كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 2

«ق» ھەرپىگە ئائىت بۇغۇم ۋە سۆز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرس تېمىسى:   «ق» ھەرپىگە ئائىت بۇغۇم ۋە سۆز
ئوقۇتۇش نىشانى:
1.بىلىم ئىقتىدار نىشانى: «ق» ھەرپىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگۈنۈش،«ق» ھەرپىگە مۇناسىۋەتلىك بۇغۇم ۋە بىر بۇغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىش.
2.ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى: كۈزۈتۈش،ئىلھاملاندۇرۇش،ئۈلگە،مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق «ق» ھەرپىنىڭ تۆت خىل شەكلىنىڭ سۆزلەردىكى قۇللۇنىلىشىنى ئىگەللەش،ئۆگەنگەن  سۇزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇغۇم ۋە سۆزلەرنى ئوقۇيالايدىغان،يازالايدىغان بولۇش،ھەمدە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئىگەللىۋېلىش.
3.ھىسسىيات پوزىتسىيە قىممەت قارشى نىشانى: «ق» ھەرپىگە ئائىت تىل ماتىرياللىرىنى ئۆگۈنۈش جەريانىدا ساۋات چىقىرىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش،ياخشى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.
مۇھىم نوقتا: «ق» ھەرپىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگۈنۈش، بۇغۇم ۋە بىر بۇغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىش.
قىيىن نوقتا: بىر بۇغۇملۇق سۆزلەردىكى ئۈزۈك تاۋۇش،سۇزۇق تاۋۇشنى ئايرىيالايدىغان ۋە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزۈتۈش،ئىلھاملاندۇرۇش،ئۈلگە كۆرسۈتۈش،مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى قوللۇنىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ۋاستىسى: دەرسلىكتىكى كۆرسەتمە رەسىم،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش قورالى.
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش جەريانى:
ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن ئاۋالقى 3 مىنۇتلۇق تەربىيە بىرىلىدۇ.(مەزمۇن قىسقارتىلدى)
1. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
1) ئوقۇغۇچىلاردىن ئالدىنقى  سائەتتە ئۆتۈلۈپ بولغان«ق» ھەرپىنىڭ تۆت خىل شەكلىنى دەپتىرىگە ئۆلچەملىك يېزىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
2) تېما ئېكراندا كۆرسۈتۈلۈپ ئۆتمەكچى بولغان دەرس نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن دوسكىغىمۇ يېزىلىدۇ.
3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىز ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يىڭىلتىماق ئەگەشتۈرۈپ ئوقۇتۇلىدۇ.
  ئاخشام ئاق شامنى ياقتىم،
  ئاق شامنى ئاخشام ياقتىم.
2.يېڭى بىلىمنى يەتكۈزۈش:
بۇغۇم تۈزۈشنى ئۆگۈنۈش ئاساسىدا بىر بۇغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگۈنۈشكە يىتەكلەش.
1) ئېكراندا « ق» ھەرپىنىڭ تۆت خىل شەكلى كۆرسىتىلىپ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇپ بېقىشقا يىتەكلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى«ق + ا = قا        ق + ە = قە » بۇغۇملىرىنى يېزىش ھەمدە ئۆگۈنۈپ ئۆتكەن سۇزۇق تاۋۇش بىلەن «ق» ھەرپىنى بىرلەشتۈرۈپ بۇغۇم تۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئاخىرىدا يازغانلىرىنى باھالاپ چىقىدۇ.
2) ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار «ق» ھەرپى ۋە سەككىز سۇزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بۇغۇم تۈزۈپ چىقىدۇ.بۇغۇملار دوسكىغا  رەتلىك يېزىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.
3) ئوقۇغۇچىلار  يوقۇرىدا ئۆگەنگەن بىلىملەر ۋە ئۆگەنگەن سۇزۇق تاۋۇش ھەرپىدىن پايدىلىنىپ  سۆز تۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىلىدۇ. دوسكىغا ئوقۇغۇچىلار تۈزگەن «ق»ھەرپىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر يېزىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4) ئېكراندا بىر قانچە پارچە رەسىملەر كۆرسۈتۈلۈپ ئوقۇغۇچىلار رەسىملەرنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېقىشقا ھەمدە  «ق»ھەرپىنىڭ قايسى خىل شەكلى قوللۇنۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرىلىدۇ.داۋامىدا رەسىمنىڭ نامى كۆرسۈتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئېكراندا كۆرسىتىلگەن ھەر بىر سۆزدىكى سۇزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپلىرى،بۇغۇملىرى ، نەچچە ھەرىپتىن تۈزۈلگەنلىكى ئايرىغۇزىلىدۇ.
5)ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەرنى ئىشلىتىش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سۆز بىرىكمىسى تۈزۈپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرىلىدۇ.
6) ئوقۇغۇچىلار سۆزلەرنى يېزىش مەشقى قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ.
7) ئۆگەنگەن سۆزلەر ياد ئىملا يازدۇرۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئەھۋالى تەكشۈرىلىدۇ.
3.مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسە:
«مەنمۇ يازالايمەن» دېگەن ئاساستا يېزىش مەشقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ق + (         ) = قا        ق + (            ) = قۇ
قا+ (         ) = قاق       مى + (           ) = مىق
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغانلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق دەرس خۇلاسىلىنىدۇ.
تاپشۇرۇق:
ئۆتۈلگەن سۆزلەرنى قۇرغا چۈشۈرۈپ بەش قېتىمدىن يېزىپ كىلىڭلار.
دوسكا لايىھەسى:
«ق»ھەرپىدىكى بۇغۇم ۋە سۆزلەر
               ق           ق           ق           ق
ق + ا = قا              ق + ە = قە             ق + ۈ = قۈ     
ق + ۆ = قۆ              ق + ۇ = قۇ             ق + و = قو

قاق            مىق          قاش         قۇش         ئوق
ئېرىق         قايماق        قاپقان       قارماق         قاغا
ئەلەمقۇدۇق        
    دەرستىن كىيىنكى تەسىرات:

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-9-16 15:45:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە نىمىدىگەن قولاي،
ۋاقتى: 2015-10-29 00:22:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە نىمىدىگەن قولاي،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش