| مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئومۇمىي ئەھۋال: x مەكتەپ كەنتنىڭ 3-گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان. ئومۇمى كۆلىمى x مو، قۇرۇلۇش كۆلىمىxكۇۋادىرات مېتىر، مەكتىپىمىزدە x سىنپxنەپەر ئوقۇغۇچىx نەپەر ئوقۇتقۇچىغا بولۇپ ،مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار x كەنىت تەۋەسىدىكى x مەھەللىدىن كېلىپ ئوقۇيدۇ. مەن مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئوقۇش يىلىدا مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ناھىيەلىك پارتىكوم،خەلق ھۆكۈمىتى،مائارىپ ئىدارىسى،ئوقۇتۇش تاتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ توغرا رەھبەرلىگى، يېزىلىق پارتىكوم،خەلق ھۆكۈمىتى،يېزىلىق مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يىتەكچىلىگى، مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ،قوللىشى ئاستىدا مەكتەپنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ياخشى ئىشلىدىم. (1) يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن سىياسەت،ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ،نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلىنىش تەشۋىقات تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، قانۇن- تۈزۈم تەربىيسى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربيىسى،ئادەتلەندۈرۈش تەربيسىنى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيەت روھىغا باي بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىلدى. (2)مەكتەپ ئىچىدە ھەر خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلپ بېرىش، سىنىپ يىغىنى ئېچىش ،بايراق چىقىرىش مۇراسىمى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۈرىدىغان،ئوقۇغۇچىلاردا گالىستۇكنى تۇللۇق چىگىدىغان ئادەت شەكىللەندى. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى،ۋەتەننى،يۇرتنى،خەلقنى سۈيۈش تەربىيەسى،زوراۋانلىق،تىرورلۇققا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيسى،ئەخلاقى تەربىيە،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيسى...... قاتارلىقلارنى دەرستىن بۇرۇنقى 3 مىنۇتلۇق تەربىيە ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈپ،مەكتەپ ئىچىدە ساغلام كەيپىيات يارىتىشقا ئاساس سېلىندى. (3) ئوقۇغۇچىلارغا ئايدا ئىككى قېتىم مۇقىملىق، بىخەتەرلىك،ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش پارتىيىنىڭ مىھرى شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش، تىرىشىپ ئۆگۈنۈش ئىرادىسىنى يىتىلدۈرۈشكە ئاساس سېلىندى. (4) مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قارا دوسكا،رادىئو تەشۋىقاتى ۋە باشقا تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، ئوتتىن ، توكتىن ،سۇدىن بىخەتەر پايدىلىنىش،كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،قىش پەسىللىك بىخەتەرلىك تەربىيسى ھەمدە قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن مۇداپىيە كۆرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى كۈچەيتىلدى . (5) ئوقۇتۇش خىزمىتى- مەكتەپ تەلىم -تەربىيە خىزمىتىنىڭ موھىم تەركىبى قسمى ۋە جان تومۇرى . ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بىرىپ يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۇشنىڭ ئاچقۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسى،ئوقۇتۇش مېتودى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار تەتىل مەزگىلىدىكى داۋاملىق تەربىيە ئۆگىنىشكە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىلىپ تەربىيلەش چىڭ تۇتۇلدى. مەكتەپ بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشى جەھەتتىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشقا،زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى،ئېچىۋېتىلگەن دەرسخانا ئوقۇتىشىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يوقۇرى كۆتىرىشكە ئاساس سېلىندى. دەرس تەييارلاش ،دەرس ئۆتۈش جەھەتتە ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، تەجرىبە ئىگىلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش سەۋىيەسى يوقۇرى كۆتۈرۈلدى. دەرس تەييارلاشتا، قېتىرقىنىپ تەييارلاش، ھەپتە بۇرۇن تەستىقلىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ ھەر قايسى قەدەم باسقۇچلار تولۇق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش ئشقا ئاشۇرۇلدى. تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك كۈچەيتىلدى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەرلىرى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى. ئوقۇغۇچىغا تاپشۇرۇق تەكشۈرتىدىغان، ھەر خىل خاتىرە ماتىرىياللارنى ئوقۇغۇچىلارغا يازدۇرىدىغان ئەھۋاللار بايقالمىدى.تاپشۇرۇق قىزىل قەلەم بىلەن تەكشۈرۈلۈپ،ئىمزا قويۇش،باھا سۆزى يېزىش،ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ئۆزگەرتىش تۇللۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆزى خالىغانچە دەرس ئالماشتۇردىغان، دەرسخانىغا تېلىفون ئېلىپ كىرىدىغان،دەرسخانىدىن خالىغانچە ئايرىلىدىغان، دەرسكە ۋاقتىدا كىرمەيدىغان ئەھۋال سادىر بولمىدى. (6) مەكتىۋىمىزدە 45ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلارغا قارتا كومپىيوتېر ئۆگىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش،يىتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كومپىيوتېر سەۋىيسى پەيدىنپەي يوقۇرى كۆتۈرلۈپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈلدى. (7) ھەرقايسى سىنىپلاردىكى دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلى ۋە تىل- ئەدەبىيات دەرسلىرى بويىچە يېتەكلەش چىڭ تۇتۇلۇش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ساۋادى جەھەتتە خېمىغا يېنىپ كىتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل بويىنچە خەت سۈپىتىنى ياخشىلاش چىڭ تۇتۇلدى. (8)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاقىغا بولغان تەلەپ كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىدىغان ئەھۋاللار بايقالمىدى. (9) ئايدا بىر قېتىم ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ دەرس تەييارلاش دەرسخانا ئوقۇتۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەجىربە ساۋاقلار يەكۈنلەندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرى كۆرگەزمىسى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىق كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرلۇپ نەتىجىسى ياخشى چىققانلارنىڭ شۇ ئايلىق نومۇرىغا 5نومۇر قۇشۇپ بىرىلدى. (10) تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش بىلەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە يۇقۇملۇنۇش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىندى. (11)مەكتەپتىكى ئورمان ۋە گۈللەرگە بولغان پەرۋىش، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەشۋىق-تەربىيە كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ موھىتىنىڭ گۈزەل، كۆركەم تۇرۇشىغا،مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى گۈل-گىياھلارنى ئاسراشقا كاپالەتلىك قىلىندى. ئەتىياز پەسىللىك ئورمان ۋە گۈللەرنىڭ پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ گۈل ۋە كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى 80پىرسەنتكە يەتكۈزۈلدى. (12) مەكتەپ پىئونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ رولى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇلۇپ، تەلىم -تەربىيە خىزمىتى ئۈچۈن ئەتراپلىق خىزمەت قىلدۇرۇلدى ،بۇ ئوقۇش ماۋسۇمىدا 9قېتىم ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيتى 4قېتىم چوڭ ئەترەت پائالىيتى(لىي فىڭدىن ئۆگۈنۈش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيىتى،مېھىر يەتكۈزۈش) ئېلىپ بېرىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشى ۋە تەربىيلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىلدى. (13) كېچە - كۈندۈزلۈك دىجۈرنىلىك خىزمىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەخسۇس تۈزۈم تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۇرۇش كۈچەيتىلدى . بايرام قاتارلىق سەزگۈر مەزگىلدىكى دىجۈرنىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلدى. (14)مەكتەپ مالىيىسى باشتىن-ئاخىر ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇپ، چەكلىك مەبلەغنى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا سەرپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى، چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك تۈرلەر يۇقىرىغا دوكلات يېزىش ئارقىلىق ئەمەلىلەشتۈرۈلدى. مالىيە ئىشلىرى قەرەرلىك ھالدا ئاممىغا ئاشكارىلىنىپ، ئاممىنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىندى، مەكتەپ مۈلكىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. (15)تەشكىلىي- تۈزۈم-بارلىق خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. شۇڭا يىل بېشىدا ئوقۇتقۇچىلارنى مۇپەتتىش ئىشخانىسى تۈزۈپ تارقاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تۈزۈمگە تولۇق رىئايە قىلىشتا ئاڭلىق بولۇش توغرىسىدا يىغىن ئېچىلدى.بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلاردا مەكتەپ ۋە يۇقىرى ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت-ۋەزىپىلەرگە بويسۇنمايدىغان،تۈزۈمگە خىلاپ ئەھۋاللار كۈرۈلمىدى. دىمەك يۇقارقى بىر قاتار خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىش ئارقىلىق،سىياسى ئىددىيۋى خىزمەت ۋە ئوقۇتۇش تەلىم - تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن رازى بولىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ تەشكىلىدىن ۋە رەھبەرلىكتىن رازى بولىدىغان ياخشى بىر كەيپىيات قولغا كەلتۈرۇلۇپ مەكتىپىمىزنىڭ ئومۇمى خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگخرى سۈرلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدىم دەپ قارايمەن.
|
|