كۆرۈش: 307|ئىنكاس: 3

كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېيىنكى  مەۋسۈمدىن  باشلاپ  باشقىلارنىڭ  ئورنىدا  ئىمتىھان  بەرگەنلەر  جازاغا  ھۆكۈم  قىلىنىشى  مۇمكىن

  ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:  خەلق  تورى


--------------------------------------------------------------------------------
       بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (توققۇز) دا كۆپ تۈرلۈك جىنايەت نامى كۆپەيتىلدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بەرسە جازا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

    جىنايى ئىشلار قانۇنى 284-ماددىسىدا يېڭىدىن كۆپەيتىپ، «قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەتلىك ئىمتىھاندا، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا تەشكىللىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تكۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، بىرگە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 7يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويۇلىدۇ»، «باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگەنلەرگە ياكى باشقىلارنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن بىرىنچى قېتىملىق بەلگىلەنگەن ئىمتىھاننى بەرگۈزگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىش ياكى رىجىمغا ئېلىنىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەندى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، باشقىلارنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگۈزسە ياكى ئۆزى باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرسە جازالىنىشى مۇمكىن، جازا ھەرگىزمۇ «مەكتەپ ئىنتىزامى بويىچە جازالىنىش»، مەكتەپتىن ھەيدىلىشتەك ئاسان بولمايدۇ، يېنىك بولغاندا تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىنىدۇ يالى رىجىمغا ئېلىنىدۇ، ئەگەر «كۆچۈرۈشكە تەشكىللەش»كە تەۋە بولسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-10-27 20:17:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدىمۇ شۇنداق قىلىش كىرەك ئىدى
ۋاقتى: 2015-10-28 23:53:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى ئىشكەن... باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ بىرىش، باشقىلارنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلغانغا باراۋەر خالاس
ۋاقتى: 2015-11-12 17:00:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر سەمىمىيەتسىزلىك قىلمىش ئىدى ياخشى بولۇپتۇ ئەسلىدىلا جازالىنىشقا مۇۋاپىق
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش