كۆرۈش: 457|ئىنكاس: 0

مەكتەپنىڭ «قانۇنغا رىئايە قىلىپ ياخشى ئادەم بولايلى» ئاتا-ئانىلار ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قانۇنغا رىئايە قىلىپ ياخشى ئادەم بولايلى

(مەكتەپنىڭ «قانۇنغا رىئايە قىلىپ ياخشى ئادەم بولايلى» تېمىسىدىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا قىلىنغان سۆز)

ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار  ياخشىمۇسىلەر!
بۈگۈن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى،ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن«قانۇنغا رىئايە قىلىپ ياخشى ئادەم بولايلى»تېمىسىدا ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز.بۇ مۇشۇ مەۋسۈم ئىچىدىكى 2-قېتىملىق ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى.مەن مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئاتا-ئانىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاختىنى چىقىرىپ، مەكتىۋىمىزگە
كېلىپ بىز  بىلەن ئورتاقلاشقىنىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.  
قانۇن مۇقەددەستۇر،قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر پۇخرانىڭ مۇقەددەس مەجبۇريىتى.بىز مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا قانۇنغا رىئايە قىلىش،پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرغىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش توغرىسىدا تەشۋىق تەربىيەنى ھارماي ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.ئوقۇغۇچىلارغا ھەرقايسى جەھەتتىن تەربىيە بىرىش،ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق ئۈسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلاش مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرچى.ھەر قانداق ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ،چوڭ بولغاندىن كېيىن
قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان،ياراملىق ئادەم بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى .مىللەتنىڭ ئۈمىدى.بالىلار كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرى.بىز مۇشۇ خۇجايىنلارنى ئائىلە،جەمئىيەت،مەكتەپ بىرلىشىپ تەربىيلىگەندە ئاندىن كۈزلىگەن مەخسەتكە يىتەلەيمىز.
يېقىنقى مەزگىلدىن بويان ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زوراۋانلىق ،تىرورلۇق ھەركەتلىرى يۈز بىرىپ ھەممىمىزنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىدى.بىز مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا زوراۋانلىق ،تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش،زوراۋانلىق ،تىرورلۇق،ئەسەبىيلىك ھەركەتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەركەت ئىكەنلىكىنى،نىمىنىڭ قانۇنلۇق دىنى پائالىيەت،نىمىنىڭ قانۇنسىز دىنى پائالىيەت ئىكەنلىكىنى  ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق.ئەتراپىمىزدىمۇ ،مۇشۇ كەنتىمىزدىمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ تۈرمىگە كىرىپ قالغانلار خىلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ جازاسىنى تارتتى. قانۇن ئادىل.بالىلار،ئاياللار قان ياش يىغلاپ تۇرمۇش،تېرىلغۇ ئىشلىرىدا قىينالدى.ئاشۇلارمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلماي پارتىيە يارىتىپ بەرگەن ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلەپ ،قانۇن كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يولدا ماڭغان بولسا مۇشۇ كۈنلەرگە قالمىغان بولاتتى. شۇڭا ئولتۇرغان ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە بولغان تەلەپنى قاتتىق قويۇپ،ئۆزىمىزنى ياخشى باشقۇرۇپ،قانۇنغا ئاكتىپ رىئايە قىلساق،جەمئىيەت تەرتىپىنى،تىنچ ئامانلىقنى  ساقلىساق،ھەممىمىز خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيمىز.
ئاتا-ئانىلار، پارتىيە بىزگە نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ ،ئۆيى يوقلارغا ئۆي سېلىپ بىرىۋاتىدۇ،داۋالاشنى ھەقسىز قىلىۋاتىدۇ،تېرىلغۇغا تۇللۇقلىما بېرىۋاتىدۇ. قېرى ئاجىزلارغا تۇرمۇش پۇلى بېرىۋاتىدۇ. شۇنداق ياخشى شارائىتلار يارىتىلسا يەنە قانداق قىلىپ بەرسە بولاتتى.
مەن بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى،بالىلارغا ئۈلگە بولىشىنى،جەمئىيەت ئامانلىقى،كەنتىمىزنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش