كۆرۈش: 480|ئىنكاس: 2

مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانى

ئاساسى ئەھۋال:
مەكتىۋىمىز     -يىلى قۇرۇلغان بولۇپ     يېزىسىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ،يېزا مەركىزىدىن   كىلومېتېر كېلىدۇ.مەكتىۋىمىزدە   سىنىپ،  نەپەر ئوقۇغۇچى    نەپەر ئوقۇتقۇچى بار.ئوقۇتقۇچىلاردىن   نەپەر ئەر،    نەپەر ئايال.تۇللۇق كۇرس سەۋىيەسىگە ئىگە بولغانلار   نەپەر، ئالى تېخنىكوم سەۋىيەسىگە ئىگە بولغانلار   نەپەر ، ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىگە ئىگە بولغانلار   نەپەر.ئوتتۇرا  دەرىجىلىك ئۈنۋان ئالغانلار سەۋىيەسىگە ئىگە بولغانلار    نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۈنۋان ئالغانلار   نەپەر.
يىتەكچى ئىدىيە:
ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يىتەكلىشى،يېزىلىق  مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا،پارتىيە 18-قۇرۇلتاي 3-ئومۇمى يىغىننىڭ روھى، يېقىندا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى قىبلىنامە،ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىمىزدە يىتەكچى قىلىپ، ”خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىش“ نى نىشان قىلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقى ئىشلەپ، مائارىپ ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى  ياخشىلاپ ، ساپا مائارىپىنى، ”قوش تىل“ ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشتىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى  سىجىل، ساغلام  تەرەققى قىلدۇرۇش.               
بىز يوقۇرقى يىتەكچى ئىدىيەنى چۆرىدەپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ،مەكتىپىمىزنىڭ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.

1.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان  تونۇشنى ئۆستۈرلۈپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
1) مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى. بو نوقتىنى مەكتىپىمىزدىكى بارلىق كونا يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى سۈپىتىدە تۇتۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقى تۈردە ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
2) ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يادرو قىلىپ،ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەلەپ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
3) ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈپ،”قوش تىل“ ئوقۇتۇش خىزمىتى كۈچەيتىپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، زامانىۋى يىراق مۇساپىلىق مائارىپ تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
مەكتەپ قەرەللىك ھالدا ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

2. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى كۈچەيتپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
1) ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش سالمىغىنى يەنىمۇ چوڭايتىپ كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىپ،ئۈلگىلىك رول ئوينايدىغان تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ۋە پەن باشلامچىلىرى قوشۇنىنى تەدرىجى قۇرۇپ چىقىپ  مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇل سېلىنىدۇ.
2) مەكتىپىمىزدە يولغا قويۇلغان تۇزۇلمە ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ روھى بويىچە ئەمگىكىگە قاراپ مۇكاپات بېرىش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ياخشى، نەتىجىسى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەش، ھەر خىل ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىدە نەتىجىسى مۇنەۋۋەر بولۇپ، ناھىيە، ۋىلايەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ تەقدىرلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3) مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ بىر نەپەر  ئوقۇتۇش تەتقىقات   خادىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يولۇققان ئەمەلى مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.

3. ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ.
1) مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇپ ،دۆلەت دەرس پىلانىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، دەرسلەرنى تولۇق تەسىس قىلىش، مەشغۇلات ۋاقتىغا قەتئىي رىئايە قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلىقى، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈش، دەرستىن كېيىنكى كونسۇلتاتسىيە، ئىمتىھان قاتارلىق ئوقۇتۇش ھالقىلىرىغا نىسبەتەن تەربىيىلەش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىلىدۇ.
2) ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى، ئوقۇتۇش ماتېرىيالدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن ئوقۇتۇش نىشانى ۋە تەلىپىنى بېكىتىپ، قىيىن نۇقتا، مۇھىم نۇقتىلارنى ئىگىلىشى، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ھەر بىر سائەت دەرسنى ياخشى تەييارلاش، ئەخلاقى تەربىيىنى ھەرقايسى پەنلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ ۋە تەربىيىلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش، تاپشۇرۇقنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ، ئېنىق تەلەپ قويۇش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشتە ئەستايىدىل، قېلىپلاشقان بولۇش، چارەكلىك، مەۋسۇملۈك ئىمتىھانلاردا ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمنى ئىگىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.
3) ”ھەر ئايدا تەكشۈرۈش، ھەر ئايدا باھالاش، ھەر ئايدا ئۆزگەرتىش “ تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ،مەكتەپ ئىلمى بۆلۈمى مەۋسۇمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى كەم بولغاندا تۆت قېتىم تەكشۈرۈش، ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى كەم بولغاندا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.

4. مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتۇش ئىلمى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ..
1) مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇتۇش تەتقىقات  پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
2) مەۋسۇمدە بىر قېتىم پەن باشلامچىلىرىنى تاللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، مەۋسۇمدە بىرقېتىم مۇنەۋۋەر دەرس لايىھىسى، مۇنەۋۋەر تاپشۇرۇق باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ مەۋسۈمىدە بىر قېتىم ئوقۇتۇش ئوچۇق ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش؛ دەرس ئوقۇتقۇچىسى مەۋسۇمدە ئاز بولغاندا مەكتەپ بويىچە بىر سائەت ئوچۇق دەرس ياكى كۆرەك دەرسى ئۆتۈش؛ بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇش يىلىدا ئاز بولغاندا مەكتەپنى ئاساس قىلغان بىر تۈرلۈك كىچىك تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش؛ بىر ئوقۇتقۇچى مەۋسۇمدە بىر پارچە ئوقۇتۇش نەزەرىيىسىگە ئائىت مەخسۇس ئەسەر ئوقۇش (كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى ۋە كىتاپ ئوقۇش تەسىراتى بولۇشى كېرەك)؛ مەۋسۇمدە ئوقۇتۇشقا ئائىت بىر پارچە ماقالە يېزىش؛ مەۋسۇمدە بىر قېتىم ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىشتىن ئىبارەت ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىدىكى ”سەككىز بىر“ پائالىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

5. ”قوش تىل“ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەقىقى تۈردە ئۆستۈرۈلىدۇ.
1) ”قوش تىل“ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش بولسا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى، ئاساس مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.
2)”قوش تىل“ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگىلىك دەرس، كۆرەك دەرسى قاتارلىقلارنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ”قوش تىل“ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەر ھەپتىدە دەرس ئاڭلاش ۋە باھالاش تۈزۈمى ۋە كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ”قوش تىل“ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى ۋە سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.

6. زامانىۋى يىراق مۇساپىلىق مائارىپ تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
1) يىراق مۇساپىلىق مائارىپنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ بايلىقىنى ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ يىراق مۇساپىلىق مائارىپ ئۈسكۈنىسى ۋە بايلىقنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپتە تەربىيىلەش ۋە دەرس ئىسلاھاتى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى قوللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۈسكۈنىلەرنى پىششىق ھالدا ئىشلىتەلەيدىغانئوقۇتقۇچىلارنى يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
2)  ئوقۇتقۇچىلارنى  ھەر مەۋسۇمدە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىپ تەربىيىلەش  8 سائەتتىن كەم بولماسلىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىشىنى  ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى  %30 دىن يۇقىرى بولۇش  ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
3) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش  دەرسخانىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ھەر بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىنىڭ ھەپتىلىك ئىشلىتىش ۋاقتى 20   سائەتتىن كەم بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-15 08:51:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپنىڭ ئومۇمى ئىشلىرى خېلى گەۋدىلەندۈرلۈپتۇ ، دىمەك بىر مەكتەپنىڭ پىلانى شۇ مەكتەپ ئىشلىرىنىڭ قانداق ھالەتتە كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇمومى جەھەتتىن گەۋدىلىك ئىپادىلەيدۇ .
رەھمەت پايدىلنىش قىممىتى يۇقۇرى بولغان تېما يوللاپسىز . داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .
ۋاقتى: 2014-9-2 22:31:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، بۇ ئەندىزىسى ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ ، مەن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويدۇم، يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش