تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: turditohti

خوجىلارنىڭ سەلتەنەتىدىكى دىننىي ۋە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10641
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-4-10
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 14:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى غالىپلار  مەغلۇپ بولغانلارنىڭ دۇمبىسڭگە يازىدۇ.

پەرىدە

UID
8612
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
910
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-10 23:52:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 88قەۋەتتىكىfarida0993 يوللىغان 2011-04-10 14:58 غا قارتىلغان  :
تارىخنى غالىپلار  مەغلۇپ بولغانلارنىڭ دۇمبىسڭگە يازىدۇ.
ماۋۇ ئاڭلاپ باقمىغانلا "يېڭى" گەپكەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ئانچە-مۇنچە پاكىتلار بىلەن چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ئىلتىماس قىلساق بولارمۇ ؟!.....................

UID
9893
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-11 03:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار    مىنىڭ   داۋاملىق  تورغا  كىرىپ  تۇرىدىغان  ۋاقتىم  شۇنداقلا  شارائىتىم  يوق ،  شۇنداقتىمۇ  مىللىتىمنىڭ  ئىدىيىۋى  ئوزگىرىشلىرىدىن  خەۋەردار  بولۇپ  تۇرۇش  ئۇچۇن ئانچە - مۇنچە  ۋاقىت  چىقىرىپ  بىر  -  ئىككى  مۇنبەرنى  ئارىلاپ  ھەرقايسىڭلارنىڭ  يازمىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇۋاتىمەن  .  بۇ  قىممەتلىق  يازمىنى كورۇپ  يېزىلغان ئىنكاسلار  بىلەن قوشۇپ  تۇلۇق  ئۇقۇپ چىقتىم ( تۇردى توختى مۇئەللىمگە  كوپ  رەھمەت )  ۋە توۋەندىكى  مۇلاھىزەلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا  سۇنۇشنى توغرا  كوردۇم  .   1  -    ھەسەل ھەرىسى  ھەرخىل  ئاچچىق  -  تاتلىق  نەرسىلەرنىڭ  گۇل چاڭلىرىدىن ھەسەل ئىشلەپ  ئىنسانىيەتكە سۇنىدۇ  ، چىۋىن بولسا  ھەسەل ۋە  گوش   قاتارلىق نەرسىلەرگە  قونۇپ  ئۇ  نەرسىلەرنى بۇلغايدۇ ، تورداشلارنىڭ چىن مىجەز بولۇپ قالماستىن ، ھەسەل ھەرىسى كەبى ،  يازمىلارنىڭ قايسى ئدىيىنى مەركەز قىلىپ ، نىمە مەقسەتتە يېزىلغانلىغىنى ئەتراپلىق  مۇلاھىزە قىلىش  بىلەن ،  يازما - ئىنكاس ئىگىلىرى  ۋە  يازمىدىكى پىرسۇناژلارغا  ئادىلىق  بىلەن مۇئامىلە  قىلىپ ھەقنى بىلىش  ۋە  باشقىلارغا  بىلدۇرۇش  ئۇچۇن تىرىشايلى .  2   -   مەن تارىخچى  ئەمەس  ، شۇڭا  ۋەقەلىكنىڭ راست - يالغانلىغى  ئۇستىدە  بىر  نەرسە  دىيىشنى  تارىخچىلارغا تاشلايمەن ،  ئەمما بۇ تىمىنى  ئۇقۇش  ئارقىلىق  يازمىدىكى  ئافاققا ئوخشاش  بىر  شەخسىنىڭ ئوبرازى كاللامدا  بۇرۇنقىدىنمۇ  رۇشەنلىشىپ ، بۇنداق  كىشىلەرنىڭ  ھىيلە -  مىكرىدىن ھەزەر  ئەيلەش تېخىمۇ  مۇئەييەنلەشتى ،  ھىچقانداق ئەقىدە  بىرلىكى ياكى  مىللى  بىرلىكى بولمىغان ياتلار  ئۇچۇن  ئوز  قېرىنداشلىرىنى (  بۇ  يەردە ئەقىدە قېرىنداشلىرى دىگىنىم ئۇنىڭ  مەن  ئىسلام   ئەھلى  دىگەن قۇرۇق  داۋاسىغا  ئاساسەن ،  ئەمىليەتتە ئۇ  ئىسلامدىن ۋە  مۇسۇلمانلاردىن تولىمۇ  يىراق شەخسى  بولۇپ مۇسۇلمانلار  ھەرگىزمۇ  ئۇنىڭ  ئەقىدە  قېرىنداشلىرى  ئەمەس )  ۋەيران قىلىدىغان قارا  يۇز   ،  بۇزۇق  ، پەس  كىشىلەر  ھەر زامان  ھەر ماكاندا ھەر  خىل كىشىلەر تەبىقىسىدا  تېپىلىدۇ  ، شۇنىڭ  ئۇچۇن  بۇنداق  مەلئۇن سۇپەت  كىشىلەردىن ھەزەر  ئەيلەپ  مۇشۇنىڭدەك  تارىخنىڭ قايتا  تەكرارلانماسلىقىغا  دىققىت  قىلىشىمىز  مۇھىم  ،  تورداشلارغا   نەزىرىنى  بۇ  نوقتىغا  قارىتىشىنى   تەۋىسسىيە  قىلىمەن    3  -   يازما -  ئىنكاسلار  چايان  كەبى   باشقىلارنى چېقىش  ئۇچۇن  يېزىلمىسۇن  !!!   مەيلى  چايان  ھەر  قەدەمدە يەرنى چېقىپ  زەھەرنى چىقىرىپ  تۇرمىسا  ئولۇپ  قالارمىش ، شۇڭا زەھەر  سانجىيدىغانلار   سانجىسۇن  ،  بىراق  ئوز - ئارا  ئەقىدىنى  ھورمەتلىشەيلى  ،  ئېنىقراق  قىلغاندا  بەزىلەر  ئىسلامغا  قاراپ   مۇسۇلمان   ئاتالغانلارنىڭ مۇسۇلمانلىق  داۋاسىدا  راست  -  يالغانلىغىغا  باھا  بەرمەي  ،  مۇسۇلمانلىق داۋاسى  قىلغانلارغا  قاراپ  ئىسلامنىڭ  ھەق  -  ناھەق  دىن ئىكەنلىگى ئۇستىدە  ھوكۇم  چىقىرىپ قالايمىقان  سوزلىۋاتقاندەك  قىلىدۇ  ،  ئەلۋەتتە  بۇ  خاتا  ئىش  ،  چۇنكى  مۇسۇلمانلىق  داۋاسى  قىلغانلارنىڭ  (  ۋە يەنە  ئىنسانلارنىڭ  )   ھەممىسى راسچىلمۇ  ؟   شۇنىڭدەك  مۇسۇلمان  بولدى  دىگەنلىك   خاتالىق  ئوتكۇزمەيدىغان پەرىشتە  بولدى دىگەنلىك  ئەمەستە  ،  مۇسۇلمانلارمۇ   باشقىلارغا  ئوخشاش ئادەم  بالىسى   ،  خاتالىشىدۇ   .     بىنانى ئىنژىنىرنىڭ  چىرتوژىغا  ئاساسەن   سالايلى  ئەكسىچە  بىناغا  قاراپ  چىرتوژ  سىزىدىغان   ئەخمەقلىقنى  قىلمايلى  ، خۇلاسسە  ئىسلام  دىنى  توغرىسىدا ياپما  گەپ  قىلىشتىن  ساقلىنايلى  !!! (  بۇ  قاتتىق  ئەسكەرتىش  )       4    -   بىز   بىر  نەرسە  ئۇستىدە پىكىرىمىزنى  قويۇشتىن  ئىلگىرى  ئۇنىڭ  ماھىيىتى ۋە  شەكلىنى  ياخشى بىلىپ  يىتەيلى  ،  شۇ  جۇملىدىن  كىمكى  ئىسلام  توغرىسىدا  گەپ  قىلىدىكەن ئۇنىڭ  ھەقىقى  ماھىيىتى ۋە بۇيرۇق  -  چەكلىمىلىرىنى   بىلگەندىن  كىيىن سوزلىسۇن  ،  مەن  بۇ يەردە  بىر نەچچە  خاتالىقلارغا    تەنبىھ  بىرىپ  ئوتەي  :      1   -   <   ئسلام دىنى  پەيدا  بولغاندىن كىيىن  >    دىگەن  سوز    خاتا  سوز    ،   ئىسلام  دىنى  پەيدا   بولۇپ  قالغان  ئەمەس   ،   ھەممىنى  ياراتقۇچى  ئاللاھ  تەرىپىدىن  كەلگەن  ،  شۇڭا  <     ئىسلام  كەلگەندىن  كىيىن  >  ،  ياكى  <   قۇرئان  چۇشۇرۇلگەندىن  كىيىن  >  دىگەندەك   سوزلەر  ئىشلىتىلسۇن  ،  چۇنكى  ئىسلام  بەزىلەر  دەپ  يۇرگەندەك كىشىلەر نىڭ  تۇقۇپ  چىقارغان  خۇراپى -  سەپسەپىلىرى  ئەمەس  بەلكى  ھەممىنى  بىلگۇچى  ئاللاھ   تەرىپىدىن  كەلگەن  .   2  -   ئىسلام  دىنى  ئاللاھ  تەرىپىدىن  كەلگەن  قۇرئاننى  ئاساس  قىلغان  ھالدا   ئاللاھنىڭ ئەلچىسى  مۇھەممەد  (  ئۇنىڭغا  ئالاھنىڭ  سالىمى  بولسۇن  )   نىڭ   ئىزاھەتلىرى ئارقىلىق  ئىشلارنىڭ  توغرا  -  خاتاسىنى  كورسىتىدىغان  دىن  (  ھەقىقەت  )  بولۇپ  ئۇنىڭدىن  باشقا  ھەرقانداق    نەزىريىنى  ئاساس  قىلغان  ھەرقانداق  گورۇھ   ئىسلامدىن  ئەمەس  ،  چۇنكى  ئاللاھ  قۇرئان  كېرىمدە  <  بۇگۇن  سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى  پۇتۇن  قىلدىم  ،  سىلەرگە   نىمىتىمنى  تاماملىدىم    >   دىگەن  ،  شۇنىڭ  ئۇچۇن  ئىسلامنى  داۋا  قىلىپ  كىيىن  پەيدا بولغان  ھەرقانداق  نەزىريەدىكى  پىرقە  ،   مەزھەب  قاراشلىرى  قۇرۇق  سەپسەتەلەردۇر   .    3   -    قۇرئان  ۋە  ھەدىس  كىتاپلىرى  قېلىپ  باشقا  كىتاپلار   كويدۇرۇلگەنلىگى  ،  ھەرگىزمۇ  كىشىلەرنىڭ  ئىسلامنى ھايات  يولى  قىلغانلىغىنى  كورسەتمەيدۇ  ، خۇددى  ياخشى  لاھىلەنگەن چىرتوژ نىڭ  ،  ئۇنىڭغا  ئاساسەن  قۇرلۇش  سېلىنمىسا  ھىچقانداق   پايدىسى  كورۇلمىگەندەكلا  ئىش   .   4   -     سۇپى  ۋە  شىيىئە  دىگەنلەر  ئىسلام  چاپىنىنى  كىيىۋالغان  پىرقىلەر  بولۇپ  ئىسلام  ئۇلاردىن  نەپرەتلىنىدۇ  ،  مىللىتىمىز   ئۇيغۇر   ،   رەببى  ئاللاھ  نىڭ   <  مۇسۇلمان  >  دەپ  ئاتىغان  نامىغا  رازى  بولۇپ  مۇسۇلمانلىق  سالاھىتى  بىلەن   ياشاپ   كەلگەن  .   سۇپى  ،  شىيىئە  دىگەنلەرنى  تۇنىمايدۇ   (   ئەلۋەتتە   ئاز  ساندىكى  مۇناپىقلار  بۇنىڭ  سىرتىدا  )   .

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-16 19:30:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ruslan111
karaxliringizni atraplik otriha kuyupsiz,siz digandak masilining mahiyitini iganlap atraplik tahlil kilsak,masililarga tohra kariyaliximiz,am uni tohra quxiniximiz kapalatka iga bolidu.
aman bulung!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
7255
يازما
85
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1885
تىزىملاتقان
2010-11-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-16 22:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇسلان 111 دىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى ئەتراپلىق دىگىلى بولمايدۇ پەقەت ھاياجالىنىشتىن كېلىپ چىققان دىيىشكىلا بولۇدۇ...پىكىرلىرى ئىسلامى ئەسلىيەتچىلىكىمۇ ياتمايدۇ ...پىرقە ،مەزھەپلەر  ساھابىلەر دەۋرىدە بىخسۈرۈشكە باشلىغان ئۇ ئىسلامدىكى زور نىمەت ...سىز پەقەت مىللەتچىلىك خاھىشىڭ بويىچە بىر مىللەتنى بىر خىل مەزھەپكە ئەكىرىپ سىياسى مەكسىتىڭىزگە يەتمەكچى بولسىڭىز ئۇ باشقا گەپ ،مەزھەپچىلىك ئاللا پەر قىلغان ئەمەللەر ئاساسىدا ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ ئۇ جاھانىڭ قايسى جايىغا بارسىڭىز ئۇخشاش..پەقەت سۈننەت -نەپلە ئەمەلللەر ئۈستىدە تالاش -تارتىش قىلىدۇ ..بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ  ئىجما ۋە قىياستىكى ھوقوققى ...بۇ دىننى زەئەپلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان بەلكى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ...سىز ئېتراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ شىئە ۋە ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتى ئىسلامنىڭ ئاساسلىق يوللىرى بولۇپ سالاھىتلىنىو بولدى ...سىزمۇ ئۇنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر مەزھەپ بولىسىز خالاس...سىزنىڭ لوگىكىلىق تەپەكەرۈڭىز نەتىقىسى بىلەن ئۇلار ئىسلامدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ ،پۈتكۈل تۈرك قەۋلىرى ئىسلامى تەرىقەر پىكرىتى بىلەن ئىسلاملاشقان ئەلۋەتتە ئىسلامدا باشقا پىكرەتلەرنىڭ بارلىققىنى ئىنكار قىلمايمىز قارخانىلار،سالجۇقىلار ،ئوسمانىلار.تېمۇرىلار،ھىندىستان بابۇر ئىمپىريىسى ،يەركەن سەئىدىيە خانلىرى ۋە ياكى ئۇنڭدىن كېيىنكى تۈركلەر تارىخىدا ئىسلامى تەرققەت پىكرىتىنىڭ تەسىرى ھاكىميەتلەرنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى بولغان ...تۈرك ئىسلاميىتى تەرىققەت پىكرىتى بىلەن سالاھىتلىنىدۇ ...  ئۇيغۇرلار بۇنىڭ بىلەن سالاھىيىتلىنىشنى نۇمۇس بىلگەن بىلەن....تۈرك مىللەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئەدبىيات مىراسلىرى ئىسلامى تەرىقەت پىكرىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان .ئۇرپى-ئادەتلىرى شۇ ئاساستا شەكىلەنگەن ..سىز بۇنى ئاتلاپ ئۆتۈپ ،تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى چۈشىنەلمەيسىز ..بۇنىڭدا سىز ئىسلامغا يات ئەجەلىك ئېلمىتلارنى تاپالمايسىز ....

ئەھلى تەرىكەت

UID
5442
يازما
175
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
5609
تىزىملاتقان
2010-9-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-16 23:08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇستاپا كامالنىڭ قۇرئان كەرىمنى تۈركچە تەرجىمە قىلغىنى تۈرىكچە ئەزان ئېيتقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا،ئەگەر ئاۋام قۇرئاننىڭ ئەسلى مەنىسىنى بىلەلىگەن بولسا كۈنىمىز بۇنداق بولماستى بەلكىم،مېنىڭچە بولسا دىننىڭ مىللەت چەكلىمىسى بولمىغاندىكىن بىزمۇ ناماز،ئەزان ۋە سۈرە ئايەتلەرنى ئويغۇرچە ئوقۇساق ھەققى دىنغا قايتقان بولىمىز،پەيغەمبەرنىڭ ئەرەپلەرگە نازىل بولۇشى ئىسلامنىڭ بارلىق قائىدە دىنى تەرتىپلىرىنىڭ ئەرەپچە بولۇشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ.بارچە مۇسۇلمان مىللەت ئۆز تىلىدا ئەزان توۋلىسا مۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەن سۆز ئاللا ئۇلۇغ دىگەن مەنىدە .... مېنىڭچە ئوخشاش،ئۇيغۇرچە تىلاۋەت قىلىنسا ھارامخور موللىلار جان  باقالمايدۇ،  نامەلۇم مەۋھۇم چۈشىنىكسىز ئەرەپچە سۈرىلەر  خوجىلار كەبى مۇناپىقلارنىڭ تىلىدىن سىياسى ئەپىيۈن بۇلۇپ چۈشسە ئاۋام ھەققىقەت ئىشىكىنىڭ سىرتىغا قالدۇرۇلسا،دىمەككىم دىنى ھەقققەتلەر "قايتا پىششىقلىنىپ ئىشلىنىپ"ئۆزگەرتىۋىتىلسە تەقدىرىمىز شۇ سېھىرگەرلەرنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇدە.....قېنى مەرھەمەت،ھەرقايسىلىرىغا كەتتى....

UID
10466
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1792
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-16 23:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 93قەۋەتتىكىappakhoja يوللىغان 2011-04-16 22:03 غا قارتىلغان  :
..............................
....

appakhoja  ئەپەندى ئەگەر ئىملارىڭىزنى ئانچە - مۇنچە  توغۇرلىۋەتسىڭىز سىز  ئىنكاستا ئىلگىرى  سۈرگەن  پىكىر  ئورۇنلۇق  دەپ  قاراشقا بولىدۇ ، سىز  تارىخىمىزنى تىلغا  ئاپسىز ، ھەقىقەتەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزدىن ئەلىشىر  ناۋايىغاچە بوۋىلىرىمىزغىچە ئالىم- پەيلاسوپلىرىمىز  تەسەۋۋۇپ  يولىدىكى  ئۆلىمالاردىن  دىيىشكە  بولىدۇ ، زامانىمىزدىكى ئىسلام  دۇنياسىغا مەشھۇر  بولغان ئىسلام  قايتا  گۈللىنىش ھەركىتىنىڭ تۈرتكىچىسى ، مائارىپ  ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى  قايتا  گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىنىڭ  ئەمىلىيەتچىسى تۈركىيەلىك  فەتخۇللاھ گۈلەن غوجائەپەندىمۇ مەشھۇر  سوفىزىم پەيلاسوپلىرىدىن ، ئۇ  خۇسۇسى بايلار  بىلەن قوشۇلۇپ  ئاشقان  تۈركىيە  ۋە  ئوتتۇرا  ئاسىيادا قۇرۇلغان مائارىپ مەكتەپلىرىدە  ئوقۇۋاتقان  تالىپلار پەننىي  ئىلىم  جەھەتتە  مەسىلەن  فىزىكا ، ماتىماتىكا ، خىمىيە  پەنلىرى بويىچە  ئۆتكىزىلىدىغان دۇنياۋىي  ئولىمپىك مۇسابىقىلەردە  ئىنتايىن  ياخشى ۋە مۇنەۋۋەر  نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ دۇنيا جامائەتچىلىگىنى ھەيرانلىققا سېلىۋاتىدۇ ، گۈلەن  ئەپەندىنىڭ  كىتاپلىرىمۇ  دۇنيا  مۇسۇلمانلىرىنىڭ  سۆيۈپ  ئوقۇيدىغان ئېسىل  روھىي  ئوزۇقلىرىدىن ،  شۇڭا ھىدايتۇللا  ئافاق غوجىغا  قاراپلا   " سوفىزىم بىدئەت  ئىدىيە " دەيدىغان  دوستلار چوقۇم  ئالدى  بىلەن  بۇ پەلسەپە بىلەن  ئانچە- مۇنچە  تونۇشۇپ  تەتقىق  قىلىپ  ئاندىن  بىرنىمە  دىسەكمۇ  بولىدۇ .  

UID
6932
يازما
216
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5400
تىزىملاتقان
2010-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
285 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 00:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 80قەۋەتتىكىturditohti يوللىغان 2011-04-06 19:35 غا قارتىلغان  :

dellyar571
قېرىندىشىم.

ماقالىدىكى قاراشلارغا سىزنىڭ نوقتىڭىزدىن تۇرۇپ،مۇئامىلە قىلىپ تۇرايلى،ئۇنداق بولسا :
.......
turditohti ئەپەندى، سەمىيمتىڭىزدىن گۇمانىم يوق ئەمما مىتودىڭىزغا دەيدىغانلىرىم  بار ،مەن بۇنى ئالدىنقى ئنكاسلىرىمدا ئەمىلى مىساللار بىلەن شەرھىيلەپ ئۆتتۇم.بۇلارنى مەن ھىچ قاچان ئىدىيىە ياكى يىڭى قاراشنى  بازارغا سىلىش ئالدىدىكى بوران شامال  مەقسىتىدە يازمىدىم  بەلكى سىزگە پايدىسى بۇلار دەپ يىزىپ سالدىم .ھازىرچە بىر قىسىم تورداشلار پارچە بۇرات ئىلمىلىگى يوق ئىنكاسلارنى ھەتتا چاپلىمىلارنى يۆتكەپ كەپتۇ،يەنە بىر قىسملارنىڭ ئىجابى بايانلىرىمۇ چۈشىپتۇ ،ئەگەر  بۇ مۇنازىرە سۇپەتلىك داۋاملىشىپ كىتەلىسە سەمىيمىيەت ۋە ئىلمىيەت يوغۇرۇلغان  ئەھمىيەتلىك دىيالوگلاردا ئۇچۇرشىپ سىز ۋە مەن يەنە باشقىلار قىزىقىدىغان مەسىلىلەردە ئورتاقلىشىپ قالارمىز   

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-18 18:18:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dellyar571 قېرىندىشىم،
مىنىڭمۇ باشقا غېرىزىم يوق،سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزدىن مەنمۇ مەسىلىگە ھەر تەرەپلە قاراشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ھىسى قىلدىم.بۇ سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزنىڭ ماڭا بولغان ئەمىلى ياردىمى، دىگىنىڭىز توغرا،بىز پىكىرىمىزنى ساقلاپ قالغان ئاساستا،ئورتاقلىشالايدىغان مەسىلىلەردە ئورتاقلىشىپ،ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيادىمىزنى ئىلگىرى سۇرسەەك،ئايىغى چىقمايدىغان دە-تالاشلارنى تاشلاپ،مۇنازىرىنىڭ ئىلمىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ھەر جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرلىسەك  دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
سىز دىگەندەك يەنە ئورتاقلىشىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە سالماقلىق بىلەن ،ئىلمىي مۇنازىرىلەردە بولارمىز.
سالامەت بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-20 19:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...نامەلۇم مەۋھۇم چۈشىنىكسىز ئەرەپچە سۈرىلەر  خوجىلار كەبى مۇناپىقلارنىڭ تىلىدىن سىياسى ئەپىيۈن بۇلۇپ چۈشسە ئاۋام ھەققىقەت ئىشىكىنىڭ سىرتىغا قالدۇرۇلسا،دىمەككىم دىنى ھەقققەتلەر "قايتا پىششىقلىنىپ ئىشلىنىپ"ئۆزگەرتىۋىتىلسە تەقدىرىمىز شۇ سېھىرگەرلەرنىڭ ئىختىيارىدا بولىد ۇ...
paryat
يۇقىردىكى بايانىڭىزدا ئېيتىلغاندەك نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئەھلىلىرىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ قۇرئان كېرىمنىنىڭ ئەسلى ماھىيەتىنى چۈشىنىشكە قۇربى يەتمىگەنلىك سەۋەپلىك،بىز تار بىكىنمىچىلىك يۇلىغا كىرىپ،ئىسلامنىڭ ماھىيەتنى ئەمىللەشتۈرۈشتە بىرنەچچە ئونلىغان كىشىلەرنىڭ پەتۋاسىنى ھەقىقى ئىسلام دىنىي مۇشۇ شۇ دەپ بىلىپ كەلدۇق،بۇنىڭ بىلەن بەزى نەئەھلى كىشىلەر بىزنىڭ بۇ غۇبارسىز ئېتىقاتىمىزدىن پايدىلىنىپ،ئۈزىنىڭ قاراشلىرىنى توسقۇنسىز بازارغا سالدى.بۇ ھال ئىسلامنىڭ تەرەقىيادىنى بوغۇپ قويدى.بۇنىڭ تىپىك مىسالى،مۇسا جارىللانىڭ<<بۇ يۇرتقا ئىسلام كەينىچىلەپ كىرىپتۇ>>دىگەن ھۈكىمى بىلەن<<ئىسلام ئەللىرى نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالىدۇ>>(ماقالىنىڭ ئاپتۇرىنىڭ ئىسىمى ئىسىمدە قالماپتۇ،ئۇنىڭ ئىسلام دىنىي بۇيۇچە دوكتۇرلۇق ئىنۋانى بار خۇيزۇ ئالىمى ئىكەنلىكى يادىمدا قاپتۇ)دىگەن ماقالىدىكى<<بىز پەقەت %90لا بوشلۇقتىن پايدىلاندۇق،ئەمىليەتتە قۇرئاندا بىزنى %100پۇرسەنت پايدىلىنىشقا بۇيرۇلغان،بىزنى ئارقىدا قالدۇرۋاتقىنى دەل بىزنى خۇدا كىر دىسىمۇ كىرىشكە جۇرئەت قىلالمايۋاتقان %10بوشلۇققا كىرەلمەيۋاتقانلىغىمىزدا>>دىگەن ھۈكۈمدۇر.بۇ ھۈكۈملەردىن بىزنى بىلىپ قالمىسا بولاتتى دەپ،ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئاۋامدىن خۇپۇيەنە ساقلىۋاتقان سىرى بارلىغىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.
مەيلى ئەرەپچە بولسىمۇ ھەقىقى مەنىسىنى بىلدىغانلارنىڭ خۇدا،ھەق يۇلىدا بىلگىنىنى ئايىمىسا،بىز خەقمۇ <<يامان بۇلۇدۇ>>نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ،يۇرەكلىكرەك ئىش قىلساق،شۇ ئاساستا باشقىلار بىلەن ئوخشاش تەرەققى قىلساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش