كۆرۈش: 686|ئىنكاس: 28

بېكەت باشلىقى- روزى ئەپەندىمگە شېئىرىي چاقچاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنبەردىكى ئاتامان،
كۆرۈنمەيلا نېمىشقا.
دوستلار كۆپ زار قىلماي،
كەپ قويسىلا «بايقاش» قا...

سىلى بۇنداق قىلسىلا،
«ئەزا» لىرى نارازى.
بىز كىرگەندە ئۆزلە يوق،
ئۆتەرمىزمۇ قىش-يازى؟...

ئۆمىلاخمان ئويلايمىز،
بېكەتلىرىگە كىرىشنى.
«بغۋەن» لەرگە لازىملىق،
جەۋھەرلەرنى بېرىشنى.

قاراپ باقسام «بايقاش» قا،
بىر «شودۈي»لۈك ئەزا بار.
شۇنچە كەڭرى مۇنبەرمۇ،
بىلىندىغۇ ماڭا تار...

يا خوتۇننىڭ بېسىمى،
ئارتىپ شۇنداق بولدىمۇ؟
ياكى كىرىم ياخشى بوپ،
يانچۇق پۇلغا تولدىمۇ؟...

ئۈمىدىم شۇ روزاخۇن،
ئەسرالىشىپ تۇرۇشساق.
«سەرگەردان» نىڭ پەيلى «سەت»،
سەت بولىدۇ «ئۇرۇشساق»....



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 11:37:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەن ئىملا خاتالىقلرى كۆرۈلۈپ قاپتۇ، قىسمەن مىسرالارنىڭ ئۇلانمىلىرى ئۇرۇلماي قاپتۇ، كەچۈرىسىلەر، تورداشلىرىم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 11:30:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ،
ئىنكاسلارنى يازماملا.
تىل دېڭىزى چەكسىزدۇر،
ئۈنچىلەرنى قازماملا...؟
ۋاقتى: 2014-12-3 12:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك بەزى بىر سەۋەنلىكلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،چاقچىقىڭىز خېلى ياخشى چىڭىپتۇ . داۋاملىق تىرىشىڭ .
ۋاقتى: 2014-12-3 12:25:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق چاقچاقتىن بىرسى كەمتى زادى، بۇمۇ بوپتۇ، بايقاش ئەپەندىم ئەمدى چىقىپ قالارمىكىن
ۋاقتى: 2014-12-3 13:20:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاتامانغىلا ئاتاپ ،
   يازغېچە بۇ چاقچاقنى .
   ھەممە تورداشقا ئاتاپ ،
   يازمامسىز بۇ قۇشاقنى ؟
                ھەممە تورداشقا ئاتاپ ،
                يازسىڭەز بۇ قۇشاقنى .
                ئەزالارمۇ ماسلىشىپ ،
                ئۆتكۈزمەمدۇ بوش ۋاقنى .
ۋاقتى: 2014-12-3 14:34:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرسان بولۇپ يۈرەمدۇ ،
سەرگەردان دىگەن ئەزا ،
بىر كەلتۈرۈپ يېزىپسىز ،
چاقچاق دىگەننى تازا .

بىزمۇ بارتۇق مۇنبەردە ،
كەلمىدۇقمۇ چاقچاققا ،
ئەسلى شۇنداق چاقچاقمۇ ،
كېرەك ئىدى بايقاشقا .

ھېچ كۆرۈنمەس بايقاشمۇ ،
يا رەنجىگەنمۇ كۆڭۈلمۇ ،
تاپالمىساق بايقاشنى ،
بېرىمىز مۇ ئېلانمۇ ؟

ئېلان بېرىپمۇ كەلمىسە ،
تەرەپ -تەرەپ ئىزدەرمىز،
ھېچ بولمىسا بايقاشنى ،
تاشلاپ قويۇپ قاچارمىز .

باھا سۆز

ئۇنداق قىلماڭ جان پەرى،سىز بايقاسنىڭ گۈھىرى،سىز بايقاشتىن ئايرىلىپ .بۇلۇپ قالماڭ ئېرىڭىزنىڭ مۆھىرى.بايقا تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2015-2-26 13:25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 15:11:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچە ئەزا كۆڭلۈمدە،
بارتى ئەسلى رەتمۇ-رەت.
لېكىن چەكلىك شارائىت،
كېلەر بىر-بىردىن...نۆۋەت.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 15:12:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناتونۇشلار تونۇشۇپ،
سەرگەردانلار ئۆزلىشىپ.
ئۆتەرمىزكەن بايقاشتا،
ئويلىغاننى سۆزلىشىپ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 15:19:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزاخۇندىن سادا يوق،
ئەنسىرىدىم ئۆزەمدىن.
ئەمما لېكىن يىگىت مەن،
يانالماسمەن سۆزۈمدىن...

بەلكىم ئېغىر كەلگەندەك،
تۇرىدۇغۇ چاقچىقىم.
ئۆزەمنىڭغۇ روزاخۇن،
قولدا باققان تايچىقم....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش