كۆرۈش: 5265|ئىنكاس: 45

ھەربىر بايقاش ئەزاسى چۈقۇم بىر كۈرۈڭ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەربىر بايقاش ئەزاسى چۈقۇم بىر كۈرۈڭ!
يېقندىن بېرى كەڭ تورداشلارنىڭ زور ئىشتىياق بىلەن بېكىتمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقىنىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە كۆپچىلىككە بىر قانچە ئىشنى دەپ قويماقچىمىز!
1.تېما يوللىغاندا ئامال بار يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ مەزمۇننى چۈشەندۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن تېما يوللىساڭلار!
2.باشقا مۇنبەرلەردىن تېما كۈچۈرۈپ يوللىمىساق !سىزنىڭ باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ يوللىغان 100تېمىڭىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بىر تېمىڭىز ئارتۇق !ئەڭ ئاددىسى :كىتاپلاردىن بولسىمۇ ئەقلىيە سۆزى،يۇمۇر...قاتارلىقلارنى  يېزىپ يوللىسڭىزمۇ بۇلىدىغۇ !
3.بېكىتمىزنىڭ مائارىپ تورى بولغاچقا مائارپقا ئائىت تېمىلار ئالاھىدە قارشى ئېلىنىدۇ .ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ .
4.كۆچۈرۈپ يوللاشقا توغرا كەلگەندە  ئۇقۇتقۇچىلارغا كېرەكلىك زۇرۇر ماتېرياللار ،كومپىيوتېر بىلىملىرى ،يېڭى 、ئۇچۇرلار، ،كېنو خەۋەرلىرى قاتارلىق  مۇناسىۋەتلىك تېمىلار بولسا مەنبەنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ھالدا يولىساق  بولمىسا سىز قايسى مۇنبەرگە كىرسىڭىز شۇ مۇنبەردە ئوخشاش تېما بولسا ئايرىم تور بەت قۇرغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى  
ھەم مۇنبەرنىڭ خاسلىقى نەدە قالىدۇ !مۇنبەرگەكىرگەن ئادەممۇ قاراپلا بۇ مۇنبەر باشقا مۇنبەرلەرنىڭ تېمىسىنى كۆچۈرۈپ جان باقىدىكەن دىگەن قاراشقا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن!ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر باشقا مۇنبەرلەردىن تېما كۈچۈرۈپ مەنبەنى ئەسكەرتمەي،كىيىن شۇ بېكەت تەرپىدىن بايقىلىپ قالسا شۇ ئەزانىڭ مەسئۇليتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
5.تېما يوللىغاندا ئېنكاس يازغاندا ئانا تىلىمىزنى قوللانساق !ھەم باشقىلارنىڭ تېمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن قارىشى تەرەپكە ئېلھام مەدەت بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن ئېلھام مەدەت بەرسەك ياكى پىكىر ئالماشتۇرۇساق !تەكرار ئېنكاس يېزىشتىن  ساقلانساق !
قسىقىسى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بايقاش تورىنى ياخشى بولغان بىر مائارىپ تورى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق !


ھۆرمەت بىلەن بايقاش تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-2-12 17:18:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈرۈپ تۇرۇپتىمىزكى يېقىندىن بۇيان تىللاغا ئېرىشىشنى مەخسەت قىلىپ، مەزمۇنىغا ئەھمىيەت بىرىلمىگەن پاخال تېمىلار كۆپىيىپ قالدى. بۇنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزەتمىسەك مۇنبىرىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىرى بۇلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى تورداشلارنىڭ مەزمۇنلۇق تېمىلارنى يوللىشىنى، بايقاشتا ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىنى ياخشى تىكلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-2-12 17:48:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتۇ. مەن قوللايمەن. بايقاشنى يېڭى بايقاشلار، يېڭى بىلىملەر بىلەن پۈركەندۈرەيلى! پاخال تېمىلاردىن يىراق تۇرايلى! مەنىسىز كۈچۈرمىچىلىكتىن ساقلىنايلى!

باھا سۆز

بىرلىكتە تېرىشايلى!  ۋاقتى: 2012-2-12 18:01
ۋاقتى: 2012-2-12 18:00:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت ئالداشچىلىقى بىلەن خېلى بوپتىكەن تورغا چىقمىغىلى، بۈگۈن تورنى ئېچىلا بايقاشقا كىرىشىم. بايقاش تورىدىكى ماتىرىياللار بەكلا مول بۇلۇپ كىتىپتۇ. لېكىن يۇقارقى ئاتامان، باشقۇرغۇچىلار دىگەندەك پىچەك تېمىلارمۇ ئاۋۇپ قاپتۇ. بۇنداق تېمىلارنىڭ بايقاشتا پەيدا بۇلىشىدا بىز باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى زور دەپ ئويلايمەن.
1. باشقۇرغۇچى بولغان ئىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ باشقۇرۇش رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرساق؛
2. تېما، ئىنكاسلارنى تەستىقلىغان چۇقۇم ئالدى بىلەن مەزمۇنىنى تەپسلى كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن چىقىرىش قىممىتى بولسا تەستىقلىساق، بولمىسا تىما ئىگىسىگە ئەسكەرتىش بىرىپ تۈزۈتىشكە بۇيرىساق، پۈچەك تېمالارنىڭ تەستىقلىنىشىنى چەكلىسەك.
3. تېمىلارغا ئۆز كۆزقارشىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، تېما يوللىغۇچىغا ئىلھام بەرسەك دەپ ئويلايمەن. بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىم باشقىلار قانداق قارايىدىكىن؟

باھا سۆز

ياخشى پىكىر بوپتۇ... قوللايمەن!  ۋاقتى: 2012-2-12 18:01
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-12 18:48:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق پىچەك تېمىلارنىڭ كۆپۈيۈپ قېلىشىدكى سەۋەپ مۇنبىرىمىزدە بىرقىسىم باشقا مۇنبەرلەردە يوق ھەقلىق تېمىلار بار!شۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن يوللانغان !ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن يەنە باشقا كىشىلەرنىڭ ھازىرقىدەك زوق شوخ بىلەن مۇنبەرگە كىرىشىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تورداشلار زۇرۇز ئېھتىياجلىق بولغان يېڭى تېمىلانى يوللاپ تۇرۇش بىلەن بىرگە بېكىتىمىزدىكى تېمىلارنىڭ سۈپۈتىنى يۇقىرى كۆتۈرسەك!
ۋاقتى: 2012-2-13 12:11:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى توغرا گەپ ئىكەن !مەن قوللايمەن
ۋاقتى: 2012-2-13 14:00:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ. مەنمۇ قوللايمەن.
ۋاقتى: 2012-2-13 14:55:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشقۇرغۇچى بولمىساممۇ كۆرەلدىم شۇڭا پىكىر قىلىپ باقاي !
بولسا شۇنداق قىلايلى!قاراقۇيۇق تېما كۆچۈرۈپ يۈرسەك سەت تۇرغۇدەك !بەزىدە يوللانغان تېمىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاستىدا باشقامۇنبەرنىڭ ئسمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلىدۇ!
ۋاقتى: 2012-2-13 19:01:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى توغرا گەپ ئىكەن !مەن قوللايمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-17 20:46:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيان يەنە ياردەم سوراپ تېما يوللاپ قۇيۇپ جاۋابى بىلەن كارى بولمايدىغانلار كۆپىيىپ قاپتۇ !
ياردەم تېملىرنىمۇ ياخشى قاراپ تەستىقلىساق بۇلامدۇ نېمە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش