەرسىز ؟ ھەزرىتى ئاپپاق -- ئۆزۇمنى بىر پادىشاھ جاھان كۆرۇردۇرمەن دەپ نەپەس قىلدىلەر........ " دەپ يىزىلغان.دېمەك ئۇ ئۆزىنى(دۇنيا)جاھاننىڭ خوجىسى(پادىشاھى)- دەپ ئاتىغان. كىيىنچە بۇ "ئافاق"دېگەن سۆز تەدرىجى "ئاپپاق"قا ئۆزگۇرۇپ كەتكەن.بۇنداق بولىشىنىڭ سەۋەبىنى "ئافاق"سۆزىنىڭ "ئاپپاق"قا يىقىن بولىشىدىن كۆرە، پەقەت ئۇ "ئىشقىيە" ( ئاق تاغلىقلار ) نىڭ داھىسى بولغىنى ئۇچۇن دەپلا چۇشۇنۇشكە بولىدۇ.چۇنكى، "ئاق تاغلىق"لارنىڭ مۇھىم سىمۇۋۇللۇق بەلگىسى كىيىنكى كۇنلەردە ئاق جەندە-كۇلا، ئاق بەلباغ، ئاق تۇغ......قاتارلىق "ئاق" رەڭلىك بۇيۇملار بولغان .
http://kurdax.com/munbar/read.php?tid-1353.html
ئامان بۇلۇڭ!
(بۇ قۇرداش تورىدىكى ئەسەر ئىكەن،قېرىداشلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئىنكاس شېكىلدە چاپلاپ قويدۇم.
ماقالىدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى ئاپتۇرىغا مەنسۇپ)