كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 0

كېرىيە ناھىيىسىدە «2014-يىللىق ناھىيە كۆلەملىك پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇس...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېرىيە ناھىيىسىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «2014-يىللىق ناھىيە كۆلەملىك پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، «ئاپتاپ تەنتەربىيىسى» پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە رىقابەت ئېڭىنى يوقىرى كۆتىرىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 1-قېتىملىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سېلىش مەقسىتىدە، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى (جۈمە) ناھىيىلىك 1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيىلىك CECئۈمىد مەكتەپلىرىدە «كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2014-يىللىق ناھىيە كۆلەملىك پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى، «ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە» گە تاللانغان كوماندىلار 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ناھىيىمىزنىڭ «بەش تارماق رايۇن مۇسابىقىسى» دە ئالدىنقى «1-دەرىجە» گە ئېرىشكەن كوماندىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى- ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى-ناھىيىلىك 1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى-ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە؛ باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى- ناھىيىلىك CECئۈمىد مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. بۇقېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە پائالىيىتى» گە ناھىيە بويىچە تولۇق، تولۇقسىز ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئايرىمىسى بويىچە جەمئىي 13 كوماندا قاتناشتى.
« قاتتىق تەلەپ، كەسكىن رىقابەت، ئادىل باھالاش» پىرىنسىپى ئارقىسىدا، ناھىيىلىك 1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2014-يىللىق ناھىيە كۆلەملىك پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى» دە «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى» بويىچە؛ كۆكيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2014-يىللىق ناھىيە كۆلەملىك پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى» دە «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى» بويىچە؛ ناھىيىلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2014-يىللىق ناھىيە كۆلەملىك پۇتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى» دە «باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى» بويىچە «1-دەرىجە»گە؛ مۇغاللا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئارىش يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ «2-دەرىجە»گە؛ شەنبە بازار بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئويتوغراق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ  «3-دەرىجە»گە ئېرىشتى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش