| نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ۋە ئاپتۇنۇم رايونىمىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ يامراپ كىتىش خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش،ناھىيىلىك خەلىق ھۆكۈمىتى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ ۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن مەكتەپلىرىمىزدە يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ تارقىلىىشىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئشچى- خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نورمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەرتىۋىنى قوغداش، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە يۇقۇم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، توغرا، تىز، ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك خىزمەت لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىلدى. 1.خىزمەت يىتەكچى ئىدىيسى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىددىيسى»، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى يىتەكچى قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مەكتەپلەردە تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك تۇسۇش، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمالنى ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەممەيلەندە ساغلاملىققا كۆڭۈل بولىدىغان، ھاياتىنى قەدىرلەيدىغان، ئىلمىي ساغلاملىق ئىدىيسىنى شەكىللەندۈرۈپ،يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنى ياخشى تىزگىنلەپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. 2. خىزمەت نىشانى: مەكتىۋىمىزدە تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا يوقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىن ئېلىش جەھەتتىكى ساۋاتلارنى تەشۋىق قىلىش، ھەممەيلەندە يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش، تارقىلىش، يۇقۇش يوللىرى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بۇلۇش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دىققەت ئىتبارىنى تۇلۇق قوزغاپ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇقۇش يوللىرىنى ئۈزۈش ئارقىلىق، مەكتىۋىمىزدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە مۇھىتنى قوغداپ ، ساغلاملىقنى سۆيۈش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت. 3. تەشكىلىي رەھبەرلىك: مەكتىۋىمىزدە يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى: گۇرۇپپا باشلىقى:xxx مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى: xxx ئەزالىرى: xxx رەھبەرلىك گۇرۇپپا قارمىغىدا ئىشخانا تەسىس قىلىندى. ئىشخانا مەكتەپ ئىشخانىسىدا بولۇپ ، xxx قۇشۇمچە مەسئۇل بولىدۇ . كونكىرىتىنى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمىللەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. يۇقارقى لاھىيە ئاساسىدا ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەرمۇ ئايرىم كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپا قۇرۇپ ئىش تەقسىماتى ۋە مەسئۇليەتنى ئېنىق بېكتىپ خىزمەتنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 4. خىزمەت تەلىۋى: 1)تۇنۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تۇنۇشنى ئۆستۈرۈش كىرەك. يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان تۇنۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يۇقۇملۇق كىسەل پەيدا بۇلۇشتىن ئاۋۋال، ئالدىنى ئېلىشتا تەشەببۇسكار بۇلۇش، تۇرلۇك چارە- ئاماللار ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ ئادەم كۆپ، ئالاقىلىشىش مۇھىتى قۇيۇق، كىسەللىكلەرنىڭ يامراش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدە ئۇرۇنلۇق تەرىپىگە ئاساسەن ، خىزمەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت سالمىقنى ئاشۇرۇشتا، تەشەببۇسكار ، ئاكتىپ، ئۆزىنىڭ مەكتەپ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىجادچان بۇلۇش كىرەك. خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش تەلىۋىگە ماسلىشالمايدىغان، كونكىرىتنى خىزمەت ئىشلىمەي، شەكىلۋازلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلماسلىق لازىم.كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا مەكتەپ بىلەن مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى،قوشتىل باغچا سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرى بىلەن قاتلاممۇ-قاتلام مەسئۇليەتنامە ئىمزالىنىدۇ. 2)تەشۋىقى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كىرەك. مەكتەپلەر خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىدە بار بولغان ھەرخىل تەشۋىقات شەكىللىرى يەنى ، چۈشلۈك رادىئو تەشۋىقاتى، قارا دوسكا تەشۋىقاتى، ئەترەت پىئونىرلار پائالىيىتى، سىنىپ يىغىنى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ،يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى، دىققەت قىلىش نوختىلىرى، مۇھىت ئاسراش بىلىمىلىرى، شەخسىي تازلىق، ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق قارشىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئاساس سېلىش كىرەك. تەشۋىق قىلىشتا چۇقۇم ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش، كەڭ ئوقۇتقۇچ، ئشىچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇملۇق كىسەللىكنى ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ، كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان، داۋالىغىلى بولىدىغان كىسەل ئىكەنلىكىنى تۇنۇتۇشى، ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ ئەندىشە قىلىشتىن ساقلىنىشى كىرەك. بىرىلگەن تەربىيە، ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلارنىڭ يازمىچە ئارخىۋى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. مەكتەپلەر بىردىن لوزۇنكا،قارادوسكا،شۇئار چىقىرىش،گۇاڭبو ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش لازىم. 3) «4 بالدۇر بۇلۇش» ، «2 نى ئايرىش» ۋە «1 نى تەسىس قىلىش» خىزمەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كىرەك. مەكتەپلەر يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە قارىتا «بالدۇر بايقاش ، بالدۇر ئايرىۋىتىش ، بالدۇر مەلۇم قىلىش ، بالدۇر داۋالاشقا ماسلىشىش» تەلىپى بويىچە ھەركۈنى سىنىپلارنى بىرلىك قىلىپ ،ھەركۈنى ئەتتىگەن بىرىنجى سائەتلىك دەرسكە كىرگەن ۋاقىىتتا ۋە چۈشتىن كىيىنكى بەشىنجى سائەتلىك دەرىسكە كىرىشتىن ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قاتنىشىش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىر قېتىم ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقىشى، ئۆز تەۋەلىكىدىكى سىنىپ سانى، ئوقۇغۇچى سانى ، تەكشۈرۈلگەن سىنىپ ۋە ئوقۇغۇچى سانى، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيدىلىدىن كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق ھەر كۈنلۈك ئەھۋالنى مەكتەپ ئىشخانىسىغا دوكلاد قىلىشى كىرەك. «يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىش ، يۇقۇم رايۇنىنى ئايرىش» تا ھۇشيار بولۇپ ، يۇقۇم يوللىرىنىڭ كېڭىيىش كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم . ھەر قايسى مەكتەپلەردە مەخسۇس «ئايرىش ، كۆزىتىش ئۆيى» تەسىس قىلىپ ، يۇقۇملانغانلارنى كۈزىتىش ۋە ئايرىشقا شارائىت يارىتىپ بىرىش كېرەك . 5. كونكىرىتنى خىزمەتلەر: 1)مەكتەپنىڭ مۇھىت تازلىقىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. مەكتەپلەردە ھەركۈنى يەنى چۈشتىن بۇرۇن بىر قېتىم،چۈشتىن كېيىن بىر قېتىم چوڭ تازلىق قىلىش، ھەركۈنى ئەتتىگەندە تازلىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش، مەكتەپ ئىچىدە پاكىزە بولمىغان ھەرقانداق جاي بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. ئەخلەت كاتىكى بۇلۇش، ئەخلەتلەر جايىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان بۇلۇش، ئەخلەت كاتىدىكى غەيرى پۇراق مەكتەپ ئىچىنى قاپلايدىغان ھالەتنىڭ چۇقۇم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. 2) ئاشخانا باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كىرەك. ئاشخانا تازىلىقى ، يىمەك ئىچمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتتىكى خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ يىمەكلىك يولى ئارقىلىق يوقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم . 3)ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان شەخسىي تازلىق ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك. تەشۋىقى تەربىيە خىزمىتنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تازلىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان ياخشى تازلىق ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئاساس سلېىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي تازلىقىنى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ، مەكتەپ خاراكتىرلىك ۋە سىنىپ خاراكتىرلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ خىزمەتنى مەكتەپنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ چىڭ تۇتۇش كىرەك. ھەركۈنلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرىسى ۋە كۈن نۇرى تەتنتەربىيە پائالىيتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىممۇنىت كۈچچىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم 4) ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈش كىرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تاماقلىنىش ئەھۋالىنى دائىم ئىگەللەپ تۇرۇش، ئۆيىدە ئادەم يوق قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چۈشلۈك تامىقى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلۈپ، تاماقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەكتەپلەر چۇقۇم ئوقۇغۇچىلارنى قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش،مەكتەپ مەمۇريىتى تارقىتىپ بەرگەن قول يۇيۇش تۇڭىنى ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماتىن بۇرۇن،تەرەتتن كېيىن قول يۇيۇشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ۋە دىجۇرنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم بىر مەسئۇلىيتى قىلىپ چىڭ تۇتۇش لازىم. 5) تەكشۈرۈش ، ئايرىش خىزمىتنى ياخشى ئىشلەش كىرەك. سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى دائىم ئىگەللەپ تۇرۇشى، كىسەللىك ئالامەتلىرى بار يوقلىقىنى دائىم سوراپ تۇرۇشى، كىسەللىك ئالامىتى بايقالغان ھامان بالدۇرۇش ئايرىش، بالدۇر داۋالاش، بالدۇرۇش ساقايتىش خىزمىتنى ياخشى ئىشلەش ، ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىززىتمىسىنى ئۆلچەپ مەكتەپ تارقىتىپ بەرگەن جەدۋەلگە خاتىرە قالدۇرۇش.ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن سىنىپتا چۇقۇم ئارخىپ تۇرغۇزۇش لازىم. 6) دىزىنفىكسىيەلەش ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش، يۇقۇش يوللىرىنى تىرىشىپ ئازايتىش كىرەك. يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ يۇقۇش ، تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەك- ئىچمەك تازلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. ھەركۈنى كەچتە سائەت 4:30 دا بارلىق سىنىپ ۋە ئىشخانىلارنى دېزىنفىكسيە قىلىپ ئەتىسى ئەتتىگەن سائەت 6:00دىن 7:30گىچە ئىشىك دېرىزىلەرنى ئېچىپ ئۇمۇميۈزلۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم. 6. تەكشۈرۈپ ، ھەيدەكچىلىك قىلىش يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەخسۇس ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بايقالغان مەسىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدۇ. 7.مەسئۇليەتنى ئەمىللەشتۈرۈشتىكى تەدبىرلەر مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى مۇقىملىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىپ،مەكتەپلىرىمىزدە بۇ جەھەتتە بىرەر مەسىلە كۆرۈلۈشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش لازىم. كىسەلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ، مەسىلە كۆرۈلگەن ئورۇن مەسئۇلىغا قارىتا ، مەكتەپ پارتىيە ياچكىسى مەمۇريتى ئىقتىسادى جەھەتتىن 5000 يۈەن مەسئۇليەتسىزلىك ھەققى سۈرۈشتۈرۈپ ،سىياسى ۋە مەمۇرى جەھەتتىن چارە كۆرىدۇ.شۇنداقلا ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش،ئۇنۋان باھالاش،ماۋسۇملۇق خىزمەت باھالاشتا ئەڭ چوڭ دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىلىدۇ.
|
|