| قانداق قىلغاندا ياخشى بىر كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرى بولغىلى، مەكتەپنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ؟ (ئويتوغراق يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى:- ئۇبۇل رۇزى) مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپ ھاياتىنىڭ يىتەكچىسى بولۇپ، ئۇ ياش ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇتۇش ۋە ئەتراپلىق تەربىيەلەشتەك ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ باشلامچىسى، ھازىرقى زامان مائارىپ باشقۇرۇشىدىكى ئاساسلىق كۈچ، تايانچ قۇشۇندۇر. خۇددى «ياخشى بىر مەكتەپ مۇدىرى – ياخشى بىر مەكتەپكە باراۋەر» بولغاندەك، بىر مەكتەپنىڭ مۇكەممەل مەكتەپ بولۇپ تۇرالىشى شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرىغا باغلىق. ئەگەر مەكتەپ مۇدىرى كەسپچانلىقى كۈچلۈك، ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە تەجرىبىسىگە باي، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولسىلا، ئۇ ئوقۇتۇش سۈپىتى تۈۋەن، تەشكىلى تۈزۈمى قالايمىقان بىر مەكتەپنىمۇ ياخشى مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئەكسىچە، مەكتەپ مۇدىرى ئىقتىدارسىز، تەجرىبىسىز، يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلالمايدىغان بولسا، ئۇ مۇكەممەل ئاساسقا ئىگە بولغان ياخشى مەكتەپنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مائارىپ ئىسلاھاتى كۈندىن كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتقان، مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كۈچلۈك تەلەپلەر قۇيۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەلىم – تەربىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز» دەيدىكەنمىز، چوقۇم مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىق، تەشەببۇسكارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسى- مەكتەپنىڭ ھەرخىل تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئومۇمى خىزمەتلەر ۋە ھەرخىل ئاممىۋى-ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇش، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى، ساپاسى شۇ مەكتەپنىڭ تەقدىرىنى بىۋاستە بەلگىلەيدىغان ئامىل. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ساپاسى – ئۇلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى، مەدەنىيەت ساپاسى، باشقۇرۇش ۋە ئېقتىدار ساپاسى، پىسخىك ساپاسى ھەم تەن ساپاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يوقارقىدەك بىرقاتار ئونۋېرسال ساپالارنى ھازىرلاش ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرلىرىدا ئۆمۈرۋايەت ئۆزلۈكسىز توختىماستىن تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان «چۆمۈلە روھى»، بارلىقىنى خەلققە تەقدىم قىلىشقا ئايانمايدىغان «ھەسەل ھەرىسى روھى» بولۇشى لازىم. ئادەتتە مەكتەپ مۇدىرلىرى تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ نوقتىلىق خىزمەتنى دائىم چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك: 1)ئوقۇتقۇچىلارغا سىياسى جەھەتتىن قاتتىق تەلەپ قويۇشى لازىم. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارغا پارتىيىنىڭ زىيالىيلار سىياسىتىنى توغرا ئەمەلىلەشتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ئەمەلى مەسىلىلىرىنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن– سىياسەتلەرنىڭ روھى بويىچە توغرا بىرتەرەپ قىلىپ بىرىش لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنى سىياسى جەھەتتىن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، كەسپى ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردا ياخشى بولغان مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. 2) مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن ئىشلىرىنى توغرا پىلانلىشى ۋە ئۇنىڭغا توغرا رەھبەرلىك قىلىش لازىم. مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ ياخشى–يامان بولۇشى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى توغرا پىلانلىغان-پىلانلىمىغانلىقى، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان–ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقىغا باغلىق. شۇڭا، مەكتەپ مۇدىرى ھەريىلى يىل بېشىدىلا مەكتىۋىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى ئىزدىنىپ، ئەستايىدىل توغرا پىلانلىشى، قول ئاستىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى قابىلىيىتىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئىشقا قويۇشقا ماھىر بولۇشى، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملىرىنى ئەتراپلىق تۈزۈپ، دېموگراتىك ئاساستا سىجىل ئىجرا قىلىشى، مەكتەپتىكى مەمۇرى خادىملارنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى، ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى، تەلىم–تەربىيە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم. 3) مەكتەپ مۇدىرلىرى مەكتىۋىدىكى ۋەزىپىسى بار خادىملارغا ئىشنى ياخشى تەقسىم قىلىشى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات ئېلىپ تۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ يولغا قويۇش لازىم. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتىكى ھەرقايسى بۆلۈم، ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئارقىلىقلا مەكتىۋىنىڭ بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش ۋە تەلىم تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارالايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا قوللاش مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىدىن دوكىلات ئېلىپ، مەكتەپنىڭ بىر پۈتۈن ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش لازىم. ھەرۋاقىت مەكتەپتە توغرا بولغان دىمۇكراتىك كەيپىيات يارىتىشقا ئەھمىيىەت بىرىشى كېرەك. مەن ئۇزۇن يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش ھاياتىمنى ئەسلەپ، مەكتەپ مۇدىرلىرىدا بولۇشقا تىگىشلىك ئىككى ئەنگۈشتەرنى خۇلاسىلاپ چىقتىم. بىرىنچى ئەنگۈشتەر:- ھەركۈنلىكى خىزمەتلەردە «ئۈچنى ئۇنۇتماسلىق»؛ ئىككىنچى ئەنگۈشتەر:- ھەر ماۋسۇملۇق خىزمەتلەردە«ئىككىدە جىددى، بىردە قەتئي بولۇش»؛ «ئۈچنى ئۇنۇتماسلىق»: (1)ھەركۈنى خىزمەتكە بىرىنچى بولۇپ بېرىشنى ئۇنۇتماسلىق؛(2)مەكتىۋىدە كۆرۈلگەن كۈندىلىك يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ مېڭىشنى ئۇنۇتماسلىق؛(3)كۈندىلىك دىژورنىلىكنى باھالاپ ئىمزا قويۇشنى ئۇنۇتماسلىق. «ئىككىدە جىددى بولۇش»: (1)ماۋسۇم بېشىدا پىلانلاشتا جىددى بولۇش؛(2)ماۋسۇم ئاخىرىدا خۇلاسىلاشتا جىددى بولۇش. «بىردە قەتئي بولۇش»:- مەكتەپنىڭ دائىملىق تۈزۈم تەرتىپلىرىنى ئىجرا قىلىشتا قەتئي بولۇش. مەن ئۇزۇن يىللىق مەكتەپ مۇدىرىلىق مۇساپەمنى ئەسلەش ئاساسىدا كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىدا تۆۋەندىكىدەك ئەمەلىي ھوقۇقلار بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، تەۋەلىكىمدىكى كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ ۋە كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى ئارىسىدا ئەمەلىلەشتۈرۈشكە تىرىشتىم. 1) كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تاللاش مەسىلىسى. بۇنىڭدا ھەريىلى يىل بېشىدا ھەرقايسى كەنت دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پىلاندىكى ئوقۇتقۇچىنى تەقسىملەپ بىرىپ، شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىن كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمى ياردەمچى، سىياسى يېتەكچىلەرنى مۇئەييەن شەرتلەر ئاساسىدا ئامما دېموگراتىك سايلاپ چىقىش، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەكتەپ مۇدىرلىرىغا نىسپەتەن ئاممىنىڭ رايىنى سىناپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسپىتىنى بىر قېتىم مەكتەپ مەمۇرىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئاممىغا ئېلان قىلىپ بىرىش. 2) تەشكىلى ئىنتىزام، ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى بويىچە ئارقىدا قالغان ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەن كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولۇش. 3) كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، سىنىپ تەقسىماتى ۋە دەرس تەقسىماتى قىلىپ بىرىش ھوقۇقى بولۇش. 4) كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆز مەكتىۋىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قېتىمدا تۆت سائەت، بىر ئايدا بىركۈن (سەككىز سائەت) رۇخسەت بىرىش ھوقۇقى بولۇش. مەكتەپ مەمۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن نامۇۋاپىق رۇخسەت رەسمىيەتلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولۇش. 5) ھەريىلى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈش پىلانىغا ئاساسەن، ئۆز تەۋەلىكىدىكى «مۇنەۋۋەرلەرنى سايلاش»، «سىناقتا قالدۇرىلىدىغانلارنى كۆرسىتىش» ھوقۇقى بولۇش. 6) كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىدا بىر قېتىمدا 100 يۈەن، بىر ئايدا 300 يۈەن، بىر ماۋسۇمدا 1500 يۈەن قىممىتىدە پۇل چىقىم قىلىش ياكى ماددى بۇيۇم ئالماشتۇرۇش، رېمونت قىلدۇرۇش ھوقۇقى بولۇش. 7) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ھوقۇقى بولۇش. بۇنىڭدا، بىر قېتىمدا ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن 300 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتىۋىدىكى ئوقۇغۇچى بېشىغا 0.5 يۈەندىن توغرا كېلىشى بويىچە چىقىم قىلىش؛ ماۋسۇمدا ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن چىقىم قىلىنىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى 200 يۈەندىن 600 يۈەن ئارىلىقىدا، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كەلگەن مۇكاپات سوممىسىنى بىر يۈەندىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئاساستا كونترول قىلىش ھوقۇقى بولۇش. 8) كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋەپسىز ئىش تاشلىغان ۋاقتىنى سىتاتېستىكىلاپ، مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە يوللاش ھوقۇقى بولۇش. 9) مەكتەپ مال – مۈلۈكلىرىگە تولۇق ئېگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بولۇش. بۇنىڭدا مەكتەپنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزلىرى كوللىكتىپ باشقۇرۇش ياكى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بىرىش ھوقۇقى بولۇش؛ ئۆز مەكتىپى تەۋەلىكىدىكى دەل – دەرەخ ياكى بۇزۇلغان مال – مۈلۈكلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇش؛ چوڭ ئېلىم–بېرىم، سېتىش ئىشلىرىدا مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى چوقۇم كەنت دەرىجىلىك مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولۇش. 10) مەكتەپنىڭ جۈملىدىن ئىلمى ياردەمچى، سىياسى يېتەكچى، ئاممىۋىي-ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمەتلىرىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەت ھەققى ئېلىش پىلانىنى يوللاپ تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بولۇش. 11) دەرس ئاڭلاپ باھالاش، قەرەللىك-قەرەلسىز سىناق ئېلىپ خۇلاسىلاش ھوقۇقى بولۇش. 12) مەكتەپ مەمۇرىيەت رەھبەرلىكىگە، مەمۇرىيەت خادىملىرىغا تەكلىپ بىرىش، ئۇلارنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بولۇش. 13) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى مۇستەقىل باشقۇرۇش ھوقۇقى بولۇش قاتارلىقلار. مەن ئۇزۇن يىللىق مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا، ئۆلچەمگە لايىقلاشقان ياخشى بىر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆلچىمىنى تۆۋەندىكىدەك بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاپ چىقتىم، ئۇ بولسىمۇ مەكتەپ مۇدىرى چوقۇم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ياخشى بىر مەكتەپ مۇدىرى بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن: 1. مەكتەپ مۇدىرى ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. ئۆز خىزمىتىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ، ئۇنى قىزغىن سۆيۈش-خىزمەتتىكى مۇھىم بىر «ئېنىرگىيە»دۇر، ۋايساش، ۋاز كېچىش-ئېنىرگىيىنى خورىتىدىغان «ۋېروس»تۇر. «قىزغىن سۆيۈش»تىن ئىبارەت «ئېنىرگىيە» بولغاندىلا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەمەلى خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمى يوقىرى بولىدۇ. 2. ھەرقانداق ئىشتا پىلانلىق، مەقسەتلىك ۋە تەشكىلاتچان بولۇش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلماي، ئۆز زېھنىنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغىلا چېچىپ، ھەممىدە « ئۆزۈمنىڭ دىگىنى دېگەن، قىلغىنىم قىلغان» دەيدىغان بولسا، بۇخىل مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا نۇپۇزى بولمايدۇ، بارا-بارا كوللىكتىپتىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە، ئىشلىرى راۋاج تاپمايدۇ. شۇڭا مەكتىۋىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پايدىلىق ئامىللارغا ئىلھام-مەدەت بېرىپ، كوللىكتىپنى ئويۇشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش بىلەن تەلىم تەربىيە ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك ئۇيۇشتۇرۇشقا ماھىر بولۇشى لازىم. 3. مەكتەپ مۇدىرى خىزمەتتە ئادىل پىرىنسىپال بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىر مەكتەپكە مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ مۇدىرى چوقۇم پىرىنسىپال بولۇشى لازىم. بولۇپمۇ مەكتەپ مۇدىرى خىزمەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئۆلگە بولۇشى كېرەك.................... 4. مەكتەپ مۇدىرى چارە-تەدبىرلىك، مەسىلىلەرنى بايقاشقا، بىر تەرەپ قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپلا قالماي، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى قۇرۇلمىسىنى بايقاشقىمۇ ماھىر بولۇشى، ھەمدە ھەرخىل ئۇسۇل، چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ كەسپى جەھەتتىن يېتىلىشىگە ئەمەلىي ياردەم قىلىشى، ئۇلارغا كەسپى جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك يېتەكچىسى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقالايدىغان بولۇشى لازىم. 5. مەكتەپ مۇدىرى رەھبەرلىك سەنئىتىنى پۇختا ئىگەللىگەندىن سىرت، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرت-ھالىغا ۋاقتىدا يىتىشى لازىم. مەكتەپتە ساقلانغان ھەربىر مەسىلىگە نىسبەتەن جىددى پوزىتسىيىدە قارىشى، ئاممىۋى سورۇن ياكى شەخسى سورۇنلاردا باشقىلارغا قالايمىقان ۋەدە بېرىشتىن قەتئى ساقلىنىشى كېرەك. ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپىگە ئېتىۋار بىلەن قارىشى لازىم. 6. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىگە توغرا باھا بېرىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكى- ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدەك ئۈنۈمى تىز كۆرۈلىدىغان ئەمگەك بولماستىن، بەلكى جاپالىق، ھەم ئۈنۈمى ئۇزۇندا كۆرۈلىدىغان مەنىۋىي ئەمگەكتۇر. خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىدىكى ئورتاق بىر ئالاھىدىلىك شۇكى __ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ئەمگىكىگە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ توغرا، مۇۋاپىق ئادىل باھا بېرىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئارتۇقچىلىقىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىق، مەنىۋى ئەمگىكىگە ئادىل، مۇۋاپىق، توغرا باھا بېرىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى لازىم. 7. مەكتەپ مۇدىرى مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاشقا ۋە مۇكاپاتلاش-ئىلھاملاندۇرۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ھەر ۋاقىت تەلەپچان بولۇپ، كىچىك بولسىمۇ ۋاقتىدا مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرۈشنى ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدۇ. 8. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى قوزغايدىغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ۋاقتى-قەرەلىدە ئويۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا كاپالەتكە ئېگە قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىمۇ ھەرخىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ۋاقتى-قەرەلىدە ئويۇشتۇرۇپ، مەكتەپنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى جانلاندۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق مەكتەپنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى تىكلەشكە ۋە ئېقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرىدا ھەرۋاقىت «يېڭىلىقنى تىز قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادچانلىق تۇيغۇسى» كەم بولسا بولمايدۇ. 9. ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشىنىشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى ھەممە ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى لازىم. قول ئاستىدىكىلەرگە ئىككى خىل كۆز قاراشتا بولماي، ئىنتىزامسىز، يامان پىسخىكىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نىسپەتەنمۇ ئىجابى كۆز قاراشتا بولۇشى، ئىشەنچ باغلىشى كېرەك. 10. مەكتەپ مۇدىرى جەمئىيەتتىكى ئاممىۋىي ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن بولغان قويۇق ئالاقە تورىنى شەكىللەندۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئېتىۋارسىز قاراشقا بولمايدۇ. قىسقىسى: ھەممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، لاياقەتلىك بىر مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ چىقىش __ ئاممىنىڭ ئادىل باھاسىدىن ئايرىلالمايدۇ. كەڭ كەسىپداشلارنىڭ ئاددىي كۆرمەي، يۇقارقى سۆزلىگەنلىرىمنى تەجرىبە سۈپىتىدە سىناپ ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
|
|