| قانداق قىلغاندا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ 3 يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە ‹‹ قوش تىل ›› ئوقۇتۇشىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا خېلى يىل بولغان بولسىمۇ،يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىش تەلىپىنى قاندۇرالماي كىلىۋاتىدۇ مەن مۇشۇ نوقتىنى كۆزدە تۇتۇپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن: يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟! 1› چوقۇم ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلەيدىغان، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشالايدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرلىرى ئىلغار ئىدىيە، ئىلغار قاراش ۋە ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئوقۇتۇشقا تەدبىقلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسلاھات روھىنى قوزغىيالىغاندىلا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ.: K 2› ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە ماتېرىياللار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى قوراللاندۇرۇپ ، ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى، ئىسلاھات روھىغا باي، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.شۇ ئارقىلىق بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپتىكى يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە سېستىمىلىق يەتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.S$ ۇش \3 › ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئىسلاھاتىغا ماسلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىدىيىسى بىرقەدەر ئىلغار، خىزمەت تەجىربىسى بىرقەدەر مول ، خىزمەت نەتىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۇقۇتقۇچىلارقوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. 4› ئوچۇق دەرس،ئۈلگىلىك دەرس ۋە كۆرەك دەرسىنى جانلاندۇرۇپ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى كېڭەيتىپ، دەرس ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.شۇ ئارقىلىق يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، تەجىربىلەرنى كېڭەيتىش ،يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى ئايدىڭ بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش سالمىقىنى زورايتىش ئاساسىدا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىش لازىم., p; 5 › ئوقۇتقۇچىلارنى توردىن ۋە زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەممەيلەنگە مەلۇم بۈگۈنكى دەۋر ئۇچۇر دەۋرى، پەن – تېخنىكا دەۋرى. ئوقۇتقۇچىلار دەۋرگە ماسلىشىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چوقۇم كومپيۇتېر ۋە توردىن پايدىلىنىشنى بىلىشى لازىم شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كۆپخىل ماتېرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئابستراكت تەپەككۇرنى ئوبرازلىق تەپەككۇرغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى دەرسكە تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ، دەۋرگە ماسلىشالايدىغان ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدۇ. 6›يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش كېرەك .ئاساسى مائارىپ دەرس ئىلاھاتىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئاساس قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئەتراپلىق ماس تەرەققىيات، ئۆمۈرۋايەت داۋاملىشىدىغان تەرەققىيات، تېتىك، جانلىق تەرەققىيات ۋە ئىندېۋىدۇئال ئالاھىدىلىك تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھىسى، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ 7›ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىگىلەشكە يېتەكلەش كېرەك. ئادەتتە ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، دەرسلىك ۋە مۇھىتتىن ئىبارەت تۆت ئامىل ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلىك ھالەت سىستېمىسىدىن ئىبارەت دەپ قارايمىز. يېڭى دەرستە دەرس مەنىسىنى چۈشىنىشتە دەرسلىكتىن ئىبارەت بۇ يەككە ئامىلنى تەكىتلەشتىن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، دەرسلىك ۋە مۇھىتتىن ئىبارەت تۆت ئامىلنى بىرلەشتۈرۈشكە يۈزلەندى. شۇڭا، يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھىسىدە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا قوزغىتىش شەكلىنىڭ تەڭ قەدەمدە ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. 8› يېڭىلىق يارىتىدىغان روھ ۋە ئەمەلىي قابىلىيەت يېتىشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يولداش جياڭ زېمىن: مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىش ياكى خارابلىشى، مەۋجۇد بولۇش ياكى يوقىلىش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تونۇش لازىم. مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئىجادىي ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە مائارىپ ئالاھىدە ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان دەپ كۆرسەتتى.نۆۋەتتىكى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ۋە ئەملىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر توپلاش ، بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتى، يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولۇش قابىلىيىتى، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش قابىلىيىتى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنىڭ بارلىققا كېلىش ۋە تەرەققى قىلىش جەريانى توغرىسىدا ھېسىيات ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل قاتنىشىدىغان، ئىزدىنىپ بايقايدىغان، ھەمكارلىشىپ ئالماشتۇرىدىغان ئوقۇتۇش ھالىتىنى يارىتىش لازىم. 9› ئوقۇتۇش لاھىيىسىنى ئۈتۈلىدىغان دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تۈرىگە ئاساسەن لايىھىلەش كېرەك. ئوقۇتۇش لايىھىسى ئوقۇلىدىغان دەرسلەر ۋە ئوخشىمىغان بىلىم تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ كونكرېت پىلانلىنىدۇ. ئوقۇلىدىغان دەرسلەر ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشماسلىقى ۋە بىلىم تۈرلىرىنىڭ پەرقى ئوقۇتۇش لايىھىسىدە چوقۇم ئەستايىدىل تەتقىق قىلىنىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. يېڭى دەرسنىڭ ئىلىم قارىشى ۋە بىلىم قارىشى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى بىزنى ئوقۇتۇش قارىشىنى يېڭىلاشنى، ئوخشىمىغان پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە بىلىم تۈرلىرىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش لايىھىسى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 10› ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پسىخىكىسىغا ۋە ياش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش كېرەك. ئۆگىنىش ئۈچۈن لايىھىلەشتە كۆڭۈلدە ئوقۇغۇچىلار بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پسىخولوگىيىسى ۋە ياش باسقۇچىلىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى بىرلىكنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش؛ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا پسىخولوگىيىلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن ئوقۇتۇشپائالىيىتىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئالاھىدىلىكىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش لازىم. 11› دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى توغرا تونۇش ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئوقۇتۇش لايىھىسى ئوقۇتۇش پائالىيىتىدىكى ھەرخىل ئامىللار، ھەرخىل بايلىقلارنىڭ سېستىمىلىق پىلانلىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ،،،ئوقۇتۇش بىلەن ئۆگىنىش، كىتابىي بىلىم بىلەن ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى، بىلىمنىڭ يەكۈنى بىلەن قولغان كەلتۈرۈلۈش جەريانى، بەلگىلەنگەن نىشان بىلەن ھاسىل بولغان ئۆگىنىش، ئوقۇتۇشىنىڭ تەرتىپلىكى بىلەن ئوقۇغۇچىلانىڭ مۇستەقىللىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ، مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىش ئازراق بولۇشى، كونكرېت تەھلىل كۆپرەك بولۇشى لازىم.
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|