| مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشتىكى رولى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاش، خالىس تۆھپە قوشۇش، ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش تەلىم – تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مەكتەپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا. مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ تەكىتلەيدىغىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتىدىغىنى ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى كىشىنى ئانچە مەمنۇن قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا قوللانغان ئۇسۇللىرىنىڭ ئىلمىي، جانلىق، ئەمەلىيەتچىل بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ يىغىنلاردىكى قۇرۇق چاقىرىق، سۈر – ھەيۋە ، تەھدىت، پوپوزىلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش سەنئىتىگە باغلىق. ئۇنداقتا مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك؟ مېنىڭچە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. .1 ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى بولغان كىشى ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ دېموكراتىك خوجايىنلىق ئېڭىغا ھۆرمەت قىلىشى، تۇرمۇش، خىزمەت، دەم ئېلىش، سالامەتلىك، داۋالىنىش، مائاش تەمىنات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. .2 مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىش ۋە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە ئىشقا قويۇپ، كەسىپ جەھەتتە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. .3 مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نەزەرىدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارلا بولۇشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلارغا كۆپرەك ئەمەلىي ياردەم بەرسە، ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتسە، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلسە، ئۇلار مۇدىرنى ئۆز كۆرۈپ، تەدرىجىي ھالدا مۇدىرغا يېقىنلىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردا كۆڭۈل سۆزلىرىنى تارتىنماي ئىزھار قىلىدىغان، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تۈرلۈك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرىدىغان، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئورتاق مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىدىغان، مەكتەپكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ياخشى ئىشلەيدىغان ئىدىيەۋى تونۇش شەكىللىنىدۇ. .4 مەكتەپ مۇدىرى يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا ماھىر بولۇشى، ئۇلارنى ئىلمىي ئىشلىتىشى، گۇمانتار باشقۇرۇشى، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى مۇۋاپىق قوللىنىشى، توغرا رىقابەت قارىشىنى تىكلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۇلارنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى، خىزمەتلىرىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە خۇشاللىق بىلەن ئىشلەيدىغان قىلىشى كېرەك. .5 مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئوقۇتۇشنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ تونۇپ، ھەر ۋاقىت ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، تەجرىبە توپلىشى، ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى كۆپرەك ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى تەكلىپ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىجابىي پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. .6 مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى رەھبەرلىك سەنئىتى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. .7 مەكتەپ مۇدىرى بارلىق ئوقۇتقۇچىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. مەكتەپ بىر چوڭ ئائىلە، مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئائىلىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆزىتىپ، ئۇلار بىلەن دائىم سىردىشىپ تۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق تەرەپلەردە يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىغا مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى تۈرلۈك بېسىملىرىنى يېنىكلىتىپ، روھىي كەيپىياتىنى نورماللاشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن رەھبەرلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
|
|