كۆرۈش: 262|ئىنكاس: 1

تەبەسسۇمغا بېخىللىق قىلماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەبەسسۇمغا  بېخىللىق  قىلماڭ

   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:  شىنجاڭ  گېزىتى

مۇيەسسەر خېلىل

  تەبەسسۇمغا پۇل كەتمەيدۇ، لېكىن تەبەسسۇم بىزگە ئويلىمىغان قىممەت يارىتىشى مۇمكىن. بىر قېتىملىق سەمىمىي تەبەسسۇم بىزنىڭ مەلۇم بىر ئىشقا، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى، پوزىتسىيەمىزنى، سەمىمىيلىكىمىزنى ئىپادىلەپ ، ئۆزىمىز ئويلىمىغان نەتىجىگە، خۇشاللىقلارغا ئېرىشتۈرىدۇ.

     تەبەسسۇم خۇددى ئەينەككە ئوخشايدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، ئائىلىدە ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەبەسسۇم بىلەن باقساق، باشقىلارنىڭمۇ تەبەسسۇمىغا ئېرىشەلەيمىز. ئەكسىچە باشقىلارغا قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق ئېرىشىدىغىنىمىز ھەرگىز خۇشاللىق بولماستىن، بەلكى ئەكسىچە بولىدۇ. ئەتراپىمىزدا شۇنداق كىشىلەر باركى، چىرايىدىن دائىم بەخت كۈلكىسى، تەبەسسۇم ئۆكسىمەيدۇ. ئۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشمۇ كىشىگە بىر خىل خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. لېكىن يەنە شۇنداق بىر كىشلەرمۇ باركى، قاچانلا قارىسا چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرغان.

      تەبەسسۇم بىزنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىمىزغا، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشلاپ، كۈنلىرىمىزنى خۇشال، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىمىزگە، ياردەمگە موھتاج بولغان، قىيىنچىلىققا يولۇققانلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشتە رولى ئىنتايىن چوڭ. شۇنداقلا تونۇشمىغان بىر كىشىگە قىلغان تەبەسسۇم بەلكىم بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يەنە بىر يولىمىزنى كېڭەيتىشى مۇمكىن.

           ئادەتتە تەبەسسۇم قىلىش، كۈلۈمسىرەش قارىماققا ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن سىزنىڭ شۇ ئاددىيغىنا سەمىمىي تەبەسسۇمىڭىز بەزى ۋاقىتلاردا خېلى مۇرەككەپ ئىشلىرىڭىزنى ھەل قىلىپ، شۇ ئىشىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزنىڭ ئاچقۇچلۇق قورالى بولۇپ قالىدۇ. تەبەسسۇم بىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرسا، مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە بولغان يولىمىزنى داغدام قىلىدۇ.

      تەبەسسۇم بىر خىل سىرلىق كۈچ، ئۇ ئادەمنى تېخىمۇ گۈزەل قىلالايدۇ، كىشىلەرگە ئازادە مۇھىت ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولالايدۇ. شۇڭا خوجايىنلارمۇ مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ چېھرىدە ھەر ۋاقىت تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كوللېكتىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. دەرۋەقە بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا سودا-سېتىق جەريانىدا چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان مۇلازىملارنىڭ سىلىق مۇئامىلىسىدىن ئۆزىمىزنى خۇددى ئەزىز مېھماندەك ھېس قىلىمىز. ئەكسىچە ماللىرى كۆڭلىمىزگە ياقسىمۇ، لېكىن مۇئامىلىسى قوپال، مۇز چىراي دۇكان ئىگىلىرىدىن بىر نەرسە ئالغىمىز كەلمەيدۇ. دېمەك تەبەسسۇم يول تېپىشتىكى، كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەرگە تۇتاشقان مېھىرلىك يوللارنى ئېچىشتىكى ئەڭ ياخشى قورال بولالايدۇ.

   قىسقىسى، تۇرمۇشىمىزدا بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساقمۇ، ھەر دائىم تەبەسسۇم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىساق، شۇ قىيىنچىلىقلارنى جەزمەن يېڭىپ كېتەلەيمىز. شۇڭا كۈلۈمسىرەشنىڭ، تەبەسسۇمنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىمايلى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-15 18:02:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى پىسخىك بىلىم ئىكەن ،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش