كۆرۈش: 446|ئىنكاس: 5

پېنسىيەگە چىقىش ۋاقىتىنى كېچىكتۈرۈشنى خاتا چۈشىنىشكە بولمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پېنسىيەگە  چىقىش  ۋاقىتىنى  كېچىكتۈرۈشنى  خاتا  چۈشىنىشكە  بولمايدۇ


ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:خەلق  گېزىتى


--------------------------------------------------------------------------------
 دۆلەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەمگەك كۈچى تەمىناتىنى ئاشۇرىدۇ؛ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، كەلگۈسىدىكى كۈتۈنۈشنىڭ چىقىم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

  يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرى يىن ۋېيمىن: دۆلىتىمىز ھازىر دۇنيا بويىچە پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتى ئەڭ بۇرۇن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان پېنسىيەگە چىقىش ۋاقىتىنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈشكە توغرا كېرەك، دېدى.

  بۇ سۆزنىڭ ئېيتىلىشى بىلەن، جامائەت پىكىرى قوزغىلىپ كەتتى. نۇرغۇن كىشى قارشى تۇردى. ئەمەلىيەتتە، ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلغاندا، بۇنىڭدا كۆپچىلىكنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئويلىشىلغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. قانداقسىگە بۇنداق دەيمىز؟

  دۆلىتىمىزدە ياشانغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى، كۈتۈنۈش مەسىلىسى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا. ياشلارنىڭ ئازلاۋاتقانلىقى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى؛ پۇل تاپىدىغانلارنىڭ ئازلاۋاتقانلىقى، پۇل خەجلەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ھەممىگە ئايان. شۇڭا، كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمىنىڭ بېسىمىمۇ بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا.

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىىنى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ياشانغانلار بىلن ياشلار ئارىسىدىكى «لىڭگىرتاقتاق» دېيشكە بولىدۇ، بۇ تەرىپى كۆتۈرۈلسە، يەنە بىر تەرىپى پەسلەيدۇ، ئۆزىمىزدىن چىقىش قىلىپ ئويلاشساق، ھەممەيلەن بالدۇر پېنسىيەگە چىقساق، كىمنىڭكىنى يەيمىز؟ دېگەن بۇ قائىدىنى چۈشىنەلەيمىز.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياشانغانلار دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئىلگىرى، كىشى 50 ياشقا بارغاندىلا چاچلىرى ئاقىرىپ، چىشلىرى بوشاپ كېتەتتى. ھازىر، داۋالىنىش شارائىتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، 70 ياشلىق كىشىمۇ شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقىسا بولىدۇ. شۇڭا، دۆلەتنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى ئويلاشقانلىقى، تۇيۇقسىزلا چىقارغان قارار ئەمەس.

  پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە پايدىسى−ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ، ھەر بىر ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس بېقىشقا تېگىشلىك پېنسىيەچىلەر ئازىيىدۇ. دۆلەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەمگەك كۈچى تەمىناتىنى ئاشۇرىدۇ؛ جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، كەلگۈسىدىكى كۈتۈنۈشنىڭ چىقىم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ شەخسلەر قاتلىمىدىن قارىغاندا، چوڭ دەريادا سۇ بولسا، كىچىك دەريادىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-27 23:50:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر ھىساپتا توغرىدەكمۇ  قىلىپ تۇرامدۇ نىمە؟ بىراق مەن 31يىل ئىشلەپ بولغانتىم. ئارامغا چىقىپ كوپلەپ ساياھەت قىلاي دىگەن ئەمما بۇ سياسەت بۇ ئارزۇيۇم بىلەن .......
ۋاقتى: 2015-10-30 12:04:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ خىل قاراش نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا ، ئەمەلىيەت نوقتىسىدىن ئانچە توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ... جەمئىيىمىزدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىخساسلىقلار كۆپ ئۇلار ئىش تېپىپ بۇلالماي يورغىلاپ يۈرۈيدۇ ، ياشانغانلار ئىش ئورنىنى ئىگەللەپ نۆۋەتتىكى ئىختىياجغا دىگەندەك ماسلىشىپ بۇلالمايدۇ ... شۇ ياشانغانلار پىنسىيەگە چىققان كۈنى ( كىچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ) ئېغىر كېسەل ئۇنۇڭغا ھەمرا ... باشقا ئورگاندىكىلەر بولسا ئەمەل كېسىلى بىلەن ياكى خۇشامەت كېسىلى بىلەن ، ئوقۇتقۇچىلار بولسا بارغانسېرى نېرۋىدىن سەل كىتىپ قالىدۇ بولۇپ بۇلار چارچايدۇ ، تەجىرىبە بولغان بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ بۇلالىغۇدەك ئىقتىدارمۇ بارغانسېرى قالمايدۇ ... رەھبەرلىك سەنئىتىگە ئىگە ھەقىقىي كۈيىنىپ خىزمەت قىلاي دىگەن رەھبەرلىك بولسا كىچىكتۈرۈلگەن پىنسىيە ئىشلىرى قەلىبلەرگە ياقىدۇ ، ئۇنداق بولمىغاندا نارازلىقتىن باشقا ئىش بولمايدۇ ... خىزمەت بېسىم بىلەن ئەمەس بەلكى ۋۇجۇدىدىن قوزغۇلۇپ چىقىشى كېرەك ... سۈيۈلەۈچى سۈيۈملۈك بولمىسا ، سۆيگۈچى سۈيەرمۇ ... كۆڭۈل سۇ ئىچمىگەن خىزمەتنىڭ نەتىجىلىك بوپ كېتىشى ناتايىن ... مەن قارشى ئەمەس قوللايمەن ، بۇ ئوبۇكتىپ ئەمەلىيەت ۋە رايون ئالاھىيدىكىلىگە دىگەن ئۇيغۇن ئەمەس ...
ۋاقتى: 2015-10-30 14:28:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىدا يەنە بىر نوقتا ئەسكەرتىلىپتۇ ، 70 ياشلىق ئادەملەرمۇ شوپۇرلۇق مەكتىۋىدە ئوقىۋاتىدۇ دەپ ... بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ... ياش 55 ياشتىن ئاشقان بولسىلا شوپۇرلۇق مەكتىۋىدە ئوقۇشى چەكلىنىۋاتسا ... ئادەتتە بانكا تەرەپمۇ 55 ياشتىن ئاشقانلارغا قەرىز مۇلازىمىتى قىلمايدۇ ... چۈنكى بۇلار ئەمدى سەپتىن چۈشتى دەپ ...
ۋاقتى: 2015-11-24 12:48:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولداش سەلكىن توغرا دەپتۇ.بۇ قاراش ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمايدۇ .چۈنكى پىنسىيە يېشى كېچىكتۈرۈلسەئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىخساسلىقلار ئىشقا چۈشەلمەيدۇ.چوڭلارمۇ بىلىم ۋە باشقا جەھەتلەردىن جەمئىيەتكە ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ.چوڭلار بىرقىسىم ئاسان ،ئازراق ئىشلار بىلەن ئورۇن تۇتىۋالسىمۇ بولماس.
ۋاقتى: 2015-11-26 12:43:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىنسىيە يېشى كىچىكتۇرۇلسە ئالى مەكتەپ ۋە يۇقۇرى ئورۇندا ئىشلاۋاتقانلارغا ماس كەلگەن بىلەن تۆۋەندە ئىشلەۋاتقانلارغا دىگەندەك ماس كەلمەيدىكەن ،پىشقەدەملەر نۆۋەتتىكى بىر قىسىم ۋەزىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلالمايۋاتىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش