مائارىپ قوشۇنىدىكى جانباقتى مېتە، پارازىت قۇرتلارنى دۇرا چېچىش ئارقىلىق تۇنجۇقتۇرۇش دەۋرنىڭ تەلىپى
- ئاپتونوم رايوندا ئېچىلغان «مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى» يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى تەسىرات
ئابلەت سالىم ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە «مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى» يىغىنى چاقىرىپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مائارىپ خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلىپ: «ئەخلاق ئارقىلىق ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ شىنجاڭچە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، ئەخلاق ئارقىلىق ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان كەسىپتە پىشقان، ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، شۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەمەتئېلى ئەپەندى ئېيتقاندەك، مائارىپى يوق مىللەت كۆمتۈرۈپ قويغان قازاننىڭ ئاستىدىكى قوڭغۇزغا ئوخشايدۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا، مائارىپتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت تۇرغۇزۇشتا، دانالار ئوتتۇرىغا قويغاندەك، مەكتەپتىن بىرى قۇرۇلسا، تۈرمىدىن بىرى ئازىيىدۇ، مەكتەپ ۋايىغا يىتىۋاتقان ئەۋلاد تەپەككۇرىنى شەكىللەندۈرىدىغان دەرسخانا، ئەگەر كېلەچەكنى قولدىن بېرىشنى خالىمىساڭ مەكتەپنى قولدا مەھكەم تۇتۇشۇڭ كېرەك، ياشلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى مەنئىي قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يوللىرى توسۇلسا شۈبھىسىزكى، چوڭلارنىڭ مەزھەپ ۋە ئېتىقاد دەۋرىمۇ يوقۇلىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى، ئوقۇتقۇچى ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى بىر ئۇلۇغ سىما، ئىستەك ئويغاتقۇچى، تەپەككۇرغا يېتەكلىگۈچى، ئەقىل ئىزدىگۈچى ۋە كامالەت يولىغا باشلىغۇچى. بۇرۇنقىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك بايانلىرىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتمە بەردى: شىنجاڭچە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تۆۋەندىكى بەش نۇقتىنى پۇقتا ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچى، مائارىپنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىغا خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۈچىنچى، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي «قوش تىل» مائارىپىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۆتىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان مائارىپنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش؛ بەشىنچى، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يادرولۇق ۋەزىپە قىلىش. يۇقىرىقى بەش نۇقتىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا ئوقۇتقۇچىلاردا. شىنجاڭچە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن تارىخىي مەسئۇلىيەت ئېڭىغا ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش، باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇش، كەسىپتە پىشقان ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇشتىن ئىبارەت «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى» بولۇشقا چاقىرىق قىلدى. رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئەمەلىيىتىگە قارايدىغان بولساق، جاڭ چۈنشيەن شۇجى تەۋسىيە قىلغان «تۆتتە ياخشى ئوقۇتقۇچى»لار مۇتلەق كۆپ سالماقچى ئىگىلەيدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە بىر قىسىم مائارىپچىلار باركى، ئۇلاردىن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «تۆت» تەلەپنىڭ بىرىمۇ تېپىلمايدۇ. مائارىپ تەرەققىياتىمىزنىڭ تەكشىسىز بولۇشىنى ئەلۋەتتە قوشۇنىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىق فورمىسىغا ئورۇنىۋالغان ئەنە شۇنداق جانباقتى مېتە، پارازىت قۇرۇتلاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇنداقلارنىڭ كونكرېتنى ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە: بىرى، ئۆزى مەكتەپ مۇدىرى تۇرۇقلۇق، مائارىپ، ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ ھەتتا، «دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش» دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسىنى سورىسىڭىز تىرناق كولاپ ھىجىيىپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. ھەدېسىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى رەھبەرلىكنىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارغا يوقۇلاڭ قورقاق سېلىپ ئادىل ئىش بېجىرمەي، مەكتەپتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى پاسسىپ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جانباقتى ئوقۇتقۇچى، شۇنداقلا، ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ مائارىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، خىزمەتلەرگە ھەقىقىي قول تىقىپ ئىشلەشتىن يۇقىرىدىن رەھبەر كەلسە ئۇلارنى مېھماندارچىلىققا چاقىرىشنى ئەلا دەپ بىلىدۇ. ئوقۇتۇشتىن بىر ئېغىز سۆز ئاچمايدىيۇ، مەكتەپ مەيدانىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، تاملارنى ئاقارتىپ سىرلاش، دەرۋازا يېڭىلاش، تالون كىسىپ پۇل خەجلەش بىلەن كۈنى ئۆتىدۇ. مەيدە كىرىپ كۆرەڭلەپ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن قانچىلىق دەرىجىدە يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەيدۇ. «قوڭدا تامبالنىڭ تايىنى يوق، ئىسمىم مارجان بۈۋى» دېگەندەك يۈرۈيدۇ. بۇنداقلار چوقۇم دۇرا چېچىشنىڭ تۇنجى ئوبېيكىتلىرى بولۇشى زۆرۈر، يەنە بىرى، مەكتەپ تەشكىلى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا قىلچىلىك رىزاچىلىقى يوق «ئايلىقچىلار»، بۇنداقلا رەھبەرلىك قاتلىمىدا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئارىسىدا بولۇپ، بۇلار پەقەت پەكتەپتە كۈن ئۆتكۈزۈپ مائاش ئېلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. ئۇ سەۋەپ، بۇ سەۋەبلەر بىلەن خىزمەت تاشلاشقا، ساختا ئىسپات كۆرسىتىپ دۇختۇرخانىلاردا يالغاندىن يېتىۋېلىشقا، قوشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا، يىل تارىخى توشماي تۇرۇپ دەم ئېلىشقا ئالدىرايدۇ، ھە دېسىلا مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مېھماندارچىلىققا چاقىرىشقا كۈنۈپ كەتكەن-يۇ، دەرسخانىدا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بىر سائەت دەرس ئۆتۈشتىن بىزار. ھەدېسىلا مائارىپچى بولغانلىقىدىن قاخشاپ، شەكىلۋازلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ئۈنۋان، خىزمەت ئۈنۈمى، ئىقتىسادتىن سۆز ئېچىلغاندا ئالدىنقى رەتلەرگە قىستىلىپ كىرىپ ۋەز ئېيتىدۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ «جەمئىيەتنىڭ ئۆلچىمى، ئەخلاقنىڭ مەبۇدىسى، ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسلا بىلمەيدۇ. كارل ماركىس ئېيتقاندەك، تەربىيەلىگۈچى، ئالدى بىلەن تەربىيەلەنگەن بولۇشى كېرەك، بىزدە باشقىلارغا بىر تېمىم سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىدە بىر چىلەك سۇ بولۇشى كېرەك، دەيدىغان ھېكمەت بار، كەسىپتە پىشقان ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشى كېرەك. بىزدە بۇ خىل تىپقا يات بولغانلار خېلىلا كۆپ. دۇنيادا ئۆزىنىڭ پەرزەنتىدىن باشقا باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىرلا ئىنسان بار، ئۇ بولسىمۇ دەل ئوقۇتقۇچى. كىليۇ چىۋىسكىي شۇنداق دەيدۇ: ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن نېمىنى ئوقۇتساڭ شۇنىڭغا، كىمنى ئوقۇتساڭ ئۇنىڭغا مېھىر باغلىشىڭ كېرەك. يەنە شۇنداق ھېكمەتمۇ بار، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەربىيەنىڭ سىرى ـــ ئوقۇغۇچىغا بولغان ھۆرمەتتە. ئوقۇتقۇچىنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتى ئوقۇغۇچىغا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىشتە گەۋدىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىنى قىزغىن سۆيمەيدىغان، قەدىرلىمەيدىغان ئوقۇتقۇچى باشتا دېگەندەك يەنىلا ياخشى ئوقۇتقۇچى ئەمەس. دېمەك، دەۋر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا. دەۋر تەرەققىياتى ئالدىدا قول قۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس. شۇنداقكەن، رايونىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ئەخلاق ئارقىلىق ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن مائارىپ قوشۇنىدىكى ئەنە شۇنداق جانباقتى مېتە، پارازىت قۇرتلارنى دۇرا چېچىش ئارقىلىق قەتئىي تۇنجۇقتۇرۇش دەۋرنىڭ جىددىي تەلىپىدۇر.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
|