ئىنىم 火山 نىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن بايقاش مۇنبىرىدىكى ئەزالارنى تەربىيەلەش ۋە تەرتىپكە سېلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ‹‹ياخشىلىققا ئۇي مۈڭگۈز›› دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ........ باشقا قېرىنداش مۇنبەرلەردىمۇ ئوخشاش كۆرۈلۈۋاتقان بەيدۇ ۋە 360 تور دىسكىلىرىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ، بىر قىسىم ماتىرىياللىرىمىزنىڭ چۈشمەس بولۇپ قالغانلىقى باشقۇرغۇچىلارنىڭ گۇناھى بولۇپ قالدىمۇ؟...... ‹‹يوللىغان تېمىڭىز ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىڭ، قايسى يىللىق، قايسى ماۋسۇملۇق، قانداق پەننىڭ ماتىرىيالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ....›› دىگەندەك ئەسكەرتىلمىلەرنى بېرىش خاتا بولدىمۇ؟..... نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن سەرىپ قىلىپ، كونۇپكا تاختىسى ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خالىس تېما يوللىغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان قۇرۇق سۆلەت تەييارتاپلارنىڭ سېسىق گەپلىرىنى ئاڭلىسا ئادىل بولامدۇ؟؟......... ئەقلىمىزگە يارىشا ئويلاپ كۆرەيلى تورداشلار.
ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغانلار ھامان دەب-دەبىلىك ئىبارىلەر ئارقىلىق ئۆزىنى پەردازلايدۇ:.
......ئۇرۇشتا يىڭىلگەن مىللەت ھامان بىركۈنى باش كۆتىرىدۇ، ئەمما مائارىپتا چىكىنگەن مىللەت بىر ئۆمۈر باش كۆتۈرەلمەيدۇ ....... بۇ ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى بىلىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەمىلى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىلمىي يەكۈن! بۇنى بىلىش پەخىرلەنگۈدەك، ياكى ئۆزىنى بىلەرمەن كۆرسىتىپ، سۆزمەنلىك قىلغۇچىلىك ئىش ئەمەس. بۇنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەكۈن مەكتەپلەرنىڭ سىياسى ئىدىيەۋى ئەخلاقى تەربىيە لېكسىيەلىرىدە داۋاملىق سۆزلىنىدۇ. ھەممە ئادەم بىلىدىغان بۇ سۆزنى باشقىلارغا ‹‹سوۋغا قىلىپ››، ‹‹تەقدىم قىلىپ›› ئولتۇرۇش قۇرۇق بىلەرمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس! بىز ھەممىمىز تارىخ ئوقۇغان، ئوقۇغۇچىلىرىمىز تارىخ ئوقۇۋاتىدۇ. ياپونىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خارابىلىققا ئايلانغانلىقىنى، پەن-مائارىپقا تايىنىپ بۈگۈنكى كۈندە پەن تېخنىكا ۋە ئىختىزادى جەھەتتە خەلقارا سەھنىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟.... بۈگۈنكى دەۋىرگە قۇرۇق نەسىھەت، قۇرۇق شۇئار كېرەك ئەمەس، بەلكى شۇ نەسىھەت، شۇ شۇئار ئاساسىدىكى ئەمىلى ھەركەت، ئەمىلى ئۈنۈم كېرەك! كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، نۇرغۇنلىغان پەن-تەتقىقات مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىپ، مىللىتىمىزنى خەلقاراغا تونۇتقان دوكتۇرلىرىمىز، ئالىملىرىمىز چىقىۋاتىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئەتراپىمىزدا پەن-مائارىپ ئارقىلىق ئەقىل بۇلىقىنى نۇرلاندۇرغان، ئىجادى ئەمگەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىختىزادى قىممەت يارىتىپ، يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈۋاتقان كارخانىچىلىرىمىز چىقىۋاتىدۇ. يەنە كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، مەكتەپلىرىمىزدە ئۈن-تۈنسىز جاپالىق خىزمەت قىلىپ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ دىلىغا ئىلىم-مەرىپەت ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان..... پەخىرلىك ھەم مىننەتسىز تۇيغۇدا ئوقۇغۇچىلىرىنى داڭلىق ئالى بىلىم يۇرتلىرىغا ئۇزىتىۋاتقان مائارىپچىلىرىمىز ناھايىتى نۇرغۇن..... مانا ئۇلاردا قۇرۇق ۋەز-نەسىھەت ئەمەس، ئەمىلى ھەركەت ۋە ئەمىلى ئۈنۈم جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. بىز قاچانغىچە ئۆزىمىز قىلىدىغاننى قىلالماي، باشقىلار قىلغاننى ياراتماي، دەب-دەبىلىك ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەي، ئۆز-ئۆزىمىزنى گۆللەپ يۈرۈيمىز؟....
مۇناسىۋەتلىك تورداشلىرىمىزغا تۆۋەندىكىلەرنى دىمەي بولمىدى: 1. بىز ئۆزىمىزنىڭ تور بوشلۇقلىرىمىزدا ساقلىنىپ قالغان چۈشۈرۈش ئادرىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن ماتىرىياللارنى قايتا يوللاپ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەھرىرلەۋاتىمىز. ئۆز بوشلۇقلىرىمىزدا ساقلانمىغان ماتىرىياللارغا ئامال يوق، بۇلارغا قارىتا شۇ ماتىرىيال ئىگىلىرىنى قايتا يوللاشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز. ئەگەر چۈشۈرۈش ئادرىسى يوقالغان ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن ماتىرىياللارنى چۈشۈرەلمىگەن بولسىڭىز يوللىغۇچىلارغا ۋە باشقۇرغۇچىلارغا تىل تەككۈزمەڭ! نوچى بولسىڭىز بەيدۇ ۋە 360 تور دىسكىرىلىرى ئۈستىدىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرىز قىلىڭ!
2.يوللىغان تېمىلىرىڭىز ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىڭ، ماتىرىيالىڭىزنىڭ قانداق مەكتەپ، قايسى يىللىق ، قانچىنچى ماۋسۇم، قانداق پەن، قانداق ماتىرىيالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ! ئەگەر بۇنداق قىلالمىسىڭىز تېما يوللاپ ئاۋارە بولماڭ. بۇنداق تېمىلار تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرلىدۇ!
3.مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئاددى ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئىشلەيدىغان خىزمىتى، تۇتىدىغان ئائىلىسى، باقىدىغان بالا-چاقىسى بارلىقىنى، سىزگە ئوخشاش يوقلايدىغان ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىينىسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ چارچايدىغانلىقىنى، كېچىسى ئۇخلايدىغانلىقىنى، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەر باشقۇرۇپ، سىز ئۈچۈن ۋە باشقىلار ئۈچۈن خالىس ، مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
4.بايقاش مۇنبىرى يالغۇز باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبىرى ئەمەس، بەلكى بارلىق تورداشلارنىڭ مۇنبىرى، بايقاشنى قوللىغۇچىلارنىڭ مۇنبىرى. چۈشەنسىڭىز: بايقاش مۇنبىرىنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆزىڭىزنى، ئۆز كەسپىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىز ھىساپلىنىدۇ. قانداق قوللايمەن دەمسىز؟ ئۆزىڭىزدە بار بولغان مائارىپ ماتىرىياللىرىنى بايقاشقا يوللاڭ، باشقىلار پايدىلانسۇن، باشقىلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ، يارىسا پايدىلىنىڭ، ياخشى ئىنكاسلىرىڭىز ئارقىلىق ماتىرىيال ئىگىسىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىڭ. ئەگەر مۇنبەردىن چۈشۈرگەن ماتىرىيال سىزگە يارىمىسا ئۆزىڭىز تەييارلاڭ. چۈنكى سىزمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى. ھەرگىز باشقىلارغا شالىڭىزنى چاچماڭ! چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس!
5.بايقاش مۇنبىرى ئالى مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان، مائارىپنىڭ، دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، ئادەم تەربىيەلەشنىڭ جاپا-مۇشەققىتىنى باشتىن كەچۈرگەن، گەپ-سۆزدە ئىلمىي، مەدەنى بولۇشنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەمتەر، سەۋرىچان بولۇشنى، ئەدەپ-ئەخلاقتا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار مۇنبىرى. ھەرگىزمۇ سورۇن ۋە ئوبىكىت تاللىماي، كۆتىگە ئۇرۇپ ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى دەۋېرىدىغان تۇل خوتۇنلارنىڭ غەيۋەت-شىكايەت سورۇنى ئەمەس! ئەگەر ئاغزىڭىزنى، كونۇپكا تاختىسىدا خەت ئۇرۇۋاتقان قولىڭىزنى باشقۇرۇشقا كۆزىڭىز يەتمىسە بايقاش مۇنبىرىدىن چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىزنى ھېچكىم چاقىرمىغان!
6.بايقاش مۇنبىرى ئۆزىنىمۇ ھەم باشقىلارنىمۇ ئويلاشنى بىلىدىغان، باشقىلاردىن ئېلىشنىمۇ بىلىدىغان ھەم باشقىلارغا تەقدىم قىلىشنىمۇ بىلىدىغان ،ئۆز ئار قوللاش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا ئورتاق ئىلگىرلەشنى كۆزلەيدىغان ئورتاق تەرەققى قىلغۇچىلارنىڭ مۇنبىرى. ئەگەر سىز ئېلىشنىلا بىلىپ، تەقدىم قىلىشنى بىلمىسىڭىز ئىشىك ئوچۇق، بايقاش مۇنبىرىدىن چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى بايقاش مۇنبىرى تەييارتاپ ماڭقۇرۇتلارنىڭ ساخاۋەتخانىسى ئەمەس!!! |