كۆرۈش: 874|ئىنكاس: 16

پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەر: گۇمىدا تۆت بېشى بار ئادەم بايقىلىپتۇ...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەشۇ مەن ۋە سىز ئامراق كاربونلۇق ئىچىملىكلەر ھەققىدە يېڭى گەپلەر
بىئولوگىيە ئالىمى Hans-Peter Kubis دوكتور كاربونىك ئىچىملىكلەرنى بەدىنىمىزگە بولغان تەسىرى ھەققىدە بىر مەخسۇس تېماتەتقىقاتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، نەتىجىسى كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر سىز دوكتۇرنىڭ بايقىشى ھەققىدىكى مەزكۇر يازمىنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، ئەشۇ بۇژژىدە ئاۋاز چىقىرىدىغان نەرسىگە مەڭگۈ يېقىن يوللىماسلىقىڭىز مۇمكىن. راستىنى ئېيتسام مەن بۇخىل ئىچىملىكلەرگە بەكلا ئامراق ئىدىم، بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ قورقتۇم ھەم چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىمنى قۇربان قىلىپ، سىزئۈچۈن بۇنى ئۆزتېلىمىزغا ئاغدۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەراست، ئەگەر كاربونىك ئىچىملىكلەردىن مېھرىڭىزنى ئۈزۈشكە كۆزىڭىز يەتمىسە بولدى، بۇ يازمىنى مۇشۇ يەرگىچىلا ئوقۇڭ.
بىزلەر ئۈچۈن تېخى نەچچە يىللار ئىلگىرى بىرقۇتا كاربونىك ئىچىملىك ئىچىشنىڭ ئۆزى بىر پاراغەتلىك ئىش ئىدى، لېكىن ھازىرقى كۈندە ھەركۈنى دېگۈدەك ئىچىپ تۇرىدىغان بولدۇق.
ئەمەلىيەتتە بۇخىل ئىچىملىكلەرنىڭ تازا ساغلام ئەمەسلىكى ھەققىدە ئوڭ-تەتۈر تارقىلىپ يۈرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا ئۇزۇن بولدى، بىراق خۇددى تاماكىغا ئوخشاش ئۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجسىدە ئەسكەرتىپ، قۇتىسىغا يېزىپ قويۇش كېرەكمۇ؟ ئاڭلىماققا بۇ تازا ئورۇنسىز غەم-ئەندىشىدەك بىلىنىدۇ، ئەمما ئەڭ يېڭى تىببىي تەتقىقاتلار بىزنى ھەقىقەتەنمۇ غەم قىلغۇدەك نەتىجە بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
كۈندە بىرەر قەدەھ ياكى ھەپتىدە بىر-ئىككى قۇتا ئىچىشتەك مۇشۇنداق مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىستىمال قىلىشمۇ بىزنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، ياغ توپلىنىش، ھەتتا يۈرەك كېسلى خەۋپىنى كۈچەيتىش، جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى قان بېىسمىگە گىرىپتار قىلىشتەك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدىكەن.
بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۇخىل ئىچىملىكلەرگە خۇمار بولۇپ قىلىش ئاقىۋىتى كېلىپ چىقىشى بەك يۇقىرى بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئەخلەت يېمەكلىكسىز كۈنى ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
Bangorئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات مەركىزى ياۋروپادائىرىسىدە تارقىلىدىغان مەلۇم ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ژورنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، كاربونىك ئىچىملىكلەرماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىركۆرسىتىپ، مۇسكۇللىرىمىزنىڭ قەنتلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ياغنىڭ توپلىنىشىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.
ئەلۋەتتە ماددا ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىشى بەدىنىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، قەنت ماددىسى ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىككىلەمچى دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يەنە خىلى كۆپ تەتقىقاتلار بۇھەقتە توختىلىپ كاربونىك ئىچىملىكلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ھەققىدە بىزنى ئاگاھلاندۇرماقتا. مەسىلەن؛ 2012-يىلى 3-ئايدا ئا ق ش يۈرەك ساغلاملىقى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ژورنىلىدا بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭدا بىلدۈرۈشىچە: ھەركۈنى 12ئۇنسىيە قەنتلىك ئىچىملىك ئىستىمال قىلىدىغان ئەرلەر، ئىچمەيدىغان ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20 يۇقىرى بولىدۇ. قان تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا كۆزەتكەندە دائىم كاربونىك ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەمنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ ياللۇغلىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ئاقسىل ستىرول سەۋىيسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. بۇ دەل قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنىڭ ئامىلى. بۇ نەتىجە دەل journal Cancer Epidemiology, Biomarkers and Prevention نىڭ تەتقىقات بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرھەپتىسى ئىككى قۇتا كاربونىك ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەمنىڭ( ھەر قۇتىسى تەخمىنەن 330 مىللىلېتىر بولسا ) مەزى بىزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى نورمال كىشىلەرنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.


شۇنىڭ بىرۋاقىتتا ئىسرائىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرتەتقىقاتىدا كۆپ مىقداردىكى مېۋەشەربىتى كاربونىك ئىچىملىكلىرىنىڭ جىگەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھەركۈنى ئىككى قۇتا كاربونىك ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەمنىڭ ياغلىق جىگەر( جىگەر قېتىش ۋە جىگەرراكىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى) گە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال ئادەملەردىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
ئادەمنى يەنە بىئارام قىلىدىغىنى تۈرلۈك تەتقىقاتلار كاربونىك ئىچىملىكلەرنىڭ ئۆسمۈرلەرنى ئاسانلا سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ. 4 يىل بۇرۇن ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ساغلاملىق تەتقىقات مەركىزى بىرتۈرلۈك تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىنغان 346 نەپەر ئوتتۇرىچە يېشى 11 ياش بولغان ئۆسمۈرلەرگە كاربونىك ئىچىملىك ئىستېمال قىلغۇزغاندىن كېيىن قايتا ئىستىمال قىلىش تەقەززاسى بولغانلىرى كۆپ بولغان، ئەمما ئادەتتىكى مېۋە شەربىتى ئىچكەندىن كېيىن بولسا ئۇنداق ئىنكاس بولمىغان. تەتقىقات نەتىجىسىدىن يەنە مەلۇم بولغانكى كاربونلۇق ئىچىملىك بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بالىلاردا تاتلىققا خۇمارى تۇتۇشتەك يامان ئادەت شەكىللىنىپ قالىدىكەن.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى St George تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كاربونلۇق ئىچىملىكلەرگە ئامراق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ، تۇز مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىككە ئامراق ياش-ئۆسمۈرلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. Kubis دوكتۇرنىڭ قارىشىچە، سۇيۇق قەنت بەدىنىمىزگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي يەنە بىزنى خۇمار قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سۇيۇق قەنت ناھايىتى ئاسانلا ئاشقازانغا كىرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ تەنگە سۈمۈرۈلۈشى تېخىمۇ ئاسان، بۇنداق ئاسان سۈمۈرۈلۈش بەدىنىمىزنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭ مېڭىنىڭ ۋىتامىن مىنېرال ماددىلارغا بولغان تەم سېزىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇخىل ئىچىملىكلەرگە بولغان خۇمارلىق بارغانسىرى كۈچىيىپ بارىدۇ. بۇنىڭ جەريانى خۇددى خۇمارقىلغۇچى دورىلارغا خۇمار بولۇپ قىلىش جەريانىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى توختاتقاندا ئاچچىقلىنىش، تىت-تىت بولۇشتەك بىئاراملىقلار يۈز بېرىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ھازىر تېخى كاربونلۇق ئىچملىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالغۇدەك مەھسۇلاتلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، گەرچە ساپ لىمۇن شەربىتى ياكى قۇتىسىغا ساغلاملىق ئىسپاتى بېسىلغان تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرى بار دېسەكمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ سۇيۇق قەنتتىن مۇستەسنا ئەمەس، ھەتتا بەزى مېۋە ئېچىملىكلىرىنىڭ سۇيۇق قەنت مىقدارى كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنىڭكىدىن كۆپ.»
كاربونلۇق ئىچىملىكلەر يەنە چىشىمىزنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ زىيانلىق. 2012-يىلى 6-ئايدا General Dentistry ژورنىلىدا بىرپارچە تەتقىقات نەتىجىسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، كولانى ئىچكەندىن كېيىنكى دەسلەپكى 30 مىنۇتتا ئۇنىڭ چىشنى چىرىتىش ئىقتىدارى مېۋە شەربىتىنىڭكىدىن 10 ھەسسە كۈچلۈك ئىكەن، بۇنىڭدىكى باش جىنايەتچى ئىچىملىك تەركىبىدىكى سىترات كىسلاتاسى. ئەنگلىيە چىش ئىلمى ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى 4 قۇتا كاربونلۇق ئىچىملىك ئىچكەندە چىشنىڭ كاۋاكلىشىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى 252% يۇقىرىلىتىدۇ.
قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار ئاللىقاچان ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، نيۇيورك شەھەر باشلىقى Michael Bloomberg ھەرقۇتىسىغا 16 ئۇنسىيەدىن ئارتۇق قاچىلانغان كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى سېتىشنى چەكلەش پەرمانىنى جاكارلىغان.2011 -يىلىدىن باشلاپ ھونگىرىيە ھۆكىمىتى مۇشۇنداق ئەخلەت يېمەك-ئىچمەكلەردىن يۇقىرى باج ئېلىشنى باشلىغان. 2012 يىلىنىڭ بېشىدىكى بىرتۈرلۈك تەكشۈرۈشتە نۆۋەتتە فرانسىيە شەھەرلىرىدە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 2 مىليۇندىن ئارتۇق كىشى بولۇپ، فىرانسىيەمۇ كاربونلۇق ئىچىملىكلەرگە نىسبەتەن باج ئېلىشنى كۈچەيتكەن. بۇخىل قانۇن ۋاسىتىسىنى قوللىنىش ھەقىقەتەن زۆرۈر، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق ھېسابلىغان ئەگەركاربۇنلۇق ئىچىملىكلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى %20گە كۆتۈرسە ئەنگلىيىدىكى زىيادە سېمىزلار %1 كېمىيىدىكەن (400000 ئادەم )
Mike Rayner دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ:« بىز كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتە كىشلەرنى چەكلەپ بولالمايمىز، شەخسەن ئۆزۈممۇ بەك ئامراق، بىراق بايرام ۋەئارام كۈنلىرىدىكى تەمىنلەشنى جەزمەن قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.»
دېگەندەكلا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باج ئېلىشى ئەنگلىيە كاربونلۇق ئىچىملىكلەر جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچار بولدى. ئۇ لارنىڭ باياناتچىسى Richard Lamingنىڭ قارىشىچە كاربونلۇق ئىچىملىكلەر خۇددى باشقا خىلدىكى ئىچىملىكلەردەك بولۇپ، نورمال يېمەك-ئېچمەكلەرنىڭ بىرقىسمى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق، بۇنىڭدىن باج ئېلشنىڭ ھېچقانداق باھانىسى يوق. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەنگلىيە كاربونلۇق ئىچىملىك ئىشلەش ساھەسى نۇرغۇن قەنت تەركىبى تۆۋەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارماقتىكەن. ئۇ : ئەنگىلىيىدىكى تەخمىنەن يىرىم شۇخىلىدىكى مەھسۇلاتلار نۆل كالورىيىلىك ئىچىملىكلەردۇر -دىگەن.
يېقىندا Bangorئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتى Richard Laming ئەپەندىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. تەتقىقات 4 ھەپتە داۋام قىلغان بولۇپ پەقەت 11 ئادەم قاتناشقان. Kubisدوكتۇربۇ تەجرىبىنىڭ چەكلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە تەجرىبە دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىۋىتىپتۇ، ئۇلار يېڭىدىن كۆپ مىقداردا كاربونلۇق ئىچىملىك ئىچىشنى باشلىغانلارنىڭ كاربونلۇق ئىچىملىكنى ئېستمال قىلىشنى توختىتىش -توختاتماسلىق نەتىجىسىگە قارايدىكەن. بىراق، ئۇ قېيىن بىر مەسىلىگە دۇچار بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىلگىرى كۆپ مىقداردا كاربونلۇق ئىچىملىك ئىچىش تارىخى بولمىغان ياشلارنى تېپىش بەسى مۇشكۈل بىر مەسىلە ئىكەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-29 20:58:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار، قېرىنداشلار، مۇشۇنداق بىر «داڭقان پۇتى» تېما قويۇپ قويمىسام، بۇ «شىپالىق» تېمىغا نەزەر سالماي قالارمىكىن، بىر ئادەم بولسىمۇ كۆپرەك كۆرسە، ئارتۇقچە كېسەلدىن خالىيراق بولارمىكىن دەپ تىمىسىنى مۇشۇنداق قويۇپ قويدۇم، توغرا چۈشىنىدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن...
ۋاقتى: 2014-11-29 23:40:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان سۆزلىمىسىڭىزمۇ بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ياخشى  ئامال چىقىپ قالار ئىدى ، ئەمدى يالغاننى تۇقۇپ
بۇلۇپ بۇنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىك ئۈچۈن دىسىڭىز تازا دۇرۇس بولماس ..............
ۋاقتى: 2014-11-30 09:24:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ، توغرا ، دىمىسىمۇ بۇ دەۋرىمىزنىڭ تەرەقىياتىنىڭ تېز بولۇشى كىشىلەرگە ئويلىمىغان لۈلپەتلەرنى ئېلىپ كېلۋاتىدۇ ، لېكىن بىز بۇنى بىلىپ تۇررساقمۇ ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز . ...................................رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2014-11-30 17:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ياخشى تېما يوللاپسىز
ۋاقتى: 2014-11-30 18:25:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنى ھازىر بولسىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسىڭىز!
باشقىلاردا ماۋزۇنى مۇشۇنداق قويغان ئادەم مەزمۇننىمۇ شۇنداقلا يېزىپ قويدىمۇ قانداق؟ دېگەن خاتا تۇيغۇ شەكىللىنىپ قالمىسۇن!
ۋاقتى: 2014-11-30 21:02:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گازلىق ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرساق بۇلدىكەن،خەۋەردار قىلغىنڭىزغا كوپ رەخمەت.
ۋاقتى: 2014-12-1 10:23:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان ماۋزۇ ئاستىدا بىر قىسىم خەۋەرلەرنى تارقىتىپسىز، يالغان خەۋەر تارقىتىش ياخشى ئەمەس، ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈڭ.....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-1 10:59:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كاللىدا ھەر خىيال...، ھەر كىم ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئىدىيىسى بىلەن مۇلاھىزە قىلىۋەرسۇن-ھە...!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-1 11:00:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يالغان خەۋەر تارقاتمىدىم، مۇشۇنداق دېىسە كىرمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز...، بۇنداق تىمىلارغا...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش