كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 1

ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەش پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
xxx مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەش پىلانى

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتىپىمىزدە ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشقا ۋە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، كەسپتە پىشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق.

يېتەكچى ئىدىيە
پارتىيىنىڭ 18-قۇرۇلتاي روھىنى يىتەكچى قىلىپ، «مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە نەزەرىيە، يېڭىچە بىلىم ۋە يېڭىچە تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇپ، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنى پۇرسەت، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئەخلاقى جەھەتتىن تەربىيىلەش بىلەن كەسپى جەھەتتىن تەربىيىلەش، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بىلەن تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بىلەن مەكتەپتە تەربىيىلەش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى ئوخشاش چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنىڭ دەۋر خاراكتېرى، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مائارىپ ئېڭىنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، بىلىمىنى موللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
مەكتەپ بولسا ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەشتىكى مۇھىم بازا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق تەربىيىلەشتە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپتە تەربىيىلەشنى پائال قانات يايدۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۆپ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يىتەكلەش ئاساسىدا  تۆۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەر  ياخشى ئىشلىنىدۇ.

1. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ يېزا ۋە مەكتەپ دەرىجىلىك پەن باشلامچىسى ئوقۇتقۇچىدىن 2 نەپەر تەربىيىلەپ چىقىپ، مەكتەپ دەرىجىلىك تايانچ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك، يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى ئەسلىدىكى سەۋىيىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاساسى مائارىپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرىلىدۇ.

2. 45 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلار كومپيوتېر ئىشلىتىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالايدىغان ۋە توردىن مائارىپ توغرىسىدىكى ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىنىپ، كومپيوتېر سەۋىيىسى بەلگىلەنگەن تەلەپ ۋە ئۆلچەمگە يەتكۈزىلىدۇ. تەربىيىلەش مەزمۇنى كومپيۇتېردا دەرسلىك ماتېرىيالى تۈزۈش، يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئوقۇتۇش، ئېلىكترونلۇق جەدۋەل ۋە ئوقۇتۇش قاتارلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.بۇ تەربىيلەش ئوقۇتقۇچىلارنى بەلگىلەنگەن كومپىيوتېر ئۆگۈنىشىگە قاتناشتۇرۇش ۋە مەكتەپتىكى مەلۇم كومپىيوتېر بىلىمىگە ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

3. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، تەتىلدە ئوقۇش، ئىشتىن ئايرىلىپ تەربىيىلەش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل ئوقۇش تارىخى دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالىي تېخنىكۇم نىسبىتى %80 كە يەتكۈزۈلىدۇ.

4.        ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتە تەربىيلەش چىڭ تۇتۇلىدۇ. تەربىيىلىنىش مەزمۇنلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى، ئۈستىگە ئالغان پەننىڭ دەرس ئۆلچىمى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تەھلىلى، بىلىمىنى يېڭىلاش ۋە كېڭەيتىش، كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى ۋە سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى قاتارلىقلار بولىدۇ. تەربىيلىگۇچىلار مەكتەپتىكى خىزمەتتە ئىلغار  ئوقۇتقۇچىلار بولىدۇ.

5. مەكتىپىمىزدە قوش تىل  ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشتە خەنزۇ تىلى ئوقۇش، دەرس ئاڭلاش، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى  قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيلەش ئاساس قىلىنىدۇ.

6.        مەكتەپتە مەكتەپتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن پايدىلىنىپ، كوللېكتىپ يېتەكچىلىك قىلىش قانات يايدۇرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقۇرۇشىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا پىششىق ھەم ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى چۈشىنىش ئاساسىدا، بىلىم ماھارىتى ئۈستۈن، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، كەسپتە ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى قوشۇنى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

7. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە ماس ھالدىكى ئۈزلۈكسىز تەربىيەگە قاتنىشىدۇ ۋە دەرس سائىتىنى تاماملايدۇ. ئۈزلۈكسىز تەربىيىلەش چىقىمىنى مەكتەپ ئۈستىگە ئېلىش پرىنسىپى بويىچە ۋاقتىدا ھەل قىلىدۇ. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش نىشانىنى يوقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشىكەن..!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-16 00:31:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ياخشى تۇزۇلگەن پىلانكەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش