كۆرۈش: 892|ئىنكاس: 7

دادىسىنىڭ ئالدىدىلا ئاپىسىغا نومۇسسىزلىق قىلغان ئەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىچۇەندە ئەما دادىسىنىڭ ئالدىدىلا ئاپىسىغا نومۇسسىزلىق قىلغان ئەرنى دادىسى ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
يېقىندا سىچۇەن ئۆلكىسى داجۇۋدىكى بىر ئەما بوۋاينىڭ ئوغلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىك دېلوسى جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئوغۇل ئەما دادىسى تەكلىپ قىلغان ئادەملەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. كونىلاردا ‹يولۋاسمۇ ئۆز بالىسىنى يېمەس› دېگەن تەمسىل بار، ئۇنداقتا تۇرمۇشتا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمايدىغان بۇ ئەما بوۋاي نېمىشقا بۇنچىۋالا رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆز ئوغلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؟ بۇ ئىشنىڭ كەينىگە زادى قانداق ھېكايىلەر يوشۇرۇنغان؟
بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنى سىچۇەن ئۆلكىسى داجۇۋ شەھىرى داجۇ ناھىيىسىدىكى ۋۇ بوۋاي ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ھويلىسىنىڭ ئارقىدىكى تاش ماتىرىياللىرى زاۋۇتىغا بېرىپ ئايلانغان. لېكىن ئۇ نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭمايلا ئالدىدىكى دەھشەت مەنزىرىدىن قورقۇپ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان، ئۇ ئالدىدىكى يولدا بىر ئەر جەسەتنىڭ سوزۇلۇپ ياتقانلىقىنى بايقىغان! قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ۋۇ بوۋاي دەرھال قۇلۇم-قوشنىلارغا چاقىرغان ھەم دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.
نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئەينى چاغدا بۇ ئەرنىڭ پۇتى پۈكۈلگەن ھالدا يەردە سوزۇلۇپ ياتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىغا بولسا نەچچە پارچە تاش پارچىسى تاشلاپ قويۇلغانىدى، ئەرنىڭ جەسىتىنىڭ ئەتراپىدىمۇ يەنە نەچچە پارچە قان يۇققان تاش پارچىلىرى تۇرغانىدى، كۆپچىلىك دەرھال بۇ ئەرنى چوقۇم باشقىلار تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن چېغى دەپ مۇنازىرە قىلىشقا باشلىغان.
كەينىدىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، لېكىن بۇ ئەرنىڭ جەسىتىدىن ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلايدىغان بىرەرمۇ يىپ ئۇچى تاپالمىغان. قانۇن دوختۇرىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ جەزىملەشتۈرۈشىچە، بۇ ئەر مېڭىسىگە تاش بىلەن ئۇرۇلۇپ زەخىملەنگەنلىكتىن ئۆلۈپ كەتكەنىكەن. ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ بارماق ئىزى ۋە DNA سىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ ئۆلگۈچى ئەر بولسا داجۇۋ شەھىرى تۇڭجۇ رايونىدا تۇرۇشلۇق جاڭ چاۋ ئىسىملىك ئەر ئىدى.
ئىگەللىنىشىچە، ئۆلگۈچى جاڭ چاۋ بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تېخى يېقىندىلا جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن، خىزمىتى يوق بولۇپ، ئادەتتە ئاتا-ئانىسى ۋە قۇلۇم-قوشنىلىرى بىلەن سوقۇشۇپ ياخشى ئۆتمەيدىكەن، لېكىن ئۇ قانداقسىگە ئۆيىدىن نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى داجۇۋدا ئۆلۈپ قالىدۇ؟
دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار جاڭ چاۋنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بارغاندا، ئۇنىڭ دادىسى-جىياڭ جېڭجىيەندىكى جىددىيلىك ۋە ھودۇقۇش ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويغان. ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشى ئارقىسىدا جىياڭ جېڭجىيەننىڭ پىسخىك مۇداپىئەسى سېپى ئاخىرى بۇزۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆز ئوغلىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىك قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان.
جىياڭ جېڭجىيەن بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئاساسەن كۆرۈش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ ئەما بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ساقچىلارغا تاپشۇرۇشىچە، ئوغلى جاڭ چاۋ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تۈزۈك ئىش-ئوقەت بىلەن شۇغۇللانماي ھە دېسىلا ئۆيدىكىلىرىدىن پۇل سوراپ خەجلەپ يۈرگەن، ئەگەر ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭغا پۇل بەرمىسە، جاڭ چاۋ ئاتا-ئانىسىنى يەردە يۈكۈندۈرۈپ قويۇپ بولۇشىغا دۇمبالىغان.
ئەما بوۋاي-جىياڭ جېڭجىيەننىڭ ئەڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن ئىش بولسا، دەل ئوغلى جاڭ چاۋنىڭ نەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئالدىدىلا ئايالىغا نومۇسسىزلىق قىلىشى، يەنە جاڭ چاۋنىڭ ئۆزىنى تۇغقان ئاپىسىغا نومۇسسىزلىق قىلىشى ئىدى. ‹ ئۇخلايدىغان چاغدا ئۇ ئاپىسى بىلەن بىر تەرەپتە ئۇخلاشنى تەلەپ قىلدى، ئاندىن قولىنى سوزۇپ ئاپىسىنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى سىلاشقا باشلىدى، مەن قولۇم بىلەن ئۇنىڭ قولىنى توسۇدۇم، ئاپىسىمۇ قولى بىلەن ئۇنىڭ قولىنى توسۇپ، ئۇنداق قىلىقسىزلىق قىلما دېگەننى ئىشارە قىلدى. مەن ئۇنىڭغا جاڭ چاۋ، بەزى ئىشلارنى بەك چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ، نېمىلا بولمىسۇن ئۇ دېگەن سېنىڭ ئۆز ئاپاڭ تۇرسا!› دېدىم.
ئاخىرىدا ئەما بوۋاي جىياڭ جېڭجىيەننىڭ قىلچە چىدىغۇچىلىكى قالمىغان بولۇپ، ئاخىرى بوۋاي ئۆزىنىڭ لىيۇ رېنجى، ياڭ جىپىڭ ئىسىملىك ئىككى دوستىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن جاڭ چاۋغا دوست تۇنۇشتۇرۇپ قويۇش باھانىسى بىلەن چەت يەرگە ئاپىرىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئۆتۈنگەن.
نۆۋەتتە ‹پەسكەش ئوغۇل› نى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئۈچ نەپەر جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسى داجۇ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
مەنبە: نۇر تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-4 22:48:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋان ، جاجىسىنى يەپتۇ
ۋاقتى: 2014-12-9 17:03:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەيلى، ھەم شۇنداق دىمەكتىن باشقا ئامالىمىزمۇ يوققۇ- ھە!؟
ۋاقتى: 2014-12-11 15:09:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنايەت ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان جىنايەتچى ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ.ئوغرىلىق ۋىروسى بولسىمۇ شۇ،ئادەم قانداق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانسا ئۇ ئاشۇنداق ئاخىر ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ...
ۋاقتى: 2014-12-11 20:15:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم دېگىلى بولمايدىغان نائەھلىكەنغۇ بۇ ؛
ۋاقتى: 2014-12-26 21:26:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنايەت ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان جىنايەتچى ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ.ئوغرىلىق ۋىروسى بولسىمۇ شۇ،ئادەم قانداق ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانسا ئۇ ئاشۇنداق ئاخىر ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ...
ۋاقتى: 2015-5-8 13:38:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ. جاھاندا مۇشۇنداق ئادەملەرمۇ بولىدىكەن. ئادەم ئىككى پۇتى بىلەن ماڭسىلا ئادەم بولمايدىكەن ھە!
ۋاقتى: 2015-5-10 22:34:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئەخلاقتىن ئايرىلغاندا ھايۋاندىن بەكرەك نۇمۇسسىز بۇلۇپ كىتىدۇ،بۇنداق ھايۋانلارغا ئۈلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش