كۆرۈش: 449|ئىنكاس: 1

ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار ئەمەلى ھەركىتى بىلەن بالىلارغا ئ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار ئەمەلى ھەركىتى بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولىشى كېرەك
ئائىلە پەرزەنتلەرنىڭ ئەل دەسلەپكى بىلىم ئېلىش سورۇنى بولۇپ،بالىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەركىتى ئائىلە تۇرمۇشىدىن باشلانغان بولىدۇ. بالىلارنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ كۆرىدىغىنى ئاتا-ئانا بولىدۇ. شۇ كۇندىن باشلاپ بالىلار ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەسى ۋە يىتەكچىلىكى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر ئىش ھەركىتى بالىلارغا ئۈلگە ، ئۆرنەك بولىدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ توغرا خاتالىقىنى پەرىق ئەتمەيلا تەبىئى ھالدا ئاتا-ئانامنىڭ قىلغان ئىشى توغرا دەپ قاراپ ئاڭلىق ئاڭسىز ھالدا ئۇلارنىڭ گەپ-سۆز، ئىش ھەركەتلىرىنى شەرتسىز قۇبۇل قىلىدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسىغا چوقۇنىدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپ-سۆز،ئىش ھەركەتلىرى بالىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئاتا-ئانىلارنى دورايدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدىكى گەپ-سۆز،ئىش-ھەركەتلەرگە دىققەت قىلمايدۇ. مانا بۇ بالىلارنىڭ ئۇلارنى دورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈش،مەدەنى ،ئەدەپلىك بولۇش،سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولىشى،ئائىلىدە بالىلارغا قائىدە سۆزلەش بىلانلا قالماي،سۆز-ھەركىتى بىلەن چاندۇرماي تەسىر كۆرسۈتۈش شەكلى ئارقىلىق بالىلاردا باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش،باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش،ئۆز-ئارا ئىناق ئۆتۈشتەك ياخشى ئادەتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىشىغا ياردەم بىرىشى  لازىم.
ئاتا-ئانىلار ئائىلە تەربىيەسىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بالىلارنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى، گەپ-سۆز،ئىش-ھەركەتلەرگە دىققەت قىلىشى،ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەركىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۈلگۈلۈك رول ئوينىشى،ئۆزىنىڭ ھەركىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى،بالىلارغا ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى ،بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇش،جىدەل-ماجرادىن،بىر-بىرىنى ھاقارەتلەشتىن،بىر-بىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىشتىن،سەت گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىپ،ئۇلارنى ئىناق ئىتتىپاق بولغان مەدەنى ئائىلە مۇھىتىدا تەربىيلەپ ساغلام يىتىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى،بالىلارنى ھاقارەتلىمەسلىكى،قالايمىقان بالىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان سۆزلەر بىلەن تىللىماسلىقى،بالىلارنى يېقىن دوستى قاتارىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئالاھىدلىكىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، بالىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى قىزىپ چىقىش، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كىچىكىدىن باشلاپ جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش لازىم.
ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلارغا كۆيۈنىدۇ.بالىسىغا كۆيۈنمەيدىغان،ئاسرىمايدىغان بىرمۇ ئاتا-ئانا يوق،لىكىن بەزى ئاتا-ئانىلار زىيادە ئامراقلىق قىلىپ كۈيۈندۈم دەپ كۈيۈنۈشنى بەكلا ئاشۇرىۋېتىدۇ،بالىلارنىڭ يوللۇق يولسىز ئوتتۇرغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ،نەتىجىدە بۇنداق بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل ئامراقلىقىدىن پايدىلىنىپ باشباشتاق،گەپ ئاڭلىمايدىغان،ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ قارايدىغان،ئاتا-ئانىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋالىدۇ.بۇ بالىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىيىن ئاتا-ئانىلار پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ.شۇڭا كۈيۈنۈش مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.
بالىلارغا بولغان تەلەپ مۇۋاپىق بولۇش،ئۇلارغا بەك قاتتىق تەلەپ قويماسلىق،بېسىمنى كۈچەيتىۋەتمەسلىك،ئەركىن ئازادە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. تەلەپ بەك قاتتىق بولسا بالىلار شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماي ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىپ ئەكىس تەسىر بېرىپ قويۇپ بالىلارنى زىرىكتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەلەپ قويغاندا بالىلارغا قويۇلغان تەلەپ مۇۋاپىق،بالىلار ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالايدىغان تەلەپلەرنى قويغاندا ئاندىن بالىلاردا بىر خىل تىرىشچانلىق تۇيغۇسى قوزغىلىدۇ.شۇنداق بولغاندا بۇ جەھەتتىكى تەربىيەدىن مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
دىمەك ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكۈچى.ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئىناق ئائىلە شەكىللەندۈرۈپ،پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ تىرىشچان،ئەخلاق-پەزىلەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان،ياخشى مىجەز خاراكتىرگە ئىگە بولغان،ئالىجاناپ روھقا ئىگە،بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر قابىليەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-18 20:35:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلارغا كۆيۈنىدۇ. «ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار ئەمەلى ھەركىتى بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولىشى كېرەك» بۇ تېما ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك تەتىلگە قويۇپ بېرىش ئالدىدا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت يىغىنىدا ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم بولغان مەزمۇنكەن. رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش