كۆرۈش: 668|ئىنكاس: 2

قانۇننى دەرسخانىغا كىرگۈزشۈشتە ئوقۇتقۇچىلار قانداق رول ئوينىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قانۇننى دەرسخانىغا كىرگۈزشۈشتە ئوقۇتقۇچىلار قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟

قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جەمىيەت تەرتىۋىنى، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى، شۇنداقلا سىياسى، ئىختىزادى، ئىجتىمائى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. دۆلىتىمىز مۇكەممەل قانۇن تۈزۈم سېستىمىسىغا ئىگە بولغان، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان قانۇن تۈزۈم دۆلىتى. شۇنداق بولغاچقا دۆلىتىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەرقايسى كەسىپلىرى مىسلىسىز زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، خەلقارا دۆلەت كۈچى رىقابىتىدە گەۋدىلىك رول ئوينىماقتا.

ياش ئۆسمۈرلەر كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئىگىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى. ئۇلارنىڭ قانداق روھ، قانداق ئىدىيە بىلەن تەربىيەلىنىشى كەلگۈسى دۇنيانىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قانۇننى ۋە قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى، ئىختىزادى ۋە ئىجتىمائى ۋەزىيىتىنىڭ جىددى ئېھتىياجى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن تۈزۈم ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ساغلام روھ، ساغلام ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرۇپ، جەمىيەتكە ياراملىق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنىڭ مۇھىم ئىدىيەۋى ئاساسى.

مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋى مەكتەپ خىزمىتىدىكى يادرولۇق كۈچ، شۇنداقلا خىزمەت نىشانىنى كۆرسەتكۈچى بايراق. مەكتەپ رەھبەرلىك كوپلىكتىۋى باشلامچىلىق بىلەن قانۇن ئوگىنىشى، قانۇن بويىچە ئىش كورۇشى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن ئوگىنىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، قانۇن ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرىدىغان ئومۇمى كەيپىيات يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋى مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باشقۇرۇش سېستىمىسىنى، تەدبىر بەلگىلەش ئاپىراتلىرىنى ۋە خىزمەت تەرتىۋىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت دائىرسىنى ئېنىق بېكىتىشى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك قائىدە-تۇزۇم، تەدبىر ۋە مەخسەت-نىشانلارنى ئىشچى خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ماقۇللىشى، كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى،  بەلگىلىنگەن تەدبىرلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، خىزمەت ۋە ئۈگۈنىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋى مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، مالىيەنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەل ئورنۇتۇپ،  مەكتەپنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى، مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى، ئاساسىي قۇرۇلۇش، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش قاتارلىق تۈرلىرىنى، ئۈنۋان باھالاش ۋە تەكلىپ قىلىش، ئىلغار، نەمۇنىچىلارنى باھالاش، ئىش ھەققى، پاراۋانلىق تەمىناتى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تۇرلۇك ئىشلارنى، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى، ھەق ئېلىش تۈرلىرى، ئۆلچىمى ۋە چارىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچىلارغا، ئائىلە باشلىقلىرىغا، جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك تارماقلار ۋە ئاممىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە تارماقلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلە بىر گەۋدىلەشكەن تەربىيە تورى سېستىمىسىنى قۇرۇشقا، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلاردىن قانۇن مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش ۋە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللىشى كېرەك.

مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋى مەكتەپ ئىچىدە مەكتەپ رادىئو پونكىتى، مەكتەپ گېزىتى، قارا دوسكا كۆرگەزمىسى، لوزۇنكا، بايراق ئاستىدىكى تەربىيە پائالىيىتى، دەرىسخانا ئوقۇتۇشى، سىنىپ يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىدىكى سىنىپ يىغىنلىرى، ئىتتىپاق پىئونېرلار پائالىيىتى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە پائالىيەتلەرگە قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىنىكىرگۈزۈشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەكتەپ بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساسى نىشان قىلىدىغان، ساغلام ئىدىيە، ئوچۇق تەپەككۇر، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىدىغان مۇقەددەس ئورۇن، شۇنداقلا سوتسىيالىزىمنىڭ مۇھىم ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت بازىسى. قانۇننى ۋە قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ، ساغلام ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە مۇھىتى بەرپا قىلىش يالغۇز مەكتەپ مۇدىرى، ياچىېيكا شۇجىسى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭلا خىزمىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، يەنە مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.

ئۇنداقتا قانۇننى، قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشتە ئوقۇتقۇچىلار قانداق رول ئوينىشى كېرەك؟
1.ئوقۇتقۇچىلار قانۇن تۈزۈم ئېڭىنى تىرىشىپ يۇقۇرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ياش ئەۋلاتلارنىڭ، خەلقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە مەسئۇل بولىدىغان ئۇلۇغ ئىنسان. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار قانۇننى بىلىشى، قانۇن ئۈگىنىشى، دۆلەتنى، جەمىيەتنى، مەكتەپنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ رولى ۋە ئەھمىيەتىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك.

2.ئوقۇتقۇچىلار قانۇنغا بويسۇنۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلىگۈچى بولۇپلا قالماي بەلكى، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئۈلگە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىشى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە سۆز-ھەركىتى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يۇشۇرۇن دەرسلىك. مەكتەپ خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىگەن دەرسى، بەرگەن تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىياپەت ۋە سۆز-ھەركەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى، يۇرۇش-تۇرۇشى ۋە سۆز-ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، قانۇن تۈزۈمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداشتا ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتتە ئىلمىي ۋە مەدەنى بولۇشى، جەمىيەتتىكى ناچار ئىدىيە ۋە ھەركەتلەرنىڭ تەسىرىنى يۇقتۇرۋالماسلىقى، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەتلەردە قەتئى ۋە ھەققانى مەيداندا تۇرۇشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىق، سەمىمى، دوستانە مۇئامىلە قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىدىغان سۆز-ھەركەتلەردە بولماسلىقى كېرەك.

3.ئوقۇتقۇچىلار بىلىم بەرگۈچى بولۇپلا قالماي يەنە قانۇن تۈزۈم تەشۋىقاتچىسى بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىك مەزمۇنى مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى دەرسكە كېچىكىش، مەكتەپتىن قېچىش، ۋاختىدا ئائىلىىسگە قايتماسلىق، مەكتەپ ۋە باشقلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى بۇزۇۋىتىش، شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار ئويناش، شەھۋانىيلىق تەسۋىرلەنگەن ئۈن–سىن بۇيۇملىرىنى كۈرۈش، ئاڭلاش، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، ياش–ئۆسمۈرلەر كىرىشكە بولمايدىغان كەچلىك بەزمىخانىلارغا كىرىش، تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار قىلىمشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كەلتۈرىدىغان سەلبى تەسىرىنى، جەمىيەت تەرتىۋىگە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىنى تولۇق تونۇتۇشى كېرەك. كىنو، تېلىۋىزىيە ۋە گېزىت-ژورناللاردا تونۇشتۇرۇلغان ئەمىلى دىلو مىساللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۇچلۇك ئىبرەت تەربىيىسى بېرىشى، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى، قانۇننىڭ ئادىل ۋە مۇقەددەسلىكىنى، شۇنداقلا، رەھىمسىزلىكىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ ھامان جازاغا ئۇچرايدىغانلىغىنى، قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى كۇچەيتىش، ئىجتىمائى مۇقۇملۇقنى قوغداش ۋە دولەتنىڭ بىر پۇتۇنلىكىنى قوغداش لازىملىقىنى ھەقىقى تونۇتۇشى كېرەك.

4.ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتا يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرداش دوستى ۋە مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە كۆرۈلگەن قانۇنى مەسىلىلەرگە نىسپەتەن قانۇننىڭ ئادىل ۋە ھەققانىيلىقىنى، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ تەرتىپ ۋە ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈشى، ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.ئوقۇغۇچىلارغا غايە، ئەخلاق، قانۇن-تۈزۈم، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيىسى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش تىكلەش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش، دۆلەت قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىش،ۋەتەننى سۆيۇش، كوللىكتىپنى سۆيۇش، سوتسىيالىزىمنى سۆيۇش، دۆلەت ۋە كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۇزىدىغان ياكى سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىشلارغا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

5.ئوقۇتقۇچىلار بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلىگۈچى بولۇپلا قالماي يەنە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك يېتەكچىسى بولۇشى كېرەك. ياش ئۆسمۈرلەر فىزولوگىيەلىك جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يېتىلدۈرۈش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۈرلۈك روھى بېسىم ۋە پىسخىك توسالغۇلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار قابىل مەسلىھەتچى ۋە سىرداش يېتەكلىگۈچىگە مۇختاج بولىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرداش دوستى ۋە مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇلاردىكى روھى بېسىم ۋە پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىقلاردىن قۇتۇلىشىغا، كەيپىياتىنى ئوڭشىۋېلىشىغا  ياردەم بېرىشى كېرەك.

6.ئوقۇتقۇچىلار قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن سىردىشىشقا، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا، مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاختىدا ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
مەنبە: ئىجادىيەت

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-17 07:49:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بو لىكسىيە نى قانداق يېزىپ بولارمەن دەپ بېشىم قېتىپ تورغاندا سىز ياخشى يوللاپسىز ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئەھمىيەتلىك تىمىللىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي
ۋاقتى: 2014-12-17 08:09:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىكەن

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش