كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 6

مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش لايىھەسى

مەكتىپىمىزدە   سىنىپ     نەپەر ئوقۇغۇچى،   نەپەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ،ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگۈنۈشكە قىزىقتۇرۇش،مەكتىپىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرلىشىدە  ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئوقۇتقۇچى-مىللەتنىڭ ئىزباسارلىرىنى يىتىلدۈرگۈچى، مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سالغۇچى،خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولغۇچى،سوتسىيالىزىمنىڭ ئىزباسارلىرىنى تەربىيلىگۈچى.
ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ئاساسلىقى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۇسۇلى،سەرخىل ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرلىشى  ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي،ئىلمىي ، جانلىق ، ئۈنۈملۈك بولۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا مەكتىپىمىز   ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى سەرخىللەشتۈرۈپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە  يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز.
1. مەۋسۈم بېشىدا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ خىزمەتنىڭ بارلىق قەدەملىرىنى پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى  ساپاسى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىلىدۇ.
     ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچى ئاساسلىق ئامىل ھېساپلىنىدۇ.شۇڭا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرىشتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەش بىلەن بىللە  ، چوقۇم ئالدى بىلەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى كەسپى ئەخلاق مىزانى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، بولۇپمۇ ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۈيۈپ ، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىشى، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ئەتىراپلىق بىلىم بېرىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈپ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش شەرتىنى ھازىرلاش كېرەك.
دەرسخانا ئوقۇتۇش ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشتە مەكتەپ بويىچە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى كوللىكتىپ ئاڭلاپ باھالاش،خاتىرسىنى قالدۇرۇش،ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم دەرس ئاڭلاپ ئۆز-ئارا پىكىر بىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تۈگىتىپ،ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىشىغا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا شارائىت يارىتىپ بىرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە ئاساس سېلىنىدۇ.
3.ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.
دەرسنى ياخشى تەييارلاش دەرسنى ياخشى ئۆتۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى.دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ كاپالىتى.
دەرس تەييارلاش جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەلەپ قاتتىق قويۇلۇپ، ئۆتمەكچى  بولغان ھەر بىر سائەتلىك دەرسكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىپ،ھەر بىر باسقۇچ ئۈستىدە ئويلىنىپ،دەرس مەزمۇنىنى،مۇھىم،قىيىن،گۇمانلىق نوقتىلارنى ئىگەللىگەن ئاساستا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسنى ياخشى تەييارلىشىغا،دەرستىن كىيىن بىر سائەتلىك دەرس جەريانىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئېرىشكەن نەتىجە،يىتەرسىزلىكلەر،يىتەكلەشتە قوللۇنىلىدىغان ئۇسۇل قاتارلىقلار ئومۇمى جەھەتتىن خۇلاسىلىنىپ دەرستىن كىيىنكى تەسىرات يېزىلىدۇ.
4.دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچى دەرسخانىغا دەرسلىك ماتىريال،دەرس تەييارلىقى،زورۇر ئوقۇتۇش قوراللىرىنى ئېلىپ كىرىشى، شەكلى جانلىق،ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىنى ،تەپەككۈرىنى قوزغىغان ئاساستا دەرسنى مۇھىم قىيىن نوقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۇپ مېغىزلىق سۆزلەپ،مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ،ئىلمى خاتالىقتىن ساقلىنىشى، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىسى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش سائىتى ئومۇمى دەرس سائىتىنىڭ %20 دىن كام بولماسلىقى، مۇۋاپىق،ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك.
5. ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ قەرەللىك،قەرەلسىز ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماتىرياللىرىنى مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى  ئايدا ئىككى قېتىم، ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە، كۆرۈلگەن ئارتۇقچىلىق، يىتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ خاتىرسىنى قالدۇرۇشقا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ يىتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىشىگە،خىزمەتنىڭ ئىلگىرى سۈرلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ.
6.تاپشۇرۇق بىرىش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان تاپشۇرۇقنىڭ شەكلى كۆپ خىل،مىقتارى مۇۋاپىق بولىشى،دەرس ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاپشۇرۇق بىرىشكە تىگىشلىك پەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن تاپشۇرۇق بىرىش،تاپشۇرۇق تەكشۈرگەندە قىزىل قەلەم ئىشلىتىش،كۈنلۈك تاپشۇرۇقنى كۈندە تەكشۈرۈپ تۈگۈتۈش،يىغىپ قويۇشتىن ساقلىنىش،ئۆزگەرتىش،نومۇر قويۇشتىن ساقلىنىپ يۇلتۇز بەلگىسى قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇش،چىسلا،ئىمزا،باھا سۆزىنى يېزىش،1-2-يىللىقلار قېرىنداش ئىشلىتىش،3-4-5-6- يىللىقلار قەلەم(گاڭبى) ئىشلىتىشنى  ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، تاپشۇرۇقتا كۆرۈلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش بىردەك ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.
7. ئوقۇتقۇچى ئۈلگۈلۈك رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك.
1)ئوقۇتقۇچى ئۆلچەملىك مەكتەپ فورمىسى كىيىشى،زىبۇ-زىننەت تاقىماسلىقى،تاشقى قىياپىتى،يۈرۈش تۇرىشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
2) ئوقۇتقۇچى دەرسى بار سىنىپ ئالدىغا قوڭغۇراق چېلىنىشتىن بۇرۇن بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىغا بالدۇر كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
3) ئوقۇتقۇچى دەرسكە ۋاقتىدا كىرىپ ۋاقتىدا چىقىشى،دەرس ئارلىقىدا خالىغانچە سىنىپتىن چىقىپ كەتمەسلىكى،دەرسخانىغا تېلىفۇن ئېلىپ كىرمەسلىكى،دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-7-21 09:33:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ناھايىيتى ياخشى بىر مەزمۇننى چىقىقىرىپسىز ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن
ۋاقتى: 2015-7-22 16:07:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت.  ئەجرىڭىز  ياردا  قالمىسۇن.  بەك  ياخشى  بۇپتۇ.  بەك خۇش بۇلدۇم.
ۋاقتى: 2015-7-22 16:08:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى مۇدىرلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپسىز ،تىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت
ۋاقتى: 2015-7-22 16:38:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت   سىزگە.  ياخشى  تىما  بۇپتۇ.
ۋاقتى: 2015-8-6 13:23:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە بۇندىن كېيىنمۇ ئىجابى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
ۋاقتى: 2015-8-18 16:14:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لاھىيە بەك ياخشىكەن، بولسا باشلىق بولغانلار ئەستايىدىل كۆرۈپ پايدىلانسا بولىدىكەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش